 |
 |
 |
 |
مـۇھـەببـەتـكـە تـولـسـۇن بـۇ دۇنـيـا

( ئاتىكەم مۇھەممەت )

ئايال

ئۇ ئايالىنى ئۇرۇپ دەپسەندە قىلغانىدى ، بۇنى كۆرگەن قۇياش قارا بۇلۇتلار ئارىسىغا يۇشۇرۇندى .
ئۇ قۇياشتىن سورىدى :
- ئېھ قۇياش ، نېمە ئۈچۈن جامالىڭنى كۆرسەتمەيسەن ؟
- سەن مېنى كۆرمەكچى بولساڭ ، ئايالىڭنى قەدىرلە . چۈنكى ، من نۇرۇم بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئىللىتسام ، ئۇمۇ مېھرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئىللىتىپ ، ئۆز ۋۇجۇدىنى كاۋاپ قىلىش بەدىلىگە دۇنيانى ئەبەدىي ئۈزۈلمەس نۇر دۇنياسىغا ئايلاندۇرىدۇ ، - دەپ جاۋاب بەردى قۇياش .
بىردىنلا يەر تەۋرەشكە باشلىدى . ئۇ يەردىن سورىدى :
-ئېھ ئانا تۇپراق ، سەن نېمە ئۈچۈن تىتىرەيسەن ؟
يەر مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى :
- سەن مېنى تەۋرەشتىن توختاتماقچى بولساڭ ، ئايالىڭنى خورلىما . چۈنكى ، مەن پۈتۈن دۇنيانى باغرىمغا سىڭدۈرسەم ، ئۇ مەندەك كەڭ كۆڭۈل - كۆكسى بىلەن تاشتىن قاتتىق ، زەھەردىن ئاچچىق ، ئاجايىب ئېغىر ، كۆز بىلەن كۆرگىلى ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان ھايات سوۋغىلىرىنى باغرىغا سىڭدۈرۈپ ، يەلكىسىدە ئات چاپتۇرۇپ ، يۈرىكىدە بېلىق ئوينىتىپ ، تۇرمۇش داۋانلىرىدا پۇتلاشماي ماڭالايدۇ .
ئۇ كۆز ئالدىدا ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن پۈركەنگەن پايانسىز يايلاق تۇرغانلىقىنى كۆردى . ئۇنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز يوغان بىر شىر پەيدا بولدى ۋە قەھرى بىلەن ئۇنىڭغا ئېتىلدى . ئۇ پۈتۈن بەدىنى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن ھالدا شىرغا يالۋۇردى :
- ئەي شىر ، ماڭا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمىسەڭ !
شىر ئۇنىڭغا دېدىكى :
- ئەگەر خاتىرجەم بولاي دېسەڭ ، ئايالىڭنى ئېلىپ كەل . ئۇ مۇلايىم مىجەزى بىلەن مېنىڭ ۋەھشىي قىياپىتىمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ .
ئۇ ، كۆك ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشقا قاراپ كۈلۈمسىرىدى . قۇش ئۇنىڭ قولىغا قونۇپ يۈرەكنى ئەزگۈدەك مۇڭلۇق سايرىدى . ئۇ قۇشقا دېدى :
- ئەي قۇش ، سەن نېمىشقا ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇپ يايرىماي ، قولۇمغا قونىسەن ؟
قۇش ئۇنىڭغا دېدى :
- مەن ئەخمەقلىقنى ئايالىڭدىن ئۆگەنگەن . چۈنكى ، مەن ئالدىنىپ ياشاشنى ‹‹ بەخت ›› دەپ بىلەن !
يايلاقتا قاتتىق بوران چىقىپ ، ئاق بۇلۇتقا مىنگەن ، قىزىل كۆينەك كىيگەن ، ئايىدىن يۈز ئالغان ، نۇردىن يۇغۇرۇلغان بىر گۈزەل قىز پەيدا بولدى . قىز ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى مۇزنى ئاجايىب ناز - كەرەشمىلىرى بىلەن ئىللىتىپ ، ئۇنى ئوتلۇق باغرىغا باستى . ئۇنىڭ ۋۇجۇدى شام كەبى ئېرىگەندە ، قىز ئۇنىڭ يۈزىگە پولاتتىن قاتتىق شاپىلىقى بىرنى ئۇردى . ئۇنىڭ كۆزىدى ئوت چاقناپ كەتتى . ئۇ قىزدىن سورىدى :
- سەن نېمىشقا مېنى ئازدۇرىسەن ؟
قىز ئۇنىڭغا قاراپ دېدىكى :
- مەن ئايالىڭدىن تەلىم ئالغان ئالۋاستى ! .........
ئۇ يەنە كىچىككىنە چۈمۈلىنىڭ ئايىقى ئاستىدا ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا رەھىمى كېلىپ ، ئۇنى ئالقىنىغا ئالدى . چۈمۈلە ئۇنىڭغا قاراپ دېدى :
- سەن مېنى ئالقىنىڭغا ئالغىنىڭغا ئوخشاش ، ئايالىڭمۇ سېنىڭ ئۆزىنى ئالقانلىرىڭغا ئېلىشىڭغا مۇھتاج ! 
مۇھەببەتكە تولسۇن بۇ دۇنيا

مۇھەببەت پەرىشتىسى بىر قولىدا شىرىن شارابنى ، يەنە بىر قولىدا زەھەرنى تۇتۇپ تۇراتتى . ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر خىل ئازاب چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، نازۇك قەلىب تارىنى چىكەتتى . بىر چاغلاردا تاشۋاي دېگەن يىگىت لەيلىگۈلنىڭ ئىشقىدا كۈيۈپ ، يۈرىكىدە تاۋلىنىۋاتقان تۈگىمەس ھېسيات دۇردانىلىرى بىلەن تاھازىرغىچە ئىنسان يۈرىكىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن ئۆلمەس مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان ؛ نۇزۇگۇم پاك سۆيگۈ ئۈچۈن ۋىجدان ئازابىدا پۇچۇلىنىپ ، چىرىك مانجۇ ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ باتۇرلارچە قۇربان بولغان ؛ رابىيە - سەئىدىن مۇھەببەت ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىدىن كەچكەن ؛ مەلىكە ئاماننىسا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ ۋاپات بولغاندىن كىيىن . ئابدۇرېشىدخان ئەقلىدىن ئېزىپ ئاھ ئۇرغان .
ئەجىبا ، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ ؟ مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن : بوۋاينىڭ ئايالى - ۋۇجۇدىنى كاۋاپ ، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ ، بىر ئۆمۈر ئەر ۋە پەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغشلىغان قەدىناس ئايالى ئالەمدىن ئۆتىۋىدى ، ئارىدىن بىرەر ئايمۇ ئۆتمەستە ، بوۋاي رەھمەتلىك ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا كۆزى قىيمىغان پۇللىرىغا زىبۇ - زىننەت ، كىيىم - كېچەك سېتىۋېلىپ ياش بىر چوكان بىلەن توي قىلىۋالدى ........
ئەنە ، بىر ئايال پۇل - بايلىق ، شانۇ - شۆھرەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋاپادار كۈيۈمچان ئېرىنى تاشلاپ ، باشقا بىر ئەر بىلەن كېتىپ قالدى.........
مۇھەببەت پەرىشتىسى بىردىنلا قولىدىكى جاھاننامە ئەينىكىگە قاراپ ، ھاياتنىڭ ئەگرى - توقاي يوللىرىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ، زەپەر گۈللىرىنى ئېچىلدۇرۋاتقان جۈپ - جۈپ ئەر - ئاياللارنى كۆرۈپ شادلىنىپ تۇرۇپ خىتاب قىلدى :
- ئەي ئىنسانلار ! قەلىب ئېتىزىڭلارنى ئىنساب سۈيى بىلەن سۇغۇرۇڭلار ، مېھىر - مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىڭلار ! ئەي ئەر -خوتۇنلار ! بىر - بىرىڭلارغا مەڭگۈ ئىجىل - ئامراق بولۇپ ئۆتۈڭلار ، دۇنيا مۇھەببەتكە تولسۇن !

كومپىيۇتىر ئالدىدا : شەرمى^^ ناز

[mp3=1]http://rg.nx8.net/files/2006/03/21/2005122822194873978.mp3[/mp3]
|
 |
 |
 |
 |
|