مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1180|ئىنكاس: 22

سەھرالىرىم ، شەھەرلەر  ( مۇھەممەتجان راشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13231
تۆھپە نۇمۇرى: 736
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 05:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەھرالىرىم

ئۇلۇغلايمەن سەھرالار، سېنى،
ئۇنۇتمايمەن ئايدا بۇلساممۇ.
يانچۇقۇمدا ئۈزۈڭ بەرگەن نان،
ئايدى ھالقىپ قايدا بۇلساممۇ.

جايىم شەھەر بۇلغىنى بىلەن،
رىزقىم سەندىن پۈتكىنى راستۇر.
شان-شۆھرىتىم بۇ دۇنيادىكى،
شۇڭا ئاۋال ئۈزۈڭگە خاستۇر.

كۆزۈمدە ياش سېنى ئۇيلىسام،
كەلگەنلەردىن سۇرايمەن سېنى.
ئەللەر ئەتتىر پۇرايدۇ ،ئەمما،
مەن ھېلىمۇ بۇغداي پۇرايمەن.

ئاينىش ماڭا ئۈلۈم ئەمەسمۇ،
تاغقا چىقسام ئېدىرنى ئۇنتۇپ.
نېمە تاپاي،بالىلىقىمدا-
سەن چاي بەرگەن ھېجىرنى ئۇنتۇپ.

دېھقان،دېسە دىلىم سۆيۈنۈپ،
ھۇزۇر بىلەن كەلدىم بۇ ياشقا.
تالاي شېئرت يازدىم،ۋە لىكىن
بىر ئۆزۈڭنىڭ تەسۋىرى باشقا.

نېمشقىدۇر،يىغلاپ يازمەن،
ساڭا يازغان شېئرلىرىمنى.
ئۆزگىلەردىن يۇشۇرغان بىلەن،
يۇشۇرمايمەن سەندىن سىرىمنى.

ئاتام بىلەن ئانام رەھمەتلىك،
سەندە ياتتى، سېنى قۇچاقلاپ.
شۇندىمىكىن بەلكىم سەۋەبى،
خۇشال بىرىپ، قايتىمەن يىغلاپ.

ئەسكى چاپان ئەستىن چىققايمۇ،
سەندە ئۆتكەن باللىقىم ھەم.
مەنغۇ مەيلى،نېچۈن سىنىڭدە،
ھېلىغچە تۈگىمەيدۇ غەم؟

ئۆز سۈيۈڭنى ئۆزۈڭگە سېتىپ،
بىرى ئەجەپ نەق پۇل ،دەيدىكەن؟
نەق پۇلۇڭ يۇق قۇرۇپ كەتسەڭمۇ،
ئۇلار ھەجەپ غەم يېمەيدىكەن؟!

ئەسكى چاپان بار ئىكەن تېخى،
سەھرالىرىم ،ئادەملىرىڭدە.
كونا داغلار تۇرسا ئۇياتقۇ،
ئەللىك يىللىق يۇيغان كىرىڭدە؟!

ساڭا ئاخشام بېرىپ كەلگەنلەر،
ھەيران قاپتۇ شۇلارنى كۆرۈپ،
يېڭلاشقا ئامال بارمىكىن،
سەندە كۇنا ئۆيلەرنى ئۆرۈپ؟

يېڭى كۈيلەر سەندە تەل ئەمەس،
تېخى <كۇنامۇقام>بار ئىكەن.
بەزىلەردە يېڭى ئەقىل يۇق،
كونا قىقاس-چۇقان بار ئىكەن.

چۆكۈپ قالدىم غەملىرىڭگە مەن،
غەمدىن باشقا نە قىلالايمەن؟
سەھرالىرىم،بارچىدىن ئۇز!دەپ،
يەنە سېنى ئەتىۋارلايمەن.

نۇرۇز كەلدى يەنە ئايلىنىپ ،
بىلدىڭمىكىن،خەۋەرسىز قالدىم.
ئەتكەنمىدۇ نورۇز ئېشى، دەپ،
ئاۋال سېنى يادىمغا ئالدىم.

سەھرالىرىم ئۆز بالاڭ تۇرسام،
سېنى ھەر كۈن ئۇيلىمامدىمەن؟
سەن قۇتۇلساڭ كەمبەغەللىكتىن،
مەنمۇ غەمسىز ئۇينمامدىمەن؟!

شەھەرلەر

سەھرالارنى تۇنۇمسىلەر،شەھەرلەر،
يۇقلا،دېسە ئۇنامسىلەر، شەھەرلەر؟
كېلىپ-كېتىپ يۈرگەنلەردىن، دېھقاننىڭ-
ئەھۋالىنى سۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟

ئىزدەمسلەر قۇلۇم-قۇشنا دېگەننى،
ئاش-تاماقمۇ سۇنامسىلەر،شەھەرلەر؟
يىراقلشىپ بىزدىن ياكى بىر يۇلى-
قۇلۇڭلارنى يۇيامسىلەر شەھەرلەر؟

كەلگەنلەرنىڭ ئەھۋال ئېيتىپ ،ھېلىمۇ
يانچۇقۇنى كۇلامسىلەر،شەھەرلەر؟
ئادىمىيلىك بارمۇ-يۇقمۇ سىلەردە،
قۇرۇق بارساق ئۇرامسىلەر شەھەرلەر؟

رېستۇرانلار كانى ئىكەن ئۇيۇننىڭ،
كۈندە شۇنداق ئۇينامسىلەر،شەھەرلەر؟
تائام دېگەن ئېشىپ قاپتۇ شۇ پېتى،
تۆكمسەڭلار تۇيمامسىلەر.شەھەرلەر؟

بەگزادەگە ئايلىنىپتۇ باشلىقلار،
ئۇيناۋېرىپ قۇرامسىلەر ،شەھەرلەر؟
بىر چىرايلىق كېتۋاتقان ھارۋىنى،
يامان يۇلغا بۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟

سېتۋالغان ئۇغۇت ساختا،دۇرا جا،
بىزنى ئەمدى بۇلامسىلەر شەھەرلەر؟
كەلكۈن بىلەن خۇدا ئۇرغان دېھقاننى،
سىلەر يەنە ئۇرامسىلەر ،شەھەرلەر؟

جا ماللارنىڭ ئۇۋسىمۇ،سىلەرمۇ،
مالنى مەڭگۈ بۇيامسىلەر شەھەرلەر؟
يالاڭلارنى يۆلەۋاتسا پۈتۈن ئەل،
سىلەر قاراپ تۇرامسىلەر،شەھەرلەر؟

كېرەكلىكنى بىزدىن ئېلىپ تا مەڭگۈ،
بىزگە ھاپاش بۇلامسىلەر،شەھەرلەر؟
شۇنچە چېرىپ كەتتىڭلارمۇ ،ۋەياكى،
بىزگە شۇنداق پۇرامسىلەر شەھەرلەر؟



ئاپتۇرى : مۇھەممەتجان راشىدىن


مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37322
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىېئىرنى ھازىرلام قەلىب سەيناسى مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم. ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ ياكى؟
http://www.salamurumqi.com/sayna/read.php?tid=164

ھورۇنلۇق نامراتلىقنىڭ زاۋۇتى

@ بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19592
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5329
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:19:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل   شىئېركەن  ..

سەن.ئۈچۈن

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:21:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(atayar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ كىلىنىپتۇ بىرتال پەش ياكى چىكىتمۇ نېرى-بىرى ئەمەسكەن.
بىر ئادەممىكىن دەيمەنغۇ.

مۇھەممەتجان ئاكىمىزنىڭ شېئرلىرى ئادەمگە باشقىچە زوق ئاتا قىلىدۇ دىسە.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23095
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:27:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەتجان ئاكىمىزنىڭ شېئرلىرى ئادەمگە باشقىچە زوق ئاتا قىلىدۇ .ئەجرىڭىزگە رەخمەت !

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:27:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ  شىئېرلىرى  ھەقىقەتەن  ياخشى  چىقىدۇ   .
مەن مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ   ‹‹  ئۆز يارىڭ  ›،  ناملىق  شىئېرىنى   بەك  ياخشى  كۈرىمەن  .


ئۆز يارىڭ

مۇھەممەدجان راشىدىن


ئۆزگە باغقا كۆز سالما،  ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،
نېمە تەشۋىش ئالەمدىن،  تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ.
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،
ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپئاق ناندا ئۆز يارىڭ.

يار ئۈستىگە تۇتقان يار بەڭگە ئوخشار بىر چىلىم،
لەززەت يوقتۇر تەكتىدە تاۋۇز كەبى بىر تېلىم.
مۇڭداشقانسەن مۇڭداشساڭ تۈگىگىچە بىر فېلىم،
مىڭ سۆيگۈ بار ئۇ يەڭلىغ،  ئاچقان پالدا ئۆز يارىڭ.

پىچاق كەسسە قولۇڭنى ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس،
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا،  ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس.
يۆلەپ يۈرەر ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،
نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ.

يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا يارىڭ،  ئامان چىقساڭ خەتەردىن.
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ.

جۇدالىققا دۇچ كەلسە،  ئاۋۋال سېنى ئەسلەيدۇ،
سەن بولمىساڭ،  سۇ تۇتۇپ،  ئۆزى خامان چەشلەيدۇ.
بىلىندۈرمەي يوقۇڭنى،  ئۆزى ئوتۇن كەسلەيدۇ،
راھەت دېگەن ئەسلىدە ئەتكەن خامدا ئۆز يارىڭ.

چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،
ئاش ئۇسقاندا،  بىچارە بىللە چىقىپ بىنەمگە.
باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە،
تولغىنىسەن راھەتتە،  ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.

كۆكلىتىدۇ تەر تۆكۈپ،  تۇرمۇش ئاتلىق باراڭنى،
سەن تالانى ئويلىساڭ،  ئۆيدىن باشلار پاراڭنى.
دۈشمىنىڭگە كۆرسەتمەس يىرتىقىڭنى،  ياراڭنى،
سۆيگۈڭ كېلەر سەن ئۈچۈن ئۇھ تارتقاندا ئۆز يارىڭ.

جاھان قىلغان جاھاننى شۇلاردىكى ساداقەت،
چېچىلغاندۇر شۇلاردىن يەر - زېمىنغا سائادەت.
باھار قەلب،  ياز چىراي،  ئۆز يار دېگەن گۈل قامەت،
كەلمەكتىدۇر ئات چېپىپ،  شەرەپشاندا ئۆز يارىڭ.  



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65438
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3356
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:30:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايېپ ئسېلكەن جومو...... رەخمەت......

YAX NA UYGURUM!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8838
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8725
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 07:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل شېئىركەن! مۇھەممەتجان راشىدىنكامنىڭ شىئىرلىرى ناھايىتى ئۆتكۆر ،ناھايىتى ئاممىباپ خەلىققە يىقىن!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6424
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239647
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12504 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 08:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  bugaltir كە 2011-11-25 07:27 PMئەۋەتىلدى  :
مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ  شىئېرلىرى  ھەقىقەتەن  ياخشى  چىقىدۇ   .
مەن مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ   ‹‹  ئۆز يارىڭ  ›،  ناملىق  شىئېرىنى   بەك  ياخشى  كۈرىمەن  .


ئۆز يارىڭ
.......

مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ  شىئېرلىرى  ھەقىقەتەن  ياخشى  چىقىدۇ   .
مەن مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ   ‹‹  ئۆز يارىڭ  ›،  ناملىق  شىئېرىنى   بەك  ياخشى  كۈرىمەن  .

مىسرانىم مۇنبىرىگە مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىز  دىمەتلىكلەرمۇ ‹ تەڭتۇشلارمۇ، تەڭ ياشتىكىلەرمۇ › كىرىدىغان ئوخشايدۇ ھە ؟

بۇ ئاكىمىزنىڭ شئېرىللىرىنىڭ تىلى بەك يەڭگىل ، چۈشۈنۈشلۈك ، زىيادە چۈشۈنىكسىز سۆزلەر يوق ، شۇڭا ئەدىبىياتتىن ئازراق ساۋادى بار ئادەم بىر ئوقۇپلا تېمىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنىمۇ چۈشىنىۋالالايدۇ . مېنىڭ شئېر يېزىشقا قىزىقىشىمغا مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ شئېرىللىرى سەۋەپ بولغان ، مۇھەممەتجان ئاكىمىزدەك ياخشى ، تېتىملىق ، چۈشۈنۈشلۈك شئېرلارنى يېزىشقا چۇقۇم تىرىشىمەن .
ئاخىرىدا بۇ ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق ، ئىجادىيەت مىۋىللىرىنىڭ مول بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47110
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3300
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2013-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-25 08:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ شائىرىمىزنىڭ شىئىرلىرىغا بەك ئامراق،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش