ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت باھار يامغۇرى كە 2011-11-27 12:37 PMئەۋەتىلدى :
ئۈزۈم تىلىنى كۆمۈشتىن بۇرۇن ئاۋۋال پۇتاپ، ئاندىن ياتقۇزۇش، ئاندىن توپا بىلەن كۆمۈش كېرەككەن. ناۋادا ئۈزۈم تىلىنى ياتقۇزغاندىن كېيىن توپىدا كۆمۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا (تاللىقنىڭ ئىچى بەك تار بولغان ئەھۋالدا)، ئۈستىدىن قېلىنراق سۇلياۋ بىلەن كۆمسە بولامدۇ؟ ئەتىيازدا ئاچقاندىن كېيىن ئوغۇتلاشتا قانداق ئوغۇت ئىشلىتىش كېرەك ؟؟؟ 
سىزنىڭ 1- سوئالىڭىزغا بىرىدىغان جاۋابىم:ئادەتتە قىش پەسىلدىكى ئەڭ تۆۋەن تىمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15سىلىتسىيە گىرادوستىن تۆۋەن بولسا، ئۈزۈم تىلى (بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بىخى)ئۈشۈپ كىتىدۇ. سىز مەيلى توپا بىلەن كۆمۇڭ ياكى سولىياۋ ۋە ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئوراپ قويۇڭ، ئۈزۈم تىلى ئۈشۈپ كەتمەيدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرسىڭىزلا قىشتىن بىخەتەر ئۆتەلەيدۇ. لىكىن سولىياۋ بىلەن ئورىغاندا، ئۈزۈمنىڭ ئېرىغى (قېرىنى)بەك نەم بولسا ھەم بەك ھىم ئورالغاندا ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ، شۇڭا قىشتىن بىخەتەر ئۆتتى دىگەن بىلەن 2-ئايدىن تال ئىچىلىپ باراڭغا ئىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا مەڭدىشىپ سىسىپ كىتىدۇ. شۇڭا ئۈزۈم توپا بىلەن كۆمۇلسە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ. بىرىنجىدىن ئۈشۈپ كەتمەيدۇ، ئككىنجىدىن نەملىك ساقلىنىدۇ. ئەتىيازدا باراڭغا ئىلىنغاندا شاخلىرى تەكشى بىخلىنىدۇ. ئۈچىنجىدىن چاشقاننىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرمايدۇ.
ئىككىنجى سوئالىڭىزغا بىرىدىغان جاۋابىم:ئەتىيازدا ئۈزۈم تۈپلىرىنى توپىدىن ئاچقاندىن كىيىن، بىخلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە: يەنى رايونىمىزدا 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە گۈل بىخ داۋاملىق مۇكەممەل يېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شاخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە چىچەكلەش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئازوت ئىلمىنتىنى كۆپ تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە ئۈزۈمنى توپىدىن ئېچىپ، ئىرىق ئىچىنى تەكشى تۈزلىگەندىن كيىن، ھەربىر تۈپكە، تۈپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ 50g~100g دىن ئورىيا بىرىمىز. كەيندىن قاندۇرۇپ سۇغۇرىمىز. ئەگەر بۇلتۇر كۈز ئاساسى ئوغۇت (مالنىڭ قىغى) يىتەرلىك بىرىلگەن بولسا، بۇ قىتىمقى ئوغۇتنى ئەھۋالغا قاراپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ .