|
|
|
|
ئابدۇللاھ نىدايى كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى
ئۆمەرجان نۇرى
(خوتەن مائارىپ ئىنىستېتوتى)
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى قەدىمدىن باشلاپ خېلى قويۇق بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ھەر ساھەدىكى داڭلىق كىشىلەر بۇ رايۇندا خاتىرە قالارلىق دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇلارنىڭ بىرسى تەرىقەتچى شائېر ئابدۇللاھ نىدايى كاشغەرىدۇر.
1. ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ ھاياتى
نەخشىبەندچىلىكنىڭ 18.ئەسىردىكى مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ نىدايى كاشغەرى ھىجىرىيىنىڭ 1100(مىلادى 1688). يىلى كاشغەر (ھازىرقى قەشقەر)دە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد كاشغەرى بولۇپ، تەخەللۇسى ‹نىدايى›دۇر. ئۇ نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ ئىخلاسمىنى بولغانلىقى ئۇچۇن ‹نەقشىبەندى›، ئىستانبۇلدىكى ئەييۇپ سۇلتان جامىسىدە يەرلىشىپ، تەرىقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانىلىقى ‹ئەييۇبى› دېگەن لەقەملەر بىلەنمۇ ئۇچرايدۇ .
ئۇنىڭ ‹رىسالە-ئى ھەققىيە› ناملىق پارسچە كىتابىدىكى ئۆز تەرجىمىھالى ھەققىدىكى بايانىغا قارىغاندا، ئۇ دەسلەپ قەشقەردە مەدرىسە تەربىيىسى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-سىڭلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار جەمەتلىك كىشى بولسىمۇ، تەرىقەتنىڭ سېھرى كۈچى بىلەن 17 يېشىدىن باشلاپ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ خەلىپىلىرىدىن كۇچاردىكى مەۋلانە ئەزھەرى كاشغەرىنىڭ تەرىقەت تەربىيىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، بىر مەزگىل كۇچاردا ئىستىقامەت قىلىدۇ. كېيىن 18 يېشىدا شەيخىنىڭ تەۋىسىيەسى بىلەن يەركەندىكى ‹پىران-ئى خانىدان› دەپ ئاتىلىدىغان، خەلق ‹ھەفتە مۇھەممەدان› دەپ ئاتايدىغان يەتتە قەبرىنى تاۋاپ قىلىپ قەشقەرگە قايتىدۇ. قەشقەردە ھىدايەتۇللاھ ئىشان(ئاپاق خوجا)نىڭ قەبرىسىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىقامەت قىلىدۇ ۋە قەشقەر ئەتىراپىدىكى 78 ۋەلىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تەرىقەتچىلىكنىڭ مەنىۋى تەربىيىسىنى ئېلىش ئۈچۈن، قەشقەردىن يولغا چىقىپ شەھەرمۇ-شەھەر ئايلىنىپ خوجەندگە كىلىپ، شەيخ مۇسلىھىددىن خوجەندى ۋە بابا كەمال خوجەندىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، سەمەرقەنتكە كىلىپ خۇجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار ۋە مەختۇم ئەزەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. سەمەرقەنتتىن بۇخاراغا كىلىپ شەيخ نەقشىبەندىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەرگە كەلگەن سانسىز تاۋاپچىلارنىڭ ئاجايىپ مەنزىرەسىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ. بۇخارادىن بەلخقە كىلىپ، مەۋلانە سەئدىددىن كاشىغەرى، مەۋلانە جامى، ئىمام ئەلى رىزا، فەرىددىن ئەتتار ۋە بايەزىد بىستەمى قاتارلىق مەشھۇر سوفىيلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، خۇراساندىن ئىراققا كەلگۇچە ئىسفاھاندا شەيخ سايىبنىڭ، شىرازدا شەيخ ھافىزنىڭ ۋە شەيخ سەئدىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. باغدادقا كىلىپ ئىمامى ئەىزەم، ئىمام مۇسا كازىم، جۈنەيد باغدادى، شەيخ شەھابىدىن سۇھرىۋەردى، شەيخ ئابدۇقادىر جىلانى ۋە مەنسۇر ھاللاجى قاتارلىق مەشھۇر سوفىيلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. باغدادتىن يەنە يولغا چىقىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەركۈك، مۇسۇل ۋە ھەلەپ ئارقىلىق شامغا، شامدىن قۇددۇس شەرىف(ئىرۇسالىم)كە، ئۇ يەردىن ھىجازغا كىلىدۇ. مەككىدە ئۈچ يىل تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم ھەج قىلىدۇ. مەدىنىگە كىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە، ئىقلىمدىن ئىقلىمغا ئايلىنىپ، ئاللاھنىڭ ئاشىقلىرىنى ئىزدەپ 45 يىل ساياھەت قىلغاندىن كىيىن(1)، ئىستانبۇلغا كىلىپ ‹قەلەندەرخانە خانىقاسى›دا شەيخ بولىدۇ. لىكىن بۇ خانىقادا ئۆيلەنمەيدىغانلار تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ‹يەكچەشمە ھاجى مۇرتىزا ئەپەندى› بەرپا قىلغان ‹مۇرتىزا ئەپەندى خانىقاسى›غا كېلىپ شەيخلىق قىلىشقا باشلايدۇ. كىيىن، بۇ خانىقا ئۇنىڭ نامى بىلەن ‹كاشغەرى خانىقاسى› دەپ ئاتىلىپ، مەشھۇر بولىدۇ.
ھىجىرىيىنىڭ 1156-1159(مىلادى 1743-1746)-يىللىرىدىن ئەتىراپىدا ‹قەلەندەرخانە خانىقاسى›دا شەيخلىق قىلغان ئابدۇللاھ نىدايى ھىجىرىيىنىڭ 1174- يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7-كۈنى (مىلادى 1760- يىلى 9 - ئاينىڭ 18- كۈنى) ۋاپات بولغانغا قەدەر ‹كاشغەرى خانىقاسى›دا 75 يېشىغىچە 14 يىل شەيخلىق قىلىدۇ.(2)
‹كاشغەرى خانىقاسى› كېيىن، نىدايىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىستانبۇلدىكى نەقشىبەندىچىلىكنىڭ مۇھىم مەركىزى بۇلۇپ قالىدۇ. ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ تەرىقەت سىلسىلەسى 1925-يىلى مۇستاپا كامال تەرىقەتچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىپ، خانىقالارنى تاقاتقۇزىۋەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. ‹كاشغەرى خانىقاسى› ھەجگە كەلگەنلەر ئۈچۈن مىھمانخانە، ھەتتا بۇخارا خانلىقى ئۈچۈن ئەلچىخانىلىق رولىنى ئوينايدۇ ھەم ئانادولۇ(ئاناتولىيا)غا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنى تارقىتىش مەركىزى بولىدۇ. ‹كاشغەرى خانىقاسى› ھېلىمۇ بۇرۇنقى ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.(3)
ئابدۇللاھ نىدايى‹كاشغەرى خانىقاسى›دا شەيخلىق قىلغان مەزگىللەردە شىېر ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنى كېڭەيتىش ۋە تەرىقەت تەربىيىسى بىرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن، ھەتتا ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستە تالىپلىرىغا ‹مەسنىۋى شەرىف› ئوقۇپ، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ۋە مەۋلانە جامىنىڭ شىېرلىرىدىن ئۆرنەك بىرىش ئارقىلىق، تەسەۋۋۇف پەلسەپىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئۆزىنىڭ دىۋانىدىمۇ بىرمۇنچە مەشھۇر شائېرلارنىڭ غەزەللىرىگە يازغان تەخمىسلىرى ئۇچىرايدۇ.(4)
2 . ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ ئەسەرلىرى
ھازىر ئىستانبۇلدىكى بىر نەچچە كونا كۇتۇبخانىلاردا ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ نامىدا مۇنداق قوليازما ئەسەرلەر ساقلىنىۋاتىدۇ.
1.‹دىۋان›: بۇ دىۋاندا 85 غەزەلدىن باشقا يەنە مۇخەممەسلەر، جامى، ھافىزى، شىرازى، ئىسمەت بۇخارى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارغا يازغان تەخمىسى ۋە ساياھىتىنىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا كېلىپ شەھەرنى كۆرگەندە ھەيران قالغانلىغىدىن يازغان ‹ھەيرەتنامە› ناملىق 27 بېيىتلىق بىر مەسنىۋىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باھائىددىن نەقشىبەندىگە ئاتاپ يازغان چاغاتايچە ئىككى پارچە شىئېرىمۇ بار(بۇ ئىككى شىئېر ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ بېرىلدى). (بۇ دىۋان ‹ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇبخانەسى›دا شازەلى نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 158.نومۇر بىلەن، ھۈسنۈ پاشا نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 784 ۋە 1044.نومۇر بىلەن، ئەسەد ئەفەندى نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 1458.نومۇر بىلەن، مىھرىسۇلتان نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 209 .نومۇر بىلەن، 61.ۋاراق ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ 109. ۋاراق سول تەرەپكە قەدەر ساقلانغان. ‹توپقاپى سارىيى مۇزېيىنىڭ كۇتۇبخانەسى›دا خەزىنە 984.نومۇر بىلەن، ئىستانبۇل ‹شەھەرلىك ئاتاتۈرك قىرائەتخانىسى›دا ئوسمان ئەرگىن نامىدىكى قوليازمىلەر ئىچىدە 11933.نومۇر بىلەن، مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى ‹دارۇلكۇتۇب› كۇتۇبخانىسىدىكى تەسەۋۋف قوليازمىلىرى ئىچىدە 46.نومۇر بىلەن، مەجمۇئە-ئى تۈركى قوليازمىلىرى ئىچىدە 38.نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ)
2.‹رىسالە-ئى ھەققىيە›: فارسچە يېزىلغان بۇ ئەسەر ھەر قايسى كۇتۇبخانەلەردە ‹ھەققىيە-ئى نىدايى›، ‹ھەققىيە›، ‹رىسالە فى بەيانى تەرىقەتىن نەقشىبەندىيە›، ‹رىسالە دەر تەرىقەتى نەقشىبەندىيە›، ‹شىرىن شەمائىل› دېگەن ناملاردا ساقلانماقتا.
‹رىسالە-ئى ھەققىيە› 12 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان ئەسەر بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئۇسۇل-قائىدىلىرى ھەققىدە ساۋات، ئىككىنچى بۆلۈمدە تەرىقەت ئەخلاقى ۋە شەيخلەر رولىنىڭ مۇھىملىقى، ئۈچىنچى بۆلۈمدە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ‹تەجەللى› تەبىرى، تۆتىنچى بۆلۈمدە تەۋھىد مەرتىبىسى، بەشىنچى بۆلۈمدە شەيخ بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىملىقى، ئالتىنچى بۆلۈمدە فەقىر ياشاش ۋە خەندە-كۇلاھ كىيىشنىڭ ئەھمىيىتى، يەتتىنچى بۆلۈمدە نەپسى ھەققىدە، سەككىزىنچى بۆلۈمدە تەسەۋۋۇفتىكى خاتا چۈشەنچىلەرگە بىرىلگەن جاۋاپ، توققۇزىنچى بۆلۈمدە تەرىقەت سۈلۈكىغا كىرمىگەنلەر، ئاللاھتىن ئەجر-ساۋاپ ئىزدىگەنلەر ۋە ۋەلى بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئۈچ خىل جامائەتنىڭ پەرقى، ئونىنچى بۆلۈمدە بۇ ئالەم بىلەن ئاخىرەتتە كۆرىدىغانلاردىن بىشارەتلەر، ئون بىرىنچى بۆلۈمدە ئۆزىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى نەزمىي-نەسرىي بايانلىرى، ئون ئىككىنچى بۆلۈمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەدھىيە، ئاللاھتائالاغا مۇناجات يېزىپ ئەسەرنى ئاخىرىلاشتۇرغان.(5)
(‹رىسالە-ئى ھەققىيە›نىڭ ئانچە تولۇق بولمىغان نۇسخىلىرى ‹ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇبخانەسىى›دا شازەلى نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 158.نومۇر بىلەن، ھۈسنۈ پاشا نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 251. نومۇر بىلەن، ئاشىر ئەفەندى نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 411.نومۇر بىلەن، مىھرىشاھسۇلتان نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 209.نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹سۇلايمانىيە كۇتۇبخانەسىى›دا تېخىمۇ تولۇق بولمىغان ئون نۇسخىسى بار. يەنە ‹توپقاپى سارىيى مۇزېيىنىڭ كۇتۇبخانەسى›دا خەزىنە 984.نومۇر بىلەن، ئىستانبۇل ‹شەھەرلىك ئاتاتۈرك قىرائەتخانىسى›دا ئوسمان ئەرگىن نامىدىكى قوليازمىلەر ئىچىدە 11933.نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ).
ئابدۇللاھ نىدايى ‹رىسالە-ئى ھەققىيە›نى ھىجىرىيىنىڭ 1165(مىلادى 1755).يىلى ئوسمانلى سۇلتان IV مەھمەتكە ھەدىيە قىلىدۇ. ئىسمائىل مۇفىد ئەفەندى بۇ ئەسەرنى ھىجىرىيىنىڭ 1205(مىلادى 1790-1791).يىلى ئوسمانلى تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىدۇ(بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ھازىر ‹ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇبخانەسىى›دا ئەسەد ئەفەندى نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 1422.نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ). تۈركچە تەرجىمىىسىنىڭمۇ بىرنەچچە خىل نۇسخىسى بار.(بۇ نۇسخىلار ئىستانبۇل ‹شەھەرلىك ئاتاتۈرك قىرائەتخانىسى›دا ئوسمان ئەرگىن نامىدىكى قوليازمىلەر ئىچىدە 828-919.نومۇر بىلەن، ‹ئىستانبۇل سۇلايمانىيە كۇتۇبخانەسىى›دا ئەسەد ئەفەندى نامىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە 1422.نومۇر بىلەن تولۇق بولمىغان نۇسخىلىرى ساقلىنىۋاتىدۇ).(6)
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ نامىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەردىن ‹رىسالە-ئى مۇختەسەر›، ‹ئەسرار-ئى تەمھىد›، ‹فۇقارا›، ‹تەرىقەتى نەقشىبەندىيە›، ‹رىسالە-ئى ئىرفانى› قاتارلىقلار بار .
3 . ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ چاغاتايچە ئىككى شىئېرى
(1) نەئتئى نەبى ئەلەيھىسسالام بە لىسانى تۈركى :
جەمالىڭ جامىدىن بىر جۈرئە بەرگىل ئىنتىزارىڭغا،
جەھان ھەيرەتتە قالمىش بۇ سەنىڭ ھۆسنۈ- جەمالىڭغا،
كەمالى مەرھەمەتتىن بىر نەزەر قىل پەيمالىڭغا،
بۇ جان تەن ئچرەدەدۇر ھەمد ئەيلەرىم سىمائى ھالىڭغا،
جەھان ئۇ جان فىدا ئولسۇن سەنىڭكى مىم-ئۇ دالىڭغا.
نەدۇر ھەيرەتدەيىم يۈز ناز ئىستىغنا سەمەنسالىق،
ۋىسالىڭ ئارزۇسىدىن تۈشۈپ زەنجىرى رەسۋالىق،
سەنىڭ زىلل-ئى خىيالىڭدىن ئولۇپ ناقىس تەرسالىق،
بۇراق ئۈزرە قۇدۇم-ئى ئەۋۋەلىندۇر ئەرش-فەرسالىق،
ئىرىشمەك مۇمكىن ئولماز ئاشقسىز باغ-ئى ۋىسالىڭغا.
شاراب-ئى شەۋق ئىچىپ مەستانەلىك دەۋاسىن ئەتكەنلەر،
‹ئەنەىل ھەق› سىررىنى فاش ئەيلەيىپ غەۋغاسىنى ئەتكەنلەر،
جەمالىڭ شەمئىنە پەرۋانەلىك دەۋاسىن ئەتكەنلەر،
تەجەللى ئايەتى مۇسا كەبى تۇغراسىن ئەتكەنلەر،
ئىچىپ جامى مۇھەببەت ۋاقىف ئولمىش ھەتتۇ ھالىڭغا.
لەۋا-ئى سەرمەدىيچۈن ئەبر دائىم سايەبان ئولدى،
مەلەكلەر ئاسىتان-ئى ھەزرەتىڭدىن پاسبان ئولدى،
زۇھۇرۇڭ بائىسىدىن جۈملەئى ئالەم ئائيان ئولدى،
ئۇرۇچۇڭدا مەلەكلەر ساف تۇتۇبان دىدە-بان ئولدى،
ئېرىشمەي يولدا قالدى كۇدسىيان سەير-ئى كەمالىڭغا.
جەمالىڭ سەفھاسى ‹كەۋسەينى ئەۋ ئەدنا›ئەئيان ئەتتى،
سىفات-ئى باتىنىڭ شەرھ-ئى ‹ئەلەم نەشرەھ› بەيان ئەتتى،
شاق ئولدى ئاي يۈزۈڭ كۆرگەچ شەھادەت ئىنسى جان ئەتتى،
لەبئى لەيلۇن سۈيى ئائلەم ئىچىندە دۈر-فەشان ئەتتى،
ھەدىسئى ‹مەن رائانى› دالدۇر تۇغرا كەلامىڭغا.
كەلام-ئى ‹لىمائائللاھ› ھەزرەتىڭ شانىنا بۇرھاندۇر،
رەۋاجى دىنى ئىسلامنىڭ ئۈچۈن تەفسىرى قۇرئاندۇر،
سەنىڭ سەيرى سەماۋات ئەتتۈگىڭدىن جۈملا ھەيراندۇر،
نىدايى دەردى مىھنەت ئىچرە ئەھۋالى پەرىشاندۇر،
مۇھەببەت جامىنى بەرگىل ئېرىشسۈن مىم ئۇ دالىڭغا.
(2) قەسىدەئى ھەزرەتى شاھى نەقشىبەند قۇددىسە سىررۇھۇ:
مەقسەدى دىۋانە دائىم ھەقئى پايى نەقشىبەند،
سۈرمە قىلماققا قۇدۇمئى ئەئېششايى نەقشىبەند.
گەر مۇيەسسەر ئولماسا ھەقئى دەرى سۇلتانى ئاشق،
سىدقىل قويدۇم قەدەم بەسدۇر ھەۋايى نەقشىبەند.
جەمئى ۋەھدەتتىن مۇيەسسەر ئولسا يا بىر جۈرئەئى،
لۇتف ئىتىپ رەتلئى گىران بەرگەيمۇ شاھى نەقشىبەند.
بۇ قەفەس مۇرغانى خوش ئەلخانلارنى مەھبۇس ئەيلىدى،
بىنەۋالارغا ياراشماسمۇ نەۋايى نەقشىبەند.
زۇلمەتى ئۇنسۇر خەرابات ئەھلىنى ھەبس ئەيلىدى،
رۇشەن ئەتمەكلىككە كامىلدۇر رىزايى نەقشىبەند.
دەھر مەيدانىدا تەسكىن ئاتلار فىلان مەست،
باغلانىپ تۇرماق ھەم تارى رىدايى نەقشىبەند.
مۇنتەشىر ئولمۇش كەمالەتى خەھان ئەۋراقىدا،
تەشنە يەر داد-ۋەرى ۋەلايى نەقشىبەند.
ئەي نىدايى، ئۇشبۇ ئەييۇب ئىچرە ئولدۇڭ مۇئتەقىف،
مۇئتەقىف ئولماق بۇ مەنزىلدە رىزايى نەقشىبەند.
ئىزاھلار:
---------
)1(,)2(5) (“Abdullah Nidaı-yi Kaşgarı ve Hakkıye Risalesi” Hazirlayan:Dr. Güller Nuhoğlu, )2003، Simurg Kitapçılık Yayını, Sayfa 108-110, 15-20, 27– 30 ،İstanbul(.
)3(Thierry Zarcone:“Kaşgarı Tekkesi”, )Dünden Bugüne İstanbul Ansiklopedisi, İstanbul, 1995, IV, sayfa 485-487(
)4(6)،(Azmi Bilgin:“Abdullah Nidai ve İki Şiiri”,)İstanbul Üniversitesi Edebiyat Fakültesi Türk ve Edebiyat Dergisi, c. xxxxıı, sayfa 61-71, 1994-1997, İstanbul(
(مەنبە: ‹بۇلاق› ژورنىلى، 2011. يىللىق 4. سان، 47-51. بەتلەر)
|
|
|
|
|
|