مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2069|ئىنكاس: 13

رەيھاننىڭ ‹‹رەيھان››ىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 11:05:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رەيھاننىڭ ‹‹رەيھان››ىسى
(زىيارەت خاتىرسى)
تاھىرجان نىياز

    
   بۇ يىلقى قۇربان ھېيىتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا مەن بىر خەنزۇ خىزمەتدېشىم بىلەن ناھىيەمىز  شاياردىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ھېيىتقا تەييارلىق قىلىش،ھېيت ئالدىدىكى بازار سودىسى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئىشلىگىلى ناھىيە بازىرىنى ئارلاپ يۈرۈپ، خېرىدارلار بىلەن لىق تولغان ‹‹رەيھان كېيىم-كېچەكلىرى››دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئاياللار مودا كېيىم-كېچەكلىرى دۇكىنىغا كىرىپ ،سودا-سېتىق ئەھۋالىنى سۆرەتكە تارتتۇق ھەم دۇكان ئىگىسى 26ياشلىق رەيھانگۈل باراتنى زىيارەت قىلىپ سۆزلەتتۇق.ئۇ تەلىپىمىز بۇيىچە بايرامدىن بۇرۇنقى سودىسىنىڭ ناھايىتى ئىتتىك،ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە راۋان چۈشەندۈرۈپ بەردى.خەنزۇ خىزمەتدېشىم رەيھانگۈلنىڭ شۇنچە راۋان خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن ھەيران بولۇپ، ‹‹سىز خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانما؟››دەپ سورىدى. رەيھانگۈل ‹‹ياق، مەن خەنزۇچىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىلدە ئۈگەنگەن››دېدى جاۋابەن.مەن باشقىلاردىن رەيھانگۈلنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ،تىجارەت كەسپى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ناھايىتى ياخشى ئۆنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ،زىيارەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي يۈرەتتىم.مەن بۇ كۈنى قىسقىچىلا ئەھۋاللىشىپ،كېيىن تەپسىلىي ئەھۋاللاشقىلى كېلىدىغانلىقىمنى ئېيىتپ قايتتىم.نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر كۈنى خاتىرە،قەلەملىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ناھىيەلىك ‹‹كۈمۈش كۆۋرۈك››خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى دۇكىنىغا بارغىنىمدا رەيھانگۈل دۇكىنىدىكى كومپىيوتېر ئالدىدا توردىن يېڭى كېيىملەرنى كۆرىۋاتقان ئىكەن.بىر نەچچە قىز خېرىدار كېيىم تاللاۋاتاتتى.بىز ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ،ئۇ مېنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.مەن كەسپىي مىجەزىم بۇيىچە گەپ كوچىلاشقا باشلىدىم.
    ــ بۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئالغانمۇ؟ــ دەپ سورىدىم رەيھانگۈلدىن.
    ــ ياق، 160مىڭ يۈەنگە تېگىدىن سېتىۋالدىم.ياندىكى بۇنىڭدىن كىچىكرەك يەنە بىر دۇكان ئۆينىمۇ 120مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدۇق. ئۇنى ئاپام ئاچىدۇ.
    ــ مۇنداق دەڭ،ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەن نۇرغۇن ياشلار خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايۋاتسا سىز  بىر بەلەن خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بېرىپ ‹‹سودىگەر››بولدىڭىز. پۇشايمان قىلامسىز؟
    ــ ياق،مەن بىر يەرنى ئويلاپ تۇرۇپ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ بۇ تىجارەتنى قىلدىم. ھازىر بۇ كەسىپكە بارغانچە قىززىقىپ كېتىۋاتىمەن،سودا بازارلىرىدىكى ھەر خىل پاسۇندىكى كېيىملەرنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ دۇكىنىمغىلا سېلىۋېلىپ ساتسام دەيمەن ــ ،دېدى رەيھانگۈل چاقچاق ئارلاش گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
    رەيھانگۈل بىلەن يېرىم سائەتچە ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق ئۇ توغىرسىدا خېلە تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.
    ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرلا پەرزەنتى بولغان رەيھانگۈل مۇئەللىم ئاتىسى،ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان ئاپىسىنىڭ ئىلمىي،ياخشى تەربىيەسى ئاستىدا باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرغىچە‹‹ئۈچتە ياخشى››ئوقۇغۇچى بولۇپ ،ھەتتا شىنجاڭ يېزا ئېگىلىك ئۇنېۋېرىستېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرلۇشى كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدىمۇ ھەر يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ،2006-يىلى7-ئايدا ئوقۇشنى پۇتكۈزدى.شۇ يىلى 12-ئايدا ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسىنىڭ‹‹110قوماندانلىق مەركىزى››گە يەرلىك شىتاتتا خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ، ئۇچىسىغا بەكمۇ ياراشقان ساقچى فورمىسى كېيىپ يۈرۈيدىغان،ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ1500يۈەن پۇلىنى چۆنتىكىگە سالىدىغان  كادىر بولدى.ئۇ يەردە ئۈچ يىلغا يېقىن ئىشلىگەندىن كېيىن ،نىمە ئۈچۈندۇر 2009-يىلى 9-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى ۋە دەرھال بۇ دۇكانغا قىزلارنىڭ ھەر خىل ماركىدىكى مودا كېيىملىرىنى سېلىپ ئاچتى.رەيھانگۈل بۇ دۇكانغا ئورۇغ-تۇققان،تونۇش-بىلىشلىرىدىن30مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ مال سالغان بولۇپ،بىر ئاي ئىچىدىلا بۇ قەرىزنى تۆلەپ بولدى.رەيھانگۈلنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ‹‹سودىگەر››بولۇشىدا ئۇنىڭ مۇنداق تەجىربە ۋە ھېكايىسى بار.
   رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىدىغان يىلى ئاپىسى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلدى،ئاتىسىمۇ كېسەلجان بولۇپ دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى .بىراق ،رەيھانگۈل ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. ئۇزاققا قالماي ئاتىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى. شۇ يىللاردا ئاپىسى ئىشسىز،ئاتىسى ئاغىرىپ قېلىپ كېسەل داۋالىتىش قاتارلىق سەۋەپ بىلەن ئائىلە ئېقتىسادىدا جىددىيلىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئاپىسى دۇكان ئۆي ئىجارە ئېلىپ،كېيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچتى. زېرەك،ئەقىللىق رەيھانگۈل ئېقتىسادىي قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ،ئاپىسىنىڭ دۇكىنىغا كېرەكلىك ماللارنى ئۈرۈمچىدىن ئۆزى تاللاپ ماڭغۇزۇپ بەردى.مۇشۇ جەرياندا يەنە ساۋاقداشلىرىغا كېرەكلىك ئەرزان ،مودا كېيىم كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توپ سېتىۋېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ پارچە ساتتى.كېيىكى يىللىرى ئېنگىلىس تىلىدىكى ئالاھىدە سەۋىيەسىگە ئاساسەن خەنزۇلارنىڭ باللىرىغا ئېنگىلىس تىلى بۇيىچە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدى. مۇشۇ ئارقىلىق تۇرمۇش خىراجىتى، ھەتتا ئوقۇش پۇلىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ ئۆزى ھەل قىلىپ ،ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى. بۇنىڭ بىلەن رەيھانگۈل مەكتەپتە ھەم سىتودېنت ھەم كىچىك تىجارەتچى بولۇپ قالدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇشتا چېكىنمەستىن،بەلكى ئەلا نەتىجە بىلەن ھەر يىلى‹‹ئوقۇش مۇكاپات پۇلى››ئېلىپ ئوقۇدى.شۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ سودا ئېڭى خېلى پىشىپ يېتىلىپ،ئىرادىسىمۇ كۈچىيىپ،ھازىرقى دەۋىردە سىتودېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنىلا ئويلىشى،مەقسەت قىلىشىنىڭ ئاقىلانىلىك ئەمەسلىكىنى،بەلكى ئۇنېۋېرسال بىلىم،ساپا ھازىرلاپ،ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىشى لازىلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرىكىگە ‹‹تىجارەت ئوتى ››تۇتۇشۇپ قالغانىدى.
    ــ ئاپىڭىز بىلەن ئىككىڭلار ئېچىۋاتقان بۇ ئىككى دۇكان ئۆينى سېتىۋالغان 180مىڭ يۈەن پۇلنى نەدىن ھەل قىلدىڭلار؟ــ دەپ سورىدىم رەيھانگۈلدىن.
    ــ ناھىيە بازىرى ئەتىراپىدا 298كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدە ئولتۇراق ئۆيىمىز بار ئىدى. شۇنى 125مىڭ يۈەنگە ساتقان.يەتمىگىنىگە تونۇشلاردىن قەرىز ئېلىش ،‹‹چوڭ بازار››ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە ئۆي پۇلىنڭ بىر قىسمىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغانغا توختاملىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىپ سېتىۋالدۇق.ئاپام ئۆي ئىجارە ئېلىپ كېيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچقاندا بىر قېتىم ئېغىر زىيان تارتقان ۋە بۇ تىجارەتتىن يالتايغان.كونىلاردا‹‹نەدە يىقىلساڭ شۇ يەردىن قوپ ››دەيدىغان گەپ بار.شۇڭا مەن ئاپامغا، كېيىم-كېچەك دۇكىنىنى يەنە ئېچىڭ،بىراق ،‹‹چوڭ بازار››ئىچىدىن دۇكان ئۆي سېتىۋېلىپ ئېچىڭ، دەپ  مەسلىھەت بېرىپ ،ئىلھاملاندۇرۇپ ئاچقۇزغان.بۇ بازاردا تىجارەت ئۆنۈمى ياخشى بولدى. كېيىن مەنمۇ بۇ سەپكە قوشۇلدۇم.ھازىر تېخىمۇ ياخشى.بۇ ئىككى دۇكاننىڭ مېلىنى ئاساسەن مەن ئالاقىلىشىپ كىرگۈزىمەن ياكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ سېتىۋېلىپ كېلىمەن،مەن مالغا كەتكەندە ،ئىككى دۇكانغا ئاپام قاراپ تۇرىدۇ،قەرىزنىمۇ پۇتۇنلەي ئۇزۇپ بولدۇق.بۇ كەسىپتە ھالال مېھنەت بىلەن روناق تېپىپ،جاپاكەش ئاپامغا،جەمئىيەتكە ياخشى جاۋاپ قايتۇرسام دەيمەن.ــ دەپ چۈشەنچە بەردى رەيھانگۈل.
    ‹‹بولمىساڭ ئىللىق چىراي،ئاچمىغىن دۇكان-ساراي››دېگەن گەپ راست ئىكەن.مەن زىيارەت جەريانىدا ھېس قىلدىمكى،رەيھانگۈلنىڭ خېرىدارلىرى بىر تەرەپتىن رەيھانگۈلنىڭ دۇكىنىدا ھەر خىل پاسۇن،ھەر خىل ماركىدىكى كېيىم بولغاندىن سىرىت،رەيھانگۈلنىڭ كىرگەن ھەر بىر خېرىدارغا سالام بېرىپ قىزغىن كۈتىۋالىدىغان خۇش تەبەسسۈم ،ئىللىق مۇئامىلىسى،‹‹بۇلبۇلدەك سايراپ›› تۇرىدىغان ئوچۇق-يورۇق،سەمىيمى مىجەزىنى ياقتۇرۇپ كىرىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسىنى بەك يۇقۇرىغا ئېسىۋالماي،ئازىراقلا پايدا چىقسا مۇۋاپىق باھادا بېرىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن خېرىدار رازى بولىدىكەن ،يەنە بىر تەرەپتىن پارچە پايدا ئاز بولغىنى بىلەن مال تېز سېتىپ چىقىرىلىپ، ئوبروت تېز ئايلىنىدىكەن.چوڭ جەھەتتىن يەنىلا پايدا-مەنپەئەت ياخشى بولىدىكەن.ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەنكومپىيوتېر بىلىمى، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىسچە تىل-يېزىقى مال ئالاقىلىشىش،سېتىۋېلىش،سېتىپ چىقىرىشتا بەك ئەسقېتىپتۇ.ھازىر رەيھانگۈلنىڭ‹‹رەيھان كېيىم كېچەكلىرى››دۇكىنىدىنلا يىلدا 100مىڭ يۈەنگە يېقىن ساپ پايدا چىقىدىكەن.
    رەيھانگۈل ئاخىردا ماڭا ،ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى چوڭ كېيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇ زاۋۇتلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت كەسپىي تەجىربىسىنى ئاشۇرۇپ كەلگۈسى بارلىقىنى،ئاندىن تىجارىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
    رەيھانگۇل بارات‹‹ئىرادە بولسىلا تاغنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ››دېگەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىماقتا.بۇ ياش سىتودېنتنىڭ گەرچە قىز بالا بولسىمۇ، بەزى يىگىتلەرمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا جۈرئەت قىلىدىغان،قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان،ئىشلارغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان ھەم تەۋەككۇل قىلالايدىغان قەيسىرانە ئىرادىسى كىشىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ ،شۇنداقلا ھازىرقى زامان سىتودېنتلىرىغا ئۈلگە بولالايدۇ.
ئاپىرىن سىزگە رەيھانگۈل،‹رەيھاننىڭ ‹‹رەيھان››ىسى›تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلسۇن،تېخىمۇ خۇش پۇراقلار چاچسۇن!!
مەنبە:ئاپتۇرنىڭ قەلىمى.

ئادەم بولماق تەس

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 12:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا مۇشكۇلاتلىرىنى ئاسان قىلىپ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 12:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 12:47:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە، بۇ تېمىڭىز مەكتەپ  پۇتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان، لىكىن نىمىش قىلسا مۇۋاپىق بۇلىدىغان بولمايدىغانلىغىنى بىلەلمەي  قايمۇقۇپ قالغان پۇتۇرۇپ خىزمەت تاپالماي بېشى قاتقان ،ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن ،خىزمەت ھەمىدىن مۇھىم دەيدىغان خاتا قاراشتىن ،تىرىشسىلا ھەر قانداق قىلىپ پۇل تاپقىلى ،ئىگىلىك تىكلىگىلى بۇلىدىغانلغىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگۇسى.

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12329
تۆھپە نۇمۇرى: 863
توردا: 2252 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 02:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تىرىشچان قىز كەن بولمىسا بۇنداق تەرەققىي قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. تىجارەت دىگەننى مەنمۇ قىلىپ باققان ئەمما زىيان تارتىۋالدىم ھـــــــــــــــــــــەي.

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51044
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9862 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 02:04:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەيھانگۈل-نېمىدىگەن تىرىشچان قىز ئۇ!
بازاردىكى يۇشۇرۇن سودا -تىجارەتنى بايقاپ،دۇكان ئېچىپ،سودا قىلغىنى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ.
ھازىر كۆپ سېتۇدىنتلار 500-600يۈەنگە قاراپ،ھۆكۈمەت قوينىغا كىرىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىمەكتە،مەن كۆرگەنلىرىدىن 2-3يىلغىچە ئۆز كەسىپىدىن ئۈمىد ئۈزەلمەي،كىچىك پۇلغا قاراپ،داۋاملىق ئىشلەۋاتقانلارمۇ بار.
مەن رەيھانگۈلنىڭ سودىدا مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىنى،داۋاملىق تىرىشىپ،بازارنى تېخىمۇ مونۇپۇل قىلىۋىلىشىغا تىلەكداشمەن.
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار كۆپرەك يوللانسا،خىزمەت ئىزدەپ يۈرمەي،بازار رىقابىتىگە،سودىغا كىرىشكەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مۇشۇنداق ياشلارنى زىيارەت قىپ تۇرسا،گاڭگىراپ يۈرگەن بالىلارغا مەشئەل بولغۇسى!

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 02:08:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  توخار كە 2011-11-22 02:04 PMئەۋەتىلدى  :
رەيھانگۈل-نېمىدىگەن تىرىشچان قىز ئۇ!
بازاردىكى يۇشۇرۇن سودا -تىجارەتنى بايقاپ،دۇكان ئېچىپ،سودا قىلغىنى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ.
ھازىر كۆپ سېتۇدىنتلار 500-600يۈەنگە قاراپ،ھۆكۈمەت قوينىغا كىرىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىمەكتە،مەن كۆرگەنلىرىدىن 2-3يىلغىچە ئۆز كەسىپىدىن ئۈمىد ئۈزەلمەي،كىچىك پۇلغا قاراپ،داۋاملىق ئىشلەۋاتقانلارمۇ بار.
مەن رەيھانگۈلنىڭ سودىدا مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىنى،داۋاملىق تىرىشىپ،بازارنى تېخىمۇ مونۇپۇل قىلىۋىلىشىغا تىلەكداشمەن.
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار كۆپرەك يوللانسا،خىزمەت ئىزدەپ يۈرمەي،بازار رىقابىتىگە،سودىغا كىرىشكەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مۇشۇنداق ياشلارنى زىيارەت قىپ تۇرسا،گاڭگىراپ يۈرگەن بالىلارغا مەشئەل بولغۇسى!
تۇخارنىڭ كۆز قارىشى مەن بىلەن بىر دەك ئىكەن. ئىدىيەڭىز ئازات ئىكەن جۇمۇڭ.

ئادەم بولماق تەس

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 02:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىتەن  ئەقىللىق قىزكەن، شۇنچە ياخشى خىزمەت ئورنىدىن ئىستىپا بىرىپ بۇ ئىشقا جۇرئەت قىپتۇ ئىشلىرنىڭ رۇناق تىپىشىغا تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60505
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3776
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 03:05:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئېشلىرىنىڭ يۈرىشىنى ، روناق تىپپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىزدە شۇ قىزدەڭ جاپاغا چىداش روھى ، تىرىشچانلىق ... بولغاندىلا زور نەتىجىگە ئىرىشەلەيمىز ، بىز كىچىكىنە نەتىجە بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي تىرىشايلى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17113
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7284
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1764 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 04:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقچىلىقتىن ئىستىپا بېرىپ ياخشى قىپسىز ،ساقچىمۇ بولامدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش