ھاياتلىق مېھىر-مۇھابەتكە مۇھتاج
ئىسىم-فامىلىسى : رۇقىيە رىشت
ئايال، ئۇيغۇر، 28 ياش، ئونسۇ ناھىيە تۇمشۇق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
بىمارنىڭ قىسقىچە كېسەللىك ئەھۋالى:
بۇ خىزمەتدىشىمىز 2010-يىلى توي قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 8- ئايدا تۇنجىپەرزەنتىنى تۇغۇشتىن بۇرۇن، ئاقسۇ ۋېلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈتكىلىبارغاندا دوختۇرلار دىئاگىنوز قۇيۇش ئارقىلىق، جىددى خارەكتىرلىكرىماتىزىملىق يۈرەك كېسىلى، ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېلاپانى توسۇپقالغانلىقىنى، قورساقتىكى بالىنى تۇغۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپچىققان. بىراق بۇ خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ ئوراتسىيەقىلدۇرۇپ بالىسىنى تۇققان، بەختكە يارىشا ھەر ئىككسى ئامان قالغان، ئەممابالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانىسىدىن ئايرىۋىتىلگەن، (بالىنى ئىمىتىشكەبولمايدىكەن، ئانىسى جىددى قۇتقۇزۇشتا داۋالانغان). ھازىر خىزمەتدىشىمنىڭسالامەتلىكى سەل ياخشىلانغان بولسىمۇ بىراق ھاياتى يەنىلا خەتەر ئىچىدەتۇرۋاتىدۇ، چۈنكى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددى ھالدا يۈرەككېلافانى ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيى قىلىدىغانلىقىنى، بىراق بىمارنىڭ قان تىپىئالاھىدە بولغان قان تىپى يەنى B تىپلىق قاننىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان RHمەنپى تىپى ئىكەنلىكى، قان ئىسكىلاتىدا بۇ خىل قاننىڭ يوق ئىكەنلىكىنى،شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ 400 گىرام قان تېپىپ كېلىپ ئاندىن ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشىنىئېيىتىپ قايتۇرۇپتۇ.
ئۇلار بىر ئايدىن بۇيان ئىزدەش ئارقىلىق ئونسۇ ناھىيىمىزدىن بۇ خىل قانتىپىدىكى 2 نەپەر ئادەمنى تاپقان بولسىمۇ بىراق، ھەر خىل سەۋەپ تۈپەيلىئۇلار قان بىرىشكە ئامالسىز قالغان. ھازىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئەھۋالى كۈندىنكۈنگە ناچارلاشماقتا.
كەڭ تورداشلاردىن، مېھرى-شەپقەتلىك كىشىلەردىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمەن:
بۇ دۇنيا پەقەت مېھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر، ياخشىلىق مەڭگۈئۇنتۇلمايدۇ، پۇل-دۇنيا تېپىلىدۇ، تۈگەيدۇ، لېكىن مېھىر-مۇھابەت، ياخشىلىقمەڭگۈ يوقالمايدۇ، ھەم ئۆچمەيدۇ. مۇشۇ تېمىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ھەرئادەمنىڭ مۇشۇ قان تىپىغا ماس كېلىدىغان قېنى بارلاردىن، بۇخىزمەتدىشىمىزنى، ئاددى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىنى، جاپاكەش، مېھنەتكەش،مېھرىبان بىر ئانىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
(قان بىرىدىغانلار بولسا ھەق بىرىپ رازى قىلىدۇ)
بىمارنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى: 13779456530
بىمارنىڭ يولدىشى سۇلتانجاننىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى: 13899239837
ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://www.rohlan.biz/thread-11106-1-1.html