روھلان تور بېكىتى قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان تور بېكەتنىڭ مەزمۇنىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ،
روھلان تور بېكىتىنىڭماركىسى ۋە تور بېكەت قۇرۇلمىسى سۈپىتى ۋە ئېلان تەشۋىقاتىغا كۆڭۈلبۆلەلمىگەن ئىدۇق، 3 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا مىللى مائارىپىمىز ۋەئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ،بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردۇق، نۇرغۇنلغانتەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق، بۇ جەرياندا بىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنتورداشلار ۋە ھەر قايسى تور بېكەتلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىگە يارىشا ماركىسى بولغىنىدەك، بىر تور بېكەتنىڭمۇماركىسى بولۇشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بىز ماركا لايىھەلەش ئىشلىرىداپىشقان
تۇغلان لايىھەلەش سىتودىيسىگە
روھلان تور بېكىتىنىڭ خاس ماركىسىنى لايىھەلەتتۇق .
تۆۋەندىكىسى
روھلان تور بېكىتى بۇندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان تور بېكەت تۇغى:
روھلان تور بېكىتىمىزبىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان تور بېكەت ۋەبلوگگىرلارنىڭ ئۆز بېكىتىدىكى بېكىتىمىزنىڭ تۇغىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپقۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز .
تۆۋەندىكىسى
روھلان تور بېكىتى بۇندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان ماركا كۆرۈنىشى .
تۆۋەندىكىسى
روھلان تور بېكىتى بۇندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلىتىدىغان تور بېكەت نامى
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ بۇ ماركا لايىھەسى ۋە بېكەت نامىنىڭيېزىلىشىنى ئوخشىتىپ ئىشلەتمەسلىكىنى، ئۆزگەرتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمىز، بۇماركا دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى .
ماركىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىگەن مەنىسى ھەققىدە
روھلان سۆزىنىڭ مەنىسى : جانلان ، كۆتۈرەڭگە روھلۇق بول ، غەيرەتلىك بول ، ئالغا باس ، گۈللەن . . .
روھلان : كومپيۇتېر ساھەسى ۋە تور بېكەت قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەقسەتقىلغان بولۇپ ماركىنى لايىھەلەشتە مەزمۇن ۋە شەكىلنى ياخشى بىرلەشتۈرۈشئاساسىي تۈپ مەقسەت قىلىنغان .
(1) روھلان ماركىسى ئومومىي شەكىل جەھەتتىن روھلان دىگەن خەتنىڭ لاتىنچە ،ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ، خەتنى ئوراپ تۇرغان بىر ياي سىزىق ۋە ئاددى شەكىلدىكىبىر بۈركۈت قاتارلىقلار سەل ئوڭغا قىيپاش ھالدا ئۇستىلىق بىلەن بىرىككەن .
(2) روھلان دىگەن خەتنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى ئۆلچەملىك ھالەتتە يېزىلغانبولۇپ ، ناھايىتى چوڭ سۈپەت ، ئۈستىدىكى ياي سىزىق يەر شارىغا ۋەكىللىكقىلىنغان ، ھىچقانداق مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلمىغان، ماركاروھلاننىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك كەسىپ ۋە مۇلازىمىتىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتەكەڭ دائىرىلىك ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە نىشانىنى ئەكىسى ئەتتۈرگەن .
(3) ماركىنىڭ ئۈستىدە ئاددى ھالەتتىكى بۈركۈت شەكلى ئۇستىلىق بىلەنئىپادىلەنگەن بولۇپ ، روھلاننىڭ لاتىنچە يېزىلىشىنىڭ باش ھەرىپى «r» نىڭسەنئەتلىك ئۆزگەرتىلىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن . بۈركۈت ناھايىتى قەيسەر ،روھلۇق ، چىدامچانلىقى كۈچلۈك ھەم ئۆتكۈر كۆزلۈك قۇش بولۇپ ، ئومومىي شەكىلباشتىن ئاخىرى ئوڭغا قىيپاش ھالدا ئالدىغا ئىنتىلىپ ، يىڭىلىق يارىتىش ،تەرەققىي قىلىش نىشانىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن .
(4) روھلاننىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ۋە لاتىنچە يېزىلىشى كۆرۈش سېزىم جەھەتتىنبىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ مۇقۇم ھالدا تەڭ قەدەمدە ئالغا ئىنتىلىش روھىنىئىپادىلىگەن .
(5) روھلان ماركىسى يۇقۇرى پەن تېخنىكا ، يېڭىلىق يارىتىش ، ئالغانئىنتىلىش ، ئىغىر بىسىقلىق ، ئىلىم - مەرىپەت ۋە يىراق كەلگۈسىنىئىپادىلەيدىغان كۆك رەڭدىن ، قىزىل رەڭدىكى قىزغىنلىق ، سىرىق رەڭدىكىيورۇقلۇق ۋە تىتىك ، جانلىقلىق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئاپسىلىن رەڭدىنتۈزۈلگەن .
ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ قوۋۋەتلىگەن بارلىق تورداشلارغا ۋە تور بېكەتلەرگە ئالاھىدە رەھھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز .
ھۆرمەت بىلەن: روھلان تور بېكىتى
2011-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى