بۇ مېنىڭ (ئىقتىدارلىق سىتۇدىنت خىزمەتكە مۇھتاج) دىگەن تىمىنى يازغان ئىنىمزغا قالدۇرغان ئىنكاسىم ئىدى .
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=64663
لېكىن ئويلاپ باقسام بۇ ئىنىمىز دوچ كەلگەن ئىشقا ھەر يىلى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە بولغاچقا ئايرىم تىما قىلىپ يوللىدىم . ئازراق پايدىسى تىگىپ قالار دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
مۇنۇ سوئاللارغا تورمۇشنى كۈزۈتىش ۋە ئۆز تۇرمۇش تەجىربىلىرىم بىلەن جاۋاپ قالدۇرۇلدى .
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار نىمە ئۈچۈن خىزمەت ئىشى تىلغا ئېلىنسىلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوقۇلىدۇ ؟
ئاتا - ئانىلار نىمە ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن ھەددىدىن زىيادە غەم يەيدۇ ؟
نىمە ئۈچۈن پەرزەنتتى ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئاز قالغاندا ئاتا - ئانىلار ئۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كىتىدۇ ؟
پەرزەنتلەر ئاتا ئانىلىرىغا بېسىم ئېلىپ كىلۋاتامدۇ ياكى ئاتا - ئانىلار پەرزەنىتلەرگە بېسىم ئېلىپ كىلىۋاتامدۇ ؟
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستودىن ئىنى سىڭىللىرىم ۋە جاپاكەش ئاتا ئانىلارغا !
مەنمۇ دەسلەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدىن ، بىۋاستە ئېيتساق خىزمەت ئىشىمدىن ئىنتايىن ئەنسىرگەن ( خىزمەت ئىشى دىگەن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىچە بولىدىغان ئالاھىدە ئىش ئىكەن ، مېنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمنى مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ كۈزۈم يەتمەيتتى ) . سىزنىڭ ئۈستىدە ئېيقانلىرىڭىز ھەقىقي ئەمىلىيىتىڭىز بولسا ، سىز ھەرگىزمۇ بوشاشماڭ ، كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن پۇرسەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ . سىز ئالى مەكتەپ ھاياتىنى خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى ئۆتكۈزۈپسىز ، ئەمدىكى گەپ سىزنىڭ قانداق قىلىپ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش .ھازىرقى جەمىئەتنىڭ تەرەققىيەت يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا خىزمەت تېپىش ئىنتايىم مۇھىم ، لېكىن سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس تىرىشچانلىقىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم . تاتىنچاق ، تەسكىن ئىسىملىك تورداش ئاكىلىرىڭىزنىڭ دىگەن گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ ، فوتوشوپنى ، ئۈچ ئۆلچەملىك دىتاللارنى ياخشى ئۈگەنگەن بولسىڭىز ، بۇ سىزنىڭ مەيلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىشىڭىز ، ۋە ياكى شىركەتلەردە ئىشلىشىڭىزدە سىزنى باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ ، بۇ دىتاللارنى ھازىر نۇرغۇن ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ دىيىش ئىنتايىن يىنىكلىك بىلەن قىلىنغان سۆز ئۇكام ، بۇلارنى ئۆگۈنىپ بولدۇم دىيىش تېخى خېلى كىشىلەرنىڭ ئاغىزىغا بارمايدۇ . مەنمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىپلا لايىيەلەش دىتاللىرى بىلەن ئۆزۈم ئۈگەنگەن پروگرامما بىلىمىگە ئاساسەن ئېدارىنىڭ سېستىمىسىنى تۈزۈپ بىرىپ ، بىردىنلا يىڭىكەلداخۇن ناملىق سالاھىتىمدىن دەرھال ئىچكىردە ئوقۇپ كەكگەن ئىقتىساد ئىگىسى دىگەن نامغا ۋە نۇرغۇنلىغان ئىمتىيازغا ئىرىشتىم . ئۇندىن كىيىنلا بوشىشىپ قالماي ئىچكىردىكى پروگرامما شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كەچلىك ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل تۈرلەرگە قاتنىشىپ ئىقتىسادىمنى خېلى ياخشىلىۋالدىم . بولارنى مىسال قىلىپ بىرىش ئارقىلىق مەن سىزگە شۇنداق بىر ياشاش ئەندىزىسىنى تەۋىسسىيە قىلماقچى :
خىزمەتىن ئارتۇقچە غەم يىمەڭ ، تىرىشىپ مۇشۇنداق دادىللىق بىلەن ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان خىزمەت تېپىشقا ئىزدىنىڭ ، ئاللاھ نىسىپ قىلغان بولسىلا سىز ئۇزاققا قالماي خىزمەت تاپالايسىز ، بۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىڭ ، شەكلەنمەڭ ! ئەمدىكى مەسىلە مەيلى سىز قانداق ئورۇن ، قانداق يەردە ئىشلەڭ سىزنىڭ دەسلاپ دۇچ كىلىدىغىنىڭىز سىزدىن بۇرۇن ئاشۇ يەرگە كىلىپ ئىشلەپ تۇرۇۋاتقان خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى كەمسىتىشى ، ئامال قىلىپ سىزنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان دىگەن قاتارغا چىقىرىپ قويۇشى ، يەنە ئامال قىلىپ سىزنى تېخى جاپا كۆرمەپتۇ ، ئىش ئۇقمايدىكەن ، بىز يىڭى كەلگەندە ئۇنداق بولغان ھەي ، بۇنداق بولغانەي دىگەن ھەرخىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ، سىزنى مەجبۇرى جىسمانىي جاپا تارتىدىغان يېزىلارغا ، كەنتىلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىشى تۇرغانلا گەپ ( بۇ ئىدىيەنى بىز ياشلار چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز ، ھازىرقى جەمىئەتنىڭ تەلىپىنى شۇ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويىشىمىز كېرەك ، بۇ 20 يىل بۇرۇنقى ۋاقىت ئەمەس . ) . بۇنداق دىگىنىم ھەرگىزمۇ يېزا خىزمەتلىرىنى ئىشلىسىڭىز بولمايدۇ ، جاپا تارتىپ كىتىسىز دىگىنىم ئەمەس ، لېكىن سىزنىڭ ئاشۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئۈگۈنىپ كەلگىنىڭىز ھەرگىزمۇ جىسمانىي كۈچ قۇۋۋەت كىتىدىغان بىلىم بولماستىن ، ئەقلى بىلىمدۇر ، ناۋادا ھەقىقەتەن زۈرۈر بولۇپ قالسا بېرىپ ئىشلەشتىن باش تارتسىڭىز ئەقەللىي سىزنىڭ ۋىژدانىڭىزغا توغرا كەلمەيدۇ ، لېكىن ئامال بار ، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ جەمىئەتتىكى ئورنىڭىزنى ئۆزىڭىز تۇرغۇزىشىڭىز ، گەرچە ئالما شىركىتىنىڭ سابىق مەرھۇم رەئىسى ئىستېۋىن جوب ، فېيتسبوكنىڭ قۇرغۇچىقسى مارك زاكىربورىك ، 25 يېشىدا 300 مىليۇن دوللار تاپقان گورباكىشلارغا ئوخشاش بولالمىسىڭىزمۇ ، لېكىن ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ دۇنياغا ئاجايىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھەر ۋاقىت يادىڭىزدا تۇتۇشىڭىز لازىم . سىزلا مۇشۇ ئىدىيەدە ھېچ بولمىغاندا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 5-10 يىلغىچە چىڭ تۇرۇپ تىرىشىپ ماڭالايدىكەنسىز ،چەت ئەلدىكى كىشىلەرنى دىمەي تۇرايلى سىزمۇ شىنجاڭدىكى پەخىردىن قارلۇق ، ئابدۇراخمان دوكتۇر ، قاسىم ئابدۇرىھىم قاتارلىقلاردىن پەرىقلەنمىگۈدەك ئۇتۇق قازانغان كىشىلەردىن بولالايسىز .
ئىھ ئاتا ئانىلار ، سىلەر ھەقىقەتەنمۇ جاپا تارتتىڭلار ، پەرزەنتىڭلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئاۋايلاپ ، پەپىلەپ ئۆستۈرۈپ ئەمدى قاتارغا قوشاي دېگەندە جەمىئەت ۋە تورمۇشنىڭ ئىھتىياجى بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىشلىرىنىڭ قانداق بولىشى ئۈستىدە غەم تارتىپ بەزىلىرىڭلارنىڭ ئېقى يوق چاچلىرىڭلار چار بولۇپ كەتتى .
ئاتا - ئانىلار نىمە ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن ھەددىدىن زىيادە غەم يەيدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن پەرزەنتتى ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئاز قالغاندا ئاتا - ئانىلار ئۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كىتىدۇ ؟
تۇرمۇشنى كۈزۈتىشىمگە ئاساسلانغاندا ، ھازىر بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەنمەنچىلىك ئىنتايىن ئېغىر ، بىر ئاتا - ئانا بولغۇچى بالىسى ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ بىر يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتىمۇ ، بولدى ، دەرھال ئۆزىنىڭ قاتار چايلىرىدىكى دوست ئۈلپەتلىرىگە بالام داشۆدە مۇنداق ياخشى ئوقۇغان ، ھازىر مۇنداق يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتى دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ، پات يېقىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋە ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئىككى يىل ئۆزىگە ماس كىلىدىغان خىزمەت تاپالماي يۈرگەن شۇ بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا روھى بېسىم قىلىپ ، شۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان خىزمەت تېپىش بېسىمىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىپ ،« خەقنىڭ بالىسى قانداقكەن ، سەن قانداق ئوقۇغان ››دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنىڭ بولىشى بىلەن ،ئەمەلىيەتتە ئازراقلا تىرىشسا خېلى ئۇتۇق قازىنىش ئىمكەنىيىتى بولغان شۇ بالا ، بۇ بېسىملارغا مەنىۋىيىتى سەل ئاجىز بالىلار بەرداشلىق بىرەلمەي ، ھاراق ، نەشە ، چومادۇ قاتارلىقلارغا بىرىلىپ كىتىدىغان ئىشلار ھەم جەمىئىيىتىمىزدە مەۋجۇت !
ئاتا ئانىلاردىن كۈتۈدىغىنىم : پەرزەنتتىڭلارغا ئىشىنىڭلار ، ئۇلار سىلەرنىڭ تەربىيەرلەردە چوڭ بولغان ياخشى پەرزەنت ، ئۇلار تۇيۇقسىز ئۆزگۈرىپ كەتكىنى يوق ، سىلەرنىڭ مەنىۋى قوللىشىڭلار ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسىي ! باشقىلارنىڭ بالىلىرى نىمە خىزمەت قىلغان بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرى ، ئۇ كىشىلەرنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بالام شۇنداق بولسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە بولماڭ ، ئەڭ چوڭ بەخىت ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ، بالىلارنى ئۆزى قىزىقمايدىغان ساھەگە زورلىماڭ ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى كەڭ قويۇپ بىرىشكە مەنىۋى كۈچ قېتىڭ ،، ئۇ چوقۇم ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەللتۈرەلەيدۇ !
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى پەرزەنتلەردىن كۈتۈدىغىنىم : ئاتا - ئاناڭلار ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ تورمۇشىلاردا ياخشى ياشىۋالاي دىمەيدۇ ، شۇ بالام بىر ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە ، بىزدىن كىيىن قالسا قىينىلىپ قالمىسا دىگەن پەرزەنت ئىشتىياقىدا جېنى كۈيۈدۇ ، ئۇلارنى بىردىنبىر خوشال قىلىشنىڭ ئاساسىي سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ، سىلەرنىڭ ۋاپادارلىقىڭلار ، سىلەرنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ھالىتىڭلار !
سىز يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدىغىنىم :
ھاياتىڭىز ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئەنسىرەشلەر بىلەن بىھۇدە ئۈتۈپ كەتمىسۇن . كەلگۈسىدىكى بەخىت بۈگۈننىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن !