دولان قىزى
(ياسىن ئىسمايىلنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگت تەخمىس)
سەن بىلەن مەشرەپتە مەن سالدىم ساما دولان قىزى،
بىر بېقىپ قەلبىمگە ئوت ياقتىڭ لاۋا دولان قىزى،
نە بولدى تاڭ ئۆتمىدى گالدىن گىياھ دولان قىزى،
سېنى كۆرگەندىن بېرى ئەي زىبا دولان قىزى،
كەتمىدىڭ چۈش ھەم ئېسىمدىن دائىما دولان قىزى.
جەڭ-چېلىش مەيدانىغا سەپلەر تۈزۈپ يۈرسەڭمۇ كۈي،
ئېيتسام مۇقام ئەيلەپ ناۋا شېرىن خىيال سۈرسەڭمۇ كۈي،
تەگسە پوتا بەللىرىڭگە، قوشۇماڭ تۈرسەڭمۇ كۈي،
شوخ كېيىكتەك مېڭىشىڭ كۈي، گەپ-سۆزۈڭ، كۈلكەڭمۇ كۈي،
تارقىلامدۇ يۇرتقا سەندىن كۈي-ناۋا دولان قىزى.
لال قىلار تىلنى-قەلەمنى ۋىناس سىياق سۈپەتلىرىڭ،
جەننەت قىلار چۆلنى گويا تەر-ئەجىر مېھنەتلىرىڭ،
ئۆرنەك ھامان ئەل-ئاۋامغا پاك- ئېسىل خىسلەتلىرىڭ،
مەھلىيا ئەيلەر كۆڭۈلنى پەرىدەك ھەرىكەتلىرىڭ،
پەر قېقىپ مەشرەپتە سەن قىلساڭ جۇلا دولان قىزى.
غۇنچە بوي گۈلدەك جامالىڭ قوزغىدى دىلدا ھەۋەس،
ئىچمەي ۋىسال شەربىتىڭدىن يۈرىمەن دائىملا مەس،
جانان سېنى تەرىپلىشىم تاغنى يۆتكەشتىنمۇ تەس،
گۈل دېسەم گۈلدىن گۈزەلسەن، ئاي دېسەم ھېچ ئاي ئەمەس،
بىلمىدىم قايسى سۈپەت لايىق ساڭا دولان قىزى.
دەر بىرى پەرى گۈزەل، ۋىناس گۈزەل دەر بىرلىرى،
دەر گۇمان يۈرگەنىدىم شۇنداقمىدۇ دەپ ئىلگىرى،
چىن گۈزەللەر شاھىكەنسەن ئەسلىدە دولان دىلبىرى،
بويلىرىڭدىن تارقىسا گويا ئىپارنىڭ ھېدلىرى،
جانۇ-جىسمىنى ئوراپ ئالغاي لاۋا دولان قىزى.
ئەسلىتەر بەرگى قىياقنى ئەگىم-ئەگىم قاشلىرىڭ،
ئەسلىتەر ئاھۇ كېيىنكى تەلمۈرۈپ قاراشلىرىڭ،
ئەسلىتەر بۇلبۇلنىلا خەندان ئۇرۇپ سايراشلىرىڭ،
مەختۇمسۇلانىڭ چېچىنى سالسا ئېسىمگە چاچلىرىڭ،
ئوق ئاتار كىرپىكلىرىڭ جىسمىم ئارا دولان قىزى.
مېھنەت سۆيۈپ تۆككەچكە تەر كۈلدى ئارزۇ-تەلىپىڭ،
داستان شۇڭا تىلدا ھامان قۇچقان شانۇ-شەرىپىڭ،
سەن سەنەم گويا ماڭا، چىن ئاشىقىڭمەن-غېرىپىڭ،
بارچە خىسلەت ھەم گۈزەللىك سەندە بولغاچ تەرىپىڭ.
كۈيلىسەممۇ بىر ئۆمۈر بولماس ئادا، دولان قىزى.
( مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )