مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 0

شەيخۇر رەئىس ئىبن سىنانىڭ ھاياتى تەربىيەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64421
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 12:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەيخۇر رەئىس ئىبن سىنانىڭ ھاياتى،
تەربىيەلىنىشى ۋە ئەسەرلىرى

«ئۇيۇنۇل ‐ ئەنبائ» (خەۋەرلەر بۇلىقى) ناملىق
كىتابتىن ئېلىندى

ئۇنىڭ تولۇق نامى ئەبۇ ئەلى ھۈسەين بىن ئابدۇللاھ بىن ئەلى بىن سىنادۇر. ئۇ ئېيتقۇسىز دەرىجىدە مەشھۇر، ئارتۇقچىلىقلىرى يېزىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە تارىخىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى باشقىلارنىڭ ئېيتىشىغا ھاجەت چۈشمىگۈدەك دەرىجىدە بايان قىلغان بولغاچقا، تۆۋەندە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن كۇپايىلىنىمىز، ئۇنى ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ جوزجانى نەقىل قىلغان.
شەيخۇر رەئىس مۇنداق دەيدۇ:
«دادام بەلەخ ئاھالىسىنىڭ بىرى بولۇپ، نۇھ بىن مەنسۇرنىڭ زامانىسىدا ئۇ يەردىن بۇخاراغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ زامانىسىدا بۇخارا كەنتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەرمىسىن كەنتىدە ئەمەل تۇتقان. ئۇ مەشھۇر كەنت بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن جايدا ئەفشانە دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كەنت بار بولۇپ، دادام ئۇ يەردە ئانام بىلەن توي قىلىپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ۋە شۇ يەردە مەن تۇغۇلغان، ئارقىدىن ئىنىم تۇغۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە بۇخاراغا كەتتۇق. مېنى قۇرئان ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھۇزۇرىغا ئاپىرىپ بەردى، ئون ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا قۇرئان ۋە ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆگىنىپ بولدۇم، بۇنىڭدىن (كىشىلەر) ھەيران قالغان ئىدى. دادام مىسىرلىق دەۋەتچىلەرگە ئاۋاز قوشقان كىشى بولۇپ، ئىسمائىلىيەلىكلەردىن بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇ ۋە ئىنىم روھ ۋە ئەقىل ھەققىدە ئۇلارنىڭ قارىشى ۋە تونۇشى بويىچە تەلىم ئالغان. ئۇلار ئۆزئارا بەس ‐ مۇنازىرە قىلاتتى، مەن ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلايتتىم، دېگەنلىرىنى چۈشىنەتتىم، ئەمما كۆڭلۈم تارتمايتتى. ئۇلار مېنىمۇ بۇ مۇنازىرىگە چاقىرىشقا باشلىدى، ئۇلار پەلسەپە، گېئومېتىرىيە ۋە ھىندىستان ماتېماتىكىسى ھەققىدە سۆزلىشەتتى. ئۇلار مېنى ھىندىستان ماتېماتىكىسىنى ئۆگەنسۇن دەپ كۆكتات ساتىدىغان، ھىندىستان ماتېماتىكىسىنى بىلىدىغان بىر كىشىگە تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پەيلاسوپ دەپ ئاتالغان ئەبۇ ئابدۇللا نائىلى دېگەن كىشى بۇخاراغا كەلدى، دادام مېنى تەلىم ئالسۇن دەپ ئۇنى ئۆيىمىزگە باشلاپ كەلدى. ئۇ كېلىشنىڭ ئالدىدا مەن فىقھى ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە ئىسمائىل زاھىدقا مۇراجىئەت قىلىۋاتقان ئىدىم، مەن تەرىقەت يولىنى تۇتقانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدىم، شۇ قەۋمنىڭ ئىجابەت قىلغۇچىسىغا ئىلتىجا قىلىش ۋە ھاجەتلەرنى تىلەش ئادىتىگە كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم.
ئۇنىڭدىن كېيىن نائىلىيدا «ئىيساغۇجى» دېگەن كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئۇ ماڭا جىنسنى چۈشەندۈرگەندە ئۇنىڭ «نېمە؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا ئېيتىلىدىغان تۈرى پەرقلىنىدىغان نۇرغۇن شەيئىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ چۈشەنچىنى ئۇ ئاڭلاپ باقمىغان يوسۇندا تەھقىقلىدىم، ئۇ ماڭا ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە دادامنى مېنىڭ مۇئەللىمسىز ھەرىكەت قىلماسلىقىم ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. مەن ئۇ ئېيتقان ھەر قانداق مەسىلىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مەن ئۇنىڭدىن پەلسەپىنىڭ يۈزەكى ئىلىملىرىنى ئۆگەندىم، ئەمما ئىنچىكە ئىلىملىرى ھەققىدە ماڭا ئۆگەتكۈدەك ماھارىتى يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كىتابلارنى ئۆزۈم ئۆگىنىشكە، شەرھلىرىنى ئۆزۈم كۆرۈشكە باشلىدىم، شۇنداق قىلىپ پەلسەپە ئىلمىنى پۇختا ئىگىلەپ بولدۇم. شۇنىڭدەك ئەقلىدىسنىڭ كىتابىنىڭ بېشىدىن5 - 6شەكىلنى ئۇنىڭدىن ئۆگەندىم، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم ھەل قىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مىجەستىينىڭ كىتابىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم، ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۆگىنىپ گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەرگە كەلگەندە نائىلىي ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۆگىنىپ ئۆزۈڭ ھەل قىل، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا كۆرسەت، توغرا ‐ خاتاسىنى ئايرىپ بېرەي» دېدى، ئەمما ئۇ كىتابنى توغرىلىيالمايتتى. مەن بۇ كىتابتىكى مەسىلىنى ئۆزۈم ھەل قىلىشقا باشلىدىم، ئىچىدە ئۇ مەن كۆرسەتكەن ۋاقىتقىچە كۆرۈپ باقمىغان، ئەمما مەن چۈشەنگەن شەكىللەر بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن نائىلىي مەندىن ئايرىلىپ كەركانج دېگەن يەرگە كەتتى. مەن تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەتكە ئائىت ئەسلىي كىتابلار ۋە ئۇلارنىڭ شەرھلىرىنى يىغىپ ئۆزۈم ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ماڭا ئىلىم دەرۋازىلىرى كۈندىن كۈنگە ئېچىلىۋاتاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن تېبابەت ئىلمىگە قىزىقىپ ئۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم. تېبابەت ئىلمى قىيىن ئىلىملەردىن ئەمەس ئىدى. كېسەللەرنى داۋالىدىم، سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ماڭا داۋالاشنىڭ ئېيتقۇسىز ساھەلىرى ئېچىلدى. مەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىقھى ئىلمى بىلەنمۇ مەشغۇل بولۇپ تۇراتتىم، ئۇ ھەقتە بەس ‐ مۇنازىرە قىلاتتىم، مەن شۇ چاغدا 16 ياشقا كىرگەن ئىدىم. مەن شۇ يوسۇندا بىر يېرىم يىل ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش بىلەن بولغاندىن كېيىن يەنە پەلسەپە ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇشقا ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى جەملەشكە باشلىدىم. مەن بۇ مۇددەتتە بىرەر كېچە تولۇق ئۇخلاپ باقمىدىم، كۈندۈزى ئۇنىڭ باشقىسى بىلەن مەشغۇل بولمىدىم. مەن كۆپ ھادىسىلەرنى يىغدىم، مەن قارىغان ھەر بىر دەلىل بەزى قىياسىي مۇقەددىمىلەرنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى، مەن ئۇلارنى مەزكۇر ھادىسىلەر بىلەن بىرلەشتۈرەتتىم، ئارقىدىن مۇمكىن بولغان نەتىجىسىنى چىقىراتتىم، مۇقەددىمىلەرنىڭ شەرتلىرىگىمۇ رىئايە قىلاتتىم، ئاخىر بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى ماڭا ئايان بولدى. بىر مەسىلىدە ئىككىلىنىپ قېلىپ ئوتتۇرا ھال قىياسنى تاپالمىسام جەملىگۈچى زاتقا ئىلتىجا قىلاتتىم. ناماز ئوقۇپ ھەممىنى ياراتقۇچىغا مۇناجات قىلاتتىم، بۇنىڭ بىلەن سىر ئېچىپ مۈشكۈلات ئاسانلىشاتتى.
كەچتە ئۆيۈمگە قايتىپ ئالدىمدا چىراغنى قويۇپ ئوقۇش ۋە يېزىش ئىشى بىلەن بولاتتىم، ئۇيقۇ باسسا ياكى ھارغىنلىق ھېس قىلسام، بىر قەدەھ شەربەت ئىچىپ قۇۋۋىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرەتتىم. ئازراق ئۇخلىغان ھامان ئۇچرىغان مەسىلىلەرنىڭ ئەينىنى چۈشەيتتىم، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يوللىرى ماڭا چۈشۈمدە ئايان بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىنسانىي ئىمكانىيىتىمنىڭ يېتىشىچە ھەممە ئىلىمنى پۇختىلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ۋاقىپلانغان ئىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۆگەنگىنىمدەك بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئۇنىڭغا يېڭىلىق قوشۇلمىدى، ئاخىر پەلسەپە، تەبىئەت ۋە ماتېماتىكا ئىلىملىرىنىڭ ھەممىنى پۇختا ئۆگىنىپ بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھىيەت ئىلمىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم، «تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىشلار» دېگەن كىتابنى ئوقۇدۇم، ئەمما ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىدىم، ئاپتورنىڭ مەقسىتى مەۋھۇم بولۇپ قالدى، مەن ئۇنى 40 قېتىم تەكرار ئوقۇدۇم، ئاخىر ماڭا ياد بولۇپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ۋە ئۇنىڭ مەقىسىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئاخىر ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزۈمگە: «بۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان كىتاب ئىكەن» دېدىم. بىر كۈنى ئەسىر نامىزى ۋاقتىدا كىتاب بازىرىدا كېتىۋاتسام بىر ئادەم قولىدا بىر پارچە كىتابنى تۇتۇپ خېرىدار چاقىرىۋېتىپتۇ، ئۇ ماڭا تونۇشتۇردى، مەن بۇ ئىلىمدىن پايدا چىقمىغۇدەك دەپ ئويلاپ ئۇنى زېرىككەن ئادەم قىياپىتىدە رەت قىلدىم، ئەمما ئۇ ماڭا: «سېتىۋالسىلا، بەك ئەرزان، ئىگىسى پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا ئۇنى سىلىگە ئۈچ تەڭگىگىلا بېرىمەن» دېدى. مەن ئۇنى سېتىۋالدىم، قارىسام ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ «(تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىشلار) دېگەن كىتابنىڭ مەقسەتلىرى» دېگەن كىتابى ئىكەن. مەن ئۆيۈمگە قايتىپ بېرىپ تېزلا ئوقۇپ تۈگەتتىم، شۇنىڭدىن كېيىن «تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىشلار» دېگەن كىتابنىڭ مەقسىتى ماڭا ئايان بولدى، چۈنكى مەن ئۇنى يادلاپ بولغان ئىدىم. مەن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم ۋە ئاللاغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەتىسى كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەردىم. شۇ چاغدا بۇخارانىڭ پادىشاھى نۇھ بىن مەنسۇر بولۇپ، بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، تېۋىپلار ئۇنى ساقايتىشتىن ئاجىز كەلگەن ئىكەن، ئۇلار ئارىسىدا مېنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقىم تارقالغان بولۇپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىسمىمنى تىلغا ئېلىشىپتۇ ۋە مېنى تەكلىپ قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ داۋالىشىغا شېرىك بولۇپ، پادىشاھ ئالدىدا خىزمەت كۆرسەتتىم. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن كۇتۇپخانىسىغا كىرىشىمگە، ئۇنىڭدىكى تېببىي كىتابلارنى ئوقۇشۇمغا رۇخسەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدىم. ئۇ ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلدى. مەن كۆپ ئۆيلىرى بار بىر ھويلىغا كىردىم، ھەربىر ئۆيدە كىتاب قاچىلانغان ئۈستى ‐ ئۈستىگە تىزىلغان ساندۇقلار بار ئىكەن. بىر ئۆيدە ئەرەب تىلى ۋە شېئىرىيەت كىتابلىرى، يەنە بىر ئۆيدە فىقھى (شەرىئەت) ئىلمى كىتابلىرى بار ئىكەن، ھەر ئۆيگە مەلۇم ئىلىمنىڭ كىتابلىرى تىزىلغان ئىكەن.
مەن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۇلاردىن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئوقۇدۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسمىنى پەقەت ئاڭلىمىغان، مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرەلمەيدىغان كىتابلارنى كۆردۈم. ئۇلارنى ئوقۇپ پايدىلىرىغا ئېرىشتىم، ھەربىر ئادەمنىڭ ئىلىم سەۋىيەسىنى بىلدىم. 81 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا مەزكۇر ئىلىملارنىڭ ھەممىنى ئۆگىنىپ بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا ئىلىملەرنىڭ ھەممىنى يادلاپ بولغان ئىدىم، ھازىر بولسا دىلىمدىكى شۇ ئىلىملەر تېخىمۇ پىشتى، ھالبۇكى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى (ئۆگەنگەنلىرىم بىلەن ت) ئوخشاش بولۇپ، كېيىن بىرەر يېڭى ئىلىم چىقمىغان ئىدى. يېنىمدا ئەبۇل ھۈسەين ئەرۇزىي دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بار بولۇپ، مەندىن شۇ ئىلىملەر ھەققىدە بىرەر ئومۇمىي (ھەممىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ‐ ت) كىتاب يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىڭغا مەجمۇئەدىن بىرنى يېزىپ بەردىم، ھەم شۇ نام بىلەن ئاتىدىم. ئۇنىڭغا ماتېماتىكىدىن باشقا ھەممە ئىلىمنى يىغدىم. مەن شۇ چاغدا 12 ياشقا كىرگەن ئىدىم. يېنىمدا خارەزمىدە تۇغۇلغان، بىلىمگە توشقان، فىقھى ئىلمى، تەفسىر ئىلمى ۋە تەقۋادارلىقتا يېگانە ئەبۇ بەكرى بەرقىي دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كىشى بار بولۇپ، مەندىن بەزى كىتابلارنى شەرھلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا 20 جىلىدقا يېقىن «ئەلھاسىل ۋەل مەھسۇل» (ئىلگىرى - كېيىن ئېرىشكەنلەر) دېگەن كىتابنى، ئەخلاق توغرىسىدا «ئەل بىررۇ ۋەل ئىسىم» (ياخشىلىق ۋە يامانلىق) دېگەن كىتابنى يېزىپ بەردىم. بۇ ئىككى كىتاب ئۇنىڭدىلا بار بولۇپ، ھېچ كىشى ئۇلاردىن نەقىل قىلالمىغان. كېيىن دادام ۋاپات بولۇپ، ئەھۋالىمدا ئۆزگىرىش بولدى. پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا مەلۇم خىزمەت قىلىپ ئېھتىياج مېنى بۇخارانى تاشلاپ كەركانج (دېگەن شەھەر ت)غا بېرىشقا ئۈندىدى. بۇ ئىلىملەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئەبۇل ھۈسەين سەھلىي دېگەن كىشى ئۇنىڭغا ۋەزىر ئىدى، مەن ئۇلارنى پادىشاھ ئەلى بىن مەئمۇنغا تەقدىم قىلدىم. مەن شۇ چاغدا تەيلىسان (جاي ئىسمى ت) دا پىشقان شەرىئەت ئۆلىمالىرى قاتارىدا ئىدىم، ئۇلار ھۆرمىتىمنى قىلىپ يەتكۈدەك ئۆي كۆرسىتىپ بەردى. كېيىن ئېھتىياج مېنى نىساغا، ئۇ يەردىن باۋەردكە، ئۇ يەردىن تۇسقا، ئۇ يەردىن شەقانغا، ئۇ يەردىن سەمنىقانغا، ئۇ يەردىن خۇراسان چېگراسىدىكى جاجۇرمغا، ئۇ يەردىن جورجانغا يۆتكىلىشىمگە ئۈندىدى. مەن پادىشاھ قابۇسنى كۆزلىگەن ئىدىم، ئەمما كۆزلىشىم ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ بەزى قەلئەلەرگە سولىنىشى ۋە شۇ يەردە ئۆلۈشىگە توغرا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭدىن دىھىستانغا باردىم، ئۇ يەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، جورجانغا قايتىپ كەلدىم. ئەبۇ ئۇبەيدۇل جوزجانى دېگەن كىشى مەن بىلەن كۆرۈشتى. ھالىمغا قاراپ:

    چوڭىغىنىمدا ھېچ شەھەر مېنى سىغدۇرمىدى،
    باھايىم ئاشقاندا ماڭا خېرىدار چىقمىدى.

………دېگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەسىدە يېزىلدى.
شەيخۇر رەئىسنىڭ ھەمراھى ئەبۇ ئۇبەيدۇل جورجانى مۇنداق دەيدۇ: «يۇقىرىدىكىلەر ماڭا شەيخنىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەنلىرىدۇر، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى بىلگەن ئىدىم. جورجاندا بۇ ئىلىملەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئەبۇ مۇھەممەد شىرازىي دېيىلىدىغان بىر كىشى بار بولۇپ، شەيخقا ئۆزىگە يېقىن يەردىن بىر ئېغىز ئۆي سېتىۋېلىپ تۇرغۇزغان ئىدى. مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مىجەستىي (كىتاب ئىسمى ت)نى ئوقۇيتتىم، پەلسەپىنى ئۆگىنەتتىم، ئۇ ماڭا پەلسەپە ھەققىدىكى «ئەلمۇختەسەرۇل ئەۋسەت» (ئوتتۇرا ھال قىسقارتما) دېگەن كىتابنى ئۆگەتتى. ئۇ ئەبۇ مۇھەممەد شىرازىيغا «ئەلمەبدەئ ۋەلمەئاد» (باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش)، «ئەلئىرسادۇل - كۇللىييە» (ئومۇمىي كۆزىتىش) دېگەن كىتابنى يېزىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ بۇ يەردە يەنە «ئەلقانۇن» نىڭ باش قىسمى، «مىجەستىي» نىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئوخشاش كۆپ كىتابلارنى ۋە رىسالىلەرنى يازغان ئىدى. كېيىن تاغلىق زېمىندا قالغان كىتابلىرىنى يازدى.
تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر:
«ئەلمەجمۇئ» (مەجمۇئە)، بىر جىلد، «ئەلھاسىل ۋەلمەھسۇل» (ئىلگىرى كېيىن ئېرىشكەنلەر)، 20 جىلد، «ئەلئىنسان» (ئىنسان)، 20 جىلد، «ئەلبىررۇ ۋەلئىسىم» (ياخشىلىق ۋە يامانلىق)، ئىككى جىلد، «ئەششىفائ» (شىپا)،81 جىلد، «ئەلقانۇن» (قانۇن)، تۆت جىلد، «ئەلئىرسادۇل كۇللىييە» (ئومۇمىي كۆزىتىش)، بىر جىلد، «ئەننەجات» (نىجاتلىق)، ئۈچ جىلد، «ئەلھىدايە» (ھىدايەت)، بىر جىلد، «ئەلقۇلىنج» (قۇلۇنجى)، بىر جىلد، «لىسانۇل ئەرەب» (ئەرەب تىلى)، 10 جىلد، «ئەلئەدۋىيەتۇل قەلبىييە» (يۈرەك دورىلىرى)، بىر جىلد، «ئەلمۇجەز» (قىسقارتما)، بىر جىلد، «بەئزۇل ھېكمەتىل مەشرىقىييە» (مەشرىقنىڭ بەزى ھېكمەتلىرى)، بىر جىلد، «بەيانۇ زەۋاتىل جىھە» (كۆپ تەرەپلىكلەر بايانى)، بىر جىلد، «كىتابۇل مەئاد» (ئاقىۋەت كىتابى)، بىر جىلد، «ئەلمەبدەئۇ ۋەلمەئاد» (باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش)، بىر جىلد، «كىتابۇل مۇباھەسات» (مۇنازىرىلەر كىتابى)، بىر جىلد.
ئۇنىڭ تۆۋەندىكى رىسالىلىرى بار:
«ئەقەزائ ۋەلقەدەر» (قازا ۋە قەدەر)، «ئەلئالەتۇر - رەسەدىييە غەرەزۇ قاتىغۇرياس» (كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى قاتىغۇرياسنىڭ مەقسىتى)، «ئەلمەنتىقۇ بىششېئىر» (شېئىرىيەت پەلسەپىسى)، «ئەلقەسائىدۇ فىلئەزەمەتى ۋەلھىكمەتى فىل ھۇرۇف» (ھەرپلەردىكى بۈيۈكلۈك ۋە ھېكمەت ھەققىدە قەسىدىلەر)، «تەئەققۇبۇل مەۋازىئىل جەدەلىييە» (مۇنازىرىلىك ئورۇنلارنى ئىزدەش)، «مۇختەسەرۇ ئىقلىيدىس» (ئىقلىدىس قىسقارتمىسى)، «مۇختەسەرۇن فىننەبزى بىل ئەجەمىييە» (تومۇر ھەققىدە ئەجەم تىلىدىكى خۇلاسە)، «ئەلھۇدۇد» (تەرىپلەر)، «ئەلئەجرامۇس سەماۋىييە» (ئاسمان جىسىملىرى)، «ئەلئىشارە ئىلا ئىلمىل مەنتىق» (پەلسەپە ئىلمىگە ئىشارە)، «ئەقسامۇل ھىكمە فىننىھايە ۋە لەننىھايە» (ھېكمەتنىڭ چەكلىك ۋە چەكسىز تۈرلىرى)، «ئەھدۇن كەتەبەھۇ لىنەفسىھى ھەي بىن يەقزان فى ئەننە ئەبئادەل جىسمى غەيرۇ زاتىييە لەھۇ» (ھەي بىن يەقزاننىڭ جىسىمنىڭ ئارىلىقلىرى ئەسلىي ئەمەس دېگەن ھەقتە ئۆزىگە بەرگەن ئەھدى)، «خۇتۇب» (لېكسىيەلەر)، «ئەلكەلام فىل ھىندىبائ» (كاسىنى توغرىسىدا سۆز)، «فى ئەننەھۇ لايەجۇزۇ ئەن يەكۇنە شەيئۇن ۋاھىدۇن جەۋھەرىييەن ۋە ئەرەزىييەن» (بىر شەيئىنىڭ ھەم بىرلەمچى ھەم ئىككىلەمچى بولالمايدىغانلىقى ھەققىدە)، «فى ئەننە ئىلمە زەيدىن غەيرۇ ئىلمى ئەمرىن» (زەيدنىڭ بىلگىنىنىڭ ئەمرىنىڭ بىلگىنىگە ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە)، «رەسائۇل لەھۇ ئىخۋانىييە ۋە سۇلتانىييە» (قېرىنداشلار ۋە پادىشاھلار ئارىسىدا يېزىشقان رىسالىلەر)، «مەسائىلۇ جەرەت بەينەھۇ ۋە بەينە بەئزىل فۇزەلائى» (ئۇنىڭ بىلەن فەزى پەزىلەتلىك كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان مەسىلىلەر)، «كىتابۇل ھەۋاشى ئەلەلقانۇن» (ئەلقانۇن ھاشىيسى)، «ئۇيۇنۇل ھېكمەت» (ھېكمەت بۇلاقلىرى)، «ئەششەبەكە ۋەتتەير» (تور بىلەن قۇچقاچ).
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رەيگە بېرىپ سەييىدە ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەجدۇد - دەۋلە بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ بارغان، ئۇنى تونۇشتۇرىدىغان كىتابلىرى بىلەن بىلگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەجدۇد - دەۋلىنىڭ سەۋداسى ئېشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۇنى داۋالىدى ھەم شۇ يەردە «ئەلمەئاد» (ئاقىۋەت) ناملىق كىتابىنى يازدى. ئۇ ئۇ يەردە ھىلال بىن بەدىر بىن ھەسنۇيە ئۆلۈپ باغداد قوشۇنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شەمسۇد - دەۋلە بىلەن كۆرۈشۈشنى كۆڭلىگە پۈككۈچە تۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇ يەردىن ئايرىلىپ قەزۋىنغا، ئۇ يەردىن ھەمەدانغا باردى ۋە كەزبانۇيەنىڭ خىزمىتىدە بولدى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى كۆردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا شەمسۇد دەۋلە بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولدى ۋە ئۆزى گىرىپتار بولغان قۇلۇنجى كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھۇزۇرىغا چاقىردى، ئۇ ئۇنى ئاللا شىپالىق بەرگۈچە داۋالىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە 40 كېچە - كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كۆپ ئىنئاملارغا ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇ پادىشاھنىڭ سۆھبەتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىن پادىشاھنىڭ ئەناز قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تۇتۇش قىلماقچى بولغاندا شەيخ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلدى. كېيىن ئۇ مەغلۇپ بولغان ھالدا ھەمەدانغا قايتتى.

مەنبەسى: ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ «ئەلقانۇن فىت تىب» (تېبابەت قانۇنلىرى) ناملىق قامۇسىدىن ئېلىندى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش