مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2232|ئىنكاس: 11

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14073
تۆھپە نۇمۇرى: 2147
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 07:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ھەققىدە
                                                        پەرھات جىلان


"شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى" نىڭ ئۇيغۇرچە (پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن قىسمى)1997-يىللىق 1-سانىدا 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنىڭ نەشىرىيات مۇقەددىمىسى ئېلان قىلىندى.(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 《ئىنگلىزچە مۇقەددىمە》دەپ ئاتىلىدۇ).ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى يازغان بۇ قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى دۇنياۋى تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدىكى،جۈملىدىن《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق كاتتا ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.ئىنگلىزچە مۇقەددىمىدە دىۋاننىڭ قول يازمىسىدىكى كېيىنكى دەۋىرلەردە يېزىپ قالدۇرلغان تۈرلۈك خەت ئىزلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شەرھىلەنگەن.دىۋان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ بوش ئورۇنلىرىغا يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەنە شۇ قىسقىچە خاتىرىلەر،ھەقىقەتەنمۇ،دىۋان تەتقىقاتىدىكى يېڭى تەتقىقات ھىساپلىنىدۇ.شۇ يېڭىلىقلار بۇ ساھەدىكى ئىلمىي خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرگۈسى.
ۋەھالەنكى،داۋان تەتقىقاتى مۇنداق ئىككى چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:
1) دىۋاننىڭ تولۇق تېكىستى(كېيىنكىلەر تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان خەت ئىزلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)؛2) دىۋان ئاپتورىنىڭ سالاھىتى ۋە دىۋاندا ئىپادىلەنگەن تىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى.ئىگلىزچە مۇقەددىمىدە 1-مەزمۇنغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن،بىراق 2-مەزمۇن نىمە ئۈچۈندۇر تەتقىقات خاراكتېرىدە ئەمەس،بەلكى خەۋەر ياكى ئادەتتىكى بايان تەرقىسىدە قىسقىچىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
بۇ ماقالىدە ئىنگلىزچەمۇقەددىمىدىكى دەل ئاشۇ ئاجىز ھالقا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق.
ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى دىۋان ئاپتورىنىڭ يۇرتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەندە 《ئۇ (مەھمۇد قەشقىرى) Ⅺ-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئىسسىق كۆل بويىدىكى بارسغان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن》 دىگەن بىر جۈملە سۆز بىلەنلا چەكلىنىدۇ.ئەپسۇسكى بۇ ئاپتۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇخىل كۆز قارىشىنى ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھىچقانداق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرەلمەيدۇ.ئىنگلىزچە مۇقەددىمىگە بېرىلگەن 5-ئىزاھتا يەنە 《 <الكاشغرى> دىگەن تەخەللۇس تىتۇل بېشىدىلا ئۇچىرايدۇ.بۇنىڭدا بىر ئاز گۇمان بار.چۈنكى ئاپتور قەشقەردىن بولماستىن بارسغاندىندۇر》 دىيىلىدۇ.دېمەك،بۇ ئىزاھتىمۇ ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى ئىسپاتلانمىغان كۆز قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ.شۇ ئىزاھنىڭ ئاخىرىغا يەنە : 《ئاپتورنىڭ (مەھمۇد قەشقەرىنىڭ)ھاياتى ھەققىدە ئومېلىئان پرىتساكنىڭ ...<مەھمۇد قەشقەرى كىمدۇر؟>دىگەن ماقالىسىغا قارالسۇن》دىگەن بىر جۈملە قوشۇپ قويۇلغان.

ئۇنداقتا بىز ئەنە شۇ《مەھمۇد قەشقەرى كىمدۇر؟》دىگەن ماقالىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئو.پرىتساك《قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى》ناملىق ئەسەر ۋە ئەرەب تارىخچىسى ئىبىن ئەل ئەسىرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسى ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلىگە ئاساسلىنىپ،Ⅺ-ئەسىردىكى قەشقەر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نەسەبلىك باغلىنىش مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ ۋە ئاخىرى: 《بۇنداق بولغاندا،ماۋارەئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى ئىستىلاچىسى (يۈسۈپ قادىرخاننى دېمەكچى-ئاپتور) نىڭ نەۋرىسى بولغان بارسغان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسى بولۇپ چىقتى》 دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.ئو.پرىتساك يەنە ھۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭⅪ- ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا《ئارسىلان ئىلىك خان》ئۇنۋانى بىلەن قەشقەردىن بېرىپ،بارسغانغا ھاكىم بولغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.قىسقىسى بۇ ماقالىدە،مەھمۇد قەشقىرىنى ياكى ئۇنىڭ ئاتىسىنى بارسغانلىق دەيدىغان پىكىر تىلغا ئېلىنمىغان.دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇلارنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكى قاراخانىلار تارىخىدىن ئېلىنغان پاكىتلار ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
تۈركىيە ئالىمى شاكىر ئۈلكۈ تاشىرنىڭ 《بۈيۈك تۈرك تىلچىسىقەشقەرلىك مەھمۇد》ناملىق ئەسىرىدە بۇمەسىلە بىر قەدەر كېڭەيتىپ سۆزلەنگەن بولۇپ،ئۇنىڭدىمۇ مەھمۇد قەسقەرىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى گېڭ شىمىننىڭ 《قاراخانىلار تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان》ناملىق ماقالىسىدە،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىكى خان جەمەتىنىڭ ئەاسى ئىكەنلىكى نەسەب تەرتىپى بويىچە سخېمىلاشتۇرۇپ كۆرسىتىلگەن.يەنى-يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخان،ئۇنىڭ ئوغلى ھۈسىيىن ئارسىلان ئىلىك خان،ئۇنىڭ ئوغلى مەھمۇد قەشقىرى.
ئېلىمىز تارىخچىسى ۋېي لياڭتاۋنىڭ 《قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى》ناملىق مەخسۇس ئەسىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورنىدىمۇ يۇقىرقىدەك كۆز قاراش تەكىتلەنگەن.
شۇنداق قىلىپ، 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》دىكى مەلۇماتلار بىلەن قاراخانىلار تارىخىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا ۋە بولۇپمۇ بۇ خانلىقنىڭ نەسەبلىك باغلىنىشىنى ئېنىقلىغاندا،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يۇرتى بارسغان بولماستىن، قەشقەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.ئەقەللىسى،《قەشقەرى》تەخەللۇسنىڭ ئۆزىلا دىۋان ئاپتورىنىڭ يۇرتىنى ھىچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.بۇ تەخەللۇس تىتۇل بېشىدىلا ئۇچىرايدۇ. 《بۇنىڭدا بىر ئاز گۇمان بار.چۈنكى ئاپتور قەشقەردىن بولماستىن،بارسغاندىندۇر》دېگەن پىكىر چۈشىنىس تەس.ئەجەبا،ئاپتورنىڭ ئىسمى ۋە تەخەللۇسى تىتۇلدا بىر قېتىملا يېزىلغانلىقى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟بارلىق پاكىتلار،يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك،دەۋان ئاپتورىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نۇقتىئىي نەزەرنى كۈچلۈل ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ تۇرماقتا.
ئەمدى بىز مەھمۇد قەشقەرىنى بارسغانلىق دېگەن كۆز قاراشنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.ئالدى بىلەن شۇنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى،دىۋان ئاپتورى شەرقىي قىسىم قاراخانىلار خانجەمەتىنىڭ ئەزاسى.بۇ نۇقتىنى مۇشۇ ساھەدىكى بارلىق تەتقىقاتچىلار،جۈملىدىن ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرىمۇ بىر دەك ئېتىراپ قىلىدۇ.تارىخىي پاكىتلار ئەينى دەۋىردىكى خان جەمەتىنىڭ قەشقەردە تۇرغانلىقى ياكى قەشقەردىن چىقىپ باشقا جايلارغا ھۆكۈمرانلىققىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.شۇنداق بولغانلىقى تامامەن چۈشىنىشلىك بولۇپ،كىشىنى قايىل قىلىدۇ،چۈنكى قەشقەر شەھىرى دەسلەپتا پۈتۈن خانلىقنىڭ،كېيىنچە شەرقىي قاراخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئاستانىسى بولغانىدى.ۋەھالەنكى،بارسغان شەھىرى ھېچقانداق خانلىقنىڭ ۋە ياكى بىرەر مەمۇرىي رايوننىڭ سىياسىي – مەدەنىي مەركىزى بولغان ئەمەس.
بىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بارسغان ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە بارسغان ھەققىدە مۇنداق دىيىلىدۇ: 《بارسغان ئەفراسىياپنىڭ ئوغلىنىڭ ئېتى.بارسغان شەھىرىنى شۇ بىنا قىلدۇرغان.بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىدۇر》.
بۇ تەبىر ھەرگىزمۇ مەھمۇدنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ بارسغانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرمايدۇ،بەلكى 《مەھمۇدنىڭ ئاتىدى ئىگىدارچىلىق قىلىپ باشقۇرغان شەھەر 》دېگەن مەنىنى خېلى روشەن ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە يەنە مۇنداق بىر ماقالە خاتىرلەنگەن:
قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان،
ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان.
يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان،
خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان.

مەھمۇد قەشقەرى بۇ ماقالنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ ، مۇنداق دەيدۇ: 《...ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بارسغانلىقتۇر،چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇيى ئەسكى ۋە ئۆزلىرى بېخىل كېلىدۇ》.
بۇ ماقال ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى دىۋان ئاپتورىنىڭ ئەسلا بارسغانلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىڭ دەلىللەپ تۇرىدۇ. مۇبادا مەھمۇد قەشقەرى بارسغانلىق بولغىنىدا،ئۆز يۇرتى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان بۇنداق ماقالنى مىسالغا ئالمىغان ۋە بۇنداق چۈشەندۈرمىگەن بولاتتى.خۇسۇسەن،كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە قەبىلىۋازلىق ۋە يۇرتۋازلىق ئەقىدىلىرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللەپ تۇرغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىدا ياشىغان بىر شەخسنىڭ بۇنداق غەيرى پىكىرلەرنى بايان قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ھالبۇكى،مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ دىۋانىدا 《ئوپال》ۋە 《ئازىخ》دېگەن يەر ناملىرىغا 《بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى》دەپ تەبىر بېرىدۇ. 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە كەلتۈرۈلگەن باشقا ھىچقاداق يەر – جاي ناملىرىغا بۇنداق تەبىر بېرىلمىگەن.دېمەك،بۇ ئىككى تەبىرمۇ دىۋان ئاپتورىنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.چۈنكى ئازىخ (ھازىر – ئازىق) ئوپالدا ،ئوپال قەشقەردە.
بىز 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تىنمۇ ۋە باشقا ھەرقانداق مەنبەدىنمۇ 《قەشقەرلىق》تەخەللۇسىنى قوللانغان مەھمۇدنىڭ بارسغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدىغان بىرەرمۇ پاكىت تاپالمايمىز.ئەكسىچە،بارلىق پاكىتلار بۇ زاتنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ.
ئىنگلىزچە مۇقەددىمىدە يەنە مۇنداق بىر جۈملىنى كۆرىمىز: 《 مەھمۇد قەشقەرى شۇ يەردە (بارسغاندا) ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ماۋارائۇننەھىرگە ھۆكۈمران بولغان قاراخانىلار سۇلالىسى جەمەتىگە مەنسۇپ》.مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 《قاراخانىلار سۇلالىسى جەمەتىگە مەنسۇپ 》بولغالىقىدا شەك يوق،لېكىن 《ئوتتۇرا ۋە ماۋارائۇننەھىرگە ھۆۈمران بولغان 》شۇ قاراخانىلارنىڭ چوڭ خاقانلىرى بارسغاندا ئەمەس،بەلكى قەشقەر ۋە بالاساغۇندا تۇرغان.مىلادى 1042-يىلى قاراخانىلار خانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملارغا بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن شەرقىي قىسىمدىكى 《ھۆكۈمرانلار》قەشقەردە،غەربىي قىسىمدىكىلىرى سەمەرقەنتتە تۇرغان.بارسغان بۇنداق ئالىي 《ھۆكۈمرانلار 》ئەمەس،ئىككىنچى دەرىجىلىك خانلاردىن ئىبارەت بولغان ئىلىك خانلار ئىش باشقۇرغان.
ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە ئىپادىلەنگەن تىل ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: 《ئاپتور (مەھمۇد قەشقەرى) ئۆزى تەسۋىرلىگەن تىلنى <تۈركىي> دەپ ئاتايدۇ.بەزى سۆزلەرگە <خاقانىيە > تىلى دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.بۇ (قاراخانىلار ئوردىسى) غا خاس سۆزلەر دىگەنلىك بولىدۇ.ئۇنىڭدا ئاساسەن قاراخانىلار قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى چىگىل قەبىلىسىنىڭ تىلى ئاساس قىلىپ ئېلىنغان 》.ئەپسۇسكى،بۇ كۆز قاراشمۇ ھېچقانداق تارىخىي پاكىت ياكى تىل ماتېرىياللىرى بىلەن ئىسپاتلانمىغان.
رۇس تۈركولوگ ن.ئا.باسكاكوۋنىڭ 《تۈركىي تىللار》ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە دىۋاندىكى تىل توغرىسىدا توۋەندىكىدەك نۇقتىئىينەزەرلەر بايان قىلىنىدۇ:
《مەھمۇد قەشقەرى سېلىشتۇرما ئاساستا ئۇيغۇر تىلىدىن مىساللارى كەلتۈرىدۇ.بۇ تىل دىۋاندا تۈركىي تىل ياكى خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تەرپلەنگەن.شۇنداقلا،قىپچاق،ئوغۇز تىللىرىدىن ماتىرىياللار كەلتۈرۈلگەن بولۇپ،بۇ تىللار ئۆز ئارا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىغا قارشى قويۇلۇپ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ...
ئۇ زاماندىكى ئەدەبىي تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى،ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىللار تىزىملىكىدە يېزىلىشىچە،ئۇيغۇر –قارلۇق قەبىلىلىرىدىن ۋە ئۇرۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى ئىدى 》.
بىز ئەمدى تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چىقىش قىلىپ،يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كۆرەيلى.
Ⅺ-Ⅻ ئەسىرلەر تۈركىي تىللار تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئۆتكۈنچى دەۋىردىن ئىبارەت. Ⅺ-ئەسىردىن ئىلگىرى بارلىق تۈركىي تىللار ئۇيغۇر –ئوغۇز ئەدەبىي تىلىنى مەركەز قىلاتتى. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ ئىككى مەركەز، يەنى ئىككى خىل ئەدەبىي تىل شەكىللىنىپ چىقىشقا باشلىدى.بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر –قارلۇق تىلى ،ئىككىنچىسى ئوغۇز – تۈركمەن تىلىدىن ئىبارەت. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈپ،يېڭى بىر سىياسىي –ئىجتىمائىي گەۋدىنى تەشكىل قىلغان سالجۇقىلار سۇلالىسىنى شەكىللەندۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇ خىل بۆلۈنۈش تۈركىي تىللار قۇرۇلمىسىدا يەنىمۇ مەركەزلىك ئىپادىلەندى.بۇ دەۋردە ئوغۇز تۈركۈمى ئىچىدىن يەنە قىپچاق تىلى ئايرىلىپ چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ،كېيىنكىسى تېخى رەسمىي ئەدەبىي تىل دەرى‍جىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنىدى.

روسىيە ئالىمى ئا.سامويلوۋىچ Ⅺ ئەسىردىكى تۈركىي ئەدەبىي تىلىنى 《قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار تىلى 》دەپ ئاتايدۇ.ئاتاقلىق قازاق تىلشۇناسى ئا.قايداروۋ ئۆزىنىڭ《ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتى》سەرلەۋھىلىك ئىلمىي ئەسىرىدە ئۇيغۇر – ئوغۇز ئاساسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا《ئالتۇن يارۇق》تۇرپان تېكىستلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلارنىڭ تىلى ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى،خاقانىيە (ئۇيغۇر – قارلۇق) ئەدەبىي تىلىغا بولسا،《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》ۋە《قۇتادغۇ بىلىك》ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.ئاتاقلىق رۇس تىلشۇناس ئا.م.شېرباكمۇ يۇقىرقىدەك پىكىرلەرنى قۇۋۋەتلەپ،قاراخانىلار تىلىنى《Ⅺ -Ⅻ ئەسىرلەردىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قارلۇق –ئۇيغۇر تىلى》دەپ ئاتايدۇ. 《ئۆزبېك تىلىنىڭ تارىخى گرامماتىكىسى》نىڭ كىرىش قىسمىدىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش پىكىر بايان قىلىنىپ: 《قاراخانىلار دەۋرىدە ماۋارائۇننەھىر ۋە قەشقەردە قارلۇق-ئۇيغۇر ۋە قىسمەن قىپچاق –ئوغۇز ئۇرۇقلىرى تىللىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي ئەدەبىي تىل مەۋجۇت ئىدى》دېيىلگەن.
《دىۋاندا چېگىل تىلى تەسۋىرلەنگەن 》دېگەن مەسىلىگە كەلسەك،بۇخىل كۆز قاراشنى دەسلەپتە ئۆبېك ئالىمى سالىھ مۇتەللىپوۋ 1961-يىلى 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》نىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى ئېھتىمال شۇنىڭغا ئاساسلانغان بولسا كېرەك.
دەرۋەقە چېگىل قەبىلىسى ئەسلىدە قارلۇق قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى،قارلۇق تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى يېقىن تۇغقان تىللار ئىدى. Ⅺ-ئەسىردە قارلۇق ئىىتىپاقى بىلەن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى بىرلىشىپ،ئىلىم ساھەسىدە 《ئۇيغۇر –قارلۇق ئومۇمىيلىقى》دەپ ئاتالغان زور ھەم قۇدرەتلىك سىياسىي –ئىجتىمائىي تۈركۈمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.بۇ تۈركۈم ئىچىدە يەنىلا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەنىلا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن《قارلۇق》ئاتالغۇسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەدرىجى ھالدا ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالدى.ئەكسىچە،《ئۇيغۇر 》دېگەن ئېتنىك نام بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە 《چىگىل تىلى》ياكى 《چىگىل تىلىغا تەئەللۇق ماتېرىياللار》ئىلىم دۇنياسىغا تېخى مەلۇم ئەمەس.لېكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ، بۇ ھال،شۈبھىسىزكى،تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىز سۆزلەۋاتقان ئاشۇ Ⅺ-ئەسىردە (باشقا دەۋىرلەر توغرىسىدا سۆزلىمەي تۇرايلى) ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەر ئورتاق قوللانغان ئەدەبىي تىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ نادىر ئەسىرىدە تەسۋىرلىگەن تىل ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىدى دەپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىز.
《خاقانىيە تۈركچىسى》دېگەن ئاتالغۇغا كەلسەك،بۇ ئىنگلىزچە مۇقەددىمىدە ئېيتىلغاندەك،《ئوردا تىلى 》ئەمەس،بەلكى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىنىڭ شېۋىسى ئىدى.تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق. 《خاقانىيە》سۆزى ھەرگىزمۇ 《ئوردا》مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.توغرا،بۇ سۆزنىڭ سېمانتىكىلىق مەنىسىدىن قارىغاندا 《خاقان تۇرىدىغان ئورۇن ،جاي》دېگەندەك مەنىسى بار دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.لېكىنبۇ يەردە دېيىلىۋاتقان 《خاقان تۇرىدىغان ئورۇن》ئوردا بولماستىن،كەڭ مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك نەر نامىنى ئىپادىلەيدۇ. 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》نىڭ بىر مۇنچە ئورۇنلىرىدا 《خاقانىيە تۈركلىرى》،《خاقانىيە بەگلىرى》،《خاقانىيە خانلىرى》،《خاقانىيىلىكلەر》دېگەن سۆ‍ز ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇ پاكىتلار 《خاقانىيە》سۆزىنىڭ خانلىقنى ياكى بەلگىلىك بىر مەمۇرىي رديوننى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ،بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى 《-ىيە》قوشۇمچىسى مەمۇرىي بىرلىك نامىنىڭ گرامماتىكىلىق-مورفولوگىيىلىك شەكلىدىن ئىبارەت.
شۇنداق قىلىپ،تىلشۇناسلىقساھەسى بويىچە تەھلىل-تەتقىق قىلغاندىمۇ،تارىخى پاكىتلار بويىچە تەكشۈرگەندىمۇ 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە تەسۋىرلەنگەن تىلنىڭ ئۇيۇغۇر تىلى ئىكەنلىكى،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شەرقىي قىسىم قاراخانىلار خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،مەزكۈر خانلىقنىڭ ئاساسلىق ئاستانىسى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.بۇ،ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى بىر قاتار مۇتەخەسىسلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلىنىپ،مۇقىملىشىپ بولغان مەسىلە ئىدى.ھالبۇكى،《ئىنگلىزچە مۇقەددىمە》دىكى مەزكۈر تېمىدا سۆزلەنگەن دەلىلسىز بايانلار بىزنى بۇھەقتە يەنە بىر قېتىم ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى.
شىنجاڭ ئونۋېرېسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1997-يىل 3-ساندىن ئېلىندى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
xamal22 + 20 ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

ئاتا ياتقان جايى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 2432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15762
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8499 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 10:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان تېمىغا ئىنكاس يازماي تۇراللمىدىم.ماقالىنى باشتىن كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقتىم بۇ دە-تالاش تېخىچە داۋاملىشىۋاتامدۇ توۋا !

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 11:11:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      مەھمۇدقەشقىرى بوۋىمىز ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ غۇۋا نۇقتىلار تىخىمۇ ئايدىڭلاشقۇسى ...
  بۇ ماقالە ئىلان قىلىنغىنى 14 يىل بوپتۇ  .  ھازىر بۇ تەتققاتلار چوڭقۇرلۇشۇپ خىلى بىر باسقۇچقا باردى بەلكىم ئاپتۇر يۇقىردا دىيىلگەن مەسىللەر ھازىر تۇزتىلىپ كەتكەندۇ ...2008-يىلى دۇنيا مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىپ بىكتىلگەندىن كىيىن دۇنيا خەلقىنىڭ شۇنداقلا كەڭ تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قوزغىدى ھەمدە ھەممە يەردە ئالىمنى تەتقىق قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ ئەسىرىگەقارىتا چوڭقۇر مۇلاھىزلەر ھەم تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلدى
         ئۇنىڭ ئوپال ئازىخدا تۇغۇلغانلىقى قىل سىغمايدىغان پاكىت .......
  مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ يۇرتى-قەشقەر -توققۇزاق -ئوپال-ئازىخ.
    ئالىم بىلەن يۇرتداش بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن

يۇقىرغا قاراپ پى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 11:47:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەۋرىسى ئوپال ئازىق كەنتىدە.ھازىرمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.قازاقىستاندا مەخمۇت قەشقەرنىڭ ساختىسى بولسا قانداقكى.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 07:37:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65560
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6629
تۆھپە نۇمۇرى: 886
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 07:50:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ياخشى تىمىدىكى ئەسەرلەر ئەلۋەتتە  تارىخي ئەھمىيەتكە ئىگىدە .

ئىتقاد-ئارغامچا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54691
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4131
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 2316 سائەت
تىزىم: 2011-9-4
ئاخىرقى: 2012-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 11:36:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەبرىنىڭ ساختىسىنىغۇ قىلار ، ھىلىقى قەبرىگە يىقىن ئەجدىھا غارىنىڭ ساختسىنى قىلالمايدۇ بۇ نىمىلەر . شۇ غاردا ياشىغان ئەجدىھانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە "كۆك ئىنەكنىڭ سۈتى بىلەن ئەجدىھانىڭ زەھىرىنى  تازىلاش"دېگەندەك ۋەقەلىك دەل شۇ زاماندا شۇ جايدا (ئوپالدا)بولغان ئىكەن . ھىكايەتلەردىن بىلىشىمچە  بۇ ۋەقەلىك مەھمۇد قەشقىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكقۇ دەيمەن .

قارا ئاقارماس ، ساراڭ ساقايماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32616
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4296
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 12:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ياخشى تىمىدىكى ئەسەرلەر ئەلۋەتتە  تارىخي ئەھمىيەتكە ئىگىدە

كۆرۇمسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 02:48:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      

غۇرۇر

ئۇيغۇر ئوغلى..ئۇيشۇپ ياشا ئۇيغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64101
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4980
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 07:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلارنى ھەممە خەخنىڭ بوزەك قىلغىسى كەپتۇردىغان ئوخشايدۇ

قىززىق يەردە قىززىق ئىش،  يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش،   يۇلۇپ تاشلاندى ساق چىشلار، دەت كۆرمىدى ئاغرىق چىش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش