|
|
|
|
بۈگۈن دەم ئېلىش ۋاختىدىن پايدىلنىپ تورداشلار بىلەن بىر مەسىلە ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ باقاي دەپ قالدىم بولسا ئەملى جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار .
بەلكېم نۇرغۇن تورداشلار بىلسە كېرەك ،ھازىرقى جەمىئيەتتە نۇرغۇن ئالدامچى كۈچلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئالداپ ،ئۇلارنىڭ نۇرغۇن زىيان تارتىشغا سەۋەپچى بولۋاتدۇ .مەسلەن توردا ئالدىنىپ قالدىغان ،شەھەر كوچىللىردا باشقىلارغا يۈز تۇرانە تۇرۇپ ئالدىنىپ قالدىغان ،يەنە تېلفۇنغا كەلگەن ھەرخىل ئۇچۇرلاردىن ئالدىنىپ قالدىغان موشۇنداق ئەھۋاللار كۈندىن- كۈنگە يوقرى پەللىگە چىقماقتا . شۇنىڭ دەللى بولغان ئەملى بولغان بىر ئىشنى مەن ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى .
بۇ ئىش موشۇ ھەپتە ئىچدە يۈز بەرگەن راس ۋەقە ،ئەسلى مەن بۇ ئەھۋالنى بۇرۇنراق يوللاپ دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان ،بىراق خىزمەت ئالدىراشچىلقى بىلەن زادى ۋاقىت بولمىدى . بۈگۈن دەم ئېلىش بولغاندىكىن ئازراق ۋاختىمنى چىقرىپ مۇنبەرگە يوللاي دەپ ئويلاپ قالدىم .
ئۆتۈپ كەتكەن سەيشەنبە كۈنى بىزنىڭ مەلۇم بىر خىزمەتدىشمىز ئىشخاندا ئولتۇرغاندا ئۇنىڭغا تېلفۇندىن بىر ئۇچۇرت كەلگەن ئىكەن . ئۇ خانىم خەنزۇتلى ۋە ئېنگىلىس تىلى سەۋىيەسى ئالاھىدە يوقرى ،خەنزۇچىنىمۇ تولۇق بىلدىغان خانىم ئىدى . شۇڭا كەلگەن ئۈچۈرنى كۆرگەندىن كېيىن سەل جىددىيلىشىپتۇ . چۈنكى ئۇچۇردا مۇنداق يىزىلغان ئىكەن .
سىزگە ئىچكىردىن بىر نەرسە كەپتۇ ،بۇ كەلگەن نەرسىينىڭ ئىچدە قانۇنغا خىلاپ بولغان بىر نەرسە بار ئىكەن شۇڭا سىز دەرھاك مەلۇم نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇرۇپ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىڭ دەپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئەسلى توردىن ئاندى -مۇندى بىر نەرسە سېتۋالاتتى ،شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ ،ھېلقى ئۇچۇر يوللىغان پوشتخانغا تېلفۇن قايتۇرۇپتۇ . ئۇلار ، شۇنداق سىزگە ئاشۇنداق بىر نەرسە كەلەىنى راس ،بىراق ئۇنى جامائەت خەۋېپسىزلىك ئىدارىسدىن ئېلىپ كەتتى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال تېىمۇ قورقۇپ تۇرغاندا 00991110 دېگەن نۇمۇردىن تېلفۇن كەپتۇ . تېلفۇنى ئالسا سەن ھازىر تېلفۇننى قويماي مېنىڭ دېگنىم بويچە ئىش قىل دەپتۇ .
ئۇ مەن جامائەت خەۋېپسىزلىك ئىدارىسدىن ساڭا ئىچكىردىن كەلگەن نەرسىنىڭ ئىچدىن باشقا نەرسە چىقىپ قالدى ، يەنە سىنىڭ نامىڭدا 8 تال بانكا كارتىسى بار ئىكەن ، بىر بانكا كارتىسدا نۇرغۇن پۇل بار ئىكەن . شۇڭا سەن ھازىر تېلفۇننى قويماي بانكىغا چىقىپ ھېساۋاتىڭدا پۇل بولسا ،بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بانكا كارتا نۇمۇرغا ئاغدۇرۋەت ،سىنىڭ ھېساۋاتىڭنى تەكشۇرۇپ بولۇپ ئەسلىگە قايتۇرمىز دەپتۇ .
ئۇ ئايال قورقۇپ بانكىغا قاراپ مېڭىپتۇ ، ئۇ يەنە تېلفۇننى قويماي ماڭ ،ئەتىراپىڭدا ئادەم بولسا نېرى ماڭ ، بولمىسا ساڭا زىيان كەشلىك قىلىپ قويدۇ ،شۇڭا ما ئىشنى مەخپى تۇت دەپ بىسىم قىلىپتۇ . ئۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ ئايال ،ئەتراپىيدىكى ئادەملەردىنمۇ قېچىپ مېڭىپ بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسنىڭ يىنغا بىرىپ ئۇ دەپ بەرگەن كارتا نۇمۇرغا ئۆزنىڭ كارتىستىكى بارلىق پۇللارنى يۆتكەپتۇ . ئاندىن ئۇ سەن توي قىلغانما دەپ سوراپتۇ ؟
ئۇ ئايال شۇنداق مەن توي قىلغان دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئاندىن ئۇ ئەمسە يولدىشىڭنىڭ ھېساۋاتىينىمۇ تەكشۇرمىز ،ئۇنىڭدىكنىمۇ يكتكەڭلار تېز دەپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال قورقۇپ يۆگۈرەپ يولدىشنىڭ ئىشخانسىغا كىرىپتۇ . دە ئەھۋالنى باشقىلارغا ئاڭلاتمىغان ئاۋازدا ئۇنىڭغا دەپتۇ . يولدىشى بۇ ئەھۋالنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكنلىكنى بايقاپ ، بۇ بىر ئالدامچىلىق شۇڭا بۇنىڭغا ئىشەنمە دەپتۇ .
بىراق تېخى ئايالىينىڭ ئۇنىڭغا كارتىستىكى پۇلنى يۆتكەپ بولغانلىقدىن بىخەۋەر ئىدى . يولدىشى بۇ ئالدامچىلىق بۇنداق ئىشلار كۆپ ھازىر جەمئيەتتە دەپ چۈشەندۇرسىمۇ قورقۇپ كەتكەن ئايال يولدىشنىڭ گېپگە ئىشەنمەپتۇ .
ئايالىينىڭ گەپكە ئېشەنمىگىنى بىلگەن يولدىشى دەرھال 114 غا تېلفۇن قىلىپ ئۈرۈمچى جامائەت خەۋېپسىزلىك ئورنىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى سوراپ ئۇلارغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بەرگەندىن كېيىنلا ئايال ئكزنىڭ ئالدانغانلىقنى ھېس قىىلپتۇ .
لېكىن ئەمدى بايقىغان بىلەنمۇ بولدىغان ئىش بولۇپ بولدى ،پۇل ئالدامچىنىڭ قولغا چۈشۈپ بولدى ئەمدى نېمە ئامال ؟
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر - بىرگە تاپ -تەنە قىلغان بولسىمۇ ئىش ئورنىغا كەلمىدى ،ئاندىن باشقا خىزمەتداشلار ،شۇ پۇل يوللىغان كارتا نۇمۇر ئارقىلىق بانكىغا كىرىپ شۇ كارتىنىڭ قايسى كىملىككە بېجىرىلگەنلىكنى سوراپ شۇ كىملىك ئارقىلىق ئالدامچىنى تاپقىلى بولدىغانلىقنى ئېيتىپ يول كۆرسەتتى .
ئۇلار خىزمەتداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشنى بىلەن بانكىغا بېرىپ ھېلقى كارتىنى بېجىرگەن كىملىك نۇمۇرنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ بانكىغا كىرىپ بانكا خادىملىردىن ،بۇ كارتىنى بىجېرگەن كىملىك نۇمۇرنى دەپ بەرگەن بولساڭلار دېگەن چاغدا ، ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
بۇ باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا كىردۇ ،شۇڭا بىر ئۇلارنىڭ كىملىك نۇمۇرنى دەپ بەرسەك بىزنى ئاپرىپ سولايدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . بانكا خادىملىرنىڭ بۇ جاۋاپىنى ئاڭلاپ قاتتىق كۆڭلى يېرىم بولۇپ ،تۇرغاندا ئۇياق -بۇياقتىن كەلگەن ئادەملەر سىلەر ، موشۇ ئورۇننىڭ ساخچىخانغا ئەھۋالنى مەلۇم قېلىڭلار دەپ يول كۆرسىتىپتۇ .
ئۇلار شۇنداق قىلىپ ،ساقچى ،ئەدىليە ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ ئۇلار ،بۇنى تاپماق تەس ، بۇنداق ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ كەلگەن ئادەملەر خېلى كۆپ بىراق بىز تېخغىچە ھېچ قانداق ئىسپاتنى تاپالمىدۇق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
دېمەك ئەمدى ئۇلار نېملا قىلغان بىلەن زىيان بولدى ،ئۇلارمۇ ئامال بار شۇ پۇلنىڭ قايتىپ كىلىپ قىلشىنى ئۆمىد قىلغان بولسىمۇ ، بېرىپ بۇ پۇل قايتىپ كىلشدىن ئۈمۈت قالمىغان ئىدى .
بەلكېم بۇنى كۆرۈپ نۇرغۇن تورداشلار ئەجەپ ئەخمەقلىق قىلىپتۇ دەپ قاراپ قىلشى مومكىن ،ھەممىمىز بىشمىزغا كەلگەندە بىلمىز .
شۇڭا مەن بۇ تېنمىنى يەنە باشقا دوستلارنىڭمۇ ئاشۇنداق ئالدامچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ ئاتايىن ۋاختىمنى چىقرىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم ، بولسا تورداشلار مۇشۇنداق ئەھۋالنى ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلارغا كۆپ تەشۋىق قىلىپ قويغان بولساق ،يەنە باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىنىپ قىلشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولساق . بۇمۇ قېرىنداشلىرمىزغا كۆڭۈل بولگىنمىز بولۇپ قالار.
قېنى تورداشلار موشۇنداق ئالدامچىلارنى تاپقىلى بولدىغان ئامال بارمىدۇ ،بۇنداقلارنى تېپىشنىڭ ئامالىينى تاپمىساق ئاشۇنداق ئادەملەرنى ئالداپ كەتسە بىكاردىن نۇرغۇن زىيان ، شۇڭا تورداشلار ،موشۇ توغرىسدا ياخشى تەكلىپ -پىكىرلىرىڭلار بولسا ،ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولساڭلار .
باشقىلارنىڭ بىشغا كەلگەن شۇ كۈن ماڭا كەلسە قانداق قىلمەن دېگەنى ئويلاپ قويايلى .
باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆتۈنىشىم ،موشۇ تېمىنى تورداشلار ياخشى كۆرگىدەك ئورونغا قويوپ قويغان بولساق ، بۇ باشقىلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرغانلىقمىز بولۇپ قالار .
راس بولغان ۋەقە
|
|
|
|
|
|