يول چىقمىغان مۇھەببەت
( ھىكايە )
ئاپتورى : شىرئەلى
مۇقەددىمە
كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالداش - ئالدىنىش بەلىكم مەلۇم نىسبەتتە پايدا زىيان ئېلىپ كىلىشى مومكىن ، ئەمما زىيادە راسچىللىق ئادەمگە ئاسىيلىق قىلىدۇ ، چۈنكى ئۇ ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ ، قارشى تەرەپكە قانداقتۇر ئەكىسچە تەسىر بىرىپ قويۇشى مومكىن ...
بولۇپمۇ مۇھاببەت - ئاجايىپ نەرسە ، ئۇ شۇنداق قۇدرەتلىككەنكى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرىتۋىتەلەيدۇ !
****** ****** *****
- مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولۇپ ، خىزمەت تەقسىماتى كۈتتۈم .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي خىزمەت ئورنۇمنىڭ خەۋىرى كەلدى ، ئەمما مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر قىلچىمۇ خۇشال بولمىدى ، چۈنكى مىنىڭ خىزمەت ئورنۇم يىراق جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر يېزىدىكەن ، بولغاندىمۇ زەرەپشان دەرياسىنىڭ غەربى جەنۇپ ۋادىسىدىكى تاغلىققا جايلاشقان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن .
- < زادى بېرىش كىرەكمۇ ، ياكى بارماسلىق كىرەكمۇ > > ... مانا بۇ مەن ئۈچۈن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن قويۇلغان چوڭ بىر سۇئال ئىدى .
مەن شۇ ئارىدا كۆپ ئويلاندىم ، ئەگەر بارسام ئۇ تەرەپتە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تارتىدىغىنىم راس ، لىكىن بۇنى دەپ بارمىسام ئاتا - ئانامنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجىرى ۋە جاپا تارتىپ ئوقۇتقىنىغا لايىق جاۋاپ قايتۇرالمايدىغىنىممۇ تۇرغان گەپ .
بەلىكم << پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توق >> دىگەن گەپ راس بولسا كىرەك ، ئاتا - ئانام ۋە مەن نەچچە رەت يەرلىك ئىدارە ئورۇنغا ئىلتىماس يازغان بولساقمۇ ، لىكىن ھىچ پايدىسى بولمىدى .
ھىچ بولمىغاندا ئۆز تەۋەلىكىمىزدىكى يىراقراق مەكتەپلەرگە بەرگەن بولسىمۇ ھەر ھالدا ئاشۇ يىراق جايدىن قولايلىق بولاتتى .
مەنمۇ ھىچ ئامالسىزلىقتىن ئىش تەخسىماتىنى قوبۇل قىلدىم ، ئۇنى دىسە باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ مەن بىلەن ئوخشاشكەن ، لىكىن مەن يىراقراق يەرگە بۆلىنىپتىمەن .
تەقدىر - پىشانەم شۇ بولسا كىرەك ، ئىشقىلىپ كىچىكىمدىن تارتىپلا تەلىيىم يوق . گەرچە شۇنداق تىرىشچان بولساممۇ ئەمما تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ساۋاقداشلىرىمغا يول قويۇپلا كەلگەن ئىدىم ، چۈنكى مىنىڭ ھىچ بىرسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگۈم كەلمەيىتتى .
ئاخىرى بولماي ئاتا - ئانامغا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئىش ئورنۇمغا يۈرۈپ كەتتىم ، ئۆيۈم بىلەن ئىش ئورنۇمنىڭ ئارلىقى بەكلا يىراق بولغاچقا كۆڭلۈم شۇنداق سۇلغۇن ، ئەمما مەلۇم جەھەتتىن ئازراق ئۈمۈد بار ئىدى يەنى مەن بىر قانچە يىل ئىشلىسەم << يۆتكىلىش ئىمتاھانى >> بىرىپ يۆتكىلىشكە ئامال بولارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم .
شۇنداق قىلىپ خزمەت ئورنۇمغا يول ئالدىم ، ئاتا - ئانام ئاق يول تىلەپ ئۇزۇتۇپ قويدى ، يوللاپ شۈنچە ئۇزاق بىلىنىپ كەتتى ، نەچچە ئۇخلاپ ئويغانساممۇ يەنىلا شۇ ئىككى تەرىپىدە ئاندا ساندا سۇۋادان تىرەكلەر قەد كۆتۈرگەن ، گاھى يۇلغۇن ، گاھى توغراقلار ئېلىشقان يول بويىنى كۆرىمەن .
بىر كىچە - كۈندۈزدىن ئارتۇقراق يول يۈرۈپ ئاخىرى ناھىيە بازىرىغا يىتىپ باردىم ئۇ يەردە بىرەر يېرىم كۈن تۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بارىدىغان يېزا مەكتىپىگە يول ئالدىم .
شوپۇرنىڭ دىيىشىچە ئۇ يېزىغا ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق ماڭساق چىقىدىكەنمىز ، يوللىرىنىڭ ئىگىز پەس ، ئەگىم توقايلىقى ئادەمنى گويا رومانتىك تۇيغۇغا باشلايىتتى .
بىردەم تاغ باغرىدا ، بىردەم دەريا قىنىدا ، بىردەم سايلىقتا .... كىتىۋاتقان ماشىنا بەزى - بەزىدە سىلكىنىپ قويۇپ مېڭىۋەردى .
ئالا - ھەزەل ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق يۈرۈپ كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ باردۇق ، ماشىنىدىن چۈشۈپلا ھەيران قالدىم .
ئۇ يەر خۇددى بىر بۇرۇنقى زامانلاردىكى ياۋايى كىشىلەر ياشايدىغان تاغ باغرىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن .
كىچىككىنە تۈزلەڭلىككە جايلاشقان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ، باشلانغۇچ ، پەن - تېخنىكا مەكتەپ ، ج خ تارماق ساقچىخانىسى ، يېزىلىق خەلىق شىپاخانا ، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى .... تاغ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا ،خۇددى بىرگە ئەكىلىپ تىزىپ قويغاندەكلا كۆرىنەتتى .
يەنە تېخى بىر قانچە ماگزىن ، ئاشخانا .... قاتارلىق ئاممىۋى دۇكان سارايلار ۋە كىچىككىنە نەچچە ئون كىشىلىك يايما بازىرى بار ئىدى .
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى خىلى يۈرۈشلەشكەن بولسىمۇ ، بارغان تۇنجى كۈنى باش كۆزۈمنى يۇيۋالاي دەپ مەكتەپ سۇ خانىسدىن سۇ ئېلىپ چىقىپ مەيداندا يۇيۇۋاتسام ، قايسى بىر خىزمەتچى ماڭا سۇنى تىجىشىمنى ، ئىسراپ قىلماسلىقىمنى جىكىلىدى . ئەسلىدە بۇ يەردە خىزمەتچىلەر سۇنى پۇلغا ئېلىپ ئىشلىتىدىكەن ، ئادەتتە پۇخرالىرى دەريادىن سۇ ئەپ كىلىپ تىندۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىكەن ، ناھىيە بازىرىدىن نەچچە يۈز مىتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان بۇ زىمىننىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى بەك چوڭقۇر بولغاچقا تۇربا ئوموملاشمىغان بولۇپ ، سۇ قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن .
مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئىش ئورنۇمنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ بەكراق ناچار شارائىتتا ئىكەنلىكنى ھىس قىلدىم ، ھەم ئامال بار ئۇ شارائىتقا كۆنۈشكە بەل باغلىدىم .
مانا ھەش - پەش دىگۈچە نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، مەنمۇ خىلى ئۆزلىشىپ قالدىم .
خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە مىنىڭ يۇرتۇم ئەڭ يىراق بولغاچقا ، بەزى ئىشلاردا ماڭا يول قويىشاتتى ، ئۇلار دائىم مىنى گەپكە سېلىشىپ << چاق - چاق ماكانىدىن كەلگەن خېنىم ، سىز نىمانچە سولاش ، ھېسام ئاكىنىڭ كۈلكىلىرى سىزگە يۇقماپتۇ دە ؟ >> دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ماڭا گەپ ئاتاتتتى .
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى ، بىر كۈنى تۇيقسىز دەرىس ۋاختىدا بېشىم قېيىپ ، ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم ، ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىشنى تاپشۇرۇپ ، ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن پەلەمپەيدىن چۈشۈپ ياتاق ئۆيگە ماڭدىم ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىدا كىتىپ بېرىپلا ئۆزۈممۇ بىلمەستىن توپ گارىنىڭ پۇتىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن .
ئۇ چاغ كۆزۈم ئوچۇق بولغىنى بىلەن ھىچ بىر كاللام ئېغىرلىشىپ ، ئۆزۈمنى تاشلىغانچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن ، كىيىن يىراقتىراق تەنتەربىيە دەرسى بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى يەنى مىنىڭ ساپ مۇھاببىتىمگە ئىرىشەلمىگەن ، قاتتىق نادامەتتە قالغان سۆيۈملۈك يىگىتىم ھەم ماڭا ئەينى ۋاقىتتا << سۇنى تىجەڭ ، بۇ يەردە سۇ قىس >>..... دەپ جىكىلىگەن مۇئەللىمنىڭ يۆلەشتۈرۈپ ياتاق ئۆيۈمگە ئەكىرىپ قويغىننى ئىسىمگە ئالالىدىم ، ئۇ مىنىڭ پىشانەمنى تۇتۇپ << نىمانچە قىززىپ كەتتىڭىز >> ؟ دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقاي ، دەپ ئېپ ماڭدى ، مەن يا ھەئە ، يا ياق دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا يۆلىنىپ چىقىپتىمەن ، ئۇ كۈنى كەچكىچە دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن ، ئۇمۇ قېشىمدا ئىككى سائەتتەك تۇرۇپتۇ ...
ئەتىسى چۈشتە مەكتەپ مۇدىرىمىز ، يىغىن ئېچىپ ئۇنى شۇنداق ئەيىپلەپ كەتتى :
- << بەللى ، خانىم ئاغرىپ قالسا ھەمرا بولۇپ يېنىدا تۇردىڭىزما ؟ دەرىس تاشلاڭ بىر ، خالىغانچە سىرىتقا چىقىڭ بىر ، ھەمرا بولۇڭ بىر ... بۇ مەكتەپتە تۈزۈم بارمۇ يوق >>.؟
ئۇمۇ جىم ئولتۇرماي جاۋابەن سۆزلىمەسمۇ ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ قارشى گەپلىرى ئارقا - ئارقىدىن چىقاتتى .
- << ئەجىبا خىزمەتداشلار ئاغرىپ قالسا ، ئۇنىڭ دەردىگە يەتسەك بولمامدىكەن ؟ دەرىس تاشلىغىنىم يوق ، باللارنى مەشىققە سەپ قويۇپ چىقتىم شۇ >>...
- << چىقىپ بولۇپ بىر ئېغىز ، خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنى بىلمىدىڭىزما ؟ سىز تۈنۈگۈن كەلگەن ئادەم ئەمەس بۇ يەرگە ، بېشىنى باغلىمىغان كالىدەك ھەر تەرەپكە چىقىپ كىتىدىغان ، ئوھۇش نىمە قىلىق بۇ ئەمدى >> ؟ ..
- << چىقىپ كىتىپ ئەنجانغا كەتمىگەندىمەن ؟ كىيىنكى سائەتتە دەرسىم يوقتى ، شۇڭا بىردەم ھەمرا بولدۇم ، كالا دىگەن ئادەمگە كۆيىنىشنى بىلمەيدۇ ، مەن كالىغا قارغاندا سەل ئادىمگەرچىلىكنى ئۈگەنگەن >>...
ئۇنىڭ بۇ گېپى مەكتەپ مۇدىرىمىزغا بەك تىگىپ كەتتى بولغاي ، ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ، ئالدىدىكى ماتىريالنى ئۈستەلگە پوڭڭىدە تاشلاپ ۋاقىراپ كەتتى .
- << ھە ، سىزنىڭ ئادىمگەرچىلكىڭىز بار ، مىنىڭ يوق ، مەن دىگەن بىر قارانچۇق شۇنداما ؟ دەرياغا سۇغۇ چۈشكىلى كىتىپ ، سۇ ئېقىتىپ كەتكەن چېغى دەپتىمەن ... ئۇنداق ئۇزۇن يوقاپ كەتكەندىكىن >>....
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ گېپى ماڭىمۇ تەگدى ، گېپىنىڭ ئايىغى چىقماستىلا مەن سۆزلەپ كەتتىم :
- << سۇغا چۈشىش سىلىدىن ئايلانسۇن شوجاڭ ، دەريا نەدە ؟ ئۆستەڭ نەدە ؟ بىلمەيمەن تېخى ، >>...
بەلكىم بىز ئايال كىشىنىڭ سەل ئىچى تارراق بولساق كىرەك ، بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرىمىز ئايال بولغاچقىمۇ بەزىدە كىچىك ئىشلارنىمۇ زېغىرلاپ كىتەتتى .
مىنىڭ گېپىم بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى :
- << ھە خېنىم ، كەگىلى تۆت كۈن بولا بومماي ، ياراتمىغىدەك بولدۇقما بىزلەرنى ؟ مەلىملەرنى ئازدۇرۇپ نەمۇ نە چۆگىلتى يۈرۈپ ، مەكتەپتىن چەتنەپ كەتمەيلى يەنا >>...
- << ئۇندامۇ دەپ كەتمىسلە شوجاڭ ، چىۋىنمۇ پوققا قونىدۇ ، كىپىنەك گۈلگە ... ھەر نەرسىنىڭ ئۆز خىلى بولىدۇ ، قونغىلى نەرسە چىقمىسا ئۇ تاشلاندۇق نەرسە بوپ قالىدۇ ، چۆگىلەتكىلى ئادەم چىقمىسا ئۇ چوقۇم قورۇلۇپ قالغان پىتەككە ئوخشايدۇ >>...
مەن ئېغىزىمنى ئېچىپ بولغۇچە ، مەن ئۈچۈن دىيىلگەن بۇ سۆز مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە سانجىلدىمۇ ، بىردە ئاچچىقلىنۋىتىپلا < ۋاي يۈرىگىم ، خەپ توختاش ..... كۆزگە ئىلمىغىنىڭغا ... دەپلا ھۇشىدىن كەتتى..
ۋاي خۇدايىم ، بۇ خوتۇن بىر نىمە بولمىغاندۇ ھە ؟ - مەن ئىچىمدە ئۇنىڭ ساق - سالامەتلىكنى تىلەپ ، يېنىغا باردىم ، ئۇنىڭغىچە باشقا خىزمەتداشلار مەكتەپ مۇدىرىمىزنى يۆلەشتۈرۈپ دوختۇرتخانىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
كەچ تەرەپتە مەن بىر قانچە خىزمەتداشلىرىم بىلەن يوقلىغىلى چىقىپ كىتىپ بارسام مەكتەپ دەرۋازىسى يېندىكى گاڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلىپلا ، بىر قول مىنى تارتىپ ماڭدى .
مەن كىملىكىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەستىنلا ئۇ مىنى چەتكىرەك تارتىپ ئاچچىقلاپلا كەتتى :
- << مەن سىزنى دەپ بىر مۇنچە تىل دەشنەم ئىشتىپ ، سەتلەشكەن تۇسام ، سىز يوقلاپ چىقىپ ، مىنى تەخىمۇ سەتلەشتۈرەي دەمسىز >> ؟
ئۇنىڭغىچە مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى خىزمەتدېشىمغا باش ئىشارىسى قىلىپ قويۇپ كىتىۋىرىشنى بىلدۈرگەندىن كىيىن ، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم :
- << قانداق قىلىمەن ئەمسە ، ئۇ ھامان باشلىق تۇرسا ، ئەھۋالىنى ئۇقۇپ باقاي دىدىم شۇ >>....
- << باشلىق بوغان نوچىمىكەن ؟ سىز ئاغرىپ قاغاندا بىر ئېغىز ھال سوراپ قويمىغاندۇ ، ئەكىسچە تىگى با گەپلەرنى قىىلپ ، سىزنى چۈشەدى شۇ ، يامىنى كەسە يۆتكىۋاتا شۇ >>....
- << نەگە يۆتكەيدۇ ؟>>
- << نەگە يۆتكەيىتتى ، بۇ يېزىدىن 10 نەچچە كىلومىتىر نېرىدا ، بىر شۆبە مەكتەپ بار شۇ ....>>...
- << كەچۈرۈڭ ، سىزگە ئاۋارچىلىق تېپ بەدىم ، ئەمدى نىمە بوپ كىتە >>....
- << نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچىمنى بوشىتامماي ، كىلىۋاتقان ، ئوبدان بولدې بۈگەن .... ئۇ قارا قوساق خوتۇن شۇ ئادەم ئەيىپلەشنىلا بىلىدۇ >>....
بۇ گەپ ماڭا غەيرى تۇيۇلدى ، بىر مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئايال قانداقسىگە ، قارا قوساق بىلىمسىز دىيىلىدۇ ، مەن ئاڭقىرالماي ئاغزىمنى ئۆمەللىتىپ تۇرسام ئۇ يەنە چېچىلىپ كەتتى :
- << چىقماڭ يېنىغا ، چىقسىڭىز مەن سىزدىن رەنجىپ قالىمەن ، باشقا يەرگە كىتىشكە رازىمەنكى ئۇ خوتۇنغا يالۋۇرمايمەن >>....
مەن شۇ گەپلەر بىلەن چىقمىدىم ، كىيىن راس دىگەندەكلا ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى شۆبە مەكتەپكە يۆتكەلدى ، مۇدىرمۇ پات - پات مىنى چېقىۋالغاندەك گەپلەرنى قىلىپ بىر مەزگىل تىكىننى سانجىدى ، ئەمما ئۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى ، شۇ ئىشلار بولۇپ نەچچە ئايدىن كىيىن مۇدىرىمىزنىڭ يولدىشى تۈگەپ كەتتى ، پىنسىيە يېشىغا يىقىنلىشىپ قالغان مۇدىرىمىزمۇ ئەسلىدە ناھىيە ئىچىدىن چىقىدىغان بولۇپ ، ھەپتىنىڭ ئاخىردىلا ئۆيىگە كىرىپ چىقالايىتتى ، دىمىسىمۇ ئاسان ئەمەستە ، ...
يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ، مەكتەپكە چىقمىدى ، كىيىن رەھبەرلىك ناھىيگە يىقنلا بىر يەرگە يۆتكەپتىكەن .
ئۇ مۇدىرنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مۇدىر چىققان بولۇپ ، ئۇ ئەر ئىدى ، ئوتتۇز نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئۇ مۇدىر كۆرىنىشكە سالاپەتلىك ۋە خۇشچىراي بولسىمۇ ئەمما ، ئىشنى كەسكىن بىرتەرەپ قىلاتتى يەنە كىلىپ دىگەن ئىشىنى مەكتەپتە ئىجرا قىلماي قالمايىتتى .
ئۇ ئارلىقتا مەن ئۈچۈن ئارغا چۈشىپ يىراق جايغا پالىنىپ كەتكەن سۆيگەن يىگىتىمنى پات - پات بېرىپ يوقلاپ تۇردۇم ، بىر كۈنى ئۆز قولۇم بىلەن تاماق ئىتىپ ، خىزمەتدىشىمنىڭ موتسىكلىتىنى ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ باردىم ، ئۇ ئىشلەيدىغان مەكتەپ بىزنىڭكىدىن خىلىلا پەرىقلىنەتتى ...
ياتاقلىرىمۇ ئازادە ئەمەس ، مەن ئۇنىڭغا تاماقنى تۇتقۇزۇپ ، ياتاقلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم ، ئۇ شۇئان ئالدىمنى توسۇپ ، كىرگىلى قويمىدى ، مەن چوقۇم كىرمەن دىدىم دە كىرىپ ھەيران قالدىم ، بەلىكم ئۇ خىجىل بوپ قالغان چېغى ، يىغىقسىز يوتقان ، كۆرپە ، جۇغلاشقان تاماكا قالدۇقلىرى ، يەردىكى گازىر شۆپۈكلىرى ... قارماققا تازلىمىغىلى نەچچە كۈن بولغاندەك قىلاتتى .
مەن ئۇنىڭغا تاماقنى يىيىشنى تاپىلاپ قويۇپ ، ياتاق ئۆيىنى تازلاپ بەرمەكچى بولدۇم ، بىر قانچە قۇر كىيىم - كىچىكى پاسكىنا بوپ كەتكەچكە يوتقىننىڭ ئۈستىگىلا تاشلاپ قويغان ئىكەن ، مەن ياتىقىنى تازلاپ بولۇپ ، ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەرمەكچى بولۇپ مەكتەپ سىرتىدىكى كىچىك ئېقىن بويىغا چىقتىم ، ئۇ تامىقىنى يەۋاتاتتى ، قاچانلاردا چىقتىكىن بىر چاغدا كەينىمدىن چىقىپلا گەپ قىلماسمۇ چۆچىگەنلىكتىن قولۇمدىكى مايكا سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كەتتى ، مەن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرمايلا :
- << ۋاي ، ئېقىپ كەتتى ، ئېلۋالايلى >> !
دىگىنىمچە ئېقىننى بويلاپ ماڭدىم ، ئۇمۇ كەينىمدىن ماڭدى ، نېرىراقتىن مايكىنى سۈزۈۋالدىم .
ئۇ ۋاقىتتا مەن پەقەت ئۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ مىنى دەپ ئاشۇ جايغا بېرىپ قالغانلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈنلا قىپ بەرگەن ئىدىم ، ئەمما ئۇ باشقىچە ئويلاپ قالدىمۇ ، مايكىنى سۈزۈپ تۇرۇشۇمغا ئارقىمدىن كىلىپ مۇنداق گەپلەرنى قىلدى ، ئاندىن بىزنىڭ بەزى پاراڭلىرىمىز يەنى مۇھەببەتنىڭ تۇنجى ئىشىكىگە قەدەم قويۇپ قالدۇق :
- << زۇلخۇمار ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، سىزنى تۇنجى كۆرگەندە كۆزۈم چۈشكەن ئىدى >....
- << نىمە دەۋاتىسىز ؟ مەن سىزگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈنلا ، بۇ ئىشلارنى قىلۋاتىمەن ، خاتا چۈشەنمەڭ >> ..
- << ياق ، خاتا چۈشەنگىنىم يوق ، بۇ راس ، ئەمىليەتتە سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا ، شوجاڭ بىلەن جىدەللەشكەن ئىدىم >>...
- << ئۇنى بىلىمەن ، ئەمما ..>>..
- << تولا بانا تاپماڭ ، سىزنى ئويلاۋاتقىنىمغا خىلى بولدى ، ماقۇل دەڭ بولامدۇ ؟ - بىز مۇھاببەتلىشەيلى >>....
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ يۈزۈم ۋىللىدە قىززىپ كەتكەندەك بىلىندى ھەم باشقا ياققا قارىۋالدىم ، كۆيمە چىراي بوپ قالغان ئۇنىڭ چىرايى بولسا ھىچبىر خىجىلچىلىق ئىچىدە ئەەمستەك قىلاتتى .
ئۇ مىنى چىرايىغا قارىتىپ يەنە سۆزلەپ كەتتى :
- << مۇھاببىتىڭىز بارمۇ يا ؟ گەپ قىلىڭە ؟ >>..
مەن ھىچبىر گەپ قىلالمىدىم ، بەلىكم ئۇنى ئاز تولا ياقتۇرسام كىرەك ، ئۇ ۋاقىتتا تىلىم زادىلا گەپكە كەلمىدى ، ئۇنىڭ يىڭىچكە ئۆسكەن بۇرتى ، يانتۇ تارالغان قىسقا چېچى ، سەل - پەل كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن چىرايى ھېلىھەم ئىسىمدە ...
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي :
- << مەن ... ياق ، كىتەي >>...
دەپلا قولىدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ كەتتىم ، موتونىڭ قېشىغا بېرىپ مېڭىشقا تەمشەلگىنىمدە ئۇ موتونىڭ ئالدىغا كىلپلا تۇرۋالدى ، - << جاۋاپ بەرمىسىڭىز بېسىپ ئۆتۈپ كىتىڭ ئەمسە >> ....
ئۇنىڭ بۇ گېپى خۇددى كىنو - فىلىمدىكى ئاشىق يىگىتلەرنىڭ سۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى ، كىيىن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى نەچچە رەت يۈزىگە سېلىپ قويسام ئۇ خجىل بوپ كىتەتتى....
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قانداق چىكەتتى ئاغزىمدىن :
- << جاۋابىنى ئەتە بىرەي ، باشقىلار كۆرۈپ قالسا سەت تۇردۇ ، چەتكە تۇرۇڭ >>...
دەپلا موتۇنى ئەگىتىپ كىتىپ قالدىم ، ئۇ بولسا بىر خىل ئۈمۈتتە قېپ قالغان ئىدى .
ئارىدىن ئىككى - ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئۇ مىنى ئىزدەپ كەپتۇ ، مەن چوقۇم شۇ ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇنى خالىي جايغا باشلاپ چىقتىم ، ئۇ ھال تۆكۈشكە ئاران تۇرغان چېغى كايىپلا كەتتى :
- << ئەتە قاچان ، ئادەمنى ياراتمامسىز يا ؟ گەپ سۆز يوق يوقاپ كەتتىڭىزغۇ ؟ سىزنى دەپ ئاشۇ ئەبگا يەردە ئىشلەۋاتىمەن ، ماقۇل دىمىسىڭىزمۇ ھەممەيلەن بىلىدۇ ھازىر .... ئىككىمىزنى شۇنداق مۇناسىۋەتتە دەپ ئويلايدۇ >>...
- << نىمە ، كىمكەن ئۇ ھەممەيلەن ، بىز قانداق مۇناسىۋەتتىكەنمىز >>. ..؟
مەن ئاڭقىرالماي سوردىم ، ئۇ يەنە چۈشەندۈردى :
- << ئۇقمامسىز يا مىنى گەپكە سېلۋاتامسىز ؟ ھېلقى بىلىمسىز خوتۇن بىر قىلۋىتىپتۇ يېزىغا گەپ توقۇپ >>.....
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ ئايال مۇدىرغا يەنە بىر قېتىم ئۆچلىگىم تۇتتى ...
مەن ئۇنىڭ قاتتىق تەلىپىنى رەت قىلالماي ، بىر مەزگىل ئارلىشىپ بېقىشقا قوشۇلدۇم ، ئۇ ئارىدا ئۇ مەن بار يەرگە يەنى بۇرۇنقى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى .
بىز بىر مەزگىل شىرىن مۇھاببەت پەيزىنى سۈردۇق ، ئۇ چاغلاردا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىپ ھەممە ئىشتا ئەدەپ - ئەخلاقنى ياقلاپ يۈردۈم ، ئۇمۇ ماڭا بەك ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويمىدى ، ئۇزاق ئۆتمەي بىزنىڭ ئىشىمىز راسقا ئايلاندى ، ھەر ئىشتا ھايانى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ ئىش تۇتقان بولساقمۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇششاق گەپلىرىمۇ بولۇپ تۇردى .
ئۇ چاغدىكى مۇھاببەت - ھەقىقى ساپ مۇھەببەت ئىدى .
يەنى - ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھاببىتىنى ، چاڭ توزانسىز مۇھاببەت دىيىشكە بولاتتى ، ئەگەر مەن ئاشۇ مۇھاببەتكە داۋاملىق ئىرىشەلىگەن بولسام ، ھەقىقىي مۇھاببەتنىڭ خاتىرسى ئىچىدە ، ئۆز خۇشاللىقمنى تاپقان بولاتتىم .
ئەپسۇس ، بەزى چاغدا ھەممە ئىشلار ئويلىغاندەك بولمايدىكەن ، ئاشۇ شىرىن مۇھاببەت قوينىدا ياشاۋاتقان كۈنلەردە ئۇ قەشقەر شەھرىگە نەچچە ئايلىق ئۈگىنىشكە كەتتى ، يىڭى چىقىرىلغان ئوقۇغۇچىلار گىمناستىكىسىنى يېزىغا ۋاكالىتەن ئۈگۈنىشكە كەتتى .
ئۇ چاغدا مىنىڭمۇ بۇ دىيارغا ماكانلاشقىنىمغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، ئۆيۈمگىمۇ قىشلىق تەتىلدە بىر بېرىپ كەلگەن ئىدىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈگىنىشكە كەتتى . مەن بولسام بىر خىل ھىسياتتىن يەنى ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان تاتلتق گەپلىرىدىن ، خۇش چاق - چاقلىرىدن ئايرىلىپ قېلىپ بىر قىسمىلا بوپ قالغان ئىدىم . ..
ھەر ھالدا ئىككىلىمىز تىلفۇن تۇتۇپ ، تىلفۇندا ، مەكتەپنىڭ كومپىيۇتىرىدا تورغا چىقىپ كۆرىشۈپ تۇردۇق . ئۇ مەزگىللەردە بىز تېخىمۇ يىقىنلىشىپ كەتتۇق ....
كۆز تەككەنگە ئالتە تاياق ،،،دىگەندەك ئۇ ئۇيەردىكى مەزگىلدە ، تۇيۇقسىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قېلىپ ، داۋالاندى ، مەن ئۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، ھەم تىفۇن قىلساملا تەسەللى بىرىپ ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ياخشى كۈتۈپ ، ھالىدىن خەۋەر ئالدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم ، ئۇمۇ ئاغرىق بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىدە شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدى .
ئۇ ئاغرىپ قالغان كىيىنكى ھەپتىسى مەن يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن ، مەكتەپ مۇدىرىمىزدىن شەمبە ، يەكشەنبە كۈنگە قوشۇپ يېرىم كۈنلۈك يەنى جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن رۇخسەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ كەلدىم ، ئۇنىڭ ھەدىسى ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى تۇرۇپتىكەنتۇق ، بېرىپ بىر قاتار سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇ كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ مىنى مۇنداق سۈپەتلەر بىلەن تونۇشلۇق بەردى :
- << ئاچا ، ماۋۇ سىنىڭ قېينى سىڭلىڭ بولىدۇ ، تونىشىپ قوي ، ئۆيگە كىرىپ قالسا ئالدىغا چىقىپ قويارسەن >>..
ھەدىسى ھەيران قالدىيۇ ئەمما ئۆزىنى تىزلا ئوڭشىۋىلىپ ،
- << ھە ، بىلدىم ، قولام كۆكسۈمدە >>...
دەپلا ماڭا بىرنى كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
مەن ئۇ چاغدا خىجىلچىلىقتىن ئۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ قارىيالمىدىم ، ئۇ بولسا ھەدىسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا قولۇمنى تۇتۇۋىلىپ :
- << ماڭا ئىشىنىڭ زۇلخۇمار ، كىسەل كارۋىتىدىمۇ سىزنى ئويلاپ ياتتىم ، خۇدا تىزراق ساقىيىشقا نىسىپ قىسا ، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىمەن >>....
مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلدىم ، ئەمما ئۇنىڭ ماڭا چىن كۆڭلىدىن دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم .
شۇڭا تەسەللى ، سۈپىتىدە :
- << ئاۋال ساق - سالامەت ساقىيىپ چىقىڭ >>...
دەپ قويدۇم ، ئۇمۇ شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتى ، بىز ئۇكۈنى كەچ چۈشكىچە پاراڭلىشىپ تاكى ھەدىسى كەچلىك تاماق ئېلىپ كىرگىچە پارىڭىمىز تۈگىمەپتۇ ..كەچتە مەن مىھمانخانىغا قايىتتىم ، ئەتىسى چۈشكىچە ھەمرا بولۇپ ، ناھىيگە ماڭىدىغان بىكەتكە قايىتتىم ، تاكى ناھىيگە ، يېزىغا يىتىپ بارغۇچە ئۇنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ دىگەن شۇ سۆزلىرى قايتا - قايتا كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى ....
مەن ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى پۈتۈنلەي چۈشۈنۈپ بولغاچقا ، تەلىپىنى رەت قىلغۇچم كەلمىدى ، مىنىڭ ئاتا - ئاناممۇ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تېپىشىمغا قارشى تۇرمايىتتى ، ئۇمۇ يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا ئاتا - ئانىسى شۇنداق ئامراق ئىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىممۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ بولۇپ قالدى ، مەن ئەمدى مۇشۇ تەۋەلىككە ئورۇنلىشىپ قالدىغاندەك تۇراتتىم ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ، كىيىنچە ناھىيە ئىچىگە يۆتكىلىشىمنى ئويلىشىپ قويغان ئىدىم ....
مەن ئۇ مەزگىللەردە ھەتتا ئاتا - ئانامدىنمۇ كۆپرەك ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇردۇم ..
بەلكىم مۇھاببەتنىڭ سىھرى - كۈچى شۇ بولسا كىرەك~~~~~~
مەن كىيىنكى ھەپتىسى يەنە ئۇنى يوقلاپ كىلىش باھانىسى بىلەن يېرىم كۈن رۇخسەت سورىدىم ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاشۇ يىقىملىق ھالىتىنى كۆرمىسەم بولمايدىغاندەك قىلاتتى ...
مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىنى ئاستا چەكتىم :
- << كىرىڭ >>
- << شوجاڭ ، مەن چۈشتىن كىيىن رۇخسەت ئالاي دىگەن >>..
- << ھە ، نىمىشقا ؟ >>
- << قەشقەرگە بېرىپ كىلەي دەپ >>....
- << ئۆتكەن ھەپتە بارغانغۇ ؟ يەنىما >>..
- << ئۇغۇ شۇ ، ئەمدى ، رۇخسەت بىرەرمىكى دەپ سىلىنى >>...
- << ئۇكام ، بارسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما رۇخسەتنى تولا ئېلۋالسىڭىز باشقىلارنىڭ پىكىرى چىقىدىكەن ، شۇڭا ئىككى كۈن دەم ئېلىش بولغاندىن كىيىن ، شۇ چاغدا بېرىپ كىلىڭ >>...
- << ئۇغۇ شۇ ، ئەمما ئارلىق يىراق ، يىزا بىلەن ناھىيە ئارلىقىغىمۇ كىتىدىكەن يېرىم كۈن ، بۇگۈن ناھىيگە بارسام ، ئەتتىگەنلىككە ، قەشقەرگە ماڭايمىكىن دىگەن >>...
مەكتەپ مۇدىرىمىز سەل تۇرۇپ قالدىيۇ ئەمما ياق دىگۈسى كەلمەي ، ئەتتىگەنلىككە بىر قانچە خىزمەتچىنىڭ بىللە باردىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ماڭا رۇخسەت قىلدى ، مەن چۈشتىن كىيىن ناھىيگە قايتىپ كىردىم ، مەكتەپ مۇدىرى دىگىنىدەك ئەتىسى ئەتتىگەن كىرىپ بولدى ، ئەمما ئۇ يالغۇزلا ئىدى ، كۆڭلىگە قايسى شۇملۇقنى پۈكىننى مەن نەدىن بىلەي ...
ئۇ ماڭا تىلفۇن قىلدى :
- << ھە سىز نەدە ، زۇلخۇمار ؟ >>
- << مەن ياتاقتا ، ھازىر بارىمەن بىكەت ئالدىغا >>...
- << تىزراق كىلىڭ ئەمسە ، ماڭىلى >>..
- << ھە ماقۇل ، خوش >>
تىلفۇننى قويۇپلا ، نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ، ئىشىكتىن چىقماقچى بولدۇم ، < داملىغان قىز تويدا چىچىپتۇ > دىگەندەك تېخى ، ئۆتكەن ئاي ئالغان پۇتۇمدىكى ئىنچىكە پاشنىلىق ئاياقنىڭ پاشنىسى بوسۇغىغا تىگىپلا ئاجراپ كەتتى ، ئۇنى سېلىپ ، يەنە ياتاققا قايتىپ كىردىم ، بىردەمدىن كىيىن ، مۇدىر يەنە تىلفۇن قىلغىلى تۇردى :
- << ۋەي نەدە ؟ كەممەمسىز ، ساقلاپ كەتتۇق >>
- << ھە ، شوجاڭ مەن ... ئايىغىمنىڭ پاشنىسى ئاجراپ كەتتى ، قانداق قىلارمەن >>...
- << ھە ، ئەمسە تۇپ تۇرۇڭ ، مەن بېرىپ ئايىغىڭىزنى تىككۈزۈپ ئېچىقاي ، ئاندىن ماڭىلى بولمىسا كىچىكىمىز >>
- << ھە ، ماقۇل ، ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ئەمسە شوجاڭ >>،،،،
نەچچە مىنۇت ئۆتمايلا مۇدىر كەپ بولدى ، ئۇ ئىشىكنى يەڭگىل چەكتى ، مەن ئېچىپ ئاياغنى ئىلىش ئۈچۈن تەمشەلدىم ، ئاياغ سالدىغانغا خلتا ئىزدەۋاتسام ئۇ گويا ھەيكەلدەكلا ماڭا قاراپلا تۇرۇپتۇ .
ئاياغنى سېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم ، ئەمما ئۇ قولۇم بىلەن قوشۇپ تۇتىۋالدى ، مەن بىر قانچە رەت سىلكىپمۇ ، قولۇمنى ئاجرىتالمىدىم ، ھەم ھۆرمەت تەلەپپۇزىدا ئۇنىڭغا دىدىم :
- << شوجاڭ ، نىم قىغانلىرى بۇ ؟ قويۋەتسىلە ، قولۇمنى >>...
مۇدىر چالا ھىجىيىپ قويۇپ دىدى :
<< ئۇكام ، بىلەكلىرىڭىز بەك ئاقكەن ، بىردەم تۇتىۋالاي >>..
ئۇنىڭ سەت ، يىرىك قوللىرى بىلەكلىرىمگە تىگىشكەن چاغدا ، مەن قانچە قىپمۇ ، قولۇمنى بوشىتالمىدىم :
- << شوجاڭ ، قويۋەتسىلە سەت تۇرىدۇ ، ئاياللىرى بار ئادەم ، >>...
- << ئۇكام ، شۇنچە يىراقتىن كىلىسىز ، بىزدەك ئەركەك مىجەز ئوغال باللىنى تاپالمايسىز جۇما يۇتىڭىزدىن ، بىردەم تۇتۋالاي قوللىرىڭىزنى .....>>.....
- << قانداق نۇمۇسسىز ئادەم سىز ؟ مەن سىزنى ئۆز ئاكامدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ كەلدىم ، بۇ چاققىچە ، قويۇڭ مىنى >>....
- << ئۇكام ، قاندا قىلىمىز ئەمدى ، ماقۇل دىسىڭىز مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن بۇندىن كىيىن ، قاچان رۇخسەت دىسىڭىز بىرىمەن ، كىيىنچە يۆتكىلىش ئىشىڭىزنىمۇ ھەل قىلىشقا يول ماڭىمەن >>....
ئۇنىڭ شەھۋەتپەرەس قوللىرى ، بارغانچە ماڭا چىرماشتى ، مەن ئۇنىڭ بۇ بەتقىلىقلىقىغا چىدىماي قولىنى چىشلىۋالدىم ، ۋە ئاچچىقلىغانچە تالاغا قاراپ ماڭماقچى بولدۇم :
- << قويۋەت مىنى ، قاملاشمىغان لامزاللە نىمىكەنسەن ، ئۇيالساڭچۇ ؟ سەندەك يارىماسلارنى شوجاڭ قىپ قويغان ئادەمنىڭ كۆزى قارغۇ ، قۇلىقى پاڭكەن ، بىلىمسىز >>....
- << ھە ، مەن بىلىمسىز ، سىز بەك بىلىملىك ، مەن شۇ كۆڭۈل ئېچىشنى بىلىمەن ، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە دەپتىكەن ، شوجاڭ ۋاختىمدا سايراتمىسام سىزدەك تومۇچۇقلارنى ، قېرىپ پىنسىيگە چىققاندا كىم قالايدۇ مەندەك موك - موكقا >>...
دەپلا يەنە مىنى . تۇتۇۋالدى ، مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن شۇنداق يىرگىنىپ كەتتىم ، بىز ئۆزىمىزنى شۇنداق ئىسىل سۆزلەر بىلەن تەرىپلەيمىزيۇ - << يېنىپ تۇرغان چىراق ، ھاياتلىك بەرگۈچى بۇلاق >>...
دىگەنگە ئوخشاش ، ئەجىبا مۇشۇنداق نىجىس لارمۇ شۇ قاتارغا كىرەرمۇ ؟
شۇ پەيىتتە ، ئاچچىقىمدا ئۇنى بىر تەستەق ساپتىمەن ، كىيىن نىمىلەرنى دەپ تىللىغىنم ، ئىسىمدە يوق ، ئەمما ئۇ مەرەز مىنى تۇتۇۋىلىپ ، تۈرلۈك باھانى ، سەۋەپ ، تەھتىتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالدى .
مەن قارشىلىق قلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىن بىلىپ ، ئۆتىنىشكە باشلىدىم :
- << قويۋىتىڭ بولامدۇ ؟ مەن يىقىندا توي قىلىدىغان ئادەم ، بەختىمنى ۋەيران قىلماڭ ، سىزنىڭ مۇشۇ تەلىپىڭىزدىن باشقا قانداق شەرتىڭىز بولسا ئورۇنداي >>...
- << ئۇكام ، ماقۇل دەڭ ، ئۇنىڭغا ئامال بار ، توي كىچىسىدىن خاتىرجەم ئۆتۈپ كىتىسىز ، كىتىدىغان خىراجەتنى مەن بىرىمەن ، يېرىم سائەت دوختۇرخانىدا ياتسىىزلا يىگىتىڭىز سىزدىن گۇمانلانمايدۇ >>...
- << خۇدا يولىدا بولسىمۇ ، ئۇنداق قىلماڭ ، مىنى ياشىغىلى قويۇڭ >>...
- << ئۇكامھوي ، ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ، دىنىي سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ خاتالىشىپ قالىسىز >>...
ئۇنىڭ بۇ گېپى جىنىمدىن ئۆتتى ، ئۆزۈمنى تۇتالمىغان ھالدا دەپ ساپتىمەن :
- << ۋاي نۇمۇسسىز ، بۇ گەپ قانداق چىقتى ئاغزىڭدىن ، ۋىجدان دىگەن نەردە يوقما سەندە ؟ دىنىي سۆزلەرنى ئىشلەتسە بولمايدۇيۇ ، سەندەك نۇمۇسسسىزلىق قىلسا مەيلىما ، ھۇ بۇزۇق >>....
مۇدىر يېپىشۋالدى :
- << ھە ، مەن بۇزۇق ، كىلىڭە ئەمسە تولا ، چار يىلاندەك تولغىشىپ ناز قىلماي ، بۇزۇقلۇقق قىلايلى >>...
مەن ئۇنىڭ قولىنى چىشلەپ ، بوشىنىپ سىرىتقا قاچاي دەپ شۇنداق ئېغىزىمنى ئۇزۇتۇشۇم ، قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ ئېغىز - بۇرنۇمغا تەككەنلىكىنى ھىس قىلدىميۇ ، قاراپ بىلىپ بولغۇچە ، كۆزلىرىم نۇرىنى يوقىتىپ ، ئاللىقاچان بىھۇش بولۇپ قاپتىمەن .
كىيىن مەن ھۇششىسز ، ئۇ ئەبلەخ ھىسياتىمدىن پايدىلىنپتۇ ، ھۇشۇمغا كىلىپ ئۆز - ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىپ كەتتىم ، مىھمانخانا ياتىقىدا نېپىز يۇڭ ئەدىيال ئىچىدە يېتىپتىمەن ، ئۇ چوشقا ئەبلەخ بولسا ئاللىقاچان تىكىۋەتكەن ئىكەن ، ئۇ چاغدا قەشقەرغىمۇ بارمىدىم ، يېرىم كۈن ياتاقتا يىغلاپ كۈن ئۆتكۈزۈپتىمەن ...
دۈشەنبە كۈنىمۇ ئىشقا بارمىدىم ، چۈشتىراق تۇرسام تىلفۇن كەلدى ، ئالسام مۇدىر دىگەن چوشقا :
- << ۋەي ، زۇلخۇمارما ؟ قاندا ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇردىڭىزما ؟>>
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا يىڭنە سانجىغاندەك بىلىنىپ ئاغزىمنى بۇزۇپ كەتتىم :
- << قايسى يۈزۈڭ بىلەن تىلفۇن قىلدىڭ ماڭا ، ماز پاينەك ... يوقال كۆزۈمدىن >>....
دەپلا تىلفۇننى ئەتتىم ، ئۇ يەنە تىلفۇن قىلدى :
مەن تىللاشقا تەملىشىپ بولغۇچە ، ئۇ تىزلا سۆزلىۋالدى :
- << ھە ، ئىسپات با جۇما مەندە ، نوچىلىق قىممايلى >>...
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن بىردە ھەيران قالسام ، بىردە تەشۋىشلىنىپ سورىماقچى بولدۇم :
- << نىمە ئىسپات ئۇ ؟ >>
- << ھە ئاۋال مەكتەپكە چىقىڭ ، ئاندىن دەيمەن >>
- << ھې ، مىنى ئالدىما ، مەكتەپكىمۇ چىقمايمەن ، سىنى ئەرىز قىلىمەن >>
- << نەگە ؟ چۈشەپ قاپسىز ماقىما يا ؟ ئەرىز قىلامىش ، ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىغان يەلىرىڭزنىڭ تىلفۇنۇمدا ئالغان سۈرىتى بار ..ئاتا - ئانىڭىزغا ، ھېلقى كىسەلچان سۆيۈملۈكىڭىزگە ئەۋەتەيما >>....
ۋاي خۇدايىم ، ماڭا نىمە كۈن ئەمدى ؟ - ئۇ ھايۋاننى بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ دىگىلى بولمايىتتى ...
شۇڭا مەن ئالدىراپلا مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم ، چىققۇچىلىك قانچىلىق تەشۋىشلەنگىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ، يولدا كىتىپ بارسام تىلفۇن كەلدى ، قارسام مىنى يوقلاپ كىلىدۇ دىگەن ئۈمۈتتە دوختۇرخانىدا ياتقان يىگىتىم ...
ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەمستىن ھاڭبېقىپلا قالدىم :
- << ۋەي ، زۇلخۇمارما ؟ ھە - كەممىدىڭىزغۇ ؟ نىمە بولدى ، تىلفۇن قىسام ئالدىراش دەيدۇ ، يا ماڭا قىممايسىز ؟...
- << ۋەي ، گەپ قىلىڭە ئامرىقىم .... نىمە بولدى >>.....
ئۇ شۇنداق دەۋاتقاندا كۆزلىرىمدىن يەنە ياش ئېقىپ كەتتى ، ھىجران ئازابىدا ئۆرتىنىۋاتقان يۈرىكىم ، ئىچىمنى ئېچىشتۇرۇپ تىلىم ، سۆزگە كەلمىدى ...
ئۇ مەندىن بىمە بولدىڭىز ؟ دەپ سوراۋەرگەچكە ئاخىرى ، - << دادام كىسەل بوپ قاپتىكەن ، شۇنى ئويلاپ ... ئەسلى بارتىم ، دادامغا دورا بىر نەسىلەرنى ئېلىپ يولغا سەپ قوياي دەپ بارالمىدىم >>.....
- << ھە بوپتۇ ئەمسە ، تىلفۇن قىپ تۇرۇڭ ، دادىڭىزغا مەندىن سالام ئېيتىڭ ، ھېلىغىچە تىلفۇن قىلاي ، ئۇكۇل سالدىكەن >>....
مەن ئۇنىڭغا خوشمۇ دىيەلمىدىم .....
ياشلىرىم مەڭزىمنى سىرغىپ ، شامالدا يۈز تىرەمنى تاتىشتۇرۋەتكەن ئىدى . قاچانلاردا چىقتىمكىن ، يېزىغا چىقىپ بوپتىمەن ...
مەكتەپكە كىرسەم باشقىلارنىڭ خاتا ئويلاپ قېلىشىدىن قورقۇپ ، ئامالسىز ياشلىرىمنى توختۇتۇپ ، ئۆزۈمنى تۈزەشتۇرۇپ مەكتەپكە كىرىپ كەلدىم ...
ھەم ئۇدۇللا مۇدىر ئىشخانىسىغا كىردىم ، ئۇ ۋىجدانسىز شوجاڭ مىنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەندۇق ...
بىز بىر مەھەل سوقۇشتۇق ، ئەلۋەتتە تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ،،
ئۇ ماڭا ، مىنىڭ سىنئالغۇ كۆرىنىشىمنى ئېلۋالغانلىقىنى ، باشقىلارغا دىسەم ئاشكارلاپ يۈزۈمنى چۈشۈردىغانلىقىنى ھەم يەنە بىر قانچە قېتىم تەلىپىگە قوشۇلمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھتىت سالدى ، مەن قارشىلىشىپ بېقىپ ئامالسىز ، شەرتىگە كۆندۈم ، بەلكىم مەن ئەمەس باشقا بىرسى بولسىمۇ شۇنداق قىلار بولغىيتى ...
ئۇ كۈنلەر بولسا مەن ھەم مۇھاببەتنى ھەم ھىجراننى كۈتىۋالغان ، بىرنى ئوڭ قولۇمدا ، بىرنى سول قولۇمدا تۇتۇپ تۇرغان كۈنلىرىم بولدى .
بەلكىم قىلغىنىم خاتادۇر ، ئەمما بەزىبىر تەھتىتلەر مىنى راسلا ئامالسىز قويغان ئىدى ، ئىپلاس شوجاڭ ھەر قېتىم ماڭا چېقىلغان چاغدا :
- << خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن بار ، ئوڭۇشلۇق توي قىلالايسىز >>....
دىگەندەك ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ مىنى بەزلەيىتتى ، مەن بولسام پاك سۆيگۈگە ئىختيارسىز قونغان بۇ چاڭدىن سەسكىنىپ بىزار بوپ كەتكەن ئىدىم .
ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ مىنى سۆيىدىغان ئادىدىممۇ قايتىپ كەلدى ، ئۇ مىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ تۇرغان چىرايىمنى كۆرمەيۋاتقانلىقىنى ، سەۋەبىنى سوراپلا تۇردى . مەن بولسام تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۋالاتتىم ...
شۇ كۈنلەردە مەن ئىككى خىل خىيالدا قالدىم بىرى ، سۆيگەن يارىم بولغاندىكىن ئېنىق ئىشنى ئېيتاي ، مىنى كەچۈرىشى مومكىن ، يەنە بىرى ، كەچۈرمەي قالسا ، ئۆزۈمگە سەت ....
شۇ خىياللاردا ئاخىرى يەنە مۇدىر دىگەن بەتبەخنى ئىزدىدىم ، ھەم ئۇنىڭغا يىقىندىلا توي قىلدىغىنىمنى ، ماڭا ئىگە بولىشىنى تەلەپ قىلدىم .
ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىپ : ئاتالمىش << قىزلىق ئوپراتسىيسى >> نى قىلدۇرسام ھىچقانداق چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى ، چانمۇغۇدەك ئۆتكەلدىن ئۆتۈك كىتىدىغىنىمنى ئېيىتتى ...
ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىدىن كۆڭلۈم شۇنداق ئېلىشىپ كەتتى ، ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كەلدى ، نىمە ئامال ئۇ ماڭا تەھدىت سېلىپلا تۇردى ، مەن بولسام ئۆز سۆيگۈمنى ساقلاپ قېلىش ، ھەم مەن سۆيگەن مىنى سۆيگەن ئاشۇ ئاشىق يىگىتنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئۇ مەسلىھەتكە قوشۇلدۇم .
گەرچە ئۇ بىر چوڭ ئالدامچىلىق ھەم پەسكەشلىك بولسىمۇ ، ئەمما مەن ئۈچۈن بىردىنبىر چىقىش يولى ھىساپلىناتتى ، چۈنكى مەن ئۇ ۋاقىتتا سۆيگۈ شارابىدىن بىھۇش بولۇپ ، پۇتۇنلەي ئاشىقىمنىڭ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ئىدىم ...
نەچچە كۈندىن كىيىن مەن ئازراق سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتۈش باھانىسى بىلەن ناھىيلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقىش قارارى بىلەن ناھىيگە كىردىم ، يىگىتىم بىللە كىرىلى دەپ شۈنچە دىسىمۇ ئۇنمىغانتىم ، ئۇمۇ پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىپ قېپ قالدى ، مەن بولسام ئۇنىڭ پاك سۆيگۈسىنى ئالداش ئۈچۈن كىتىپ بارىمەن ....
شۇنداق قىلىپ مەلۇم بىر شەخسى دوختۇرخانىغا كىردىم ، كىچىك تەكشۈرۈشلەرنى تاماملاپ ، ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىلدىم ، ناركوز ئۇكۇلى ئۇرماقچى بولۇپ ئۇنى ئېلىپ كەلدى ، مەن دەل شۇ چاغدا كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، ئۇكۇلنى ئەكەلگىنى مەن ياتلىق بولماقچى بولغان يىگىتنىڭ ھەدىسى يەنە كىلىپ ھېلقى دوختۇرخانىدا مىنى تونۇشتۇرغان ھەدىسى بولماسمۇ .... مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ...
ئۇمۇ مىنى كۆرۈپ جايىدا قېتىپلا قالدى ، مەنمۇ لام جىم دىمەستىن ھىچنىمىنى سەزمەپتىمەن ، كىيىن ھۇشۇمغا كىلىپ قارىسام مەن ئالداپ قويغان ، كۆزىنى بويىماقچى بولغان سۆيۈملۈك يىگىتىمنىڭ ئالدىدا يېتىپتىمەن ، ئۇ بولسا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ماڭا قاراپلا تۇرغان ئىكەن ، ناركوز ئۇكۇلى بەدىنىمگە ئەمەس ، روھىمغا ئۇرۇلغانمۇ نۇمۇسچىلىقتىن ھۇشۇمنى يوقۇتۇپتىمەن ...
ئۇ مەندىن بۇ ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سورىدى ، چۈنكى ھەدىسىنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن خەۋرى بولغاچقا ئۇنىڭغا دەپ بولغان ئىكەن ، لىكىن ئۇ ماڭا ئۆيىدىكىرىلىنىڭ بىرەرسىنىڭ دوختۇر ئكەنلىكىنى ئېيىتمىغان ئىدى ...
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەستىن دەردىمنى كۆزىمدىن ئالدىم ، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشتى ...
چۈشەندۈردۈم ، نالە قىلدىم ، ئۇ پەقەتلا ئىشەنمىدى ، ئۇ پەقەت مەن يوق پۇرسەتتە باشقا بىرسى بىلەن كۆڭۈل خوشى قىپسەن دىگەن پىكىردە چىڭ تۇردى .
مەن داۋاملىق ئۆزۈمنى ئاقلاش پوزىتسىيسىدە بولدۇم ، ئاچچىققا چىدىمىغان بىچارە يىگىتىم ئاخىرى ماڭا قول تەككۈزدى ، ئۇنىڭ توپ ئويناپ پىشىپ كەتكەن قوللىرى شۇنچە قاتتىق ...
ئۇ تاكى ھېرىپ ھالىدىن قالغۇچە مىنى ئۇرۇپ كەتتى ... گەرچە شۇنداق ئاغرىق ھىس قىلغان بولساممۇ ئەمما قىلچىلىك قارشىلىق كۆرسەتمىدىم ، بۇنى ماڭا بەرگەن جازايى دەپ ئويلىدىم خالاس !
ئۇرۇپ دەردى چىقمىغاننى ئاز دەپ بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى سوراپ تۇرىۋالدى ، مەن ئاخىرى ئقرا بولدۇم ، ئەمما ئۇ چاغ ئۇ مەندىن پۈتۈنلەي سوۋۇپ كەتكەن بولۇپ ، ماڭا قارايدىغانغىمۇ كۆزى يوق ھالەتتە ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى .
كىيىن ئۇ مۇدىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇ ئىشقا چېتىشلىقى بارلىقىنى يۇقىرى ئىدارىلارغا پاش قىلىپ چاۋىسىنى چىتقا يايماقچى بولغانلىقىنى ، ئېيتىپتۇ .
ئىپلاس ، مۇدىر بەزىبىر بولمىغۇر ئىشلارنى كۆرسىتىپ ، ئۇنداق قىلسا ئۆزىگە سەت بولدىغانلىقىنى جىكىلەپ تۇرۋاپتۇ ،
كىيىن يىگىتىمنىڭ كومپىيۇتىردىن خەۋرى بولغاچقا ئىچىدىكى مەزمۇننى ئېلىپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تۇتۇپتۇ ، نەچچە كۈندىن كىيىنلا مەرەز مەكتەپ مۇدىرى ھوقۇقىدىن ئەپ تاشلىنىپ ، ناھىيە دەرىجىلىك يىغىندا ئاشكارە ئىلان قىلىنىپ ، يۈزى پوق بولدى ...
مۇھاببەتتە زىيان تارىتقان يىگىت بولسا دەرىت ئەلىمىنى سىغدۇرالماي ، كەيىپ - ساپانى بولدى دىگۈچە قىىلپ دەردىنى ئۆزىدىن ئالغان گەپ .
مەن ئۇ ئارىدا ئىشقىمۇ چىقمىدىم ، ناھىيەدىكى بىر دوستۇمنىڭ ئىجارە ئۆيىدە سولىنىپلا ، يىغلامسىراپ ئولتۇردۇم ، مۇھاببەت ئىشقىدا كۆيىۋاتقان يۈرىگىمگە قارشى چىقالماي ، يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ، سۆيگەن يىگىتىمگە تىلفۇن قىلدىم - ئالمىدى ، خەت يازدىم - جاۋاپ يۇق ، ئارىغا ئادەم سالدىم - ھىچبىر پايدىسى بولمىدى . ئۇنى نەچچە رەت ئىزدىگەن بولساممۇ كۆرىشكىلى ئۇنىمىدى ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرىشىشىمنى ئېيتىپ خوشلاشماقچى بولغىنىمدا :
- << قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ ، سىنىمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇنمۇ ؟ سەن دىگەن بىر بۇزۇق شۇنداقما ؟ بولمىسا نىمە قىلىسەن ئۆزەڭنى جاڭشۇ قىلدۇرۇپ >>.....
ئۇنىڭ باشقا گەپلىرى ئىسىمدە قالماپتۇ ، پەقەت مۇشۇ گەپلەرنى دەپلا شاققىدە تۈكۈرۈپ قويۇپ كىتىپ قالدى .
ئۇنىڭ ئۇ گەپلىرى مەن ئۈچۈن ئۆلۈمدىمۇ چوڭ ھاقارەت ئىدى ، مانا بۇ چىن مۇھاببەتنىڭ جاۋابى .
ئەتىسى كاللام ھىچنىمىگە ئىشلىمەيدۇ ، قولۇمغا خاتىرە ، قەلەم ئېلىپ بىز دائىم پاراڭلىشىپ ئولتۇردىغان سۈزۈك ئېقىن بويىغا بېرىپ دەردۇ ھەسرىتىمنى يازماقچى بولدۇم ، ئەمما كاللام قۇپقۇرۇق ، نىمىلەرنى يازغىنىمنى ئۇقمايمەن...
مۇھاببەتتىن ، تۇرمۇشتىن زەربە يىگەن مەسۈم قىز ئۆز قىلمىشىنىڭ بولۇپمۇ ، < قىزلىق ئوپراتسىيەسىنىڭ > ئاشكارلىنىپ بۇنچە چوڭ خەۋەر ھەم بىچارە ھالغا ئايلىنىپ قالدىغىننى چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ئىدى ، تاكى سۆيگەن يىگىتىدىن باشقا بىرسىگە قولىنى تۇتقازمىغان پاك قىز ، ئىپلاس مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قولىدا ۋەيران بولدى.....
ئۇنىڭ بىھۇش ياتقان ھالىتىمۇ ئاللىقاچان قىززىق نوختا بولۇپ مائارىپ سىستىمىسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۋەتكەن ئىدى .
ئۆز سۆيگىنى ئىشەنمىگەن ھالدا باشقىلار قانداقمۇ ئىشەنسۇن ، بەرىبىر قىز قارىلىنىپ بولدى .
ئۆز نىشانىنى يوقاتقان بىچارە قىز ئاقىۋەت مۇنداق بىر ھاماقەتلىك قىلدى .
ئاستا ھەم ئېغىر قەدەملىرى بىلەن < جۇڭگۇ بانكىسى > نىڭ بۇ ناھىيدىكى تارماق شۆبىسى بىناسىنىڭ 5 - قەۋىتىگە چىقىپ ئۆزىنى تاشلىۋالدى ، نەخ مەيداندىكى كىشىلەر قۇتقۇزۋىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى ....
بۇنىڭ بىر قىسمى قىزنىڭ ئاشۇ كۈنى يازغان خاتىرىسى ئىدى - چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆلىۋىلىشنى ئاللىبۇرۇن پىلانلىغان بولۇپ ، ئاشۇ خاتىرە ئارقىلىق يىگىتىنىڭ كەچۈرىشى ھەم ھېلقى شوجاڭنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى خەلقى ئالەمگە ئاشكارلاشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى .
پەقەتلا نەچچە سىكۇنىتلىق سۈرەتلەرنى تىلفۇنغا ئېلۋاپتۇ خالاس !
نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ نەخ مەيدان سۈرەت ، تورلاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلىدى ، ھەم قىززىق تىما بولۇپ قالدى ، ئۆلگۈچى قىز مىنىڭ دوستۇم ھەم ساۋاقدىشىم بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مەن ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىپ ھېلقى كۈنى يازغان خاتىرسىنى ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تاپتىم ، مۇھاببەتنىڭ بۇيۈك داستانى ۋە قۇربانى يېزىلغان خاتىرە ۋاراقلىرىنى مەيىن شامالدا يەلپۇتكىنىچە ئېقىن سۇ بويىدا تۇرۇپتىكەن....
تۇرمۇشتا كۈلپەتلەرمۇ ، خۇشاللىقلارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ....
بىچارە قىز ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سۆيگەن يىگىتىدىن كەچۈرىشىنى ئۈمۈد قىلدى ، ئەمما تولىمۇ كىچىككەن ئىدى ، چۈنكى ئاشىق يىگىت ئالىقاچان نەشى نىڭ كارامىتىدە يېرىم ساراڭغا ئايلىنىپ بىھىشباغ قا ئاپىرۋىتىلگەن ئىدى ...
ھېلقى ئۆلمىگۈر شوجاڭ بولسا بۇ ۋەقەلەر چىققاندىن كىيىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ يەر تېرىشقا مەجبۇر بولدى ، مائاش نەدە ، راھەت نەدە ؟
خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى پوق بولغان شوجاڭ ، ئايالىدىن ئاجرىشىپ يالغۇز قالدى ، ئەلۋەتتە بۇ جازا ئۇنىڭغا ئازلىق قىلاتتى ، چۈنكى ئۇ كونا كەسىپ ئەھلى بولۇپ شۇنداق يول بىلەن بىرقانچە خانىملارنى ئىندەككە كەلتۈرگەن ئىدى ....
كىشىلەر ئېغىزىدا ئاتىلىپ كىلىۋاتقان مۇنداق قوشاقلار راسقا ئايلانغان ئىدى : << شوپۇرغا يولدا خوتۇن ، شوجاڭغا كۈندە خوتۇن >>.....
قىز ئۆز كەلگۈسىنىڭ بۇرۇنلا خاراپ بولىشىنى بىلگەن بولسا بەلكىم ، بۇ جايغا مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇرۇپ ، ئۈمىد چىچەكلىرىگە ھاياتى كۈچ بەخىش ئەتكىلى كەلمىگەن بولاتتى ...
يىراقلاردىن ئۇچۇپ كەلگەن مۇھاببەت گۈلى ئۆز قەدىر - قىممىتىنى يوقۇتۇپ ، پەسىلسىزلا توزۇپ كەتتى ، قىزنىڭ يىگىتكە بولغان مۇھاببىتىگە يول چىقمىدى ، ھەممە كىشى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەتتى ، ھىچكىم خاتالىقنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدى ، بىر جۈپ ياشنى ۋەيران قىلغان مۇھاببەت نىڭ ئاخىرى مۇشۇنداق بولدى .....
مۇھاببەت نىمانچە ئۇلۇغ ھەم قۇدرەتلىك ھە - ؟
خاتىمە
مۇھاببەت - ئۇنىڭغا ھەممىمىز ئامراق ، لىكىن ئۇنىڭ بىزگە ئۆچ بوپ قالىدىغان يەرلىرىمۇ بار ، يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە غورۇرىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن بىزنى قايتا تاللاشتىن مەھرۇم قىلىدۇ .
[mp3=1]http://www.misran.cn/DDDDSSDRRSAS/nahxa/misran/M_Music.mp3?11D3-B153-00C04F79FAA6[/mp3]
ئەسكەرتىش : يېزىقچىلىق سەۋىيەمنىڭ تۆۋەن ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمنىڭ يىتەرسىز بولىشى سەۋەپلىك تىمىنىڭ بەزىبىر نوقسانلىرى بولىشى مومكىن ، تۈزىتىپ ئوقۇپ كىتىشىڭلارنى سورايمەن .
ئىككى يىل ئاۋال يېزىپ كومپىيۇتېرىمغا ساقلاپ قويغان ئىدىم ، تەلەپ پىكىرىڭلار بولسا قوبۇل قىلىمەن !
باشقا توربەت ، مۇنبەر ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ !