ئىسىڭدىمۇ بىز ئايرىلغان كىچە،
ئاي بىلەن يۇلتۇز تۇراتتى كۆكتە.
تاشلاپ كەتسەڭمۇئەسلىدىم سېنى،
ئېيتقان سۆزلىرىڭ قالغاچقا ئەستە.
ھەركۈنى كىچە باقىمەن كۆككە،
سىغىنىپ سېنى،ھىجران ئىچىدە.
ئۆرتەنسە يۈرەك ئىلىنار ئۆتمۈشكە،
ئاي بىلەن يۇلتۇز چىققان كىچىدە.
بۈگۈنمۇ كىچە چىقىپتۇ ئاي بىلەن يۇلتۇز،
قايتىپ كەل ئامرىقىم ساڭا تۇتاي گۈلدەستە.
ساڭا بولغان مۇھەببەتلىك بۇ كۆڭلۈم،
تولمىسۇن ھەرگىزمۇ ئاچچىق ھەسرەتكە.
ئاپتۇرى:بەختىيار