لى شاۋلۇڭ بولسا جۇڭگو چامباشچىلىق ئۇستازى شۇنداقلا جامباشچىلىق مۇتەخەسسىسى . ئۇنىڭ تەسىىر دائىرسى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان . ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى گۇمپا مەشقى قىلىش شۇنداقلا گۇمپا تەتقىق قىلىش بىلەن ئـۆتكەن ...
تۈۋەندە بىز ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە سۈرئىتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى ،
بەلكىىم سىز تۈۋەندىكى تۇنۇشتۇرۇشلارغا ئىشىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن . بىراق سىز چۇقۇم ئىشىنىڭ چۈنكى بۇ بىر ھەقىقەت ....
1. لى شاۋلۇڭ 130 قاداقتىن كۆپرەك بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن 350 قاداق ئېغىرلىقتا مۇشت ئاتالايدۇ.
2. ئۇ چاتما زەنجىر كالتەك بىلەن 1600 قاداق ئېغىرلىقتا كۈچىنەلەيدۇ.
3. ۋەكىل خاراكتېرلىك ھەرىكىتى بولغان «قەدەم سىيرىپ يانچە پەشۋا ئېتىش»ئارقىلىق، قوغدىنىش جىلتىكىسى كىيگەن 200 قاداق ئېغىرلىقتىكى ئەزىمەتنى 10 مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرتىۋېتىدۇ.
4. 34 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى شىتانكىنى ئالدىغا ئىتتىرىش ۋە تارتىشتا، بىلەكنى تۈپتۈز ئالدىغا سوزغىنىچە، 20 سكونت كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.
5. 56 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى شىتانكىنى گورزۇنتال ھالەتتە چارەك سائەت كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.
6. بىر قولدا 32 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى يالىڭنى كۆتۈرۈپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، يانچە تۇرۇپ مۆرىگىچە كۆتۈرۈپ بىر قانچە سكونت تۇرالايدۇ.
7. بارمىقىنى ئاغزى ئېچىلمىغان كولا قۇتىسىنىڭ ئىچىگە كۈچىمەيلا تىقالايدۇ.
8. يان پەشۋا ئارقىلىق 45 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى قۇم خالتىنى يىرتىۋىتەلەيدۇ.
9. تەخمىنەن 65 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى تاغارنى بىر قەۋەت ئۆينىڭ ئۆگىزىسىچىلىك ئېگىزلىككە تېپەلەيدۇ.
لى شىياۋلوڭنىڭ مۇشت كۈچى: مۇشت زەربىسى 400 قاداق ئېغىرلىقتا بولۇپ، بوكىس شاھى مۇھەممەد ئەلى بىلەن ئوخشاش.
لى شىياۋلوڭنىڭ سوقما مۇشتى: 10 سانتېمېتىر ئارىلىقتىكى 75 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى ئەزىمەتنى 5-6 مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرتىۋېتەلەيدۇ.
لى شىياۋلوڭنىڭ پەشۋاسى: 1650 قاداق ئېغىرلىقتا پەشۋا ئاتالايدۇ. يان پەشۋا ئارقىلىق 75 كلوگرام ئېغىرلىقتىكى ئەزىمەتنى 15 مېتىر نېرىغا ئۇچۇرۇۋېتەلەيدۇ.
لى شىياۋلوڭنىڭ سۈرئىتى:
لى شاۋلۇڭ بىر سكونتتا 9 قېتىم مۇشت، 6 قېتىم پەشۋا ئاتالايدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتى داشەننىڭ ئىككى ھەسىسىگە باراۋەر دېگۈدەك كېلىدۇ. سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقا بولۇپ، گەرچە داشەن لى شىياۋلوڭدىن كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە يېڭىۋالالمايدۇ. بەلكىم داشەن لى شىياۋلوڭنىڭ ئۇدا زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، يېرىم سائەتتىلا تەسلىم بولۇشى مۈمكىن.
لىشاۋلۇڭ ۋوللىۋوددتا ھەركەتلىك كىنولاردا رول ئالغاندا ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايىتى تىز بولغانلىقتىن ئىكراندا تۇلۇق كۈرۈشكە ئامال بولماي ئۇنىڭ ھەركىتىنى ئاستىلاشتۇرۇپ سۈرەتكە ئالغان . بىراق باشقا ئارتىسلارنىڭكىنى بولسا تىزلىتىپ سۈرەتكە ئالغان ...
ئەسكەرتىش: لى شىياۋلوڭ 3- نۆۋەتلىك دۇنيا كۇڭشۇۋداۋ يەنى « قۇرۇق قول ئېلىشىش » مۇسابىقىسى چىمپىيۇنى لورىنىسنى 10 سكونتتىلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن. لى شىياۋلوڭ ئادەتتە تۇنجى بولۇپ قول سالمايدۇ، بەلكى رەقىبىدىن كېيىن قول سېلىپ ئاۋال غەلبە قىلىدۇ، رەقىبىگە قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئەگەر لى شىياۋلوڭ ئاۋال قول سالسا، قۇرۇق قول ماھارىتى ماھىرلىرىنى سكونتتىلا يېڭىۋالىدۇ. ئەڭ كۈچلۈكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقىمۇ 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدۇ.
مەنبە : جۇڭگو چانباشچىلىقىدىكى نۇپۇزلۇق جانبازلار دىگەن كىتاپتىن