مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3861|ئىنكاس: 52

سىرلىق  خىروستال  ئىسكىلىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11130
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 02:06:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىرلىق  خىروستال ئىسكىلىت



                                                                                




          كۆپىنچىلىرىمىز ئىلگىرى خىروستال ئىسكىلىت  توغرىسىدا بەزى خەۋەرلەرنى، كىنو  فىلىملەرنى كۆرگەن بولىشىمىز مۇمكىن، بۇلار  كۆپىنچە ھاللاردا فانتازىيە ياكى ئويدۇرما شەكىلدە  كۆزئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ئەمما ھەقىقى خىروستال ئىسكىلىت  بىز ياشاۋاتقان يەرشارىدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ سىرى تا ھازىرغىچە يىشىلمىگەن.
        1839-يىلى  ئامېرىكىلىق  يوھان  سىتېۋىن ۋە  ئەنگىلىيىلىك بىر رەسسام ھازىرقى  ھوندۇراس ئىسسىق  بەلباغ  ئورمانلىقىدا  قەدىمى  مايا  خارابىلىكىنى  بايقىغاندىن  كېيىن مايا  مەدەنىيىتى  پۈتۈن  دۇنيانىڭ  دىققىتىنى  تارتىشقا باشلىغان.
      ئامىرىكا قىتئەسىدىكى   ھىندىئانلارنىڭ  ئارىسىدا  مۇنداق بىر  رىۋايەت تارقالغان  بولۇپ،  بۇرۇنقى  زاماندا  13دانە خىروستال ئىسكىلىت بار بولۇپ، ئۇلار سۆزلىيەلەيدىكەن، ناخشا ئېيتالايدىكەن،شۇنداقلا ئالەمنىڭ سىرلىرى، ئنسانلارنىڭ پەيدا بولىشى ۋە زاماننىڭ ئاخىرلىشىشىنى بىلىدىكەن.
    بۇ  رىۋايەت  ئامېرىكا  قىتئەسىدە  نەچچە مىڭ يىدىن  بېرى  تارقىلىپ كەلگەن بولسىمۇ كىشىلەر  ئۇنى پەقەت رىۋايەت ياكى  ئەپسانە  دەپلا  چۈشىنپ كەلگەن ئىدى.    بىراق 1927-يىلىدىكى بىر  بايقاش  كىشىلەرنى  بۇ توغۇرلۇق قايتا ئويلاندۇرۇپ قويدى.
        1927-يىلى ئەنگىلىيىلىك  ئېكىسپىدىتسىيچى  مېشىر ھېيگىس  بىر  ئېكىسپىدىتسىيە  ئەترىتى  تەشكىللەپ  بۇ  خارابىلىققا  كېلىدۇ،ئۇ  بۇ قېتىمقى ئېكىسپىدىتسىيەگە  يەنە بېقىۋالغان قىزى  ئاننا مېشىر نىمۇ  بىرگە  ئېلىۋالىدۇ. بۇ  سىرلىق  قەدىمى  شەھەر خارابىسى  ئاننا نى  ئىنتايىن جەلىپ  قىلىۋالغان بولۇپ  ئۇ  ئەتراپتىكى  مەنزىرىلەرنى  تاماشا  قىلغاچ    بىر  ئەلئېھرامنىڭ  ئۈستىگە  چىقىپ  ئوينايدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ  ئەلئېھرامنىڭ  يېرىقىدىن بىر پارقىراۋاتقان  نەرسىنى  كۆرۈپ  قېلىپ  دەرھال  ئاتىسىغا    ئېيتىدۇ.ئەترەتتىكىلەر  دەرھال  كېلىپ، ئەلئېھرامنىڭ ئىچىگە  بىرسىنى چۈشۈرۈپ  ھېلىقى  پارقىراق  نەرسىنى ئالىدۇ. بۇ  بىر خىروستالدىن  ياسالغان  ئادەم  بېشىنىڭ ئاستىنقى ئېڭەك قىسمى  يوق   ئىسكىلىت مودىلى  ئىدى. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە بۇ جايدىن 25 ئىنگىلىز چىسى  يىراقلىقتىن ئۇنىڭ   ئاستىنقى  ئېڭەك  قىسمى  تېپىلىدۇ.
        بۇ  خىروستال  ئىسكىلىتنىڭ ئېگىزلىكى 12.7 سانتىمىتىر، ئومۇمى ئېغىرلىغى  5.2 كلوگرام بولۇپ، بىر ئايال كىشىنىڭ باش سۆڭىكىگە  ئەينەن تەقلىد  قىلىپ  % 100 لىك ساپ  سۈزۈك خىروستالدىن   ياسالغان.
      ئەينى  چاغدا  يەرلىك  بىر  بوۋاينىڭ مېشىرغا ئېيتىشىچە،بۇ  ئىسكىلىتنىڭ تارىخى  ئىنتايىن ئۇزۇن  بولۇپ 100مىڭ يىل ئىلگىرى  مايالار   ئۆزلىرىنىڭ   ئۇلۇغ ئاقساقىلىنىڭ  نەزىرىگە  ئاتاپ، ئۇنىڭ  سىياسى  ۋە  ئەقىل  پاراسىتىنىڭ  يۈكسەكلىكىنى خاتىرلەش،ۋە ئۆزتارىخنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياسىغانىكەن. كىشىلەر  بۇنىڭغا ئىشەنمىسىمۇ  لېكىن ئالىم - تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ  تارىخىنىڭ ھەرگىزمۇ  بوۋاي  ئېيتقان  تارىختىن كەم ئەمەسلىگىنى جەزىملەشتۈرگەن.
        كىشىلەر  بۇبايقاشتىن  كېيىن نۇرغۇنلىغان  تەتقىقات  ۋە  ئىزدىنىشلەرنى  ئېلىپ  بارغان بولۇپ، ئىزدەنگەنسىرى بۇنىڭغا  ئەقلى يەتمىگەن.بولۇپمۇ  ئۇنىڭ  ياسىلىشى  بىر  سىر بولۇپ: ئۇ  %100ساپلىقتىكى قاتتىقلىق  دەرىجىسى  ئىنتايىن  يوقۇرى بولغان سۈزۈك  خىروستالدىن  ياسالغان،ئۇنىڭ  چوڭ -كىچىكلىگى، بارلىق   شەكىل ۋە ھالقىلىرى ھەقىقى ئادەم  ئسكىلىتىغا  تەقلىد قىلىنىپ، %99 ئۆلچەم بويىچە  ئوپئوخشاش ۋە ئىنتايىن نەپىس، سىلىق ياسالغان. بۇنىڭدىن ئۇنى ياسىغۇچىنىڭ   ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسىگە ئىنتايىن پىششىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.  يەنە ئۇنىڭ  قاتتىقلىق  دەرىجىسى  ئالماستىن سەللا تۆۋەن بولۇپ، پەقەت ھازىرقى دەۋىردىكى ئالماس پىچىقىدىن  باشقا  پولات، تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتاللارئارقىلىق ياساش مۇمكىن ئەمەسكەن.شۇنداقلاخىروستال ئىنتايىن چۈرۈك بولۇپ  ئالماس پىچىقىدا ياسالغان تەقدىردىمۇ ئۇدەرىجدە ئۆلچەملىك  قىلىپ ياساش مۇمكىن ئەمەسكەن. ئادەمنى  تېخىمۇ ئويلاندۇرىىغىنى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى مايالار ھەتتا تۆمۈرمۇ ياسىيالمايدىغان تۇرسا، بۇ خىروستال ئىسكىلىتنى قانداق ياساپ چىققان؟ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە شۇدەۋىردە ياساش كەلسە پەقەت قۇم ۋە سۇ ئارقىلىق سىلىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىقلا  ياساپ چىققىلى بولىدىكەن، ئەمما بىر ئادەم كۈنىگە 24 سائەت ئىشلىگەندە بۇھالەتتە ياساپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن كەم بولغاندىمۇ  300يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.
      بەزى   تەھلىلچىلەر  بۇنى يىراق قەدىمدە  تاشقى پىلانت ئادەملىرى مايالار ياشىغان ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىغا كېلىپ،مايالارغا  كالىندار قانۇنىيىتى ۋە باشقا بىلىملەرنى ئۆگەتكەن، ۋە ئادەملەرنى تەتقىق قىلىپ بۇ ئىسكىلىتنى ياسىغان، كېيىن مايالارغا سوۋغا سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن دەپ پەرەز قىلىشقان.كىشىلەر بىرقىسىم ھادىسىلەرنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يىشىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ كۆزقاراشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان.ئەمما بۇنىڭغىمۇ  تۇللۇق يىتەرلىك ئىسپات تېپىلمىغان.
       ئەينى چاغدا بىرقىسىم كىشىلەر بۇ ئىسكىلىتنى قولىغا ئالغاندا ئۆزىدە خۇددى كىشىلەرنىڭ چوقان سۈرۈن سېلىشىۋاتقان،داقا-دۇمباق سادالىرىنى،دەريا - شارقىرتمىلارنىڭ ئاۋازلىرىنى  ئاڭلىغاندەك سېزىم پەيدا بولغان، يەنە بەزى ئېغىر كېسەللەر قولىغا ئالغاندا مۆجىزىلەرچە ساقىيىپ كەتكەن،ئۇنىڭغا نۇر چۈشۈرگەندە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگاھرەڭ ھالەتكە كەلگەن.بۇھال كىشىلەرنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.
      ئۇنداقتا  ھىندىئانلارنىڭ رىۋايەت  ئەپسانىلىرى راستمۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەن سۆزلىيەلەمدۇ؟ ناخشا ئېيتالامدۇ؟تارىخ ۋە ئالەم  سىرلىرىنى بىلەمدۇ؟
     ئالىملار بۇنىڭغا ئىشەنمىسىمۇ  لېكىن بەزى كۆزقاراش  ۋە بايانلارنى  چەتكە  قاقمىغان،چۈنكى  رىۋايەت قىسسەلەرمۇ مەلۇم ئەمەلى  ۋەقە ۋە مەۋجۇداتقا ئاساسەن بارلىققا كېلىدىغانلىغىنى  ئوتتۇرىغا  قويۇپ،خىروستال ئىسكىلىتنىڭ  سۆزلەپ ناخشا ئېيتىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىراق ئىچىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن بولۇشى  مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇتوغۇرلۇق تەجىربە ئىشلەپ،خىروستالنى ساقلىغۇچ ئۆزىكى قىلىپ،لازىر نۇرئارقىلىق سېفىرلىق  ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ، مەلۇم  ۋاقىتتىن  كېيىن يەنە لازىر نۇر ئارقىلىق چىقىرىپ قۇبۇل قىلغاندا ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغانلىقىنى بايقىغان، دېمەك  خىروستال ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات  ساقلاش فىزىكىلىق قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. يوقارقى تەجىربە  بويىچە ئېيتىلغاندا  خىروستال ئىسكىلىت  بولسا بىر ئىچكى  ساقلىغۇچ،  قىسقىسى بىر قاتتىق دېسكا بولىشىمۇ  مۇمكىن.
       بىراق لازىر نۇر تېخنىكىسى تېخى بارلىققا كەلمىگەن شۇ دەۋىرلەردە ئۇچۇرلار ئۇنىڭغا قاندا  كىرگۈزۈلگەن؟ بۈگۈنكى دەۋىردە ئۇنى يەنە قانداق چۈشۈرۈپ قۇبۇل قىلىمىز؟ئەجەبا نەچچە مىڭ  يىللار بۇرۇنقى مايالار ھازىرقى زامان كىشىلىرى تېخى ئىگەللەپ بولالمىغان ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىگەللەپ بولغانمۇ؟
      تېپىلغان خىروستال ئىسكىلىت پەقەت بۇ بىر دانىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئامىرىكا قىتئەسى قاتارلىق جايلاردىن يەنە بىرنەچچە دانە تېپىلغان، ئەمما بۇلار ئۇنچە ئۆلچەملىك ياكى مۇكەممەل  بولماستىن،ئىنتايىن ئاددى ۋە ساپلىغى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، كېيىن بۇلارنىڭ   19-ئەسىردە  كىشىلەر تەرىپىدىن  ياسىالغانلىقى  ئېنىقلاندى،  يەنە بەزى تەھلىلچىلەر مېشىر بايقىغان  خىروستال ئىسكىلىتنىمۇ شۇلار تارىخى قىسسە رىۋايەتلەرنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بېرىش، تارىخى مەدەنىيەتنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن ياسىغان دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق ئىقتىساد شۇنچە كاسات، تېخنىكا ئۇنچە يۇقۇرى بولمىغان دەۋىردە كىممۇ شۇنچە قىممەت باھالىق خىروستالدىن  شۇنچە زور كۈچ سەرىپ قىلىپ بۇنى ياساپ ،يەنە كېلىپ ئۇيەرگە تاشلاپ قويىدۇ؟  شۇنداق بولسا ئۇنىڭ  تۇتقان  كىشىگە بېرىدىغان غەلىتە تەسىرى،  كېسەللەرنى ساقايتىدىغان خىسلىتىنى  قانداق چۈشىنىش كېرەك؟  بۇ  تا  ھازىرغىچە بىر سىر  بولۇپ كەلمەكتە.......

    بۇ خىروستال ئىسكىلىت  ئىنتايىن مۇكەممەل بولغانلىقتىنمۇ ياكى ئىنتايىن سىرلىق بولغاچقىمۇ  تالاي يىللاردىن بويان نۇرغۇنلىغان گۇمان ۋە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارنى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە، شۇڭا بىز بۇسىرلارنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.


            مەنبەئە: CCTV-10 (ئىزدىنش ۋە بايقاش پروگراممىسى)
            تەرجىمە تەھرىرى:   ھېكمەت ئۇيغۇر


   ھۆرمەتلىك  دوستلار، بۇپەقەت مېنڭ تەرجىمە ئەسىرىم خالاس، ھەرقانداق ئىدىيە ۋە كۆزقارىشىم قوشۇلمىغان، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ باشقىچە چۈشىنىپ ۋە ئويلىنىپ قالماسلىغىنى، ئىملا ۋە تەرجىمە خاتالىغى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇپ چۈشىنپ كېتىشىنى سورايمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئىدىرىسجان + 100 ئەجىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئتقاد-ئارغامچا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54691
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 946
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2011-9-4
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 11:54:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزىگە رەھمەت ، بولسا تىخىمۇ كۆپ يوللاپ بىزنى تەمىن ئىتىپ تۇرغايسىز . مايالىقلار ، ئۇلار ھەققىدىكى رىۋايەت-ئەپسانىلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ .

فتنە قىلماق خۇنى ناھەقتىن يامان،فتنەچى قالماس جەھەننەمدىن ئەمان،خۇنى ناھەق فتنەدىن  پەيدابولۇر،فتنەدىن ئالەمدە كۆپ غەۋغا بولۇر.--(ئاپتورنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9991
تۆھپە نۇمۇرى: 543
توردا: 8299 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 11:57:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئىچىلمايدىغان سىر يوق . خىرىستال ئىسىكىلىت بىلەن قورئان كەرىمنى  باغلاپ تۇرۇپ تەتتىقات قىلسا جاۋابى چىقىدۇ .

ئاللاھ ئاشىق مەن مەشۇق ، ئۆلۆكدىن ئاۋاز چىقماس .

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:18:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە سەۋىيىڭىز يۇقىرى ئىكەن لىكىن بۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن ،

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

نەگە كېتىپ بارىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66783
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1270
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 454 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستمىدۇر بۇ گەپ ھە ؟ . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6837
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 1329 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:38:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنڭغا ئىشنىش ئىشەنمەسلىك كەتمەيدۇ ھازىر بۇنداق ئىشلار سىرلار تولا ، بەزىلىر راس بەزىلىر يالغان ، كىشنى جەلىپ قىلىدىغىنى مۇشۇنداق راس بۇلغان سىىرلار

بىز ھەممىمىز كەت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65072
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئايسىماننڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن

بىز ھەممىز قايـتقۇچىلارمىز ئىسىل ياشايلى

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4138
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8419 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 01:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ كورگەن بىر قىسىم ماتىرياللاردا دىلىلىشىچە قەدىمقى مايالار ئارىسىدا بۇنداق بىر رىۋايەت بار .
2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىنسانلار كۈننىڭ پاتقىنىنى كۆرەلەيدۇ لېكىن كۇننىڭ چىققىننىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ مەنگۈلۈك كېچە باشلىنىدۇ ، يەنى ئاخىرقىي زامان بولىدۇ .  
يەر شارىدا خىرىستال ئىسكىلىتتىن جەمىي 13 تال بار بولۇپ ، ئوخشاش بولمىغان جايلارغا يۇشۇرۇنغان ، ئەگەر ئىنسانلار ئاخىرقىي زامان بولىدىغان كۇندىن بۇرۇن 13 تال خىرىستال ئىسكىلىتنى تېپىپ بىر يەرگە قويالىسا دۇنيانى قۇتقازغىلى بولىدۇ دىيىلگەن .
1 - خىرىستال ئىسكىلىتى تېپىلغاندىن كېيىن بۇ رىۋەيەت كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان  شۇنىڭ بىلەن 2012 - يىل ئاخىرقىي زامان بولىدۇ دىگەن قاراشلار يامراپ كەتكەن .
  

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66004
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 01:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا سىرلىق ئىشلار تولا.. يەنە نۇرغۇنلىغان سىرلار تېخى بايقالمىدى..

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20544
تۆھپە نۇمۇرى: 862
توردا: 7866 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 01:07:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ ئەجىر قىپسىز، تەرجىمىڭىزنىڭ داۋامى ئۇزلۇپ قالمىغاي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش