مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7158|ئىنكاس: 102

كەبىگە پەرىشتە چۈشتى دېگەن فىلمنى ئالىملا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەيۋەتخورغا لەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3422
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 5734
تۆھپە نۇمۇرى: 2670
توردا: 2656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 07:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەبىگە پەرىشتە چۈشتى دېگەن فىلمنى ئالىملار يالغانلىدى!

مەدھىيە ئاللاھقىدۇر.
يېقىندا ئىنتېرنېت Facebook, youku ئىجتىمائىي تورى ۋە فىلم تورلىرىدا كەبە شەرىفكە پەرشتە چۈشكەنلىكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەسجىدۇل ئەقساغا ۋە باشقا ماكانلارغا پەرشتە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋىدىئولار تارقىتىلدى. مەسىلەن، پەلەستىن ۋە ئېراق خەلقىنىڭ ئىسرائىل ۋە ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىنى قوللاش يۈزسىدىن قىلىنغان نامايىشتا بەزىلەر جەبرائىل پەرىشتەنىڭ ئاسماندىن چۈشكىنىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام(ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن)نى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن پەرشتىلەرنىڭ نامايىشقا مەدەت بەرگەن ھالدا كۆرگەنلىكىنى دېيىشكەن. بولۇپمۇ يېقىندا تارقاتقۇچىسى: ھەرەمدە ناماز ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە پەرشتە چۈشكەن، كەبىگە بىر نۇرسىمان جىسىمنىڭ قونغانلىقى ئاندىن نۇرسىمان جىسىملارنىڭ كۆككە ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ نۇرسىمان جىسىملارنى پەرىشتە دەپ دەۋا قىلغان بۇ قىسقىغىنە ۋىدىئو ئىنتېرنېت يۈزىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا چوڭ غەۋغا قوزغىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر بۆلۈك دىن ئالىملىرى پەرشتىلەرنىڭ ئىنسان كۆزىگە ئۆز شەكلىدە كۆرۈنۈش ئىھتىماللىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفلەر بىلەن ئىنكار قىلدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرنىڭ دوكىلاتىغا كۆرە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان ئەزھەر شەرىفتىكى ئالىم بۇ ئىشنى ئەمەلىيەتتىن يىراق سانىغان ھەمدە پەرشتىلەرنى كۆرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھەممىگە مەلۇمكى پەرشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، پەيغەمبەردىن بۆلەك ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ھەقىيقى سۈرىتىدە كۆرگەنلىكىنى دەۋا قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەمما پەرشتىلەر ئادەملەردىن بىرىنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن، خۇددى جەبرائىل پەرشتە سابىلەرگە ئادەم سۈرىتىدە كىلىپ ئۇلارغا دىنى تەلىم بەرگىنىدەك، بۇخىل كۆرۈنۈش ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھەركىمگە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. چۈنكى بۇھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەر بار، ھەمدە بۇرۇنقى ئۈممەتلەردىمۇ پەرشتىلەرنىڭ ئادەم سۈرىتىدە كۆۈرۈنگەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن بايانلار بار، مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسەلامنىڭ مىھمانلىرى، لۇت ئەلەيھىسسەلامغا كەلگەنلەر؛ تاز، ئەما ۋە بەرەس ئۈچ كىشىنى سىناش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئادەم سىياقىدىكى پەرىشتىگە ئوخشاش.
ئومۇمەن پەرشتىلەر جىسمى زور نۇرانى خەلق، يەنى نۇردىن يارىتىلغان، نۇر خۇسۇسىيەتلىك يارىتىملار بولغاچقا، ئىنسانلار ئۇلارنى ئىنسانى كۆزى بىلەن كۆرۈش ئاللاھ تەرەپتىن مۇمكىن قىلىنمىغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ جەبرائىل پەرشتىنى پەقەت ئىككىلا قېتىم ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆز سۈرىتىدە كۆرگەن. ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئەقلى ۋە دىنى بىلەنمۇ ئۇنى ئۆز شەكلىدە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمىغان. دەسلەپكە ۋاقتلاردا ئۇنى كۆرگەندە نەچچە قېتىم شۇنداق قورقۇپ كەتكەن ۋە ھەتتا ئۆيگە قايتىپ تىترەكتىن يېپىنچىغا يۆگىنىۋالغان. ھەر قېتىم ۋەھىي ئەكەلگەندىمۇ شۇنداق تەر بىسىپ كەتكەنلىكى ھەدىيس كىتابلىرىدا قەيت قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇ ھالدىكەن، بۇ كۆردۈم دېگۈچىلەر ئۇلارنى كۆرۈشكە قانداق تاقەت قىلالىغان؟
شەيخ ئۆمەر ئەشقەر مۇنداق دېدى:
پەرشتىلەر ئاللاھ ياراتقان نازۇك نۇرانىي بىر خەلقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ئۇلارنى كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدۇ. خۇسۇسەن ئاللاھ كۆزلىرىمىزگە بۇنى كۆرۈشكە كۈچ-قۇۋۋەت بەرمىگەن. بۇ ئۈممەت ئىچىدە پەيغەمبىرىمىزدىن( ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن) باشقا ھېچكىم پەرشتىلەرنى ھەقىيقى سۈرىتىدە كۆرۈپ باققان ئەمەس. ئۇمۇ جەبرائىلنى ئاللاھ ياراتقان ئۆز شەكلىدە ئىككى قېتىملا كۆرگەن. ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ پەرشتىلەرنى پەقەت ئىنسان قىياپىتىگە كىرگەندىلا كۆرەلىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. <<عالم الملائكة الابرار ، 11 >>

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋېدىئونى تېختىكا جەھەتتىن ئىلمى ئانالىز قىلغانلار دېدىكى: بۇ ۋېدىئونى تارقاتقۇچى ۋېدېئوغا تەييار رەسىملەرنى كىرۈشتۈرش ئۇسۇلىغا تايانغان، ھەمدە ئايلاندۇرۇش(Transition) ۋە فىلتىرلەش(Filter) تېخنىكىسى، ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، مۇكەممەل بىر كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۆرمە ئېففېكتى(Visual effects) قوللانغان. شۇنداقتىمۇ بەزى ئەيىبلەرنى يوشۇرالمىغان:  مەسىلەن،  كىشىنىڭ بۇ ۋېدىئودىكى ھالەتتە ئۇ جىسمنى كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى قارىغۇچىغا نىسبەتەن چۈشۈش ۋە ئۆرلەش بۇلۇڭلىرى بۇ مۇساپىنى قاپلىيالمايدۇ. مەسىلەن، سىز بىر ئايرۇپىلاننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ھەئە دەل مۇشۇ رەسىمدىكىدەك كۆرمەكچى بولسىڭىز، قانداق قىلاتتىڭىز؟  ئىلمىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ جىسىمنى بۇ ھالەتتە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.
ۋېدىئودىكى ئادەم يۈزىنى تۇيۇقسىز بۇرىغاندا، جىسىم تېخى كۆزىگە كۆرۈنمىگەن بولىدۇ،  بەلكى مۇئەييەن ۋقىتتىن كېيىن كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ جىسىمنىڭ كۆرۈنىدىغىنى قانداق بىلگەن؟
خۇلاسە كالام: بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈش ساختىدۇر، پەرشتە كۆرۈندى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام كۆرۈندى دەپ دەۋا قىلىش قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكمىگە كۆرە خاتادۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنتېرنېت تورىدا ئاساسسىز خەۋەرلەرنى تارقىتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن) مۇنداق دېگەن: ئىنسانغا، ئىشتكەنلىكى خەۋەرنى تارقىتىشى ئۇنىڭ يالغانچى بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر دېگەن.
ئاللاھ بىزنى توغرا ئېتىقادتا، توغرا يولدا تەۋرەنمەي يۈرۈشكە نېسىپ قىلسۇن!

http://4islam.blogbus.com/

بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16211
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 5785 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:21:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. بىزنى خاتادىن يىراق قىلغايسەن. ئامىيىن!

ەاقدقدەىقسشاندشىندىقنشدەبنشۈبندەىنشبن

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10220
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7682 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى  يەنىلا  ھەقىقى ئۆلىما  ئالىملىرىمىز بىر نىمە دىسۇن... بىزلەر  بىرەر نەرسە  دىيىشكە ئاجىزمىز ... ھەممىنى ئاللاھ  بىلىپ تۇرغۇچى ... بۇنداق  دەتالاشلار جىقىيىۋەسە  ئىسلامىي قىرىنداشلىقىمىزغا بىر قەدەر تەسىر بولارمىكى ... شۇنداق دىگەنلە بىلەن ياق  دىگەنلە ئىككى تەرەپكە ئۆتۇپ ...
بۇنىڭدا  جىق دەۋا قىلىشنى راۋا  كۆرمىدىم مەن...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4647
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 6144 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرمۇ كۆپ بولغان  مۇشۇ گەپلەر تارقالغاندا.پەرىشتە با ر ئەمما بىزلەرنىڭ ئاپىرات-ئۈسكىنىلەرگە چۇشۇپ قالمايدۇ.

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

مېنى يىغلىغىلى ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64949
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 698
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ۋىدىئو مەن  كۆرۈپ بىر كۈندىن كېيىن بىر ئاغىينەم ماڭا كۆرۈپ باق دەپ يوللاپتىكەن، ئىشەندىڭمۇ دېسەم، ئېنىقلا تۇرمامدۇ راستلىقى، سېنىڭ ئىشەنمەسلىككە نىمە ئاساسىڭ بار؟ دەپ كايىپ كەتكەندى.

دېمەك ئۇ ۋىدىئو نىڭ راستلىقىغا ئىشىندىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەندە؟!

بىلىمسىزلىك!

ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىپ بولغان، ئىجرا قىلنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24018
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5166 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:29:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتا شۇ تىما يوللغانغاندا مەن يالغان دىسەم تاسقالغان بەزىلەر ،كاپىرغا چىقىرىپ قارغىۋەتكىلى ...  سەل غەلىتىرەك بىرەر ئىش چىقسا مۆجىزە دىيىشىپ ياقىمىزنى سىقىشىپ كىتىمىز ...ھەممىسى دىننى چۈشەنمەي قارىغۇلارچە ئېتقاد قىلغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ ، كاللىسى ئوچوق ،دۇرۇس مۇسۇلمانلار بولغىنىدا ئىدى ، ئۇنچىۋىلا ھەيران قالمايتى .
خىرىستىئانلارنىڭ ،ئاتېزىمچىلارنىڭ بۇنداق ئۇيۇنلىرى بەك تۇلا ...

گۈزەل ئىلى دىيار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15642
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7721
تۆھپە نۇمۇرى: 656
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1865
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6436
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 2678 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمو بۇ توردۇنياسىدىكى ۋىدىئولارنى كۆرۇپلام مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ ،چۇنكى ساختا ياسالما نەتسىلەر بەك كۆپكەن .تىمىڭىزنى تىخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرسىكەن دەيمەن ،بولسا بۇتىمىنى ئىلگىرلىتىپ ، نەچچە كۈنگىچە باش بەتتە ئىسىغلىق تۇر سا بوپتىكەن دەيمەن.....
كۆرمىگەنلەر بۇيەردىن كۆرۈپ بىقىڭلار..http://telak.biz/bbs/read.php?tid=15429

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31636
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1090
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:44:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام بۇنداق يالغان مۆجىزىسىزمۇ ئۆزىنىڭ ساماۋې دىن ئىكەنلىكىنى ھەر قاچان نامايەن قېلىپ كەلمەكتە،مەنمۇ تاس قاپتىمەن بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغىلى ، يالغان مۆجىزىگە ئىشەنگەنلەر ئاخىرىدا يالغانلىغى ئاشكارە بولغاندا ئۆزىنىڭ ئېتىقادېغا شەك چۈشۈرۈپ قويىدۇ مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك. بۇ نىڭ يالغانلىغىنى دەل ۋاختىدا يەتكۈزگىنىڭىزگە رەخمەت، اللە سىزگە ئەجىر ئاتا قىلغاي....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65421
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 532
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1094 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا ھەرقانداق ئىش بولىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  kasami كە 2011-11-22 09:26 PMئەۋەتىلدى  :
مۇشۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرمۇ كۆپ بولغان  مۇشۇ گەپلەر تارقالغاندا.پەرىشتە با ر ئەمما بىزلەرنىڭ ئاپىرات-ئۈسكىنىلەرگە چۇشۇپ قالمايدۇ.

ئاۋۇ گەپ خاتا، چۈشۈپ قالىدىغان، چۈشمەيدىغىنىغا قايسى كىتابقا قاراپ پەتىۋا چىقاردىڭىز؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  aliali كە 2011-11-22 09:28 PMئەۋەتىلدى  :
ئۇ ۋىدىئو مەن  كۆرۈپ بىر كۈندىن كېيىن بىر ئاغىينەم ماڭا كۆرۈپ باق دەپ يوللاپتىكەن، ئىشەندىڭمۇ دېسەم، ئېنىقلا تۇرمامدۇ راستلىقى، سېنىڭ ئىشەنمەسلىككە نىمە ئاساسىڭ بار؟ دەپ كايىپ كەتكەندى.

دېمەك ئۇ ۋىدىئو نىڭ راستلىقىغا ئىشىندىغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەندە؟!

بىلىمسىزلىك!

بىلىمسىزلىك دەڭ!!!
ئالىمىمىز بولغان سىز نىمىشقا شۇ چاغدا بىزگە (بىلىمسىز)لەرگە نىمىشقا ھەقنى يەتكۈزمىدىڭىز؟؟؟

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10666
تۆھپە نۇمۇرى: 526
توردا: 10424 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوچۇرلۇپ كەتكەن ئاشۇ تېمىدا ناھەق ئادەم تىللىغانلانى نەدىن ئىزدەيمىز ئەمدى..........

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13588
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 10230 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشلارنى  بىلىپ تۇرغۇچى پەقەت بىر ئاللا  .

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 866
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4444
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1123 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 09:54:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئۇ سۈرەت مەنمۇ كۆرسەم بۇلتى..

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش