ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت 雪莲花 كە 2011-11-20 05:19 PMئەۋەتىلدى :
رەھمەت،ئالدى بىلەن بۇ تىمىڭىزنىڭ شۇنچىلىك ياخشى،مەزمۇنلۇق ،تەربىيىۋى ئەھمىيى كۈچلۈك،توي قىلىش ئالدىدىكى ماڭا ئوخشاش ياش قىز يىگىتلەر ھەم توي قىلىپ بولغانلارنىڭ تۇرمۇشتا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك موھىم ساۋاتلىرىنى يىزىپسىز،شۇنداق سۆيۈندۈم،ئۇلۇغ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن دەل بىشىمنى قاتۇرىۋاتقان بىر مەسلە بار ئىدى، بۇ تىمىنى كۆرۈپقۇ ئۇ مەسلىلەرنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،شۇنداقتىمۇ دەپ باقاي مەسلىھەت بەرسىڭىز ئەجەپ ئەمەس،مەن تا ھازىرغىچە ئوقۇپ،خىزمەتكە چىققۇچە بىرەر ئوغۇل بالا بىلەنمۇ ئارلاشمىغان،ئەمدى توي قىلىش يىشىغا كەلگەندە ئاتا-ئانام ئالدىرىتىپ بۇ مەن ئۈچۈن بىر بىسىم ھىساپلىنىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن باشقىلار سايە قىلغانلار بىلەن كۆرۈشۈپمۇ باقتىم لىكىن مىنىڭ ئويلىغۇنۇمدەك چىقماي ياندۇرۋەتتىم،مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ئۇنچە ئۈستۈنمۇ ئەمەس پەقەت شۇ ھەم ئىلىمدە ھەم پەندە بولسىكەن دىگەن ئويۇم بار ئىدى،شۇڭا قايتۇرۋەتكەنتىم،لىكىن ھازىرغىچە بىرسى تىلفۇن قىلىپ مىنى بەك ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ،ياقتۇرمۇدۇم دىگەندىكىن بولدى قىلسا بولمامدۇ دەيمەن،مەن كىيىن مۇشۇ سەۋەبلىك خەقنىڭ ئۇۋالىغىمۇ قالارمەنمۇ؟ 
ئىكىكىمىز ئوخشاش ئىكەنمىز . قىزلار نازۇك خىرىستال ، نەپىس خىرستالغا ھەممە كىشىلەر قىزىقىدۇ . ئوغۇل بالىلار بىلەن كۆرۈشكەندە تىلىفۇنىسىڭزنى ئىتىۋىتىپ كۆرشەڭ مەنمۇ شۇنداق قىلىغان . ياخشى گەپ دىلىنى ئىرىتىدۇ . شۇڭا باشىقىلارغا ئازار بەرمەڭ ، بولمىسا سىزگە يانىدۇ .