مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3109|ئىنكاس: 72

مىسرانىم ھەقىقىي كۆيۈنىشىڭلارغا مۇھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 396959
تۆھپە نۇمۇرى: 1912
توردا: 6540 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:29:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھەممىڭلارغا تېنىچلىق ،خوشاللىق يار بولسۇن.
مۇنبىرىمىز 2010- يىلى 5- ئاينىڭ 19 - كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئوت يۈرەك قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە ھازىرقى شەرەپلىك ئورۇنغا مۇيەسسەر بولدى.


بىزمۇ تور بېكىتىمىز پىروگراممىسى ھەم مەزمۇنلىرىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇردۇق،مۇلازىمىتىرنىڭ نورمال مېڭىشى ئۈچۈن قوشۇمچە قىلىپ 2 مۇلازىمىتىرنى خېلى ۋاقىتقىچە بىرلىكتە ماڭغۇزۇپ تورداشلارنىڭ قەيەردە بولشىدىن قەتئىي نەزەر تور بېكىتىمىزنىڭ ئادىرسىنى توغرىلا باسسا نورمال ئېچىلدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلدۇق، تور بېكىتىمىز ئېچىلغاندىن تا ھازىرغا قەدەر بىردەممۇ توختاپ قالغىنى يوق،تورداشلار زىيارەت قىلىۋاتقان توربەتنىڭ نورمال ئېچىلشى ئۈچۈن گاھى 24 سائەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قىلىمىز، مۇلازىمىتىرنى ئەلالاشتۇرىمىز، ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك داۋاملىق تور ئېقىم سۈرەت مىقدارلىرىنى ،مۇلازىمىتىر سەپلىمىسىنى ۋاقتىدا يۇقىرى كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتىمىز.نۇرغۇن قېتىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىنى ئۆتكۈزۈپ تورنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە تېرىشىۋاتىمىز.


خوش، گەپنىڭ پوسكاللىسغا كەلسەك، 20 دىن ئارتۇق باشقۇرغۇچى بار بولغان ئۇشبۇ مۇنبىرىمىزدە نۇرغۇن خاتالىقلار ھەقىقەتەن داۋاملىق سادىر بولۇپ ماڭماقتا.

مۇنبىرىمىزنى نورمال ،ئاخىرغىچە پاكىز تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر باغ بەرپا قىلغاندىنمۇ مۇشەققەتلىك ئىش،شۇڭلاشقا بىز يېرىم يىللىق كۈزىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم ‹ئالدىراش› باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ باردۇق، ھەم بىر قىسىم قەلەم ساھىبلىرىنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغۇزدۇق ھەم ئولتۇرغۇزىۋاتىمىز.بۈگۈن بارلىق باشقۇرغۇچىلار تەڭشەلدى، ئالاھىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشى بار باشقۇرغۇچىلارمۇ ۋاقتىنچە چۈشۈرۈلۈپ تۇردى.

مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنەچچە كېچە ئۇخلىماي تېما يېزىپ ئاۋاتلاشتۇردى، نەچچە باشقۇرغۇچىلىرىمىز ناچار تېمىلارنى تازلاپ مۇنبەر مۇھىيتىنى قوغدىدى، ئىشقىلىپ نۇرغۇنلىغان كۈچلەرنىڭ قوللىشىدا توربېكىتىمىز پەلەمپەيسىمان تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.

يېقىندىن بۇيانقى مۇنبىرىمىزدىكى ئازدۇر كۆپتۇر ‹تېما› لارنى تورداشلار كۆرۈپ تۇرۋاتىدۇ، بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك تورداشلرىمىز بىزگە تېلفون ۋە تور ۋاستىسى ئارقىلىق ناچار تېمىلارنى پاش قىلىپ ۋاقتىدا ئۆچۈرگۈزىۋاتىدۇ...بۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت...

مىسرانىم تۈگىمەس بىلىم كانى،ئېسىل تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن تولغان مەزمۇنلۇق كىتاب،قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى ئانا تىلىمىز بىلەن يورۇتۇپ تۇرغۇچى ،قەلىبلەرنى ئىللىتقۇچى ئۆچمەس ماياك.
بۇنى قانداق قەدىرلەش ،بۇنىڭدىن پايدىلنىۋاتقان ھەربىر كۆرۈرمەننىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتى.
مىسرانىم شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى سىلەرگە نۇرغۇن بىلىم ئوزۇقلىرىنى ئاتا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغىنى ناھايىتى ئاددىي، ئۇ پەقەت چىن مەنىسى بىلەن كۆيۈندىغان مۇنبەر ئەزالىرىغا مۇھتاج.

مىسرانىم ھەقىقىي كۆيۈنۈشكە مۇھتاج..
مىسرانىمنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇزۇن ئۆمرى ،سەرلەۋھىلىك ماقالىلەردىن 10 ،ھەتتا يۈزىنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچىرشىشىنى كەڭ ئازادە مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مۇنبەر مۇھىيتىنى تۈزەش ھەركىتى باشلاندى،جىدەلخور،مۇنبەرگە جىدەل ئۇرىقى چاچىدىغان ئەزالارنى تەلتۆكۈس مۇنبەردىن تازلاپ ،ھەقىقىي چىن مەنىسى بىلەن مۇنبەرگە كۆيۈنىدىغان ئەزالارنى مىسرانىم داستۇرخانىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا باشلايلى...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XAHZADA8 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2021
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11736
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4693 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:42:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە دىسىلا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ مۇنبەرنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن بىر قىسىم ئەزالارنىڭ بولمىغىنى ياخشى، ئەسەرلىرىگە ئازراق تۈزۈتۈش بەرسە رەنجىمەي خوش بولسا بولىدۇ، تۈزۈتۈش بەرگەننىڭ نىمە گۇنەيى ، تۈزۈتۈش بەرگەننىڭ پايدىسى كۆپقۇ ، تۈزۈتۈش بەرگەننى تىللىسا بولمايدۇ

يىغلاپ تۇغۇلدۇم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61316
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2816
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1094 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:47:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا شۇنداق قىلىش كېرەك، ئالدىراپ ئوت چاچقان بىلەن ئاخىرى ئۆز چاپانغا پىت تېرىيدىغان ئىش چىقىدۇ

مەن بۇدۇنياغا كەلگەن ئىكەنمەن ھايات قايتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم

شۈكرى ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4127
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 4231 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 01:51:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا گەپ،،،، ھەممىسى ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىشلار،،، مۇشۇ تور دۇنياسىدىكى ئورۇنسىز جەڭگە جېدەل،، ئارتۇقتىن ئارتۇق ئورۇن مەرتىۋە شان شۆھرەت ھىچ كىشىگە نەپ يەتكۈزمەيدۇ ،، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك  ۋەزىيەتتە بەزى پاراڭلارمۇ بولىۋاتىدۇ  قۇرۇق گەپ ئورۇنسىز گۇمان ۋە دەتالاش ھىچ ئىشنى ھەل قىلالمايدۇ  ھەممىمىز تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىمىز ۋە ئىزدىنىۋاتىمىز ،، بەزى گەپلەرنىمۇ سەل ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىپ قىلايلى ياكى ئىچىمىزدە بىلەيلى،،،، قىززىققانلىق بىلەن ئۆزىمىزنى ھەم باشقىلارنىمۇ دەرتتە قويمايلى،،،،،،، سەت گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەيلى،، توردا سەت گەپ قىلىپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشسىڭىز سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى باشقىلار بىلمىسىمۇ ياكى سىز كىچىك نۇمۇر ئېچىپ باشقىلار بىلەن جېدەل قىلىپ ياكى تاقا تۇقا پاراڭ قىلسىڭىز سىزنى تونىمىسىمۇ لىكىن بۇ سورۇننىڭ ئويغۇرلار سورۇنى ئىكەنلىكى باشقا مىللەتتىكىلەرمۇ بىلىدۇ،باشقىلارمۇ كىرىپ كۆرىدۇ،،ئۆز ئارا تالاش تارتىش قىلىشىپ مۇشۇ چەكسىز مەۋھۇم دۇنيادىمۇ سىغىشمىساق باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا تىل ئاھانىتىگە قالىمىز ،،،، ئۆزىمىزنىڭ نېنىمىزنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قويمايلى ھەم باشقىلارنىڭكىنىمۇ تارتىۋالماي ياشايلى،،، ئاددىسى سوغۇققانراق بولايلى يولداشلار،،ئۆزىمىزنىڭ مۇھىتىمىزنى قوغدايلى

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1883
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25078
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4249 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 02:05:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ، ئويلاپ سۆزلە دەيدىغان گەپ بار !

تورداشلار ئىنكاس يازغان  ۋاقىتتا ئۆزۈمىزنى تۇتىۋىلىپ يازايلى، قىزىقارلىق ، كۈلكىلىك ۋە ياكى رەدىيە تىپىدىكى ئىنكاسلار بولسۇن باشقىلارنى چىشلەپ تارتىدىغان ، باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى يىتىدىغان گەپ سۆزلەردىن ساقلىنايلى .

بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى نەقىل ئالغاندا ۋە شۇ ئىنكاسقا قارىتا قايتۇرما ئىنكاس يازغاندا شۇ ئىنكاس ئىگىسىنى ھاقارەتلەش ، داۋاملىق مۇنازىرلىشىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى مومكىن بولسا قىلمىساق .....
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭىشىمايدۇ دەيدىغان گەپ بار ،  ئىسىڭلاردا بولسۇن ، مۇنبەر يۈزىدە ھەر قاچان چارلىغۇچىلار بار ، كىچىكراق بولغاندا چەكلىنىپ قالىسىلەر ، چوڭراق بولغاندا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى تۇتۇۋالىدۇ .

شۇڭا ئىنكاس يازغاندا قاتتىق دىققەت قىلايلى !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29494
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2656
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2011-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 02:16:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايتى دانا پىكىر بوپتۇ ، مەن مۇنبەرنىدە ئومۇمىيۈزلۈك تازىلاش ، تەرتىپكە سېلىشنى بەكمۇ قوللايمەن ، چۈنكى ئۇيغۇر تور ساھەسىدە مۇشۇ مىسرانىمدەك ھەممە ئىشلارنى ئەتىراپلىق ئويلايدىغان مۇنبەردىن نەچچىسى بار ؟ مۇنبەردە بەزى ئەزالار باركى «تۇخۇمدىن ئۈندۈرۈش» كە ئادەتلىنىپ كەتكەن ، شۇنداقلارنى مۇنبەردىن قوغلىماي پاكىز مۇنبەر بەرپا قىلغىلى بولماس !
بىرەر تېمىغا ئىنكاس يېزىپ بىرەر جۈملە سۆز قىڭغىر كەتسە  (ئەمەلىيەتتىمۇ قىڭغىر كەتتى ، دېگىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ  خاھىشى ئوخشاش بولمايدۇ-دە ) بەزىلەر تاس قالىدۇ ئالەمنى مالەم قىلغىلى ، ئۆتكەندە  بىر تېمىغا بىر ئىنكاس يېزىپ ساپتىكەنمەن ، تەرەپ تەرەپتىن «چىشلىنىپ ، تارتىلىپ ، مىجىقدىلىپ ،سوقۇلۇپ ، قىقىلىپ » ، بىچارە ئىنكاسىمنى  بۇ دۇنياغا ئىنكاس بولۇپ تۆرەلگەنگىمۇ  تويغۇزىۋەتتى ،   چۈشەندۈرگەن سۆزلىرىنىڭ ھېقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق ، بۇ يەردە بەزىلەرنىڭ سەزگۈر نېرۋىسى غىدىقلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇ تېمىنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن شۇ مەزمۇندىكى تېمىلار ئۇچىراپ قالسا يىراق قاچىدىغان بولۇپ قالدىم .
يەنە بىر خىل ناچار خاھىشنى  بايقاپ قالدىم : بەزى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە ھېرسمەنلەر بىر ئادەم تۇرۇپ ، مۇنبەرگە ئوخشىمىغان بىر قانچە نامدا تېزىملىتىپ كىرىپ ، ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆزى پاسقا چىقىرىپ  ، ئوخشىمىغان ئەزا نامىدا گەپ يورغىلىتىپ ، تېمدا تەسۋىرلەنگەن مەزمۇننى يىتەكلەپ ماڭىدىكەن ، مۇنبەردە ئۆزىنىڭ گېپىنىلا راستقا چىقىرىدىكەن  ، ئوخشىمىغان  نامدىكى بىر قانچە ئەزانىڭ ئىنكاستىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ، تەپەككۇر قۇرۇلمىسىغا قارىسا خۇددى  دېيىشىۋالغاندەك ئوخشاشلا  بىر خىل يۆلىنىشتە تۇرغان . مۇشۇنداق ئەزالارغا دىققەت قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن ، مىسرانىم  باشقۇرغۇچىلىرى !
   مىسرانىمغا كۈندە كەم بولغاندا بىر قېتىم كىرمىسەم كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ ، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتسەممۇ پەقەت بولمىغاندا ئۇخلاش ئالدىدا بولسىمۇ يانفوندا بىر قېتىم قاراپ باقىمەن ، ئۈمىد ۋە تەشنالىقتا مىسرانىمغا تەلمۈرۈپ كىرگەن يالقۇن كەبى تۇيغۇلىرىمىزغا سوغۇق سۇلار سېپىلمىگەي .

جاندىن كەچمىگۈچ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5047
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 1329 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 02:31:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇنلۇق پىكىر ، قوللايمىز، ! بولسا مۇنبەردە ئۆزئارا سوقۇشۇپ يۇرىدىغان ئىشلار بولمىسا ئىلمى مۇنازىرلەشكەن بولساق ، دىگەن ئۈمۈتتەمەن ، !

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 236
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51681
تۆھپە نۇمۇرى: 288
توردا: 3436 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 02:42:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقىنى  ھەقىقەتەن كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت ..ئەمما  ھېچقانداق شەيئى نۇقساندىن خالى بولالمىغىنىدەك ،بەزىبىر كەمچىللىكلەرمۇ يوق ئەمەس ...ئەمما  كىچىككىنە كەمچىللىكلەرنى دەپ مۇنبەرنى يامانغا چىقىرىۋېتىشنىڭ ئورنى يوق ،ئەينى ۋاقىتتا  مەنمۇ مۇنبەرنى تەنقىد قىلىپ  تېما -ئىنكاسلارنى يازغان ،لېكىن يامان نىيەتتە يازغىنىم يوق،مۇنبەر كەمچىللىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلارغا موھتاج ئەلۋەتتە ...ئەينى ۋاقىتتا مەن   پۈچەك ،قىممىتى يوق تېمىلار كۆپ دىگەن مۇنبەر بۈگۈنگە كەلگەندە ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئەھمىيەتلىك تېمىلار كۆپ بولغان مۇنبەرگە ئايلاندى  ....ئېنىقكى ،بېكەت باشلىقى ئابابەكرى تەنقىدىي پىكىرنى قوبۇل قىلىپ كەمچىللىكنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرالايدىغان ،ئەقىللىق  يىگىت....شۇ گەپلەرنى قىلغىنىمغا مېنى چەكلەپ مۇنبەردىن قوغلىسا بىردەملىك ئىش ئىدى ...باشقۇرغۇچىلارغا قاتتى تەلەپ قويۇش ۋە پىكىر -تەكلىبلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىش مۇنبەر تەرەققىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى ئېنىق ....يەنە بىر تەكلىپ مىسرانىم تەرجىمانلىرىنىڭ تېمىلىرىنى ئاز كۆرىدىغان بۇلۇپ قالدۇق  ...ئەھمىيەتلىك تېمىلار تەرجىمە قىلىنىۋاتاتتى   ...مۇشۇ ئىشقا كۈچەپ قويساڭلار  ....مىسرانىم ھەقىقەتەن كۆيۈنىشىمىزگە موھتاج ...مىسرانىمغا  ئەمىلىي ئىش قىلىپ بېرەلمەيۋاتقىنىمىزدىن خىجىلمەن ..

ئۈزۈم تال

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49911
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11490
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 06:25:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .

         ھۆرمەتلىك ! مىسرانىم مۇنبرى ئۇچۇن، ۋە كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدىنىيتى ئۇچۇن ، تىنىمسىز ئىشلەپ ،كۇچ چىقىرۋاتقان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەزىز  دوسلىرىمغا،  ئالاھنىڭ رەھمەتلىرى ۋە كەڭ مەغپىرەتلىرى بولسۇن.  ھەر بىرىڭلارنىڭ ئائىلەڭلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن كۈچلۇك ئىمان ، ۋە ئىككى ئالەمدە شاد-خۇراملىق تىلەيمەن . مەخسەتكە كەلسەك  .

      مىنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولمىدى .  ھەممۇ  مەن تور ھاياتىمدا مىسرانىم مۇنبەرگە تۇنجى ئەزا بولۇشۇم.  ھەر قىتىم مۇنبەرگە كىرسەم،  ئانچە مۇنچە دىن-ئىسلام توغۇرسىدىكى يوللانغان تىمىلارنى ئۇچۇرتۇپ قالىمەن . مەنمۇ بىر مۇسۇلمان بولۇش سۇپىىتىم بىلەن شۇ تىمىلارغا كىرىپ كۆز يۇگۇرتۇپ بولۇپ ، ئاندىن سىياسى تىمىلارغا،  ئاندىن باشقا تىمىلارغا كىىرپ ، ئانچە -مۇنچە ئۆزۇمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى، قالدۇرۇپ قويۇپ ،يىنىپ چىقىمەن .  
      بۇ جەيراندا مىنىڭ كۆڭلۇمنى بىئارام قىلغىنى مۇنبەرگە يوللانغان دىن-ئىسلام توغۇرسىدىكى  ماقالەۋە  تىمىلارنىڭ ھەجىمى زىيادە ئۇزۇن ۋە ئاندا ساندىكىللىرىدىن باشقىللىرىنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇشىغا قارىماي ،شۇ تىما يوللاۋاتقان ئاپتۇرنىڭ ،شۇ ئايەت ۋە ياكى ھەدىسنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سىڭدۇرۇشتىكى  تۇتقان يولى بەكلا بىتەرەپلىملىكتەك خاتالىقلارنىڭ ، كۆپرەك سادىر بولىۋاتقان ئەھۋالنى بايقاۋاتىمەن .

    بولسا تورغا بولسۇن ۋە ياكى باشقا كىتاب........دىگەندەك تەشۋىقات ۋاستىىلرىغا بولسۇن دىن-ئىسلام تىمىسى يوللىغاندا يوللانماقچى بولغان  قۇرئان ياكى ھەدىسلىرىدىن كۆپ بولسا ئۇچ -تۆت ئايەت، ھەدىسلەردىن بەش-ئالتىدىن ئىشىپ كەتمىسە ............بولمىسا ئوقۇرمەنلەرنى زىىركتۇرپ قويدىغان ئىش چىقىشى مۇقەررەر دەپ قارايمەن .

     يەنە بىرگە ، دىن-ئىسلام تىمسى يوللىغۇچى دوسلىرىمىز ،شۇ ئۆزى يوللىغان ئايەت ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بىرىشتە ،تەرجىمىسىنى يىرىك ھالدىلا ئوتتۇرغا قويماي ، ھەر ساھە-ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ، يوللىغان تىمىسىغا بولغان پسخىك ئامىللىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ۋە شۇ يولنى بويلاپ يوللىغان ماقالە ،يازمىلارنىڭ  جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغۇدەك ئۇسۇللارنى تىپىپ چىقىپ شۇ ئۇسۇللار بىلەن ،شەرھىلەپ بەرسە ....

........ ئاپتۇرلار مۇشۇنداق چۇشۇنىكسىز مەنادىكى ،دىن-ئىسلام تىمىسىنى يوللاپ قويۇپ، مۇنبەردىكى بىر قىسىم چۇشەنمىگەن ئەزالار نىڭ ،سورىغان سۇئاللىرىغا ،قايىل قىلارلىق جاۋابلارنى بىرىشتە ئاجزلىق كىلىپ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرپ بىلەن ،ئۇنۇمسىز زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان ،ئەھۋالارنىڭ سادىر بولۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن، قارشى تەرەپكە، ئىشەنسەڭ مانا .ئىشەنمىسەڭ ئۆزۇڭنىڭ شورى. دىگەندەك دىل ئازارى بولىدىغان ،گەپ-سۆزلەردىن يىراق بولۇپ. قارشى تەرەپتىن ۋاقىتلىق پۇرسەت ،ۋاقىت سوراپ، باشقا دىن-ئىسلامغا پىششىق بولغان موللا-ئۆلمالاردىن ئىشەنچىلىك ھۆكۈملەرگە ئىرىشكەندىن كىيىن . قارشى تەرەپكە ئىغىز ئاچسا .
    يەنە بىر مەسىلە، مۇنبەرگە پەن-تىخنىكىغا ئائىيىت تىما ماقالە  يوللىغاندا ،ئىمنكان بار ، شۇ تىمىنىڭ ئىھتىياجىغا لازىم بولغان دىن-ئىسلام بايانلىرىدىن باشقا بايانلارغا زورمۇ زور كۇچەپ ، دىن-ئىسلامدىن  دەللىل سۇپىتىدە نەقىل ئىلىنمىسا . ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ ماقالنىڭ ياكى يازمىنىڭ ئىھتىياجىغا توغرا كەلمەيدىغان ،مەنىسى چۇشىنىكسز ،چۇۋالچاق ،كىشلەرنىڭ بىشىنى قايمۇقتۇرپ قويدىغان ماقاللەرگە ،ئالاھىيدە دىققەت قىلسا .......
    ........يۇقارقىدەك  ئايەت بىرەر ھەدىسلەر، قىسقا ،مىغىزلىق قىلىپ يوللانسا، ۋە شۇ ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ، ئۇيغۇر ئەدىبى تىل يىزىقىدىكى ئەڭ گۇزەل تىل ئىبارىلەر بىلەن، ئەڭ يارقىن بىر ئۇسۇلدا بايان قىلىنسا . مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جەزمەن كەڭ ئوقۇرمەن ،بۇ تىمىدىن يىتەرلىك مەنىۋى زوق ئالايدۇ.
  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرمۇ شۇ تىمىدىن زىركىپ قالىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ دەپ قارايمەن . ئەگەر مۇنداق بولماندا ،بىرەسى شۇ تىما ۋە يازمىدىن نارازى بولۇپ، بىر نمىە دىسە مۇنبەردىكىلەر ئىككى قاش بولۇپ، ئاق تاغلىق. قارا تاغلىق بولۇپ كەتمەكتىن باشقا ئىش يوق ئىكەن ......

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇشۇنداق دن-ئىسلام تىمىسىنى تەستىقلىماقچى بولغان مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرىمۇ، مۇشۇ نۇقتىغا ئالاھىيدە كۆڭۇل بولۇش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلسىكەن .دىگەن كۆز-قاراشتىمەن .

مىنىڭ كەسپىم تىل-ئەدىبىيات بولمىغاچ تىل-ئەدىبىياتتا ۋە خەت ئۇرۇشتا،سەۋىيەم سەل ئاجىزراق. كەڭ ئوقۇرمەن دوسلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن .

ئىبراھىمجان ئىر

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 2318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26022
تۆھپە نۇمۇرى: 3036
توردا: 6316 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 09:50:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمىز .... مىسرانىم تىخىمۇ تەرەققى قىلسۇن

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ
.
               http://yegana.blogbus.com/www.1miskal.tk[/colo
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش