ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!تورداشلار ياخشىمۇسىلەر !بىز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بىرەيلى !!!تۆۋەندە بەش ۋاخ نامازنىڭ قانچىلىك چەكسىز ھىكمىتى بارلىقىنى بۇ ھەدىسلەردىن كۆرىۋالالايمىز. ئەلى ( ئاللاھ ئۇنىڭدن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيسالام مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلار بىلەن ئولتۇراتتى . بىر گوروھ يەھۇدىلار كىلپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن مۇنداق دەپ سوراشتى : ئى مۇھەممەد بىز سەندىن ، ئاللاھ مۇسا ئەلەھسالامغا نىسىپ قىلغان ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق بىر مۇرسەل پەيغەمبەرگە ياكى مۇقەررەپ پەرىشتىلەرگە بەرمگەن ئىشلار توغۇرلۇق سورايمىز :
- ئى مۇھەممەد ! ئاللاھ سىنڭ ئۈممىتىڭىگە پەرىز قىلغان 5 ۋاخ ناماز توغۇرسىدا سۆزلەپ بەرگىن ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇنداق دىدى : كۈن ئەمدى چىقىشقا باشلىغاندا شەيتانىڭ ئىككى مۈڭگۈزنىڭ ئارلىقىدىن چىقدۇ ، بۇ چاغدا بارلىق دىنسىزلار ئاللاھنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۇنڭغا باش ئۇرىدۇ ، ( بىز بولساق ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ، تاڭ ئەمدىلا يورىغاندا ) بامدات ناماز ئوقۇيمىز .
ئەسىر ۋاقتى ئادەم ئەلەيھسالامنىڭ چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مىۋىسنى يىگەن ۋاختىدۇر ، ( بىز شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن ئەسىر ناماز ئوقۇيمىز )
شام ۋاختى ئادەم ئەلەيھسالامنىڭ گۇناھاغا تۆۋە قىلغان ۋاختىدۇر .
خۇپتەن ۋاقتى بارلىق مۇرسەل پەيغەمبەرلەرنڭ ناماز ئوقۇغان ۋاختىدۇر .
يەھۇدىلار راسىت ئېيىتتىڭ دىيىشىپ ، ئۇ 5 ۋاخ نامازنىڭ ساۋابى توغۇرلۇق سوراشتى :
- پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇندق دىدى : كىمكى جامائەت بىلەن 40 كۈن بىللە بامدات ناماز ئوقۇسا ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشگە دوزاختىن ، نىپاقتىن قۇتۇلۇش يولى بېرىدۇ . پىشىن ۋاختىدا دوزاخ شىددەت بىلەن يالقۇنجايدۇ ، بۇ چاغدا پىشىن ئوقۇغان كىشگە ئاللاھ تائالا دوزاخ ئازابىنى ھارام قىلىدۇ .
ئەسر ۋاقتى ، ئادەم ئەلەيھسالام چەكلەنگەن مىۋىنى يىگەن ۋاختى بۇلۇپ ، بۇ چاغدا ئەسىر نامىزنى ئوقۇغان بەندە گۇناھتىن قۇتۇلۇپ ، ئانسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك مەسۇم ھالاتكە چىقىدۇ .
مەنبە:
www.uighurislam.net دىن ئىلىندى.