مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1946|ئىنكاس: 11

رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92299
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1311 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 08:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىلادىئاتورلار قانلىق تەقدىرىنىڭ شاھىدى « گىلادىئاتورلار ئېلىشىش مەيدانى »







قىممەتلىك ماي بۇياق رەسىم :« گىلادىئاتور » 1872 - يىلى




ئىسمى : رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى .  

ئورنى : ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە.

ياسالغان ۋاقتى: مىلادى 72-يىلى.

باھا:  قەدىمقى رىم قۇرۇلۇشىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندە ، شۇنداقلا رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەبەدىيلىكىنىڭ سىمۋولى مەشھور رىم گىلادىئاتورلار مەيدانى ئېسكورىنى تېغىنىڭ بويىدا . يەنى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدىكى ۋېنىتسىيە مەيدانىنىڭ جەنوبى تەرىپىدە. ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى رىم قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندە ، شۇنداقلا رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەبەدىيلىكىنىڭ سىمۋولى. قەدىمقى رىم گىلادىئاتور مەيدانى كىشلەر تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سەككىز ئورۇننىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.  يەنى « چەتئەل  ئەللىرى نەزىرىدىكى دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىلىك قۇرلۇشنىڭ بىرى »  قەدىمقى رىم تارىخنىڭ ھەربىر بېتى گىلادىئاتور مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىلادى 1084-يىلى گىرمانلار رىمغا باستۇرۇپ كىرىپ ، شەھەرنى قۇرۇغداپ قويۇشتى. بۇنىڭ بىلەن گىلادىئاتور مەيدانىمۇ خاراپلاشتى.
   قەدىمقى رىم گىلادىئاتور مەيدانىنىڭ ئەسلى ئسىمى «فېراۋىئو ئۇستى ئوچۇق تىياتىرخانسى » بولۇپ، ئەسلىدە قەدىمقى رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ مۇستەبىت پادىشاھى نىلونىڭ ئالتۇن قەسىرىكى بىر كىچىك كۆل ئىدى. مىلادى 72-يىلى پادىشاھ ۋېسپاسىئان بۇ قۇرۇلۇشنى باشلاپ، مىلادى80-يىلى پادىشاھ دىتونىڭ زامانىدا پۇتكۇزۇلدى. قۇرۇلۇشقا سەككىز يىل ۋاقىت كەتتى. قۇرۇلۇشنى قىلدۇرغان بۇ ئىككى پادىشاھ ۋە ئەڭ ئۇستۇنكى قەۋىتىنى قىلدۇرغان ھۆكۇمران _ بۇلار ھەممىسى فېراۋىئو جەمەتىدىن بولغاچقا ، «فېراۋىئو ئۇستى ئوچۇق تىياتىرخانسى » دەپ تارىختا خاتىرلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇش رىم ئىمپىرىيەسى ئېروسالىمنى بويسۇندۇرغاندا ئىمپىرىيەنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسى ۋە قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئۇچۇن 80مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدى ئەسىرلىرىگە ياساتقۇزغان.
  
   بۇ چوڭ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 100مىڭ كۇپ مېتىر تاش ماتىرىيال ۋە تاشلارنى بىر -بىرىگە چاتىدىغان تومۇردىن 300توننا كەتكەن. كېيىن ئۇدا يەر تەۋرەپ ، بۇ يەر تاش ماتىرىياللار مەيدانىغا ئايلىنىپ ، نۇرغۇن تاشلار يۆتكەپ كېتىلگەن. نۇرغۇن ھەيكەللەر ئوغۇرلىنىپ كېتىلگەن. ھازىرقى رىمدىكى سان -پېتىر چوڭ چېركاۋى قاتارلىق نۇرغۇن قۇرۇلۇشلاردا گىلادىئاتور مەيدانىنىڭ ھۇل تاشلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.1704-يىلى رىم پاپاسى بېرنادىتو زامانىدا گىلادىئاتور مەيدانى مۇقەددەس ئورۇن دەپ قارىلىپ تاش ئېلىش چەكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن مەيدان قوغدىلىپ قېلىنغان. 1800-يىلدىن كېيىن نەچچەقېتىملىق چوڭ رىمونتتىن كېيىن ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن.
   رىم گىلادىئاتور مەيدانى ئېللىپىس شەكىلدە ياسالغان بولۇپ،جەمئىي 20مىڭ كۇۋادىرات مېتىر يەرنى ئىگىلەيدۇ. چوڭ دىئامېتىر 188مېتىر، كىچىك دىئامېترى156مېتىر، ئايلانمىسى 527مېتىر، ئىگىزلىكى 57 مېتىر كېلىدۇ. ئاساسەن سارغۇچ رەڭلىك مەرمەر تاشتىن ياسالغان. جەمئىي 4قەۋەت. 1-2-3-قەۋەتلىرى يېرىم ئوچۇق يۇمىلاق شەكىللىك تۇۋرۇك شەكىلدە ياسالغان . 4-قەۋىتىنىڭ تۇزۇلىشى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، پەنجىرە ۋە يېرىم ئوچۇق قىرلىق تۇۋرۇكلەردىن تۇزۇلگەن. 2-3-قەۋەتتىكى ئۇستى ئەگىم ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرىگە مەرمەردىن قىلىنغان ھەيكەللەر قۇيۇلغان. بۇلار ھەرخىل قىياپەتلەردە ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ۋە ھەيۋەتلىك . پۇتكۇل قۇرۇلۇش قارىماققا زامانىۋى ياسالغان مەيدانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆرۇش سۇپىسى ئۇستىدىن ئاستىغا تۆت گۇرۇپپىغا ،ھوقۇق دەرىجىسىگە ئاساسەن رايونلارغا ئايرىلغان .مەيداننىڭ پەلەمپەي شەكىللىك كۆرۇش سۇپىسى ئۇچ رايونغا بولۇنگەن. ئاستىدىكى بىر قاتارى پالاتا ئەزالىرى ۋە يۇقىرى تەبىقە كىشلىرىگە تەييارلانغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسدا ئايرىمخانىلىرى بار بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى پادىشاھنىڭ، ئىككى قانات تەرىپىدىكىسى ھۆكۇمران ئەمەلدارلار ۋە تەڭرىگە ئاتالغان قىزلارغا تەييارلانغان. ئۇستىدىكى ئورۇنلار ئاقسوڭەكلەرنىڭ ، ئۇنىڭ ئۇستىدىكىسى ئاددى پۇقرالارنىڭ ئورۇنلىرى.

ئۆزۋاقتىدا رىم گىلادىئاتورلار مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا 50 مىڭدىن  كۆپ  ئادەم قىقاس - چوقانلار ئىچىدە گىلادىئاتورلارنىڭ قانلىق ئېلىشىشلىرىنى كۈرەتتى ...




مەنبە :  تارىخ بەتلىرىدىن ساقلىۋالغانلىرىم .


[mp3=1]http://zhangmenshiting2.baidu.com/data2/music/7335926/7335926.mp3?xcode=45e27b2617ddf5cac45549e4ad875038&mid=0.16183967436722[/mp3]

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

كۆزۈڭنى ئاچ ،ئۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19684
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8503
تۆھپە نۇمۇرى: 613
توردا: 6913 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 11:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن قان تۇكۇلگەن .  لىكىن بۇ قۇرۇلۇش شۇ ۋاقىتتىكى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى

دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 11:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قۇرۇلۇش قەدىمقى مەدىنىيەت تارىىنىڭ سىموۋۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13428
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5931 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 11:21:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بىلەن ئادەمنى بىر-بىرىنى ئۆلتۇرگۈزۈپ ياكى مۇشلاشقا سېلىپ كوڭۇل ئېچىش بىز ئىنسانلاردىكى نىمە دىگەن قەبىھ پەسكەشلىك ھە!

بۇ ئالەمنىڭ تارا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9920
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11277
تۆھپە نۇمۇرى: 1723
توردا: 9758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 11:32:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ مەيداندا سىپارتاك ئۆزىنىڭ باتۇرلۇغى بىلەن نام چىقارغان ھەم قوزغىلاڭ كۆتەگەن ئاخىرى ساتقۇن تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12766
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-28 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ توغرىسىدا كىنو بولسا ئادرىسىنى يوللاپ قويۇڭلارچۇ!

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40130
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 01:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىلادىياتۇر دىگەن كىنۇنى كۇرۇڭ پڭچەت كىنو تورىدا باتتى ئۇچۇرۋەتمىگەنلا بولسا.

nala

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92299
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1311 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 01:07:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  kamran كە 2011-11-28 02:20 PMئەۋەتىلدى  :
شۇ توغرىسىدا كىنو بولسا ئادرىسىنى يوللاپ قويۇڭلارچۇ!

  ۋوللىۋود نىڭ داڭلىق چولپانى  RUSSELL CROWE باش رول ئالغان  نادېر فېلىم « گىلادىئاتور » نى كۈرۈڭ ...

مەزكۇر فېلىم 2000 - يىلى ئىشلەنگەن بۇلۇپ 5 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ ۋوللىۋود  نادېر كىنولار قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ...

بەيدۇغا كىرىپ  GLADIATOR دەپ باسسىڭىزلا چىقىدۇ ....

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-30 04:52:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قانلىق پاجىئەلەرنىڭ بىرى ئاتالمىش گىلادىئاتور كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدۇر...............

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73062
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 12:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش