1. Standard Cmos features ۋاقىت، چىسلا،قاتتىق دىسكا، نۇردىسكا ، يۇمشاق دىسكا ئوقۇغۇچنى تونىتىش
Date چىسلا تەڭشەش ( ئادەتتە مۇشۇ تۈر ئۈستىگە ئەكلىپ + ياكى – بىسىش ئارقىلىق تەڭشەشكە بولىدۇ)
Time ۋاقىت تەڭشەش ( ئادەتتە مۇشۇ تۈر ئۈستىگە ئەكلىپ + ياكى – بىسىش ئارقىلىق تەڭشەشكە بولىدۇ)
IDE قاتتىق دىسكا ، نۇر دىسكا قوزغاتقۇچ ئۇچۇرلىرنى تەڭشەش ( كومپىيۇتېرغا چىتىلغان بولسا ماركىسى چىقىدۇ ، ئەگەر چىتىغلىق بولۇپ تونىمىسا ، بۇزۇلغانلىقىنى ياكى ئۇچۇر سىمىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر None ھالىتىدە بولسا تونىتىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ )
Drive A يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ A ( 3.5 ، 5.25 سۇڭلۇق يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچى، ئەگەر None ھالىتىدە بولسا تونىتىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئەگەر كومپىيۇتېردا بۇ دېتال بولمىسا تاقىۋىتىش كىرەك ، ئەگەر تاقىۋەتمىسەك ، كومپىيۇتېر قوزغالغاندا F1 بىسىڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ )
Drive B ( 3.5 ، 5.25 سۇڭلۇق يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچى، ئەگەر None ھالىتىدە بولسا تونىتىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئەگەر كومپىيۇتېردا بۇ دېتال بولمىسا تاقىۋىتىش كىرەك ، ئەگەر تاقىۋەتمىسەك ، كومپىيۇتېر قوزغالغاندا F1 بىسىڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ )
2. Advanced bios features ئۈچ خىل قوزغىتىش تەرتىپى ، قاتتىق دىسكا تەرتىپى، USB قوزغىتىش تەرتىپى
USB Flash disk type USB قوزغاتقۇچنىڭ تىپىنى تاللاش (HDD, FDD, AUTO ھالەتلىرى بولىدۇ )
First boot device بىرىنچى قوزغاتقۇچ ( Floppyيۇمشاق دىسكىدىن قوزغىتىش، HDD-0قاتتىق دىسكا 0 دىن قوزغىتىش، CD-ROMنۇر دىسكا قوزغاتقۇچدىن قوزغىتىش ،HDD-1 قاتتىق دىسكا 1 دىن قوزغىتىش، HDD-2قاتتىق دىسكا 2 دىن قوزغىتىش ،HDD-3 قاتتىق دىسكا 3 دىن قوزغىتىش ، LAN تور كارتىسىدىن قوزغىتىش ، تاقاش (ھىچىنىمىدىن قوزغالمىسۇن ) )
Second boot device ( Floppyيۇمشاق دىسكىدىن قوزغىتىش، HDD-0قاتتىق دىسكا 0 دىن قوزغىتىش، CD-ROMنۇر دىسكا قوزغاتقۇچدىن قوزغىتىش ،HDD-1 قاتتىق دىسكا 1 دىن قوزغىتىش، HDD-2قاتتىق دىسكا 2 دىن قوزغىتىش ،HDD-3 قاتتىق دىسكا 3 دىن قوزغىتىش ، LAN تور كارتىسىدىن قوزغىتىش ، تاقاش (ھىچىنىمىدىن قوزغالمىسۇن ) )
Third boot device ( Floppyيۇمشاق دىسكىدىن قوزغىتىش، HDD-0قاتتىق دىسكا 0 دىن قوزغىتىش، CD-ROMنۇر دىسكا قوزغاتقۇچدىن قوزغىتىش ،HDD-1 قاتتىق دىسكا 1 دىن قوزغىتىش، HDD-2قاتتىق دىسكا 2 دىن قوزغىتىش ،HDD-3 قاتتىق دىسكا 3 دىن قوزغىتىش ، LAN تور كارتىسىدىن قوزغىتىش ، تاقاش (ھىچىنىمىدىن قوزغالمىسۇن ) )
3. Advanced chipset feature كۆرسىتىش كارتىسى سىغىمى ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش
( ئەگەر كۆرسىتىش كارتىسى ئاساسي تاختا يولىغا توپلاشتۇرۇلغان بولسا ، سىغىمىنى بەلگىلەشگە بولىدۇ )
4. integrated peripherals ئاۋاز يولى ، USB يولى ، USB كونىتىرىللىغۇچى ، IDEئىغىزلىرىنى تاقاش،ئىچىش
USB Controller (USB كونتىروللىغۇچ )
USB 2.0 Controller (USB كونتىروللىغۇچ )
USB Keyboard Support (USB ئىغىزلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋە USB ئىغىزلىق مائۇسنى ئىچىش ، تاقاش ، ئادەتتە Enabled بولسا ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى ، Disabled تاقاق ئىكەنلىكىنى بلدۈرىدۇ )
Ac97 Audio ( Ac97 ئاۋاز كونتىروللىغۇچ ، ئادەتتە بىئۇسدىن ئاۋاز ئېتىۋەتسەك ، كومپىيۇتېر ئاۋاز تونىتىش پىروگىراممىسمۇ قوزغالمايدۇ . Enabled بولسا ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى ، Disabled تاقاق ئىكەنلىكىنى بلدۈرىدۇ )
5. power management set up كومپىيۇتېرنى قوزغىتىش ۋاقىتىنى تەڭشەش ئۇچۇرلىرى
Resume By Alarm ( كومپىيۇتېرنى مەلۇم بىر ۋاقىتقا تەڭشەپ قويۇپ ، ئاپتۇماتىك قوزغىتىشقا بولىدۇ .نۇرمال ھالەتتە Disabled ھالەتتە بولىدۇ . تەڭشىمەكچى بولساق Enabled توغىرلىساق ئىچىلىدۇ ، ئاندىن Date (Of Month) Alarm دىن كۈن تەڭشەيمىز ، يەنى ھەر ئاينىڭ قانچىنچى كۈنى دىگەندەك ، ئەگەر 0 ھالەتتە بولسا ھەر كۈنى قوزغىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
Time (hh:mm:ss) Alarm ۋاقىت تەڭشەيمىز ، سائەت نەچچىدىن نەچچە مىنۇت نەچچە سىكۇنىت ئۆتكەندە قوزغىىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ )
6. Load Fail-Safe Defaults كومپىيۇتېرغا چىتىلغان قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى قوزغىتىش
كومپىيۇتېرغا چېتلغان قاتتىق دىسكا، نۇر دىسكا قوزغاتقۇچ ، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچلارنى تونىتىمىز . مۇشۇ تۈر ئۈستىگە ئەكلىپ Enter كۇنۇپكىسنى چەكسەك ، Load Fail – Safe Defaults ( Y/N) دەپ ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ ، بىز بۇنىڭدىن Y كۇنۇپكىسنى چەكسەك ئاندىن قاتتىق دىتالنى تونىتىشقا باشلايدۇ ، ئەگەر N كۇنۇپكىسى بىسىلسا قاتتىق دېتاللارنى تونۇتمايدۇ )
7. load optimized Defaults كومپىيۇتېر بىئۇس تەڭشەكلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتىغا توغىرلاش
بىئۇس تەڭشەكلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتگە تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدۇ. مۇشۇ تۈر ئۈستىگە ئەكلىپ Enter كۇنۇپكىسنى چەكسەك ، Load optimized Defaults ( Y/N) دەپ ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ ، بىز بۇنىڭدىن Y كۇنۇپكىسنى چەكسەك ئاندىن بىئۇس تەڭشەكلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتگە تەڭشەشكە باشلايدۇ ، ئەگەر N كۇنۇپكىسى بىسىلسا بىئۇس تەڭشەكلىرىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتگە تەڭشمەيدۇ )
8. set supervisor password بىئۇسقا پارول بىكتىش
بىئۇسقا پارول بىكتىشگە بولىدۇ . ئەگەر پارول بىكتىپ قويساق ھەر قېتىم قوزغالغاندا بىزدىن پارول سورايدۇ . ئەگەر پارولنى بىكار قىلماقچى بولسا مۇشۇ تۈرگە ئۈستىگە ئەكلىپ كۇنۇپكىسىنى چىكىۋەرسەك پارول يوقايدۇ ، ئەگەر پارولنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ، ئاساسىي توك يولى تاختىسىدىكى بىئۇس باتاريىسىنى ئىلۋىتىپ ، 5 مىنىۇت ئەتراپىدا كومپىيۇتېرنى توكتىن ئۈزىۋىتىپ ئاندىن باتاريىنى سىلىپ قوزغاتساق ئاندىن بىز بىكىتىپ قويغان پارول يوقايدۇ .
9. set user password كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئەزا پارول بىكتىش
كوپىىيۇتېر قوغالغاندا پارول سوراپ ئاندىن سېستىمىغا كىرسۇن دىسكەك ، مۇشۇ تۈرگە پارول بىكىتسەك بولىدۇ . ئەگەر پارولنى بىكار قىلماقچى بولسا مۇشۇ تۈرگە ئۈستىگە ئەكلىپ كۇنۇپكىسىنى چىكىۋەرسەك پارول يوقايدۇ ، ئەگەر پارولنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ، ئاساسىي توك يولى تاختىسىدىكى بىئۇس باتاريىسىنى ئىلۋىتىپ ، 5 مىنىۇت ئەتراپىدا كومپىيۇتېرنى توكتىن ئۈزىۋىتىپ ئاندىن باتاريىنى سىلىپ قوزغاتساق ئاندىن بىز بىكىتىپ قويغان پارول يوقايدۇ .
10. save & exit setup ساقلاپ چىكىنىش
ئەگەر بىئۇسنى تەڭشىگەن بولساق قىلغان مەشخۇلاتىمىزنى كۈچگە ئىگە قىلماقچى بولساق، ساقلاپ چىكىنىشىمىز كىرەك . ئەگەر مۇشۇ تۈر چىكىلسە مۇنداق بىر save to exit setup ( Y/N) ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ يەنى بىزدىن ساقلاپ چىكىنەمسىز ياكى ساقلىماي چىكنەمسىز دەپ سورايدۇ ، بىز بۇنىڭدىن Y كۇنۇپكىسنى چەكسەك ساقلاپ چىكىنىدۇ ، ئەگەر N كۇنۇپكىسى بىسىلسا ساقلىماي چىكىنىپ چىكتىدۇ ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن F10 كۇنۇپكىسنى بىسىش ئارقىلىقمۇ بۇ مەشخۇلاتنى قىلشقا بولىدۇ. )
11. exit without saving بىۋاستە چىكىنىش
ئەگەر بائۇسدىن چىكىنمەكچى بولساق، مۇشۇ تۈر چېكىلسە بولىدۇ يەنى مۇشۇ تۈر چىكىلسە مۇنداق بىر exit without saving ( Y/N) ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىدۇ يەنى بىزدىن چىكىنەمسىز ياكى چىكىنمەمسىز دەپ سورايدۇ ، بىز بۇنىڭدىن Y كۇنۇپكىسنى چەكسەك چىكىنىدۇ ، ئەگەر N كۇنۇپكىسى بىسىلسا چېكىنمەيدۇ چىكىتىدۇ ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Esc كۇنۇپكىسنى بىسىش ئارقىلىقمۇ بۇ مەشخۇلاتنى قىلشقا بولىدۇ .
مەنبە: تور بىلىملىرى