مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 889|ئىنكاس: 3

ئەپۇچان بۇلۇش ئىماننىڭ تەققەززاسى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3422
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5734
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 10:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە «ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق ۋە خەير-ساخاۋەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق، خەير-ئېھسان قىلىشتا بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدا زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى، ھەمراھلىرىدىن كۆرۈلگەن ئەدەپسىزلىكلەرنى، بىر-بىرىدىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىش، خاتالىقلىرىنى يۈزىگە سالماسلىق، ئوڭۇشسىزلىقلىرىغا قارىماسلىق ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىش، كاتتا سۈپەت ۋە ئېسىل خىسلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كىلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار، تەقۋادارلار كەڭچىللىكتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئادىللىقنى يولغا قويدى، ئۇ قىساس ئېلىشتۇر. ئېھسان قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئۇ قاتىلنى ئەپۇ قىلىشتۇر. ئەپۇ قىلىش تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. بۇنىڭ نەتىجىسى چەكسىز بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. ئەپۇ قىلىش ئىنساننى ئىززەتلىك قىلىدۇ. كەمتەرلىك مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ». خاتالاشقانلارغا سەۋر قىلىش، جاھىللارغا كەڭ قوساق بولۇش، يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىش ئالى مەرتىۋە، شەرەپلىك خىسلەتلەردىن بولۇپ، بۇنىڭغا توغرا يول تۇتۇپ سەۋر قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلارلا ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋىرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ». ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ زات قوپال، يىرىك ئەمەس، كوچىلاردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلمايتتى، يامانلىق قىلغۇچىلارغا يامان مۇئامىلە قىلمايتتى، ئۇلارنى ئەپۇ قىلاتتى ۋە كەچۇرۇۋېتەتتى».

ئىنسان قەلبى كۆرۈنەلمەسلىك ۋەسۋەسىسى، ئۆچمەنلىك نەپرىتى، دۈشمەنلىك ئوتلىرى ۋە ھەسەت تۇيغۇلىرىدىن سالامەت بولمىغىچە خاتىرجەملىك، راھەت ۋە بەخت-سائادەت تاپالمايدۇ. قەلبىدە ئاداۋەت ساقلىغان كىشى ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىدۇ. ئەسكىلىك قىلىغان كىشى ئۈچۈن يامانلىقنى يوشۇرىدۇ، تۇرمۇشى خاتىرجەملىكتە بولمايدۇ، قەلبىدە داۋالغۇش، بەدىنىدە ئاجىزلىق ھېس قىلىپ ئۆز ئابرويىنى يوقىتىدۇ. خاتىرجەملىك چىقىشقاقلىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىشتا بولىدۇ.

ئىمام ئەھمەدتىن خاتىرجەملىك ئون پارچە بولۇپ بۇنىڭدىن قانچە پارچىسى كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىشتا بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ، خاتىرجەملىكنىڭ ئون پارچىسىنىڭ ھەممىسى  كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سېلىشتا بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كۆڭلۈم ئاداۋەت غەملىرىدىن راھەتلىنىپ،  ئۆچمەنلىك قىلمىغىنىمدا خاتىرجەملىك ھېس قىلىمەن». ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قوساق بولۇشنىڭ ساۋابىنى ئۈمىت قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىشقا، دەۋاگەرلىك قىسىنچىلىقىدىن ئەپۇچانلىق راھىتىگە، قىيىنچىلىقتىن تۇرمۇشنىڭ ئاسانچىلىقىغا يۈزلىنىشكە، ئارىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىپ دوستلۇقنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا ئۆزرۈلەرنى قوبۇل قىلىپ، مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە تەۋسىيە قىلدى. چۈنكى ئۆزرىنى قوبۇل قىلىش گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. سىلەر يامانلىق قىلغۇچىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر بولغاندا ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئىنتىقام ئېلىش قۇربىتى بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىپ ئەپۇ قىلىۋېتىڭلار. ئابدۇللا  ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى، رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ! خىزمەتچىلىرىمىزدىن قانچىلىك ئەپۇ قىلىمىز؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلمىدى، ئىككىنچى قېتىم سورىغىنىدا يەنە گەپ قىلمىدى، ئۈچىنچى قېتىم سورىغىنىدا، ئۇ كىشىگە: ھەر كۈنى ئاز بولغاندا يەتمىش قېتىم ئەپۇ قىلغىن دېدى».

ئاللاھ ھەممىمىزگە بۇ ئۇلۇغ خىسلەتنى ئاتا قىلىپ، بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلالايدىغان، سەۋرچانلىق بىلەن زىننەتلەنگەن گۈزەل ئىمان ئاتا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مەنبە:ھەقىقەت ئىسلام.

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1929
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 10:51:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56099
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1434
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1597 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 01:34:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئەپۇ قىلغىنىنى بىلمەي، بوزەك قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدىكەن.يىشى چوڭ بولۇپمۇ ئەقلىنى تاپالمىغانلار ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئەقىلسىزلىكىنىڭ جازاسىنى ھامىنى بىر كۈنى تارتىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4807
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50999
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 11:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ قورساقلىق،ئەپۇچانلىق ئىنسانلاردىكى گۈزەل خىسلەتلەرنىڭ بىرى،ئەپۇچان بولغاندا جىدەل -ماجرالاردىن خالىي بولغىلى ،باشقىلارنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش