مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1134|ئىنكاس: 1

ئىنتىلىش‹17-20›  (داڭگال لېرىكىلىلىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 06:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     ‹17›
     شۇنچە تۇمان،شۇنچە بەرداش ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلۈرۈم ئىچىدە ساڭا، ساڭىلا ئىنتىلىپ ئۆتكەن دەقىقىلىرىم دەۋرىلىرىمگە ئۆچمەس ئىزلارنى ساپتۇ.

     ھېمايەڭسىز كۈنلۈرۈمدە دەلدۈگۈنۈپ ،بالدۇر ياغقان قار سوغۇقىدەك تايانچىسىز قالغان سۆيگۈم يۈرىكىمنى شۈركەندۇرسىمۇ سەن ۋە سەن يەنىلا نەزىرىمدە ماڭىلا تەئەللۇقتەك دىلىغۇل قەلبىمنى ئۆزگىچە سىمايىڭ بىرلە تىنجىتىپ كەلدىڭ.

ئەمدى بىلمەك بولساڭ ساڭا پايدىسىز يوقىلاڭ گەپلەرنى قىپ ئولتۇرغان چاغلىرىم مەخسەتسىز ئەمەس بەلكى سەن بىلەن بولغان ۋاختىمنى ئۇزارتىشتىن باشقا سەۋەب ئەمەس ئىدى.چۈنكى مەن قەلبىڭدىكى نۆللۈك ئورنۇمنى بىلەتتىم.مەن ھەرگىزمۇ سۆيگۈ گۈلخانلىرىمنىڭ ئورۇن بېرىلمىگەن ساھىللىرىڭدا قاپسىلىپ بىر يولىلا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى ئەسلا خالىماس ئىدىم.

                                                   ‹18›
    سەندىن ئېرىشكىنىم ،كۈتۈش،تەلپۈنۈش ،سېغىنىشتىن باشقىسى بولمىدى.ئەمما مەن قىلچە پۇشايمان قىلمىدىم.

    سەندىن ئېرىشكىنىم، ھارغىن تەبەسسۇم،ئۇيقىسىز كۆزلىرىڭدىن چاقنىغان مەنسىز ئارمان ۋە ئېتىقاتتىن باشقىسى ئەمەس بولدى.لېكىن مەن بوشاشمىدىم.

سەندىن ئېرىشكىنىم ،ئاشىقلىقنىڭ ئازاپلىق مەجبۇرىيىتى ۋە تىز پۈكمەس ،قورقۇمسىز كۈرەش باياۋىنىدا قايتا ئاتلىنىش تەقەززاسىدىن باشقىسى بولمىدى .بىراق مەن مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمىدىم.

سەندىن ئېرىشكىنىم ،سۆيگۈڭدە قاغجىراپ ،تەشنالىقى رەت قىلىۋېتىلگەن ھەسرەتلىك ھېسسىياتتىن باشقىسى ئەمەس بولدى.ئەپسۇسكى مەن ھاياتقا يەنىلا كۈلۈپ باقتىم.

                                                    ‹19›
   ۋاھالەنكى، سېنى يۈرىكىمنىڭ تولىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ مۇھەببىتىڭگە دىۋانە بولۇپ يۈرگەن دەملەردە سەن بىلەن قىلىنغان سۆھبەت سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭنى ئاللىقاچان باشقا بىرىنىڭ رايىغا تاپشۇرغىنىڭنى ئۆز ئېغىزىڭدىن بىلدۈرۈپ مىنى ساراسىمگە سالدى.

   توۋا دىلبىرىم،سەن مىنى ئەمەس باشقا بىرىنى سۆيىدىكەنسەن...سەن مىنى ئەمەس باشقا بىرىنى ئۆزۈڭگە تەئەللۇق دەپ بىلىدىكەنسەن...سەن مىنى ئەمەس باشقا بىرىنى ئىلاھ بىلىپ پۈتۈن ئوي خىياللىرىڭنى ئۇنۇڭغا تاپشۇرۇپسەن.

  ساڭا يېقىنلاشقىنىم،ساڭا يالۋۇرغىنىم بىكار ئىكەن.ساڭا قۇچاق ئاچقىنىم ،قوللۇرۇڭنى قىسقىنىم،ئايىغىڭغا يېقىلغىنىم بىكار ئىكەن! ساڭا ئالامچە تىلەكلەردە بولۇپ ،ساڭا ئەبدىلىك سۆيگۈمنى بەرگىنىم بىكار ئىكەن...ھەممىسى بىكار ئىكەن!

                                                     ‹20›
     ئالدىراش ھايات مەۋسۈملىرىمدە سەن بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشۈۋېلىشنى نەقەدەر ئارمان قىلغان -ھە؟

  سەن يوق،ئۈنۈڭ،تىۋىشىڭ،ئىسىملىرىڭسىز ھەر بىر كۈن -تۈن دوزاقتەك ئۆتۈپ كەتتى. مېھىر-مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى شۇنچە خالايتىميۇ بۇ ئىمتىيازدىن يەنىلا ئۆز ئاغزىڭدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ غەمگە پاتتىم...ئەمما  ئۆلمۈدۈم.

  مۇقەددەس يۇرتۇمدا ،غەمسىز چوڭ بولغان ئېشىك ئالدىمدا ئولتۇرۇپ تالاي قىسمەتلەر يۇغۇرۇلغان قايغۇ ۋە شاتلىقلىرىم ئالمىشىپ تۇرغان باياۋانلىرىمغا كۈلۈپ قويدۇم.


   2011-يىل ئۈرۈمچى، غۇلجا.

مەنبە؛ قەلەم

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
lvoelpo99 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 01:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Q26610440深圳考研代考,郑州职称英语代考,沈阳中级会计师替考

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش