مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2575|ئىنكاس: 15

داڭلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 05:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


داڭلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى




1.  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل



بۇ بولسا ئىبنى ھەنبەل نامى بىلەن تۇنۇلغان ئەبۇ ئابدۇللاھ ،ئەھمەد بىن مۇھەممەد بىن ھەنبەل ئەششەيبانىدۇر. ئۇ نامى مەشھۇر بولغان  فىقھى ،ھەدىس تەتتىقاتى  ئالىمى. شۇنداقلا تۆت فىقھى ئىمامنىڭ بىرى. ئىمام ئەھمەد ھىجىريە 164-يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەل ئېيىدا باغدادتا تۇغۇلغان .ئۇ ھەدىس ،فىقھى ۋە باشقا ئىسلام بىلىملىرىنى باغدادتا ئۆگەنگەن،ئاندىن تېخىمۇ  چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئۈچۈن شام ۋە ھىجازلارغا بارغان. ئۇ ئەل مەئمۇن بىن ھارۇن ئەررەشىد ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، مۇئتەزىلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان قۇرئان مەخلۇق دىگەن بىدئەت ئەقىدىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئەزىيەتەلەرنى چەككەن. ئەمما ئۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي ئۆز ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغان ۋە سۈننەتنى رەزىل مۇئتەزىلەرنىڭ بىدئەت ئەقىدىسىدىن ساقلاپ قالغان. ئۇ بارلىق ئىماملارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئەزىيەت چەككەن ،ئۆز ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغانلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇسنەد ئەھمەد بىن ھەنبەل كىتابىدا 28~29مىڭ ئەتراپىدا ھەدىس توپلىغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ بىر مىليون  ھەدىس يادقا ئالغان. ئىبنى ھەنبەل ھىجىريە241-يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12سى جۈمە كۈنىدە باغدادتا ۋاپات بولغان. ئەھلى سۈننەھ ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى  ــــــ ئاللاھنىڭ سۆزى.(قۇرئان مەخلۇق ئەمەس).


ئەل بۇخارى- مۇھەممەد بىن ئىسمائىل



بۇ ھەدىس ئىلمىدا ئەمىرۇل مۇئمىنۇن بولغان  ئىمام بۇخارى بۇلۇپ ،تۇلۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ  ،مۇھەممەد بىن ئىسمائىل بىن ئىبراھىيم بىن ئەل مۇغىرە بىن بەردىىزبەھ  ئەل جۇفى ئەل بۇخارى.ئۇ ھىجىريە 194-يىلى شەۋۋال ئېيىدا ھازىرقى ئۆزبىكىستاننىڭ بۇخارا  شەھىردە تۇغۇلغان.ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ھەدىس ئۆگەنگەن ، ھەدىس توپلاش ئۈچۈن ئىسلام دىيارلىرىنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا بارغان ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك سەھىھ ھەدىسلەرنى ئەل جامى ئەسسەھىھ كىتابىدا توپلىغان. سەھىھۇل بۇخارى كىتابىدا  ئۇ ئۆزى يادلىغان نەچچە مىڭلىغان ھەدىسلەر ئىچىدىن  2602 نى تاللاپ كىرگۈزگەن. ئەل بۇخارى داڭلىق ھەدىس ئىماملىرى بولغان مالىك بىن ئەنەس ،يەھيا بىن مائىن قاتارلىقلاردىن بىلىم ئالغان.ئۇ ھىجىريە 256-يىلى ئىيدۇل فىتر كىچىسى سەمەرقەنتتە (ھازىرىقى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنىتكە توغرا كىلىدۇ )ۋاپات بولغان.ئىمام بۇخارى ھەدىس تەتىقاتىدا ئۆزگىچە ئۇسۇلى بار بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئەل جامى ئەسسەھىھ كىتابى قۇرئاندىن قالسا ئەڭ ئىشەنچىلىك كىتاب ھىسابلىنىدۇ.


3. مۇسلىم بىن ھەججاج



مۇسلىمنىڭ تۇلۇق نامى مۇسلىم بىن ئەل ھەججاج ئەل قۇشەيرى ئەن نىشاپۇرى.ئۇ  ھىجىريە 204-يىلى ھازىرقى ئىراندىكى مەشھەد شەھىرىگە يېقىن بولغان نىشاپۇردا تۇغۇلغان. مۇسلىم ھەدىس تەتىقاتىدا ئىمام بۇخارىدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ھەدىس ئۆگەنگەن ،ئىراق ،ھىجاز ،شام ،مىسىر لارغا بارغان ۋە شۇ دەۋىردىكى ھەدىس ئىماملىرى بولغان ئەل بۇخارى ،ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ،ئىبن ئەبى شەيبە قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان.شۇنداقلا داڭلىق ھەدىسشۇناسلاردىن بولغان ئەت تىرمىزى ،ئىبن ئەبۇ ھاتىم قاتارلىقلارغا ئۇستاز بولغان. مۇسلىم تۈزگەن ئەل مۇسنەد ئەسسەھىھ كىتابى ھازىر سەھىھ مۇسلىم نامى بىلەن مەشھۇر.بۇ كىتاب 9200ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئىمام  بۇخارىنىڭ كىتابىدىن قالسا ئىككىنجى ئىشەنچىلىك كىتاب دەپ قارىىلىپ كەلمەكتە.ئىمام مۇسلىم ھىجىريە 261-يىلى رەجەپ ئېيىدا تۇغۇلغان جايىدا ۋاپات بولغان.


4.ئەبۇ داۋۇد- سۇلايمان بىن ئەل ئەشئەز



ئەبۇ داۋۇد ،سۇلايمان بىن ئەل ئەشئەز بىن ئىشاق ئەل ئەزدى ئەل سىجىستانى،تۇنۇلغان ھەدىس ئىماملىرىدىن بۇلۇپ ھىجىريە 202-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام بۇخارىلارنىڭ قولىدىن دەرس ئالغان بۇلۇپ، كىيىنكى دەۋىرلەردىكى ھەدىسشۇناسلاردىن  تىرمىزى،ئەن نەسائىلارغا بىلىم بەرگەن. ئەبۇ داۋۇد گەرچە 500مىڭ ھەدىس توپلىغان بولسىمۇ،ئەس  سۇنەن كىتابىغا پەقەت  4800ھەدىس كىرگۈزگەن. ئۇ ھىجىريە 275-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ جۈمە كۈنى بەسرە شەھىردە ۋاپات بولغان.


5.تىرمىزى-ئەبۇ ئىيسا مۇھەممەد بىن ئىيسا



ئەبۇ ئىيسا ،مۇھەممەد بىن ئىيسا بىن سۇرە ئەت تىرمىزى ھىجىريە 209-يىلى ئۆزبىكىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالى چىگرىسىغا  يېقىن جايىدىكى تىرمىزى دىگەن كەنىتتە تۇغۇلغان. ئۇ ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپ ،ئەل جامى كىتابىدا 4000ھەدىس كىرگۈزگەن.بۇ كىتاب كېيىن سۇنەن ئەت تىرمىزى نامى بىلەن تۇنۇلغان.ئۇ ھەدىس تەتتىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان بۇلۇپ ، ئەل ئىلال(ئوخشىماسلىقلار)دىگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.ئۇ ئۆزنىڭ تەقۋادرلىقى بىلەن تۇنۇلغان .ئۇ ئەما بۇلۇپ قالغان ،ئاخىرى ھىجىريە 279-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولغان.


6.ئەن نەسائى



ئەبۇ ئابدۇررەھمان ،ئەھمەد بىن ئەلى بىن شۇئەييىب بىن ئەلى ئەل ھافىز  ھىجىريە 215-يىلى خۇراساننىڭ ئەسائى شەھىردە تۇغۇلغان.ئۇ ئۆزىنىڭ ھەدىس تەتتىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىسى  ۋە ھەدىس يادلاش ئۆگىنىشى  تۇنۇلغان.ئۇنىڭ سۇنەن ئەن نەسائى كىتابى،سەھىھۇل بۇخارىدىن قالسا ئەڭ ئاز زەئىپ ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچۈنجى كىتاب ھىسابلىنىدۇ.ئۇ مىسىردا ياشاپ ،كىيىن دەمەشىققە كۆچۈپ بارغان،ھىجىريە 303-يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان.


7.ئىبىن ماجە-مۇھەممەد بىن يەزىد



ئەبۇ ئابدۇللاھ ،مۇھەممەد بىن  يەزىد بىن  ماجەھ ئەل قىزۋىنى ھىجىريە 207-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ ئىمام مالىك ۋە باشقىلاردىن دەرىس ئالغان،نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.ئۇ ھەم داڭلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ بىرى ئەمما ئۇنىڭ سۇنەن كىتابىدا نۇرغۇنلىغان زەئىپ ھەتتا مۇنكەر ھەدىسلەرمۇ بار.ئىبن ماجەھ ھىجىريە 273-يىلى رامىزان ئېيىدا ۋاپات بولغان.


8.ئەل بەيھەقى-ئەھمەد بىن ئەل ھۇسەيىن



ئەبۇ بەكىر ، ئەھمەد بىن ئەل ھۇسەيىن ھىىجىريە 374-يىلى شەئبان ئېيىدا تۇغۇلغان.ئۇ شافىئى مەزھىپىدە،ھەدىس ۋە فىقھى ئىماملىرى ئىچىدە ئەڭ بىلىملىك ھافىزلاردىن ھىسابلىنىدۇ.ئۇ ئەس سۇنەن ئەل كۇبرا ،ئەس سۇنەن ئەل مۇغرە لەرگە ئوخشاش نۇرغۇنلىقغان كىتابلارنى يازغان. ئەز زەھەبىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى 1000جىلىدتىن ئاشىدىكەن.ئەل بەيھەقى،ئۇنىڭ كىيىنكى نامى بۇلۇپ ،بۇ نىشاپۇرغا يېىقىن جايدىكى يېزىنىڭ ئىسمى.ئەل بەيھەقى ھىجرىيە 458-يىلى ۋاپات بولغان.


9.ئەل ھاكىم-ئەبۇ ئابدۇللاھ



ئەبۇ ئابدۇللاھ ،مۇھەممەد ئابدۇللا ئەن نىشاپۇرى ئەل ھاكىم ئىبن ئەل بەييى نامى بىلەن تۇنۇلغان بۇلۇپ ،ھىجىريە 321-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ ھەدىس تەكشۈرگۈچى داڭلىق ئىماملارنىڭ بىرى.ئۇ ھەدىس تەتتىقاتى ئۈچۈن ئەل مۇستەدرەك كىتابىنى يازغان.ئېتىشلارغا قارىغاندا ئۇ مىڭغا يېقىن ئۇستازدىن بىلىم ئالغان،ۋە قىممەتلىك كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان.ئەل ھاكىم ناھايىتى تەقۋادر كىشى ئىدى.ئۇ ھىجىريە 405-يىلى سەفەر ئېيىدا ۋاپات بولغان.


10.ئەل دارقۇتنى –ئەلى بىن ئۆمەر



ئەبۇل ھەسەن،ئەلى بىن ئۆمەر بىن ئەھمەد بىن مەھدى ئەل باغدادى.ئۇ باغداتتىكى دارۇل قۇتۇن دىگەن چوڭ ئامبارنىڭ نامى بىلەن لەقەملەنگەن.ئۇ ھىجىريە 306 –يىلى تۇغۇلغان بۇلۇپ داڭلىق ھافىز  ۋە ئىمام.ئۇ شۇ دەۋىردىكى داڭلىق ھەدىس تەتىقاتچىسى ۋە ھەدىس تەكشۈرگۈچى بۇلۇپ ،شۇ دەۋىردىكى ئاجىز زەئىپ ھەدىسلەرنى ۋە شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلەتتى.ئەل قۇرتۇنى ھىجىريە 385 –يىلى زۇل قەئدە ئېيىدا ۋاپات بولغان.


11.ئەد دارىمى



ئەبۇ ئابدۇللاھ ،ئابدۇللاھ بىن ئابدۇر رەھمان بىن ئەل فەدل بىن بەھرام ئەت تەمىمى ئەت دارىمى ئەسسەمەرقەنتى ھىجىريە 181-يىلى تۇغۇلغان .ئۇ بۇلسا مەشھۇر ئىمام ،ھافىز ۋە سەمەرقەنتنىڭ شەيخۇل ئىسلامى  شۇنداقلا ئەل مۇسنەد ئەل ئەئلى كىتابىنىڭ ئاپتورى. ئۇ ئىككى ھەرەم ،خۇراسان، شام ،مىسىرلاردا ھەدىس ئۆگەنگەن، مۇسلىم ،ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى،نەسائى ۋە باشقىلار ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ۋە سەۋىرچان كىشى بۇلۇپ ،تەقۋادرلىق ،سەبىر ،تىرىشچانلىق، ئىبادەت ۋە نەپسىنى يىغىش جەھەتلەردە ئۈلگىلىك شەخىس. ئەد دارىمى  ھىجىريە 255-يىلى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان.


12.ئىبنى ئەبى شەيبە


ئەبۇ بەكىر ،ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد بىن ئەبى شەيبە ئىبراھىم بىن ئوسمان بىن ھەۋاسى ئەل ئەنسى ئۆزگىچە ھافىز.ئۇ ئەل مۇسنەد ۋەل مۇسەننەف ۋە باشقا كىتابلارنى يازغان.ئۇ ھەدىس ئىلمىدا پىشۋا بۇلۇپ ئەبۇ زۇرئە ،ئەل بۇخارى ،مۇسلىم ،ئەبۇداۋۇد  ۋە خەلەفلەر ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.ئەبۇ بەكىر ھىجىريە 235-يىلى مۇھەررەم ئېيىدا ۋاپات بولغان.


13.ئەت تەبرانى



ئەبۇل قاسىم ،سۇلايمان بىن ئەھمەد بىن ئەييۇب بىن مۇئتەيىر  ئەل لەخمى ئەت تەبەرانى ھىجىريە 260-يىلى شامدىكى تەبەرىيە دىگەن جايدا تۇغۇلغان.ئۇ داڭلىق ئىمام بۇلۇپ ،مىڭدىن ئۇشۇق ئۆلىمادىن  ھەدىس رىۋايەت قىلغان .ئۇ ھەدىس ئۆگىنىش ئۈچۈن شامدىن ئايرىلغان، مۇشۇ ئارزۇسى ئۈچۈن 33 يىل  باشقا جايلاردا  بولغان. ئۇ ئەل مۇئجەم  ئەل كەبىر ،ئەل مۇئجەم ئەل ئەۋسەت،ئەل ئۇئجەم ئەل سەغىرگە  ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان. تەبەرانى ئىسفاھاندا ياشىغان ،ھىجىريە 360-يىلى زۇل قەئدە ئېيىنىڭ 27 سى شۇ يەردە ۋاپات بولغان.


14.ئىبنى ئەل قەتتان-ئەلى بىن مۇھەممەد



ئەبۇل ھەسەن ،ئەلى بىن مۇھەممەد بىن ئابدۇل مالىك ئەل فاسى ھىجىريە 562-يىلى ئەندەلۇسنىڭ (ئىسپانىيە) قۇرتەبە شەھىرىدە تۇغۇلغان، كېيىن ماراكەشتە ياشىغان.ئۇ داڭلىق ھافىز،ئىمام ۋە بىلىملىك ھەدىس مەنھەجلىرى تتەتىقاتچىسى. ئۇندىن باشقا ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى  داڭلىق ھەدىس تەتتىقاتچىسى بۇلۇپ ،ھەدىس رىۋايەت  قىلغۇچىلارنىڭ ئىسمى ۋە تارىخىنى ھەممىدىن پىششىق بىلەتتى.ئۇ نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان ،ھىجىريە 628-يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەل ئېيىدا ۋاپات بولغان.


15.ئىمام مالىك-مالىك بىن ئەنەس



ئەبۇ ئابدۇللاھ،مالىك بىن ئەنەس بىن مالىك بىن ئەبۇ ئەئمىر ئەل ئەسبەھى(زىى ئەسبەھ-ئۇنىڭ 9-بوۋىسى بۇلۇپ ،يەمەندىكى چوڭ قەبىلىلەردىن ) ھىجىريە 93-((ياكى 94-يلى)  تۇغۇلغان.ئۇ دارۇل ھىجرىنىڭ (ئەل مەدىنە) نىڭ ئىمامى،ئۇممەتنىڭ فىقھى ئالىمى .ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ يولباشچىسى .ئۇ 900يۈزدىن كۆپرەك ئۇستازدىن بىلىم ئالغان ۋە نۇرغۇنلىغان كىشلەرگە دەرس بەرگەن،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمام شافىئىمۇ بار


16.ئەبۇ نۇئەيىم –ئەل ئەسفاھانى



ئەھمەد بىن ئابدۇللاھ بىن ئەھمەد بىن ئىسھاق بىن مۇسا بىن مەھرەن ئەل ئىسفاھانى ھىجىريە 334-يىلى رەجەپ ئېيىدا تۇغۇلغان.ئۇ كاتتا ھافىز ،كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان مۇھەددىىس.ئۇ داڭلىق ئۆلىمالاردىن بىلىم ئالغان،نۇرغۇنلىغان تەقۋادار  ئۆلىمالارنى تەربىيلەپ چىققان.ئۇ ئۆمرىدە كۆپ كىتابلارنى يازغان بۇلۇپ ،ئەل مۇستەخرەج ئەلە ئەل بۇخارى،ئەل مۇستەخرەج ئەلە مۇسلىم ۋە ھۇلىياتۇل ئەۋلىياقاتارلىقلار  ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر بولغان كتابلىرى .ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،ئۇ بۇ كىتابلارنى نىشاپۇرغا ئېلىپ بارغاندا 400دىنارغا سېتىلغان.ئەل ئىسفاھانى ھىجىريە 430-يىلى سەفەر ئېيىدا (ياكى مۇھەررەم ئېيىنىڭ20سى ) ،ئىسفاھاندا ۋاپات بولغان.


                     
    مەنبە:ئىنگىلىزچە جەننەت تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
newkiran6300 + 20 ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54182
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7262
تۆھپە نۇمۇرى: 1397
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 09:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، رەھمەت!
      مەنمۇ ئىنكاس سۈپىتىدە  بۈۋى پاتىمەنىڭ تەرجىمھالىنى يوللاپ قويدۇم


مەمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خوتۇنى . بۈۋى فاتىمەنى بۈۋى خەدىچە مەككىدە تۇغدى . ئۇ دادىسى بىلەن بىللە مەككىنى فەتىھى قىلدى . ھەججەتۇل ۋىداغا قاتناشتى . دادىسىنىڭ مېيىتىنى ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە ئۇزاتتى . شىئە مەزھىپىدىكىلەر بۈۋى فاتىمەنى << ھەزرىتى ئانا >> دەپ تەرىپلەيدۇ . ئۈچ ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى . چوڭ ئوغلى ھەسەن ، ئوتتۇرانچى ئوغلى ھۈسەيىن بولۇپ ئۈچىنچى ئوغلى ئۆلۈپ كەتتى . ئۇلارنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاتلىرى ھېسابلىنىپ سەييىد ياكى شەرىف دەپ ئاتالدى . دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ ئالتە ئايدىن كىيىن بۈۋى فاتىمە مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتتى . 10-ئەسىرنىڭ باشلىرى شىئە مەزھىپى شىمالى ئافرىقىدا ئۇنىڭ نامىدا فاتىمىيەلەر سۇلالىسى قۇردى .
.مەنبە : ئىسلام دىنى ئىزاھلىق لۇغىتى

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7891
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 09:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئالىملىرمىزنىڭ ياشاپ ئۆتكەن ئورۇن ۋە قىلغان ئىش-ئىزلىرنى بىلىۋالدىم ،

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36142
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3710
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 2991 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 09:32:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! رەخمەت

ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64083
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 09:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت،ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت ،ئۆمرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن !

قاھىرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65549
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2013-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 09:39:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىرلەر بەرسۇن ، خۇددى نەخ ۋاختىدا بىرىلگەن دورىدەك شۇنداق جايىدا يوللىنىپتۇ .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 09:45:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرتىپتە بىر خاتالىق بار، مالىكنى بىرىنجى بولۇپ يىزىش كېرەكتى.
يەنە بىرنەچچە ھەدىسشۇناسلارنىڭ نامى تىزىملىكتىن چۈشۈپ قاپتۇ.....
 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 10:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  پالۋان كە 2011-11-21 09:45 PMئەۋەتىلدى  :
تەرتىپتە بىر خاتالىق بار، مالىكنى بىرىنجى بولۇپ يىزىش كېرەكتى.
يەنە بىرنەچچە ھەدىسشۇناسلارنىڭ نامى تىزىملىكتىن چۈشۈپ قاپتۇ.....
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەسلى ئۇلىنشىغا قارىسىڭىز 40قا يېقىن ھەدىسشۇناسلارنىڭ تەرجىمھالى بېرىلگەن،مەن بۇنىڭدىن بىرقىسمىنى تەرجىمە قىلغانتىم خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31178
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 1381 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2013-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 12:53:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىرلەر بەرسۇن

ئىمان ، ئىتىقادس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1347
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8410
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 01:24:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت .

ئىمان ، ئىتىقادسىز ئادەمنىڭ ئىت ، ئىشەكتىن پەرقى بولمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش