ئەرلىك سالاپىتىم بىلەن ئەرلەرگە (توي قىلغان ۋە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان) سەمىمىي مەسلەھەت !!!
بۈگۈن، مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بالىسىنى يېتىم قېلىپ، بىر قانچىمىزنىڭ ئاجراشماسلىق تەلۋېمىزنى رەت قېلىپ، ئايالىدىن ئاجىرىشىپ كەتتى. ئەر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئۇنىڭغا قاتتىق ئەپسۇسلاندىم، چۈنكى ئاجرىشىشنىڭ بالىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا، مەن توي قىلغان ۋە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەرنى توي ئىشىغا سەل قارىماسلىقىغا دەۋەت قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، مەن توي قىلغىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى، مېنىڭ باشقىلاغا بۇ توغرىسىدا مەسلەھەت بېرىشقا سالاھىتىم توشمايدۇ. ئەمما، قىسقا بولسىمۇ، مېنىڭ ئاددى، ئىناق ۋە بەختلىك ئائىلەم بار، ھەمدە ئائىلىمىزنىڭ بەختىنىڭ مەڭگۈلۈك بولىشىغا، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرشىمەن ۋە شۇنداق بولىشىنى ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن. بۇ تىمىنى ئىلان قىلىشتىكى مەخسىدىم، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز بەختىنى، ئۆز جۈپتىنى توغرا تېپىشىغا ۋە توي قىلغان ۋە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەرنى توي ئىشىغا سەل قارىماسلىقىغا دەۋەت قىلىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم قۇرۇق گەپ بولسىمۇ، ئەگەر دوستلىرىمنى ۋە تورداشلىرىمنى ئۆزنىڭ توي ئىشىنى قايتا-قايتا ئويلىنىشقا يىتەكلەش، مېنىڭ ئاساسىي مەقسىدىم.
ھەر بىر كىشىنىڭ توي ئېشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. خالىغانچە بىرسىنى تېپىپ، كۈن ئۆتكۈزۈپ، ،جىنىسىي ھەۋەسنى قاندۇرۇپ، بالىلىق بولۇش توي قېلىشنىڭ توپ مەخسىىدى ئەمەس. مەن بۇيەردە، كۆپچىلىك بىلەن «بەختلىك توي» ئۈستىدە مۇنازىرلەشمەكچى.
ئۇنداقتا، «بەختلىك توي» دىگەن نىمە؟ ھەر بىر كىشىنىڭ «توي» ئىشىغا بولغان تونىشى بىردەك ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە،«بەختلىك توي» شۇ كىشىنىڭ تويغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ توي ئىشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. «بەختلىك توي»، يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھابىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى مۇھاببەت ئاساسىدىكى نىكاھ بەخىتلىك نىكاھدۇر. شۇڭا، توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەرگە شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، بەختلىك تۇرمۇش قۇرماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىشەنچلىك مۇھاببەتنى تۇرغۇزۇڭ.
بەرىلەر، مۇھاببەتنىڭ ساقلاش چىكى بار دەيدۇ، مېنىڭچە، ساقلاش چىكى بولغىنى مۇھاببەت ئەمەس بەلكى ھېسياتتۇر. چۈنكى ھېسيات__ ھاياجانلىنىش، تەسىرلىنىش، بىئارام بولۇش، تەلپۈنۈش، جىنسىي ھەۋەس قاتارلىق مۇرەككەپ ئۇقۇملارنىڭ بىرىكمىسى. شۇڭلاشقا، ھېسياتنىڭ كونتىرول قېلىش چىكى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھېسيات يەنە ئەقىدىڭىزگە پاناھلانغان بولىدۇ، ھېسياتنىڭ ئەقىدىڭىزدىكى پاناھلىنىشنىڭ كىمىيىشىگە ئەگىشىپ، ھېسياتىڭىزمۇ تەدىرىجى ئاجىزلىشىدۇ.
توغرا، باشقىلارنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، ھېسيات ئەڭ ياخشى قۇرالدۇر. ئەمما، تەلىپىم شۇكى، توي ئىشىغا كەلگەندە، ئەر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، كاللىڭىزنى يەنە بىر قېتىم سېلكىۋىتىپ، ھەرگىزمۇ ئۆز ھېسياتىڭىزغىلا تايانماڭ. بۇ يەردىكى ئويلىنىش باسقۇچى ناھايىتىمۇ موھىم، چۈنكى توي ئىشىدا، نىكاھدىن كېيىن ئارقىغا يېنىشقا قەتئىي يول يوق. بۇنداق دىسەم، ئاجراشساملا ئىش پۈتمىدىمۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن، خىيالىڭىزنى خام چاغلىماڭ، ئاجىرىشىش ئەكىنلىككە چىققانلىقىڭىزدىن ئەمەس بەلكى، يەنە بىر پالاكەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مېنىڭچە، بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كىرەك.
1. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بىرلىككە كىلەلەمدۇ يوق، چۈنكى پىكىردە بىرلىككە كېلىش _ بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسى.
2. ئىككى تەرەپ ئۆزگە كەلگەن بېسىمى كونتىرول قېلىپ، شۇ بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلەمدۇ يوق.
3. ئىككى تەرەپ تۇرمۇشتا، ئائىلىدە ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ يوق.
ئەڭ ئاخىرقى ھاۋالەم، توي قىلغاندا، چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئەركىنلىك ھېس قېلدۇردىغان قىز بىلەن نىكاھلىنىڭ، ھەمدە، تويدىن كېيىنكى قېينئانا ۋە كېلىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كونتىرول قېلىشنى ھەل قېلىشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ بىرئاز ئىگەللەپ قويۇڭ. شۇنداق بولغاندىلا، «بەختلىك توي» ۋە «ئىناق ئائىلە» ھەممىمىزگە ئىللىق قۇچاق ئاچقۇسى، ھەمدە شۇنداق بولىشىنى ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.
بۇ ئەسەر، ۋاقىتىمنىڭ چەكلىك بۇلۇش مۇناسۋېتى بىلەن، خەنزۇچىدىن قىسقارتىلىپ تەجىمە قىلىندى. بىلىم سەۋىيەرىمنىڭ چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن تەرجىمىدە خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا، كۆچۈرشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرمەكچى بولسىز، مۇنۇ ئادىرىستىن كۆرگەيسىز.
http://blog.renren.com/blog/241324505/733343360
ئەگەر ئەسەرنى ياقتۇغۇچىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، باشقا توربەتلىرىدە خالىغانچە ئىلان قېلىشىڭىزلارنى سورايمەن !!!
باشقۇرغۇچىلادىن ئۆتۈنۈشۈم: بۇ مېنىڭ ئەزا بولغاندىن كېيىن ، تۇنجى قېتىم ئەسەر يوللىشىم، خاپا بولماي تېزاق تەسلىقلاپ بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قېلىمەن.