كەچكۈزدىكى كەچمىش
( باشقا ھەرقانداق مۇنبەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ )
ئەقلىمنى بىلگەندە مەن ، ئىككى ھەدەم ۋە بىر ئاكام دادامغا قاپتىكەنمىز . مەن 4 ياشقا كىرگەن يىلى ئانام ، دادام بىلەن ئاجىرېشىپ ئۆيدىكى بارلىق مال-مۈلۈك ئانامغا ؛ بىز 4 بالا دادامغا قاپتىكەنمىز . دادام قاتناش بىكەتنىڭ پارقازان ئىشچىسى ئىدى . دادام بىلەن ئانام ئاجرېشىپ كەتكەن ۋاقىت ئېسىمدە يوق ؛ پەقەت ئېسىمدە قالغېنى جاپاكەش دادامنىڭ بىز تۆت بالا ئۈچۈن تارتقان پۈتمەس-تۈگۈمەس جاپاسى ئىدى .
ئارىدىن خىلى بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن دادامنىڭ يىزېدىكى يىقىنراق بىرتۇققېنى ئۆزى تۇرۇشلۇق يىزېدىكى « گۇلنىساخان » ئىسىملىك ئايال بىلەن تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق دادامنىڭ توينى قىلىپ قويغېنى ھىلىمۇ غۇۋا ئىسىمدە .
بۇ ئايال شۇنداق ئىشچان ئىدى . راس گەپنى قىلغاندا بىزلەرگە ھەقىقىي كۆيۈنۈپ ئەجىر بىلەن باقاتتى .
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن 6 ياشقا كىرگەن يىلى دادامنىڭ مېنى ناھىيلىك 9- باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بەردى . ئەمما مەن ياخشى ئوقۇمېدىم ئۆيگە بارسام دادامغا « دادا مەن مەكتەپتە ئوقۇمايمەن ، ماڭا خوتۇن ئىپبېرىڭ ، » دەيتىم ياكى قوشاق توقۇپ « ئېلىپ بە تە سە ،
دادا ماڭا خوتۇن ئەپ بەسە »
دىگەندەك قوشاقلار بىلەن دادادمنى كۈلدۈۈۋېتەتتىم . بەزېدە « خانىم مائاش ئالېدىكەن ، ماڭا نىمېشقا مەكتەپتېن مائاش چىقمايدۇ ، » دەپمۇ تۇرۋالاتتىم .
ئارىدىن 2-3 ئۈچ ئاي ئۆتمەيلا دادام مېنى مەكتەپتېن ئاجرېتىپ ئۈگەي ئانامنىڭ دادامنى زورلىشى بىلەن كەچتە ئۆيىمىزگە كەلگەن بىر كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى . ئۇيەردە كۈندە يېيېشىمىز نان ۋە ئىچېشىمىز سۈيۈقئاش ئىدى . ئەڭ قورقۇنۇشلۇق يېرى قىش كۈنلۈكى مۇشۇ يىزېدا بىرلا كۆل بولۇپ ، بۇ كۆل قۇرتلاپ كەتكەن ئىدى . مۇشۇ مەھەللېنىڭ ئادەملىرى ئاشۇ كۆل ئارقىلىق سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى قامدايىتتى ؛ ئادەملەرلا ئەمەس بەلكى ئۆي ھايۋانلېرىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى . توۋا دەيدىغان يىرى قەھرىتان قىشتېمۇ سوغۇق سۇدا تەرەت ئالاتتۇق ، مەيلى ئەتتىگەن بولسۇن مەيلى كەچ بولسۇن . شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە بىريىلچە مۇشۇنداق جاپادا ئوقۇدۇم ؛ ئۆيگە كەلگېنىمدە بولسا ئۆيدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرېش بولغان ئىدى . ئۆزگىرېش بولۇپمۇ بىزلەرگە خىلى كۆيىنېدىغان ئۈگەي ئانامدا زور ئىدى . ئاندىن قالسا دادامدا ؛ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئوقۇغان جاينى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزىلەرنى تارقالاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ، چوڭلارنىڭ بولسا تۇتۇلغانلېقى ئۇختۇرۇشى كەلدى ؛ شۇنداق قىلىپ مېنى يەنە دادام مەكتەپكە بەردى .
ئۈگەينىڭ دەردى ھەقىقەتەن تىل بىلەن ئىپادىلېگۈسىز قىيىن ۋە يامان ئىدى . ئويلاپ باقسام بىز تۆت بالا ئۇ ئايالنى پەقەت « گۇلنىساخان ئاچا » دەپلا ئاتايتۇق .
قىشلىق تەتىلمۇ يىتىپ كەلدى . ياندېكى خوشنېمىز قەشقەرلىككە ئۆيلەنگەن بولۇپ ، ئايالىنىڭ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك سىڭلىسى قىشلىق تەتىلنى بىزنىڭ ناھىيىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى . قارا ۋە يوغان كۆزلۈك ، قۇندۇز چاچلىق ، بۇ قىز بىلەن قىشلىق تەتىل كۈنلۈرۈمنى بىرگە ئۆتكۈزگۈنۈم ئىسىمدە . قىززىق ، ئۇ قىز ماڭا ۋە مەھللىدىكىلەرگە ئىسمىنى « تۇمارس » دەپ بەرگەن بولسېمۇ ئەمما ئاچېسى ھەرقىتىم چاقىرسا « تاجىخىنىم !!! » دەپ چاقىراتتى . مەن ئۇ قىزدىن سەۋەبىنى سورىغاندا : « چوڭ ئۆيدىكىلەر مىنى ‹ گۈلگىنە › دەپ ئاتىشىدۇ ، ئاپام بىلەن دادام ‹ تۇمارىس › دەپ ئاتېشىدۇ دەپ بەرگەن ئىدى . ھەمدە ماڭا دەسلەپ دەپبەرگەن ئىسمىمۇ شۇ ئىدى .
مۇشۇنداق قىلىپ ھەر يىلى ئۇ قىز تەتىلنى بىزنىڭ ناھىيېدە ئۆتكۈزەتتى . مەھەللېدىكى بالىلار ئارېسىدا مەن بىلەن ئۇ قىز تولېمۇ يىقىن ئۆتەتتۇق ، بۇ سەبىيلىكتىكى ۋاقىتلار...
مۇشۇنداق قىلىپ 2-3 يىل ئۆتتى . تېلىۋېزورلاردېكى مۇھەببەتلىك فىلىملەرنىڭ تۈرۈتكېسىدە مەكتېپىمىزدېمۇ مۇھەببەتلېشىش مودا بولغان ، ياكى مۇھەببېتى بولمېسىمۇ ياخشى كورېدىغېدىن بىرنى نىشانە قىپ قويۇش مودا بولۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردا ساۋاقداشلېرىم كىمنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقېمنى سوراشسا ئۇدۇللا « تۇمارس » دەپلا ئۇنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر تەتىلدە كىلېدىغانلېقىنى دەپ بىرەتتىم .
ئالاھەزەل باشلانغۇچ 4- يىللىقنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىل كۈنىنىڭ دەسلەپكى كۈنى مەن ئۇ قىزنىڭ كەلگەن كەلمېگەنلېكىنى بىلېش ئۈچۈن شۇ قىزنىڭ ئاچېسى ئاچقان ماگزىنغا كىردىم . ماگزىنغا كىرېشىمغىلا ئۇ قىز ماڭا سالام قىلدى . ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس ، مەن ئۇ قىزغا سالام قايتۇرالمېدىم ، چۈنكى مۇز قاپاق ئاچېسىدىن نۇمۇس ھىس قىلغان ئىدىم . سىرتقا چىقېپ بولۇپ سالام قىلالمىغانلېقىمدىن ئۆرتەندىم . بەلكىم بۇ ۋاختىم بىر ئاز بولسىمۇ بالىلېقتېكى خىجىل بولۇشنى بىلگەن ۋاقىتلېرىم بولسا كىرەك .
شۇنداق قىلىپ كىيىنكى تەتىل كۈنلىرى ئۇ قىز كەلمەس بولدى .
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ مەھەللېمىزگە يەنې بىزنىڭ كوچېنىڭ ئاياغ تەرېپىگە يىڭى خوشنېمىز كۆچۈپ كىردى .
خوشنېمىزنىڭمۇ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك « ئايگۈل » ئسىملىك قىزى بار ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم . ھەمدە ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقېمنى ھىس قىلدىم . بەلكىم بۇ ياقتۇرۇشۇم بالىلېقتىكى ھىسىيات بولسىمۇ ئەمما ئۇنى داۋاملىق خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ؛ دىمەك مەندە ياشلارغا خاس بولغان ھىسىيات شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن .
باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىغا چىققاندا ئانام چوڭ ئاچامنى يىنىغا ئەكىلېۋالدى . سەۋەبى ئالى مەكتەپ ئىنتاھانى يىقىنلېشىپ قالغان ئىدى .
مەن باشلانغۇچ 5- يىللىققا چىققان ۋاقىتتا چوڭ ئاچام تولۇق ئوتتۇر ئىنتاھانىدىن ئۆتۈپ ، ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەتتى . ئاچامنىڭ ئوقۇشقا بىرىشىغا راس گەپنى قىلغاندا ئانامنىڭ ئەجرى كۆپ ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇنى قانچە قوغلاشقان بولساممۇ ئۇ مىنى ياجتۇرمايدىغاندەك ، ئىنىقىنى دىگەندە كۆزگە ئىلمايدىغاندەك قىلاتتى . بەلكىم ئۈگەي ئانام سەۋەپلىك شۇنداق قىلىشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلايتىم .
باشلانغۇچنىڭ 6- يىللىقىغا چىققان قىش كۈنى يەنى قۇربان ھىيتنىڭ 6-كۈنى دادام بىلەن ئۈگەي ئانام ئاجىرشىپ كەتتى . بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاجفنلانغان ئىدۇق . بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن بۇ خۇشاللىقنى چوڭ ئاچامغا كىچىك ئاچام بىلەن بىرلىكتە يەتكۈزدۇق . ھەي ... ئويلاپ باقسام ئۈگەي ئانامنىڭ بەزى قىلمىشىغا ئەقلىم ھەيران ئىدى . شۇنداق غەلىتە نەرسىلەرنى تىپىۋالاتتىم . بەزىدە ئۇزۇنراق ئەگمە چىش تىپىۋالاتتىم-دە ئۇدۇللا خەيرىنسا ( ئانامنىڭ ئانسى ) ئانامغا كۆرسىتەتىم ، خەيرىنسا ئانام بەزىدە « توڭگۇز چىشىكەن » دەيتى بەزىدە باشقا ھايۋانلارنىڭ چىشى ئىكەنلىكىنى ئىيتاتتى ، ئەمما نىمىلا دىمىسىۇن ئىشقىلىپ ئىقىۋاتقان سۇغا تاشلىۋىتىشنى ، ساقلىماسلىقنى بۇيرۇتتى . بەزىدە ھايۋانات تىرىسىگە 3 بۈرجەك قىلىپ پۈكۈلگەن تۇمار تىپىۋالاتتىم ؛ ئىچىنى ئاچقاندا بولسا ئەرەپچە تۆت بۈرجەك قىلىپ يىزىلغان سانلار بار تۇمارنى تىپىۋالاتتىم . ئىشقىلىپ نىمىلا تاپسام ئۇدۇللا خەيرىنسا ئانامغا كۆرسىتەتىتىم ؛ خەيرىنسا ئاناممۇ نىمېلا تاپسام بىر كۆرۈپلا ئېقىن سۇغا تاشلېۋېتېشنى بۇيراتتى . قىززىق شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە كىرسەم لىگەنگە ئالما تىزىقلىق تۇرۇپتۇ ، ئۈگەي ئانام مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپلا ئالمىغا چىقىلماسلىقىنى ؛ ئوتتۇرىدىكى ئۈستىگە تىزىپ قويغان قىپ-قىزىل ئالمىغا چىقىماسلىقىنى جىكىلىدى ، ئەمما مەكتەپتىن ھىلىلا قايتىپ كەلگەن كىچىك ئاچام كىرىپلا ئۇدۇل ئالمىنى قولىغا ئىلىپ يەۋەتقانلىقىنى كۆرۈپلا ، ئۈگەي ئانامنىڭ يىمەسلىكنى بۇيرۇغانلىقىنى دىيىشىمگىلا بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئۈگەي ئانىمىز كىچىك ھەدەمنى ئۇرۇپلا كەتتى . ئۇرغاندا زىخ ( مەش كوچىلايدىغان تۆمۈر سىم ) بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ كەتتى . ئارقىدىن ئۇلاپ مىنىمۇ ساۋىدى ، ئادەتتە بىزنى دادام بولمىسىلا مۇشۇنداق باشقۇراتتى . شۇنداق قىلىپ كىچىك ھەدەم بىر مەزگىل ئۈگەي ئانامغا باشقىچە ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى . مانا مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەپلىك دادام بەزىدە بىزدىن بەكرەك ئۈگەي ئانىمىزغا ئامراق بوپمۇ قالاتتى .
بۇ ۋاقىتلاردا ئانام كىچىك ئاچامنىمۇ يىنىغا ئەكىلىۋالدى . سەۋەبى كىچىك ئاچامنىڭ ئالى مەكتەپ ئىنتاھانىغا 2 يىلچە ۋاقتى قالغان ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ئۆيدە دادام ، ئاكام ۋە مەن قالدىم .
ئىنىق ئىسىمدە باشلانغۇچ 6- يىللىقنىڭ ئەتىياز ۋاختى ، دادام خىزمەتتە ؛ ئاكام بىلەن مەن بىرلىكتە ئەتتىگەنلىك ناشتىنى كۆتات قورۇپ نان بىرگە ناشتا قىلىش ئوي بىلەن مەن قازاننى يۇدۇم ۋە ئوت قالاپ ئوچاققا ئىسىپ قازاننى قىزىتىتىم ؛ ئاكام ماينى قۇيدى ، بىر ھازادىن كىيىن قازاندىن ئىس كۆتۈرلۈشكە باشلىدى ؛ مەن ۋە ئاكام قازننىڭ ئاستى تىشىلىپ كەتكەن چىغى دەپ قازاننىڭ ئاستىغا قانچە قارىساقمۇ ، ھىچ ماي ئاققاندەل ئەمەس ئىدى .
ــ ئاپلا قازانغا ئوت كەتتى ! ، ــ
ئاكامنىڭ ھودۇقۇش ئىچىدە دىگەن گېپى دېققىتىمنى قازان ئىچىدىكى ماينىڭ يۈزىدە كۆتۈرۈلگەن سۇس يىشىل رەڭلىك ئوت تارىتقان ئىدى .
ــ ۋاي ، تىز قازاننى ئال !!! ، ــ مەن جىددىيلىك ئىچىدە نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئاكامغا ۋارقىرىدىم . ئاكام شۇ زامانلا بىرىپ قازاننىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ ئارقىغا چىكىندى ، ئەپسۇس ئاكام قازاننى ئوچاقتىن ئىلىپ چىكىنمەي بەلكى قولىنى كۆيدۈرۈپلا چىكىنگەن ئىدى ۋە ئارقىدىنلا قازاننىڭ تۇۋىقىنى ياپتى . مەن جىددىيلىك بىلەن قولۇمغا قاتتىق قەغەز ئالدىم-دە ، قازاننى ئوچاقتىن ئىلىپ يەرگە قويۇشۇمغىلا قازاننىڭ قىززىقلقىغا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىم سەۋەپ قازان قولۇمدىن چۈشۈپ ئوت ئۆرلەپ چىقىپ يۈزۈمگە ئۇرۇلۇشىغا ئاكام ئوتنى ئۆچۈرىمەن دەپ بىر نوگاي ( سۇ ئىچىدىغان تۇتقۇچى ئۇزۇن بولغان ئائىلە جادۇقى ) سۇنى قازانغا قۇيدى . كۆز ئالدىم ئوت ئىدى . ئاكام قۇيغان سۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش تۈگەل ئوتنى تىخىمۇ ئۇلغايقات ئىدى . مەن قازاننى دەرھال دۈم كۆمتۈردۈم . دۈم كۆمتۈرۈلگەندىن كىيىن ئوت تىزلا ئۆچتى . ئەپسۇس يۈزۈم قىززىپ كىتىپ باراتتى . ھويلا ئىچى سىسىق ماي ھىدى بىلەن تولغان . ئاكامنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ئىدى . راس گەپنى قىلغاندا مەنمۇ بەكرەك قورقۇپ كەتتىم ئىدىم ، بولۇپمۇ كۆز ئالدىم ھويلىنى ئوت قاپلاپ كەتكەندەكلا ؛ يۈزۈمنىڭ بارا-بارا قىززىپ كىتىۋاتقىنىغا زادىلا چىدىيالمىدىم بىرىپلا يۈزۈمنى تۇربۇغا تۇتتۇمدە سۇنى بولۇشىغا ئىچىپ ۇۈزۈمنى يۇدۇم ؛ « نىمە دىگەن راھەت » دىدىم ئىچىمدە ، يۈزۈمنى شۇنداق ئالسام يۈزۈم بارا-بارا پىژىلداپ كىتەتتى ، ئىنتايىن چىدىغۇسىز ئىدى . ئاكامنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ كۆزىگە لىققىدا ياش كەپ قالغان ئىدى . بىز ئىككىلىمىز بۇ ھالنى دادېمىزغا ئىيتېشتىن قورقاتتۇق . سەۋەبى ئۈگەي ئانا سەۋەپلىك دادېمىز كۆپ ئۆزگىرېپ كەتكەن ئىدى . ئاكام مىنى ۋېلىسىپېىتىگە مىندۈرۈپ مەكتىپىمنىڭ يىنىدىكى بىر شەخسىي دوختۇرخانېىغا ئىلىپ باردى دوختۇر يۈزۈمنى كۆرۈپ ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى . ئەتراپتا كىسەل كۆرسېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى يۈزۈمگە چىش پاستىسى سۈركىسە ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئىيتسا بەزىلىرى ماڭقا سۈركىسە ئۈنۈمى بولدىغانلىقىنى ئىيتىشقانىدى . مەن ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى يۈزۈمنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىدە پىژىلداپ ئىچىشىشى تىزراق توختۇتۇش ئىدى . يۈزۈمنىڭ ئىچىشىشى جىنىمنى بىر ئالغان ئىدى . خۇددى كونىلار دىگەندەك : « ئاغرىق نەدە بولسا ، جان شۇيەردە » دىگەن گەپنىڭ نەق ئۆزى ئىدى . ئاكام ماڭا قاراپ ئىچ ئاغرىتىشى ۋە ئوڭايسىزىنىشى كۆرۈپ بۇياردىن تىزراك كىتىشنى ئىيىتتىم .
مەكتىپىمنىڭ ئالدىدىغا كەلگەندە ئاكام مەكتىپىمگە تىزلىك بىلەن كىرىپ ئوقۇتقۇچۇمغا دەپ قويۇپ يىنىپ چىقتى . بۇ ۋاقىت ئوقۇغۇچىلار ئەتتىگەنلىك گىمناستىكىدىن يانغان ۋاقىت ئىدى . كۆزۈمدىن ياش چىقسىمۇ ئىچىشىش شۇنچىلىك كۈچىيەتتى . بەلكىم كۆز يېشى تۇزلۇق بولغاچقىمىكىن . شۇڭا يىشلىماسلىققا چىدىساممۇ ئىچىشىشقا ئامالىم يوق ئىدى . ئاكام ئۇدۇللا ناھىيلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى .
ئەپسۇس ، ئاكامنىڭ يىنىدىكى 28 يۇەن مەكتەپكە تۆلەيدىغان پۇلى دوختۇرنىڭ بىزگە يىزىپ بەرگەن دورا پۇلىغا يەتمىدى . ئاكامنىڭ تىتىلداپ كەتكەن چىرايى ، قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى ،
ــ ئۆيگە كىتىلى ، ــ مەن بۇ گەپلەرنى ئاران قىلىۋاتاتتىم . ئاكام پۇتلىرىنى ئىغىر قەدەملەر بىلەن يۆتكىدى .
ئۆيگە كىرىپلا يۈزۈمنى تۇربىغا ئاپاردىم-دە ، تۇربا سۈيى بلەن ئاغرىقنى توختاتتىم ، تۇربا سۈيى قانچە سوغۇق بولسا شۇنچە راھەتلىنەتتىم .
ئاكامنى مەكتەپكە بىرىۋىرىشقا بۇيرۇدۇم . ئاكام مىنى يالغۇز تاشلاپ قويغۇسى يوق ھالەتتە مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى .
داۋامى داۋاملىق يوللۇنېدۇ ...