مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2683|ئىنكاس: 27

ساڭا ئۆچ بولدۇم!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64453
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 03:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ يۇرگەن خاتىرە كۈنى ئىدى، بۈگۈن ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار توغرىسدا قايتىدىن ئويلىنىپ قالدىم، ئەينى ۋاقىتتا سەن بىلەن تونۇشقان كۈنلەردىن تارتىپ سەن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغۇچە، ھەم مىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قىلىشمدەك كۈنلەرنى ئويلاپ بىشىم چىڭقىلىپ ئاغىرىپ كەتتى.
   ئىككىمىز بۇندىن 7 يىل بۇرۇن سەن ئەمدىن ئالىي مەكتەپكە ماڭغان كۈنى پويىزدا تونۇشۇپ قالدۇق، سەنمۇ مەن ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئىدىڭ، ئىككىمىز بىر كۈنلۈك پويىز سەپىرىدە توختىماي پاراڭلاشتۇق، كۈلۈشتۇق، ئۈرۈمچىگە ئاز قالغاندا بىر-بىرىمىزنىڭ تېلفون نۇمۇرلىرىنى يىزىۋىلىشپ كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق، شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ خۇشال كۈنلىرى باشلاندى، ئۇ چاغلاردا سەن بەك ساددا، ئاقكۆڭۈل ئىدىڭ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىككىمىز يۈرۈپ قالدۇق، بۇ كۈن دەل بۇگۈنكى كۈن ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ مۇھەببەت ماڭا ھاياتلىق كۈچى ئاتا قىلغان بولۇپ، مەن ئۆزۈمىنى شۇنداق بەختىلىك ھىس قىلاتتىم، بەلكىم سەنمۇ شۇنداق بولساڭ كىرەك؟ شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز شۇ تەرقىدە 5 يىلدەك يۈردۇق، بۇ بەش يىلدا مەن ئوقۇش پۈتتۈرۇپ {ئەدىليە ئىمتاھان}دىنمۇ ئۆتۈپ، سىنى دەپ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئادوۋكاتلىق ئورنىدا بىر يىل ئىشلىدىم، كىين يۇرتقا مەمۇرلۇق ئىمتاھانى بىرىپ {سوت مەھكىمىسى}گە ئۆتۈپ بۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشتۈم، كۈنلىرىم شۇنداق بەخىتلىك ئۆتمەكتە ئىدى، بىراق ئويلىمغان ئىش يۈز بەردى، سەن مىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلەتكەن تېلفون كارتامىنى ئىشلتىۋاتقان ئىدىڭ، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپلا سەندە غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلىشكە باشلىدى، ساڭا تېلفون قىلسام تېلفوننىڭ بىر بولسا {قەرىز}، بىر بولسا{ ئالدىراش} دىگەندەك ئاۋازنى ئاڭلايتىم، مەن بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىپ بوپتۇ ئوقۇش پۈتتۈردىغان يىلى ئەمەسمۇ، ئالاقىلشىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ دىگەن بىلەن سۈرۈشتە قىلمىغان ئىدىم، كىين نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپ باقسام، سىزنىڭ تېلفون كارتىىڭزدا مەسلە بار ئىكەن، قالايمىقان ھەق ئالدىكەن دىگەندەك باھانە بىلەن ئالدىنىپ يۇرۇپتىمەن، بىر كۈنى ئىداردىن مىنى ئۈرۈمچىگە ئىككى ئايلىق ئۈگنىشكە ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالدى، مەن بۇ خوش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ساڭا تېلفون قىلسام سىنىڭ تېلفونىڭ يەنە {قەرىز} ئىكەن، مەن دەرھال خەۋەرلىشش زالىغا بىرىپ تېلفونىڭغا پۇل تولۇقلاپ بولۇپ، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئاغىنەمدىن بۇ تېلفوننىڭ قانداق مۇلازىمەتلەرى ئوچۇق ئىكەن تەكشۈرۈپ باق دىسەم، ئۇ ماڭا نورمال كەسىپلەر ئوچۇق ئىكەن، پۇل جىق كىتىپ بارغان بولسا تەپسىلىي تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ بىقىشىمىنى دىدى، مەن ئۇنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن زالدىكى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئارقلىق سىنىڭ تېلفونڭنىڭ تەپسىلى تىزىملىكىنى تەكشۈردۈم، خاتىرگە قارسام سەن بىرلا نۇمۇر بىلەن مەن ئۈرۈمچىدىن يىنىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئالاقىلىشىقانلىقىڭ، ئەڭ ئېغىر كەلگىنى سەن مىنى ئاپتۇبۇس بىكىتىدىن مىنى ئاتۇشقا ئۈزۈتۈپ بولۇپلا ئۇنىڭغا تېلفون قىلغان تېلفون خاتىرەڭمۇ بار ئىدى، مەن دەرھال بۇ {خاتىرە}لەرنى بىسىپ چىقىرۋىلىپ، ئىدارىغا يىنىپ كەلدىم، ۋە يالغۇز ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، سىنىڭ {كۈندىلىك خاتىرە}ڭنى تەپسىلي كۆردۈم، ۋە ئۇنىڭغا تېلفون قىلسام ئۇ مىنىڭ تېلفون نۇمۇرۇمىنى بىلەمدۇ مىنىڭ تېلفونمىنى پەقەت ئالمدى، كىين ساڭا تېلفون قىلىپ تىنچ- ئامانلىق سورىغاندىن كىين، بۇ نۇمۇرنى بىلەمسەن دىسەم، سەن بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىڭ، ۋە مىنىڭ توغرا چۈشىنىشمىنى دىدىڭ،مەن ساڭا نىمە ئىش بولسا ماڭا دەڭ دىسەم، سەن ماڭا سەن بىلەن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلق سىنىپىدىكى بىر باشقا يۇرتلۇق ئوغۇل ساۋاقدىشىنىڭ ئىسىمىنى ماڭا دىدىڭ، سەن بۇ بالىنى ئىلىگىرىمۇ ئىككىمىز يۇرىۋاتقان ۋاقىتتا، مىنى دائىم ئۇ بالا بىلەن سىلىشتۇراتتىڭ، مەن شۇ چاغدا تېلفوننى قانداق قويغانلىقىمىنىمۇ  بىلمەيمەن، مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ تۇرمۇشۇم كەينىگە ماڭدى، ئاۋال ئۈرۈمچىگە باردىغان ئشىنى يوقلاڭ باھانە سەۋەب بىلەن يوققا چىقاردىم، كىين مەندە تۇرمۇشقا، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىق، ئاكىتىپ پوزىتسىيە ھەممسىنى سەن ۋەيران قىلدىڭ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن سەن بىلەن ئالاقەمىنى ئۈزدىم، تېلفون نۇمۇرۇمىنىمۇ ئالماشتۇرۋەتتىم، شۇنداق قىلىپ مىنىڭ تۇرمۇشتىكى بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمىنى سەن بىخ ھالىتىدا ۋەيران قىلدىڭ، ئەمدى مەندە مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچ پەقەتلا قالمدى، بۇ شەھەردە ئەمدى ئۆزۈم يالغۈز تەنھا كۈنلەرنى باشلىدىم، ئەمدى مىنى قارشى ئالغىنى تاماكا بولدى، تاماكا مەندىكى دەرتلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇراتتى، كىينچە ھاراقنىمۇ ئۆگەندىم، ھاراقمۇ باشتا دەرتلەرنى ئۇنتۇلدۇرغان بىلەن ئەتسىدىكى بىئاراملىق مىنىڭ ئاشقازنىمىنى كاردىن چىقاردى، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىزمەتنىڭمۇ ھۆددىسدىن چىقالمدىم، چۈنكى مەندە خىزمەتكە، تۇرمۇشقا ھىچقانداق قىزغىنلىق يوق ئىدى، ئىداردىكى چوڭلار ماڭا  بىر نەچچە قېتىم تەربىيەمۇ قىلدى، بەزىلەرنىڭ مىنى (ئاتا- ئانىسىنىڭ يولىغا تايىنىپ ئوقۇغان، ئارقا ئىشىك بىلەن بۇ ئىدارىغا كىرگەن) دىگەندەك گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم، بىراق مەن ھازىر نىمە دىيەلەيمەن، مەن ئۇلارغا ھىچنىمە دىمەي، يەنىلا ئۆز ئويۇنمىنى ئويناپ يۇردىم، ئىلىگىرى ئالىي مەكتەپتە (دەرسخانا - كۈتۈپخانا- ياتاق-ئاشخانا)دا ئۆتكەن ھاياتم ئەمدى بولسا، ھەر خىل سورۇنلاردا ئۆتمەكتە ئىدى، شۇ  سورۇنلار ماڭا يەنە بىر ئۈلپەتداشىنى ماڭا ھەمرا قىلدى، بۇ ھەمرا (قاپاق) ئىدى، بۇ ئۈلپەتداش ھەر قانداق ئۈلپەتداشتىن ياخىشى ئىكەن ، ئەتسى مىنى بىئارام قىلمايدىكەن، شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈلپەتداش بىلەن مانا خىلى ئۇزاق ئارلاشتىم، ئاخىرى مىنىڭ بۇ ئىشىمىنى ئىدارە رەھبەرلىكى بىلىپ قالدى، ئۇلار ماڭا توپتوغرا بىر كۈن تەربىيە قىلدى، ماڭا بىر كۈنلۈك تەربىيە بىر ھەپتە يەتتى، كىين مەن بۇ ئۈلپەتداشىنى يەنە تىپىۋالدىم، شۇنداق قىلىپ ئىدارە رەھبەرلىكى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى ئىزدەپ مىنىڭ بۇ ئىشىمىنى دىدى، ئاپام ۋە دادام بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، چۈنكى بىزنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلاتتىن تاماكا چىكىدىغان بىرەرسىمۇ يوق ئىدى، ئاكاممۇ بۇ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۈرۈمچىدىن خىزمەتتىن سوراپ كەلدى، ۋە ماڭا شۇنداق ئۇزۇندىن - ئۇزۇن تەربىيەنى قىلدى، مەن سوتچى تۇرۇپ بۇ تەربىيلەرنى ئەسلى باشقىلارغا قىلدىغان يەردە ئىدىم، ئويلىمغان يەردىن ھازىر ماڭا باشقىلار تەربىيە قىلۋاتاتتى، ئالي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى سىڭلىممۇ ماڭا : ئاكا ئۇنداق ئىشىنى تاشلا! بىزنىڭ ئائىلىمىز ساڭا مۇھتاج. سەن تۈگەشساڭ بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ تۈگىشىدۇ دەپ كۈندە ماڭا تېلفون قىلاتتى، كىين ئىدارە رەھبەرلىكى مىنى 6 ئاي ئۆيدە ئارام ئالغاچ داۋالانسۇن دەپ مىنى ئىشتىن توختاتتى، مەن ھازىر ئۆيدە ئاتا-ئانامنىڭ كۈزىتىشى بىلەن كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ئىدى، سەن مىنى ۋەيران قىلدىڭ! ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم،ئىسىت سەن ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم! خۇدايىم بۇيىرسا چوقۇم ياخىشى بولۇپ كىتىمەن، ھەممە ئىشلارنى قايتىدىن باشلايمەن، ئەمدى سىنى كۆرگۈم يوق، ساڭا ئۆچ بولدۇم!!!
مەنبە: ئۆزۈم

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 06:15:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مىنىڭچە ئەمدى ئۆچ بولۇپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيتى يوق، ئۆزىڭىزنى قىينايسىز شۇ. ئىشلىقىلىپ بالدۇرراق ئىشلىرىڭىزنىڭ رەتكە چۈشۈشىنى تىلەيمەن.
   پايدىسىز بىر پارچە گۆشتۇر يۈرەك، پارە- پارە كەسمىگۈچە ئىشىق- مۇھاببەت قامچىسى.
                                                                                                                           __ مەلۇم كىتابتىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64453
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2011-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 06:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
???

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14183
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5657 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 06:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئۇنىڭغا ئۆچ بولغان بولسىڭىز دىمەك ئۇ يەنە كۆڭلىڭىزدە باركەن ،بولمىسا ئۆچلۇك قىلماي نەپىرەتلىنەتتىڭىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5678
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 3230 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 06:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانچە ئۆچ بولسىڭىزمۇ ،بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىڭىزنى ئالداپ يۇرسىڭىز بولمايدۇ دە .  سىز چۇقۇم تېرىشىپ قايتىدىن ئىرادىڭىزنى رۇسلاڭ ،ئۇنڭىدىنمۇ ياخشى قىزنى تېىپ توي قىلىڭ . شۇنداق بولغاندا سىز يەنىلە غەلبە قىلغۇچى . ئەگەر مۇشۇ پېتى كىتىۋەرسىڭىز سىز بىر ئۆمۈر مەغلۇپ بولغۇچى بولسىز .
ھاياتتا ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچ كىلمىز  .بەزىلەر بىر يولدىلا بەخىتكە ئىرىشسە ،يەنە بەزىلەر باشتا بەختىسلىزلىكە كىين بەخىتكە ئىرىشىدۇ . بەلكىم سىز 2 خىلغا چۈشسىڭىز كېرەك . ئويلاپ بېقىڭ مۇشۇ كەمگىچە چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن نۇرغۇن قيىينچىلىقلارغا ئوچۇردۇن ،ھەم نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. ئاخىردا ۋاقىت ھەمىنى ئۆزگەرتى ياكى ئۆزىمىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزگەرتۇق ( ئالي مەكتەپ ئىنتانىغا تەييارلىق قىلىش ياكى ئالي مەكتەپتىكى ئىنتاھانلارغا تەييارلىق قىلىش ،ئەڭ ئاددى مىسالى).

سىزنىڭ ئالدى بىلەن قىلدىغان ئىشىڭىز ھاراق ،تاماكىنى تاشلاڭ. ئاندىن كىتاپخانىغا بېرىپ مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى ،مۇۋاپىقىيەت قازنىشنىڭ سىرى .......دىگەندەك بىر قاتار كىتاپلارنى ئوقۇق،ياقتۇرغانلارنى سېتىۋېلىپ ئىشخانىدا ئوقۇڭ. بولسا بىر ۋاق بولسىمۇ ناماز ئوقۇشنى ئۆگۈنۈڭ(مەچىتە نامازدىن بۇرۇن نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى دەيدۇ ،كۈندە تەكرارلانسا كۆڭلىڭىزدىكى يامان ئىشلارغا ئۆگۈنۈپ قالغان ھىس تۇيغۇلار يوقايدۇ . يەنە ئاغىنىلەرنى ئاز تۇتۇڭ ،دائىم ئاشۇنداق ئولتۇرۇشقا چاقىردىغانلاردىن يىراق تۇرۇڭ .

ئىسىڭزدە بولسۇنكى سىز مۇشۇ پېتى ئۆتۈپ كەتسىڭىز بىر ئۆمۇر مەغلۇبىيەتچى ،ئۆزڭىزنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ ياخشى ياشىيالايدىغانلىقىڭىزنى ،ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى قىزنى تاپالايدىغانلىقىڭزنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇڭ .

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49395
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 494
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1834 سائەت
تىزىم: 2011-7-28
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 06:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ تاماكىغا ئەمەس كىتاپقا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇشىڭىزنى قاتتىق تەۋىسىيە قىلىمەن ،ناخشىنى ئاز ئاڭلاڭ ،چۇنكى ئۇسىزنى تېخىمۇ ئازاپلايدۇ ،ئازاپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇڭ ، ئۈستىكى پىكرنى قاتتىق قوللايمەن ،دىنى كىتاپلارنى ئوقۇپ چۇشىنىپ بېقىشىڭىزنى ،ناماز ئوقىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن ،چۇنكى بۇلار سىزنى شۇنچىلىك تىزلا روھىي خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىدۇ (چىن كۆڭلىڭىزدىن بولسىلا)،   بىر سىناپ كۆرۈڭ  ،سىزدەك بىرسىنىڭ ئەرزىمەس ئىشلار ئۇچۈن بۇنچىلىك ئازاپلىنىپ كىتىشىزگە ،ئۈزىنى تۈگەشتۈرىشىگە مۇنبەردىكىلەر قاراپ تۇرالمايمىز ،ئىرادىلىك بولۇڭ!!!!!!!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5660
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1451 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 07:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇن داق ئىشلار ھەممەئادەمنىڭ بىشىغاكىلەمدىغاندۇ؟     ئىرادىلىك بولۇڭ .  ئىككى مىزنىڭ كەچۇرمىشى ئازراق ئوخشىشىپ قالىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64947
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 07:40:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىز ئۈچۈن بۇنداق قىلسىڭىز ئەرزىمىدۇ ؟بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ .قەيسەر بۇلۇڭ !

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2024
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 08:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت نەپرەتكە ئايلانغاندىكى ئۆچمەنلىك مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54088
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2202 سائەت
تىزىم: 2011-8-31
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 09:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كۈنلىرىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا،  ئۆزىڭىزنى بۇنچە تاشلىۋەتمەڭ،  شۇ قىزنى دەپ  جاھاندىكى ھەممە قىزلارنى ئەسكىگە چىقىرۋەتسىڭىز بولمايدۇ، بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك ھەممە ئادەملەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ئەلۋەتتە،  شۇڭا ھەممىنى باشتىن باشلاڭ،  خىزمىتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىپ كۈنلىرىڭىزنى بىر مەزگىل ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزسىڭىز بەلكىم بۇ ئازابلىق ئۆتمۈشلىرىڭىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كىتەر ، سىزگە سەمىمى تەكلىپىم: سىز نەپرەتلىنىدىغان شۇ قىزغىمۇ لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگنىۋېلىڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ قىز بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قېلىشڭىزمۇ مۇمكىن ،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش