مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 3

سۇلتان ئالائىددىن ئەراتنا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇتخانىدىن ئىبر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61123
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4454
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 02:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                            كىرىش سۆز

         14_ئەسىردىكى تۈركىيە تارىخىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك سىياسىي قۇرۇلمىسىغا ئۆز نامىنى سىڭدۇرگەن سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا زامانداشلىرى بولغان تۈركمەن بەگلىرىگە قارىغاندا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۆز نامىغا قۇرغان ئەرەتنا دۆلىتى بىلەن ئانادولۇدىكى تۈرك بەگلىكلىرى دەۋرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

        سـەلچۇق سۇلتانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۈرك بىرلىكىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ئالەمشۇمۇل بىر دۆلەت بەرپا قىلغان ئوسمانلى ئـىمپىرىيىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئۆتكەن سۇلتان ئالائىددىن ئەراتنانىڭ ھـايـاتىنى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى تـارىخىي مەنبەلەرگە ئـاساسـلىنىپ چۈشەندۇرگەندە، بۇ دۆلەتنىـڭ قۇرغۇچىسىنىڭ مىللىي تـارىخىمىزدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ مـۇھىملىقى گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.

       چىڭگىزخـاننىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئىلخانىيلارنىڭ  ئۆزلىرى تەيىنلىگەن قوماندان ۋە بــاش ۋالىيلارنى مۇۋاپىق ئىدارە قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئانادولۇدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز ھالەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەرتىپ ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى تىكلىگەن سۇلتان ئـالائىددىن ئەراتنا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كاتتــا شۆھرەت قازانغان، دىنغا، ۋەتىنىگە، مىللىتىگە سادىق، ئەقىللىق، بىلىملىك، تەدبىرلىك_تەجرىبىلىك، ئىشنى چوڭقۇر ئويلايدىغان، ياخشىلىق سۆيەر، خۇش پېئىل، ئادالەتلىك بىر قوماندان ۋە دۆلەت ئەربابى بولغان سۇلتان ئـالائىددىن ئەرەتنانى ئـانادولۇدىكى تۈركلەر «قۇتقۇزغۇچى ۋە تۈزۈم ئورناتقۇچى» دەپ ھىساپلىغان. ئۇ ئـىلىم ۋە بــىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا كۆڭـۈل بۆلگەنلىگى، ھەققـانىيەتچى ۋە ئـادالەتپەرۋەر، توغرا ئىش بېجــىرىدىغـان ۋە گۈزەل ئەخـلاقلـىق كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئەينى چاغـدا ئۇنىڭ ساقىلىنىڭ ئاز بولىشىغا قـاراپ، ئۇنى «كوسـا پەيغەمبەر» دېگەن ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتىغان ۋە خـاتىرىلىگـەن، ئۇنىڭ ئىـسمىنى ئۇنتۇلماس شەخسلـەر قاتارىغا تىزغـان.

       سۇلتـان ئـالائىددىن ئـەراتنـا ئەسلى ئوتتۇرا ئـاسىيـالىق ئۇيغـۇر بولۇپ، تۇغۇلغان يېرى ۋە يىلى نـامەلۇم بولسىمۇ، ئـىلخـانىيلارنىڭ لـەشكـەرلىرى بىلـەن ئـانـادولۇغا كەلگــەن ھەم يېزنىسى چوبـان بېگـى ئـەمىر تۆمۈر تـاشنىڭ خـىزمىتىدە بولغان بىر ئـەمىر ئىكەنلىگى مەلۇم.

       ئـانـادولۇدا دەسلەپتە ئىلخـانىيلارغا تەۋە بولۇپ، كېيىن مۇستـەقىل ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتـان ئـالائىددىن ئـەراتنـا 1343_يىلى چوبـان بېگى شەيـخ ھەسەننى قـارانبۈك ئۇرۇشىدا يـېڭىپ چىقىپ، ئـەراتنـا بەگلىكىنىلا ئـەمـەس، بـەلكـى پـۈتــۈن ئـانـادولۇدىكى تـۈركلـەرنى يـېڭى بـىر تـاشقى خـەتـەردىن قـۇتقۇزۇپ قـالغـان .

       سـەلچۇق سـۇلتانلىقىنىڭ مـۇتلەق كـۆپ قـىسىم زېمىنىغـا ھـۆكۈمران بولۇپ، ئـانـادولۇنىڭ ئىچى ۋە سـىرتىدا ئـۆزىنىڭ ئـىقتىدارى بـىلەن تـونۇلغـان سـۇلتـان ئـالائـىددىن ئـەراتنـانىڭ ھـايـاتى ۋە سـىياسىي پـائالىيەتلىرى ھـەققىدە سـاۋات بـېرىش بـىلەن ئـۇنىڭ شـەخسىيىتىنى تـونۇشتۇرۇپ چـىقماقچىمەن.

         يـۇقارقى كـىرىش سـۆز تـەستىقلانسا داۋامىنى داۋاملىق يـوللايمـــەن.

مۇھەببەت-نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆز!

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7885
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 09:58:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرىش سۆز  ، تەستىقلىنىپتۇ .   بۇمۇ قالتىس بىر تارىخدەك قىلىدۇ ،بولسا يوللاڭ تەڭ بەھرىلىنەيلى ،!

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 11:12:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 12:03:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەسىرىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم داۋامىنى تېزراق يوللىۋەتسىڭىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش