مھىمان چاقىرىش
ئەسلىمە ئايالىغا مۇنداق دەپتۇ ؛
ـ قەدىرلىكىم بۈگۈن كەچ ئۈيىمىزگە توي قىمىغان بويتاق ئاغىنەم گۇنامۇ نى مىھمانغا چاقىردىم .
ـ بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ؟ ئۆينى تازىلىمىغىلى ئۈچ ئاي بولدى ،يۇيۇلمىغان قاچا ـ قۇچا ،كىر كىيىملەر دۆۋىلىشىپ كىتىپتۇ ، تېخىمۇ چاتاق يېرى مەن ئېغىزغا تېتىغۇدەك بىرەر ۋاخ تاماقمۇ ئىتەلمسەم ؟ . ئەسلىمە :
ـ مەنمۇ شۇنى دەپ چاقىردىم قەدىرلىكىم ، ئۇ ئەخمەق يېقىندا توي قىلماقچى ئىدى ، بەك خۇشال بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ، مەن ئۇنىڭغا توي قىلسا قانداق بۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى ...
پۇتنىڭ رولى
شېرخان دائىم ئايالىنى ماشىنىلىق ئىشقا ئاپرىل ئەكىلىپ قۇيۇپ بەك زېرىكىپتۇ ، ئۇ ئايالىغا پىيادە بېرىپ كىلىش توغرىلىق نەسىھەت قىلماقچى بۇلۇپ ئېيتىپتۇ .
ـ قەدىرلىكىم، ئادەمنىڭ ئىككى پۇتى نىمە ئۈچۈن يارىتىلغان ؟. ئايالى :
ـ بىر پۇتى ماينى دەسسەشكە ،بىر پۇتى تورمۇزنى دەسسەشكە .
تەھىرى بۆلىمى .
توخار تىما تەستىقلاۋاتسا مۇنبەرگە تىزىملاتقىلى خېلى بولغان بىر ئەزا بىر ئەسەرنى ئەۋەتىپتۇ، مەنبەسىگە خاتىرەم دەپ يازغانىكەن . توخار بۇ تىمىنى كۈرۈپ ئاچچىقلاپ كتىپتۇ ـ دە ، قىسقا ئۇچۇرغا مۇنداق يېزىپتۇ :
‹‹ ھۆرمەتلىك ئەلشىر نەۋائى ئەپەندى ، سىزنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىمىزگە باشقا نام بىلەن كرىرىپ زىيارەت قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،مەن تېخى سىزنى نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئۈلۈپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن،بۇ شېئرلىرىڭىزنى چۇقۇم تەستىقلاپ قۇيىمەن ›› .
شارپا چىگىش
جەمشىت قىز دوستى بىلەن كۈرۈشۈپ ، بۇ قېتىمقى كۈرۈشۈش سوۋغىسى ئۈچۈن بىر شارپا سوۋغا قىپتىكەن قىز دوستى ئۇنىڭغا شارپىنى ئۆز قۇلى بىلەن چىگىپ قۇيىشىنى ئېيتىپتۇ .جەمشىت شارپىنى چىرايلىق چىگىپ قۇيۇپتىكەن ، قىز دوستى ئاچچىقلاپ كىتىپ سۇراپتۇ :
ـ سىز ماڭا بۇرۇن بىرەر قىز بىلەن يۈرۈپ باقمىغان دىگەنىدىڭىز ، شارپىنى چىرايلىق چىگىشنى قانداق ئۈگىنىۋالدىڭىز ؟
ـ مەن ئاياغ بوققۇچىمنى مۇشۇنداق چىگەتتىم
تېپىشماق
رافىت ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرىشىغا بىرى ئىشىكنى چىكىپتۇ ، ئايالىغا سەن ئاچ ! دىسە ئايالى سىز ئېچىڭ دەپ ئىككىلىسىلا قۇشۇلماپتۇ ، بۇ ۋاقىتتا رافىت :
ـ مەن بىر تېپىشماق دەي تاپالىساڭ ئىشىكنى مەن ئاچاي تاپالمىساڭ سەن ئاچ بۇلامدۇ ؟
ئايالى :
ـ بۇلىدۇ . رافىت :
ـ بىر خىل ھايۋان بار ، ئۆزى سۇدا ئۈزىدۇ ،سېرىق تۇمشۇقى ،ئۇزۇن بوينى بار ، تۇخۇم تۇغىدۇ ،ئانچە مۇنچە ‹‹غاق ـ غاق ›› دەپ قۇيىدۇ ، ئۇ قانداق ھايۋان ؟ ئايالى :
ـ تاپتىم ، ئۇ مۇزاي . رافىت :
ناھايتى توغرا قەدىرلىكىم ئۇ ھايۋان دەل مۇزاي ... ماڭ بېرىپ ئىشىكنى ئاچ !
ئۇزۇقلۇق زەنجىرى
روئىن غەرىپچە بىر رىستۇرانغا كىرىپ ياۋا توشقان كاۋىپىنىدىن بىر نى بۇيرۇتۇپتۇ ، قارىسا توشقاننىڭ بىر پۇتى يوق . راسا ئاچچىقى كىلىپ كۈتكۈچىدىن سۇراپتۇ :
ـ بۇ ياۋا توشقاننىڭ بىر پۇتى قېنى ؟
ـ ئەپەندىم ، ياۋا توشقان جاڭگالدا ياشايدۇ ، ئۇلار دائىم يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ، بۇ نۇرمال ئەھۋال .
ـ شۇنداقمۇ ؟دەپتۇ ۋە زەردە بىلەن ،ئۇنداق بولسا بۇنى يىرىتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان ياۋا توشقان كاۋىپىغا ئالماشتۇرۇپ بىرىڭ !!!!!
يىغىپ قويغانتىم ، تىما قىلىپ يوللاشقا ئاز كەپ قېلىپ يولىمىغان ، بۇ تىمىدىكىسىمۇ سەل ئازكەن شۇڭا قۇشۇپ قويدۇم ھى ھى