مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2713|ئىنكاس: 22

قەدىمقى ئۇيغۇر جانبازلىرىنىڭ ماھارەت سېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92299
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1311 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 11:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


1985 - يىلى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر جانبازلىرىنى كەڭ - كۆلەمدە زىيارەت قىلغاندىكى خاتىرە سۈرەت :
سۈرەت ئاتاۋۇللا جانباز ، ئابدۇسالام جانباز قاتارلىقلار .



ئوڭ تەرەپتە : ئاقسۇ دىيارىدىن سوپى كامال
ئوتتۇرىدا : توختاخون جانباز
سول تەرەپتە : ھىدايىتۇللا خەلپەت



  ئۇيغۇر خەلىقى ئىچىدىمۇ جانبازلىق (چامباشچىلىق) ھەركىتى كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق جانبازلىرىمىز مەيدانغا كەلگەن . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ھەركىتىدىن بىر بولغان دارۋازلىق ھەركىتىدىمۇ جانبازلىققا ئائىت قول، پۇت ھەركەتلىرى ۋە ھەرخىل مۇللاق ئىتىش ھەركەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ . تۇرپان ئاستانىدىكى قەدىمى قەبرىستانىلقتىن كىچىك بالىنى خادىدا موللاق ئاتقۇزۋاتقان 7-،9- ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان قورچاق ھەيكەل تېپىلغان . . . .


  يېقىنقى زاماندا ئاۋات دىيارىدا بىر كىشى ئۆتكەن . ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ. ئۇ ئۆزى نامى ئەلدە تارالغان ناھايىتى ئۇستا، داڭلىق جامباز ئىكەن. ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان باشقا يۇرت پالۋانلىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلسە ئۇ تولىمۇ ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مېھمىنىنى كۈتۈۋالىدىكەن ھەم مېھمان خالىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن كۈچ سىنىشىدىكەن. بىراق مەن-مەن دېگەن نوچىلارمۇ ئۇنى يېڭەلمەي ھەسرەت بىلەن قايتىدىكەن. ئۇ ئۆزى مەشىق قىلغاندىن سىرت يەنە ئوتتۇزغا يېقىن يۇرت-يۇرتلاردىن توپلانغان شاگىرتلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ،  ياشايدىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى داۋۇت بولۇپ يۇرت-جامائەت ئۇنىڭغا بولغان قايىللقى ۋە ئىززەت-ھۆرمەت يۈزسىدىن ئۇنى داۋۇت پالۋان دەپ ئاتىشىدىكەن.
  

   يەكەن، دىيارىمىزدىمۇ داۋۇت پالۋان بىلەن زامانداش ھەم قۇرداش بىر جامباز ياشايدىكەن. ئۇ يەكەن خانلىقىنىڭ مەشقاۋۇللىرىددىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپلىقى، مەردلىكى ۋە كەڭ قورساقلىقى بىلەن خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولسا، راستچىللىقى، ساداقەتمەنلىكى بىلەن شاھنىڭ ئىشەنچىسىگە، ئوردا ئەھىلنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان زات ئىكەن. ئۇ ئوردا ياساۋۇللرىنى مەشىق قىلدۇرغاندىن سىرت، يەنە ئۆزىنىڭ ئون نەچچە شاگىرىتىنىمۇ قوشۇپ تەربىيلەيدىكەن. كىشلەر ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى سەلىم پالۋان دەپ ئاتايدىكەن. سەلىم پالۋان تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، كەڭ قورساق ئادەم بولۇپ، ئۇمۇ باشقا پالۋانلارغا ئوخشاشلا يۇرتلاردىن كەلگەن، داڭقى چىققان نوچىلار بىلەن كۈچ سىنىشىشنى تولىمۇ ئارزۇلايدىكەن. ئۇ سودىگەرلەردىن ئاۋات دىيارىدىكى داۋۇت پالۋان توغرىلىق ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن سىنىشىپ بېقىش ئىستىكىدە بولغان بولىسمۇ، پەقەت پۇرسەت بولماپتۇ، داۋۇت پالۋانمۇ يەكەن دىيارىدا ھېچكىمدىن يېڭىلىپ باقمىغان سەلىم پالۋان توغرىسىدا خېلى بۇرۇنلا بەزى مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلىغان بولۇپ، ئاشۇ يېڭىلمەس پالۋان بىلەن بىر تۇتۇشۇپ بېقىش ئىستىكىدە خېلىدىن بېرى قاتتىق مەشىق قىلىپ، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەكەن خانلىقى سودىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئاۋات دىيارىغا ئەلچى ئەۋەتمەكچى بوپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان سەلىم پالۋان خان ھوزۇرىغا كىرىپ ئاۋات دىيارىغا ئەلچىلىككە بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ، خان سەلىم پالۋاننىڭ مەقسەتنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ، ھەم بىر ئايدىن كېيىن يولغا چىقىشقا پەرمان بېرىپتۇ، سەلىم پالۋان دەرھال ئۆيگە قايتىپ بىر نامە تەييارلاپ بىر شاگىرتتىن داۋۇت پالۋانغا ئەۋەتىپتۇ، داۋۇت پالۋان سەلىم پالۋاننىڭ مەكتۇپىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خوشال پاراڭلىشىپ، بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزۋېتىپتۇ. سەلىم پالۋان ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ داۋۇت پالۋان بىلەن سىناشماقچى بوپتۇ. داۋۇت پالۋان مەيدان ھازىرلاشقا باشلاپتۇ، ئەزەلدىن ھېچكىمدىن يېڭىلىپ باقمىغان ئىككى پالۋاننىڭ كۈچ سىنىشىدىغانلىقى پۈتۈن ئەلگە پۇر كېتىپتۇ. تەرەپ-تەرەپتىن خەلق توپلىنىشقا باشلاپتۇ، ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، داۋۇت پالۋان پۈتۈن تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپتۇ، سەلىم پالۋانمۇ خان تاپشۇرغان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ داۋۇت پالۋاننىڭ ئۆيگە مېڭىپتۇ، خەلق تۇشمۇ-تۇشتىن مەيدانغا توپلىنىپتۇ، ئىككى پالۋان ئىككى تەرەپتىن بىر-بىرىگە قاراپ ئاستا ئالغا ئىلگىرلەپتۇ، خەلق توپى ئۇلارغا يول بېرىپتۇ، ئىككى پالۋان خاتىرجەم ھالدا ئاستا قەدەم تاشلاپ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپتۇ، ئەتراپتىكىلەر ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، ئىككى پالۋانغا تىكىلىپتۇ، پالۋانلار مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ ئىككى قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ توختاپ، بىر-بىرىگە تىكىلىپتۇ، سەلىم پالۋان ئاستا قەدەم تاشلاپ داۋۇت پالۋانغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە قول ئۇزىتىپ داۋۇت پالۋان بىلەن سالاملىشىپتۇ، ئاندىن ئاستا كەينىگە چېكىنىپتۇ، داۋۇت پالۋان: ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىمىز دەپتۇ، سەلىم پالۋان بولىدۇ، ئۇتتۇرۇپ قويسام پۈتۈن مال-مۈلىكىم، قورو-جايىم ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولسۇن، ئەل-جامائەت گۇۋاھ بولسۇن دەپتۇ، داۋۇت پالۋان: مەن ئۇتتۇرسام پۈتۈن مال-مۈلىكىم، قورۇ-جايىم ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولسۇن، يەنە بويىغا يەتكەن قىزىممۇ ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولسۇن، جامائەت گۇۋاھ بولۇشمايلا، ئىككىسى قايتا قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ سالاملىشىدۇ، سەلىم پالۋان ئارقىسىغا چېكىنىپ نەپىسىنى رۇسلاپ مەزمۇت ھالەتتە داۋۇت پالۋانغا قارايدۇ، داۋۇت پالۋان ئارقسىغا چېكىنىپ ھۇجۇم ھالىتىگە ئۆتىدۇ، سەلىم پالۋان پەرۋاسىز ھالەتتە ئاسمانغا قاراپ كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، ئۇلۇغ-كىچىك تىنىدۇ، داۋۇت پالۋان شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، قوش ئالقان بىلەن سەلىم پالۋاننىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرىدۇ، سەلىم پالۋان ئارقىسىغا داجىيىپ كېتىدۇ، داۋۇت پالۋان يەنە قايتا ھۇجۇم قىلىپ، سەلىم پالۋاننىڭ مەيدىسىگە بىرنى تىپىدۇ، سەلىم پالۋاننىڭ پۇتلىرى توپنى تۈرتۈپ، توزۇتقىنىچە داجىيىدۇ، داۋۇت پالۋان ئۈچىنچى قېتىم يەنە سەلىم پالۋاننىڭ كۆكىرىكىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ قېتىم سەلىم پالۋان كۆكىرىكىنى قامالىغىنىچە يەكتىسىز بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ، بىر ھازاغىچە شۇ ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. داۋۇت پالۋان ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرىدۇ، سەلىم پالۋان چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئاستا بېشىنى كۆتىرىدۇ ۋە ئاسمانغا قاراپ يەنە كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىدۇ ۋە تولىمۇ تەسلىكتە ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ، داۋۇت پالۋان ھەيران بولۇپ قارايدۇ، جامائەت ھەيرانلىقتىن چوقان-سۆرەن سالىدۇ، داۋۇت پالۋان سەلىم پالۋاننىڭ ھۇجۇمىغا تەييارلىنىدۇ، سەلىم پالۋان تۇرغان ئورنىدا داۋۇت پالۋانغا تىكىلىدۇ ۋە شەرەت بىلەن داۋۇت پالۋانغا ھۇجۇم قىلىدۇ، داۋۇت پالۋان بىر قانچە قەدەم ئاقرىغا داجىيىپ كېتىدۇ، سەلىم پالۋان ئارقىغا ئىككى قەدەم چېكىنىپ، ئاندىن ھاۋاغا كۆتىرىلىپ داۋۇت پالۋانغا ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ قېتىم داۋۇت پالۋان يىقىلىپ چۈشىدۇ ۋە ناھايىتى تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ سەلىم پالۋانغا تىكىلىدۇ، سەلىم پالۋان ئاخىرقى قېتىم ھۇجۇم قىلىدۇ، داۋۇت پالۋان قاتتىق يىقىلىدۇ ۋە ناھايىتى تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئىككىنچى كۈنى ئۇلار يەنە ئېلىشىشقا تەييارلىنىدۇ، شاگىرتلار ئۇلار ئۈچۈن قورال كەلتۈرىدۇ، ئۇلار شىددەت بىلەن ئېلىشىدۇ. ناھايىتى ئۇزۇن ئېلىشىپمۇ ئۇلار بىر-بىرىنى يېڭەلمەيدۇ، كەچ كىرىدۇ، ئۇلار ئېلىشىشنى توختىتىدۇ، كەچتە ئۇلار داۋۇت پالۋاننىڭ ئۆيدە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئېلىشىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەر ئىككىلىسى بار ھۆنىرىنى چىقىرىدۇ، داۋۇت پالۋان ئۇرغان بىر قىلىچ سەلىم پالۋاننىڭ بىلىكىنى يارىلاندۇرىدۇ، سەلىم پالۋان بىر قانچە قېتىم داۋۇت پالۋاننىڭ كېكىردىكىگە نەيزە تەڭلەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە كۆزى قىيماي بولدى قىلىدۇ. داۋۇت پالۋان بولسا يېڭىلگىنىگە تەن بەرگۈسى كەلمەي سەلىم پالۋاننى داۋاملىق ئېلىشىشقا قسىتايدۇ، سەلىم پالۋان داۋۇت پالۋاننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ، ئۆزىنى ئېلىشىشتىن قاچۇرىدۇ، داۋۇت پالۋان سەلىم پالۋانغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ، سەلىم پالۋانمۇ جىددىي ئېلىشىشقا كىرىشىدۇ. دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز داۋۇت پالۋان يىقىلىدۇ. سەلىم پالۋان چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە دەرھال نەيزىنى تاشلاپ داۋۇت پالۋاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بېشىنى يۆلەيدۇ، خەلق ئەتراپقا ئولىشىدۇ، سەلىم پالۋان داۋۇت پالۋاننىڭ كېكىردىكىگە سانجىلغان كىچىك خەنجەرنى كۆرىدۇ، خەلق بۇنى كۆرۈپ سەلىم پالۋانغا گۇمان بىلەن قارايدۇ ۋە داۋۇت پالۋاننى قەستىلەپ ئۆلتۈردى دەپ غۇلغۇلا قىلىشىدۇ، سەلىم پالۋان قانداق قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاشنى بىلەلمەيدۇ، سەلىم پالۋان داۋۇت پالۋاننى كۆتۈرمەكچى بولىدۇ، بىراق خەلق ئۇنىڭ داۋۇت پالۋاننى كۆتىرىشىگە يول قويمايدۇ، بۇ سەلىم پالۋانغا تېخىمۇ ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ، ئاۋات دىيارىدىكى خەلق سەلىم پالۋاننى داۋۇت پالۋاننى قەستىلەپ ئۆلتۈردى دەپ قاراپ ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى سارايدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، سەلىم پالۋان ھەممە يەرگە قاتراپمۇ ياتىدىغان جاي تاپالمايدۇ، ھەتتا ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە سېتىپ بەرمەيدۇ، ئۇ ئامالسىز ئورمانلىقتا تۈنەيدۇ، تاڭ سەھەردە داۋۇت پالۋاننىڭ قەبرىسىگە بېرىپ خەتمە قۇرئان قىلغاندىن كېيىن، داۋۇت پالۋاننىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، داۋۇت پالۋاننىڭ ئايالى سەلىم پالۋانغا قىزىم ئىككىمىز بۇ يەردىن ھازىرغىچە كېتەلمەيمىز، بىر قانچە كۈندىن كېيىن بۇ قورۇ-جاينى ساڭا بېرىمىز، سەلىم پالۋان: خاتا ئويلاپ قاپلا، مەن قورۇ-جاي ئۈچۈن كەلگىنىم يوق، داۋۇت پالۋاننىڭ ئايالى: قىزىمنى ئەكىتىمەن دەپ خام-خىيال قىلما، گەرچە ئېرىم يېڭىلسەم قىزىمنى، مال-مۈلىكىمىنى ساڭا بېرىمەن دىگەن بولسىمۇ، سەن ئۇنى ئەكىتىشكە ھەققىڭ يوق، چۈنكى سەن ئېرىمنى قەستىلىدىڭ، سەلىم پالۋان: ئۇنداق ئەمەس، ئۇ خەنجەرنى مەن ئاتمىدىم، داۋۇت پالۋاننى مەن ئۆلتۈرمىدىم. ئايال گەپ قىلمايدۇ، سەلىم پالۋان جىمىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا داۋۇت پالۋاننىڭ قىزى دېرىزىدىن سەلىم پالۋانغا قارايدۇ، سەلىم پالۋان سىزدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلماقچىدىم، ئايال: نېمە تەلەپ قىلسىز؟ سەلىم پالۋان: داۋۇت پالۋانغا سانجىلغان خەنجەرنى ماڭا بەرگەن بولسىڭىز، ئايال: ئۇ قىزىمدا ئىدى. ئايال سىلىم پالۋاننى قىزنىڭ ھۇجىرىسىغا باشلاپ كىرىدۇ، قىز جىممدە تۇرىدۇ، خەنجەر ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرەنىڭ ئۈستىدە ئىدى. سەلىم پالۋان قىزغا قاراپ: مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن دېدى، قىز، ئۇ سىزنىڭ جېنىڭىزغىمۇ زامىن بولىدۇ، دەيدۇ. سەلىم پالۋان ئۈندىمەيدۇ، ئاستا خەنجەرنى ئېلىپ ئارقىسىغا بۇرۇلىدۇ. قىز، مېنىچۇ؟ سەلىم پالۋان: مەن دادىڭىزنى تېخى يەڭمىگەن دەيدۇ. قىز: بىراق ئۇ ئۆلدى. سىز ئۇنى ئۆلتۈردىڭىز! دەيدۇ. سەلىم پالۋان: دادىڭىز ئۆلگەن چاغدا مەن ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئىدىم دېدى. قىز: خەنجەر دادامنىڭ بۇيۇنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە سانجىلىپتۇ. سەلىم پالۋان: ئەمدىغۇ دادىڭىزنى ئۆلتۈرمىگىنىمگە ئشەنگەنسىز دەيدۇ، قىز: دادام سىز   بىلەن ئېلىشۋىتىپ ئۆلدى، سىز ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇنىڭدىن تانالمايسىز، بۇ ئىشنى ئەل-يۇرتقا چۈشەندۈرەلمەيسىز. دەيدۇ، سەلىم پالۋان: سىز ... ئۈمىدسىزلىنىدۇ.
     سەلىم پالۋان ئۈمىدسىز قىياپەتتە ھەمراھلىرىنى باشلاپ يۇرتى يەكەنگە قايتىدۇ، ئۇ ھېرىپ-چارچاپ كېلىپ، يۇتقا كىرىدۇ، ئۇ يول ياقىسىدا سېتىۋاتقان بىر كىشىدىن قوغۇن ئېلىشقا بىر مۇلازىمىتىنى ئەۋەتىدۇ، مۇلازىم ئۇ كىشنىڭ يېنىدىن قۇرۇق قول قايتىپ كېلىدۇ. ھەمدە سىلىم پالۋانغا قۇغۇنچىنىڭ قوغۇن سېتىپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، سلىم پالۋان ئاتتىن چۈشۈپ قۇغۇنچىنىڭ ئالدىغا ئۆزى بارىدۇ، ھەمدە سالام قىلىدۇ. قۇغۇنچى پالۋاننىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالمايدۇ، سەلىم پالۋان قۇغۇنچىغا پۇل تەڭلەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قۇغۇن سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، قۇغۇنچى: يىگىتلىرى كەلسە ئۆزلىرى ئالسىلا، مەن نامەرد بىلەن ئەزەلدىن سودا قىلمايمەن، دەيدۇ. سەلىم پالۋان: سىلى ... گەپ قىلالماي قالىدۇ. سەلىم پالۋان ھەمراھلىرى بىلەن ئۇدۇل ئوردا ئالدىغا كېلىدۇ، ياساۋۇل سەلىم پالۋاننى كىرگۈزمەيدۇ، سەلىم پالۋان ھەيران بولۇپ، ئەي ئابدۇراخمان، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟! مەن سەلىم ئەمەسمۇ؟ مېنى تونىمىدىڭمۇ؟ دەيدۇ. ياساۋۇل خۇرسىنىپ تۇرۇپ: سىلنى تۇنۇماسلىققا ھەددىممۇ؟ بىراق ئالىيلىرىنىڭ پەرمانىنى بىجا كەلتۈرمىسەم بولمايدۇ، ياساۋۇل نېرى كېتىدۇ، سەلىم پالۋان ئازاپ ئىچىدە، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ئۇ ئاستا ئارقىسىغا بۇرۇلىدۇ، ئۇ كوچىدا كېتىۋاتقاچ ئۇچرىغان دوست-يارانلىرىغا سالام قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سەلىم پالۋانغا تولىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالمايدۇ. ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە ئاستا ئۆز ھويلىسىغا كېلىدۇ. ھويلا ئالدىغا كېلىشىگە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بىر قانچە شاگىرتى ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ. ئايالى سەلىم پالۋاننى ئىززەت-ئېكرام بىلەن تۆرگە باشلايدۇ. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ. سەلىم پالۋان ئايالى ۋە شاگىرتلىرىدىن ئاۋات دىيارىدىكى داۋۇت پالۋاننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ئاۋات بىلەن يەكەن ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، يەكەن خەلقى ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك پالۋىنىنىڭ نامەردىلىكى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى، شۇ سەۋەپلىك شاھىنىڭ سەلىم پالۋاننى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى، ئەلنىڭ سەلىم پالۋاننىڭ قىلغانلىرىدىن نومۇس قىلىپ، ئۇنىڭدىن يىرگەنلىكى، ھەتتا بىر قانچە شاگىرتتىن باشقا شاگىرىتلارنىڭمۇ كېتىپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە قاتتىق ئازابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سەلىم پالۋان قاتتىق مەشىق قىلىدۇ، شاگىرتلىرىنى قاتتىق چېنقىتۇرىدۇ، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئۇ ھېلىقى خەنجەرنى ئېلىپ قاراپ ئولتۇرغاندا ئايالى كىرىدۇ، ئۇ نېمە؟ ئايالى سورايدۇ، سەلىم پالۋان: داۋۇت پالۋان مۇشۇ خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن دەيدۇ، ئايالى بۇ خەنجەرنىڭ ئىگىسىنى تاپساق قاتىلىنى تاپقىلى بولىدىكەن-دە! دەيدۇ. سەلىم پالۋان شۇنداق، ئەتە مەن شەھەرگە كىرىمەن، بۇنى ھېچكىمگە ئېيتىماڭ دەيدۇ. ئايالى: سىزنى ئوۋغا كەتتى دەپ قويىمەن دەيدۇ، ئەتىسى سەلىم پالۋان تېخى تاڭ يۇرۇماستا ئۆز قورۇسىدىن چىقىدۇ. شۇ شەھەردىكى ئەڭ ئۇستا پىچاقچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، پىچاقچى خەنجەرنى ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپ : بۇ ئابدۇللا ئۇستىنىڭ قولىدا ياسالغان خەنجەر ئىكەن دەيدۇ. سەلىم پالۋان : راسىت داۋاتامدىلا؟ دەيدۇ. پىچاقچى: خەنجەرنىڭ يۈزىدىكى نەقىش پەقەت ئابدۇللا ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققان نەقىش، راسىت، دەيدۇ، سەلىم پالۋان: ئۇ ئاۋات دىيارىدىكى داڭلىق پىچاقچى شۇنداقمۇ؟ دەيدۇ، پىچاقچى: دەل شۇ، نامىنى ئۆزلىرىمۇ ئاڭلاپتىكەنلا-دە، دەيدۇ، سەلىم پالۋان ئۆيگە كېلىپ، ئايالىغا ئاۋاتقان بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، سەلىم پالۋان ئات تەييارلاپ ئاۋاتقا ماڭىدۇ، سەلىم پالۋاننىڭ شاگىرتلىرى داۋاملىق مەشىق قىلىدۇ. سەلىم پالۋان سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ ئابدۇللا ئۇستىنى تاپىدۇ-ۋە خەنجەرنى كۆرسىتىدۇ. ئابدۇللا ئۇستا : بۇ مەن ياسىغان خەنجەر، ئۇ بىر جۈپ ئىدى دەيدۇ. سەلىم پالۋان : بىر جۈپمىتى؟ ئۇنى كىم ياساتقان؟ دەپ سورايدۇ. ئابدۇللا ئۇستا: ئۇنى ئۆمەرگە ياساپ بەرگەن ئىدىم دەيدۇ. سەلىم پالۋان: ئۇ كىشى ھازىر قەيەردە؟ دەپ سورايدۇ. ئابدۇللا ئۇستا: ئۆمەر ئۇستا جامباز ئىدى. ئۇ داۋۇت پالۋان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، داۋۇت پالۋانمۇ سەلىم ئىسىملىك پالۋان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، دەيدۇ، سەلىم پالۋان: ئۇ نەدە تۇراتتى؟ دەپ سورايدۇ، ئابدۇللا: ئۇ بوستان يېزىسىدا تۇراتتى، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئايالى باشقا ئەرگە ياتلىق بوپتۇ، بىر ئوغلى يەكەندە جامبازلىقنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ، دەيدۇ. سەلىم پالۋان: ئوغلىنى تونۇمسىز؟ دەپ سورايدۇ، ئابدۇللا ئۇستا: داۋۇت پالۋان بىلەن سەلىم پالۋان كۈچ سىناشقان چاغدا كۆردۈم. دادىسىنىڭ نەق ئۆزى، دەيدۇ. سەلىم: ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ دەپ سورايدۇ. ئابدۇللا: ئەلى دەيدۇ، سەلىم پالۋان چۆچۈپ كېتىدۇ.
       ئەتىسى سەلىم پالۋان داۋۇت پالۋاننىڭ ئۆيگە كېلىدۇ. داۋۇت پالۋاننىڭ ئايالى ئۇنى كۆرۈپ ھەيران بولىدۇ. سەلىم پالۋان مەن ئېرىڭىزنى ئۆلتۈرگەن كىشىنى تاپتىم دەيدۇ، داۋۇت پالۋاننىڭ قىزى: ئۇنى تاپتىم دېدىڭىزما؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۆچۈپ كېتىدۇ. سەلىم پالۋان تەمكىنلىك بىلەن: مەن ئۇنى تۇتۇپ ئالدىڭلارغا ئەكلىپ بېرىمەن دەيدۇ. داۋۇت پالۋاننىڭ ئايالى بىلەن قىزى ھەيران بولىدۇ. سەلىم پالۋان ئاستا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئېتىغا قامچا سالىدۇ. سەلىم پالۋان ئاتلىق بىر ئورمانلىققا كېلىدۇ ۋە ئېتىنى سۇغارغاچ ئۆزى سۇ ئىچىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئورمانلىقتىن ئەلى چىقىپ كېلىدۇ، سەلىم پالۋان ئەلىنى كۆرىدۇ. ئەلى سەلىم پالۋانغا تىكىلىدۇ، سەلىم پالۋان: سەن مېنىڭ ئابرويىمنى تۆكتىڭ دەيدۇ. ئەلى: بۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس، ئۇ ئۆزەڭنىڭ شورى دەيدۇ. سەلىم پالۋان غەزەپ بىلەن: سەن ... بىلىشىڭ كېرەك، مەن سېنىڭ ئۇستازىڭ دەيدۇ. ئەلى: دۈشمەننى يوقىتىش ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ئارتۇقچلىقىنى ئۆگىنىش، ئاجىزلىقىنى بېلۋېلىش كېرەك، دەيدۇ،. سەلىم پالۋان: سەن مېنى دۈشمەن دەۋاتامسەن؟ دەيدۇ. ئەلى: ئۆزەڭنىڭ نېمىشقا ئۆلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي ئارماندا كەتمە، داۋۇت دادامنى ئۆلتۈرگەن، مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ دادامنىڭ قىساسىنى ئالدىم، سېنىڭ داداڭ بوۋامنى ئۆلتۈرگەن، بوۋام داداڭدىن يېڭىلىپ جەمەتىمىزنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلگەن. بۇ قىساسنى ئالدىم. ئەمدى سېنى يوقاتسام ئەڭ ئاخىرقى قىساسمۇ تۈگەيدۇ دەيدۇ. سەلىم پالۋان: يېڭىش-يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، سەن ئەخمەقلىق قىلما دەيدۇ، ئەلى: بۇ دۇنيادا پەقەت غالىپلارلا ياشايدۇ، ئارتۇق سۆزلىمەي، ئاجىزلىقىڭنى تەن ئالغىن دەيدۇ، ئەلى شىددەت بىلەن سەلىم پالۋانغا ھۇجۇم قىلىدۇ، سەلىم پالۋان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەلىنى يېڭەلمەيدۇ، ئەلى: بولدى، تىركەشمە، سەن بارلىق ھۆنىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سەندىن كۈچلۈك، ساڭا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىمەن دەيدۇ، سەلىم پالۋان قاتتىق غەزەپكە كېلىدۇ ۋە دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەلى گاڭگىراپ قالىدۇ. سەلىم پالۋان، ئەلىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەلى تەڭ كېلەلمەيدۇ، سەلىم پالۋان ئەلىنى يەرگە بېسىپ ئۇنى ئۇرماقچى بولۇپ توختاپ قالىدۇ ۋە ئەلىگە نەپرەت بىلەن تىكىلىدۇ، ئەلى خىرقىراپ تۇرۇپ: بۇ ماھارىتىڭنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن دەيدۇ، سەلىم پالۋان: ئەقىللىق ئادەم ئۆزى ئۈچۈن يول قالدۇرۇشنى بىلىدۇ، مەن مۇشۇنداق پەيىت ئۈچۈن، سەندىن يېڭىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر خىل ماھارەتنى ساڭا ئۆگەتكەن دەيدۇ ۋە ئۇنى قۇيىۋېتىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئەلى يېنىدىن خەنجەرنى چىقىرىدۇ ۋە ئاتماقچى بولغاندا داۋۇتنىڭ قىزى ئەلىنى ئوقيا بىلەن ئاتىدۇ، ئەلى ئاستا يىقىلىدۇ، داۋۇتنىڭ قىزى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى يۆلەيدۇ ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلايدۇ، چۈنكى داۋۇتنىڭ قىزى ئەلىنى ياخشى كۆرەتتى. ئەلى بولسا تېخى ھېلىلا سەلىم پالۋانغا قىزنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قىز بۇنى ئاڭلاپ ئەلىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا چىدىيالماي يىغلىغان ئىدى. سەلىم پالۋان يۇرتىغا قايتىدۇ، يۇرت ئەھلى ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، داۋۇت پالۋاننى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ، ئۇ يەنە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭىدن ئەپۇ سوراپ ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. سەلىم پالۋان يەنە بىر توپ بالىلارغا جانبازلىق ئۆگىتىشكە كىرىشىدۇ.

          مەشھۇر ئۇستاز توختاخۇن جامباز 1882-يىلى 6-ئايدا گۇچۇڭ ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى گۆھىرىدىن شۇ دەۋرىنىڭ داڭلىق جامبازلىرىدىن بولۇپ، توختاخۇن تېخى بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپلا ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، گۆھەردىننىڭ زاماندىشى ھەم دوستى داڭلىق جامباز ئەسلا بەگ توختاخۇننى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ بىر مەزگىل تەربىيلىگەن.
شۇ ئاساستا مەشھۇر خەنزۇ، خۇيزۇ، ئاخۇن قاتارلىق يەتتە ئۇستازدىن تەلىم ئېلىپ كامالەتكە يەتكەن. ئۇ 1907-يىلى 25 يېشىدا مەيدان بۇزۇپ «تاچاڭزىدى» توختى دەپ داڭ چىقىرىپ مەمىلىكەتكە نەچچە يۈزلىگەن ياراملىق شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. 1945-يىلى 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
        توختاخۇن جامبازنىڭ 2-ئەۋلاد شاگىرتى ئاتاۋۇللا ھىدايىتۇللا 1948-يىلى گۇچۇڭ ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ھىدايىتۇللا خەلىپەت توختاخۇن جامبازنىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرتلىرىدىن بىرى ۋە قەلەمدە يېتىلگەن.
       ئاتاۋۇللا ئاتىسىدىن جامبازلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن ئەرەب، پارس ۋە تۈركىي تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.
       ھىدايەتۇللا خەلپەت ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاتاۋۇللا توختاخۇن جامبازنىڭ چوڭ ئوغلى مەشھۇر جامباز نىزامدىن ئۇستازدىن ماھارەت ئىگەللەپ ئۆزىنى تولۇقلىغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيلىگەن


مەنبە : ئۇيغۇر جامبازلىقى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللاردىن

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
زامانى + 111 خېنىم ئەركەكلەرگەتەۋسىيە قىلىمەن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 111  مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 6173 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 08:38:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تارىخى كىشىلەرنى ئاساس قىلىپ جامبازلىق كىنولىرىنى ئىشلىسە  بەك ياخشى بولغىدەك ئۇيغۇرلارمۇ.
  تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 09:09:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق تارىخىي  فىلىملارنى ئىشلىسە قانچە سۇيۇنۇپ كىتەتتىم ، ھەي بولدى قىلىڭلار، كىم بىزدىن تىراگىدىيە ئارتىسىلرى ساماندەك چىقسۇن دەپتۇ !

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 10:23:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىمىغان گەپلەركەن سەلىم پالۋان داۋۇت پالۋاننىڭ ھىكايىلىرى. رەھمەت خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا...

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 10:42:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر سان‹ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار› پىروگراممىسىدا،بىر جامباز ئاتىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغان. شۇنداق سۆيۈنگەنىدىم.
    ئۇ ئاتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ جامبازلىق ماھارىتىنى ‹تۆمۈر كالاگۇمپىسى› مەزھىپى دەپ تونۇشتۇرغان .

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8478
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9162
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 1202 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 12:24:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمنى كۆرۇپ بەك سۆيۈندۇم،مەنمۇ جانبازلىققا بەك قىزىقىمەن،بولسا شۇ جانبازلارنىڭ تارىخىنى ئاساس قىلىپ كىتاپ يىزىپ چىقىلىسا بولاتتى

سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا، سۆيمىسە سۆيىمەن مىسرغا سۇلتان بولسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 12:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىمىزدىكى مۇشۇنداق جانباز پالۋانلىرىمىزنى كىنو قىلىپ ئىشلىسەك  ھېي  .. باشقا كىنولارنى كۆرۈپ ئولتۇرمايتۇق .

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

نېمىلەرنى ئويلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23326
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6718
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 12:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توختاخۇن جامباز توغرىسىدا يېزىلغان كىنو سىنارىيىسى بار.لېكىن كىنو قىلىپ ئىشلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كىتاپچە قىلىپ چىقىرىلغان.

بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى، يەرگە بىر چاڭ قوندى، كۆمۈلۈپ كەتتى. دۇنياغا كېلىشىڭ ، كېتىشىڭ نېمە ؟ بىر چىۋىن تۇغۇلدى ، يا ئۆلۈپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65421
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 01:35:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پەلۋاندەك باتۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك ئوت يۇرەك شائىرلىرىمىزنى كۇيلەپ كىنو ئىشلىسە بولاتتى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19849
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7282
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3857 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 02:17:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىرجەم  بۇلۇڭلا    باللار   ئۇيغۇرلارنىڭ   تارىخنى  كىنو  قىلپ  ئشلىمەيدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش