مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5178|ئىنكاس: 53

ياغلىق ياراشمىغان قىزلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9836
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2069 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 12:02:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغلىق ياراشمىغان قىزلار"

  ئاپتورى: سۆيگۈم


شۇنداق بىر قىسم قىزلىرىمىز باركى ئۇلار ئۆزلىرى ياغلىق چېگىپ يۈرمىگەننى ئازدەپ يەنە ياغلىق چېگىۋالغان قىزلارنىڭ كەينىدىن گۇمان نەزەر بىلەن قارايدۇ.شەيتان ئۇلارغا شۇنداق سۆزلەرنى قىلغۇزىدۇ:
_ئۇلارنىڭ ياغلىق چېگىشى ئىبادەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مودا ئۈچۈن.
_ياغلىق چېگىۋالغانلارغا ئىشەنمەيمەن. ئويۇننى ئويناپ بولۇپ ئاندىن بۈۋىم بولىۋالغان. ياغلىق چېگىۋالغان بىلەن نېمە ئىش قىلمايدۇ ...ھىم.
  بۇنداق نالايىق سۆزلەر  ئۇلارنى يېتەرلىك گۇناھقا شېرىك قىلىۋىتىدۇ."پىتنە- پاسات ئادەم ئۆلتۇرگەندىن يامان." "بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر."  نېمشقا ئەسلى ئىسلامنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ياغلىق چېگىپ يۈرگەن قىزلىرىمىز ئۆزىچلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغماي قالىدۇ؟ چەتئەللەردىمۇ پات -پات مۇشۇنىڭغا ئوخشاش غەيرى مۇئامىلگە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇپ ئىسلام مەدەنىيتىدىن خەۋىرى يوق مىللەتلەرنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ 21-ئەسىر  مەدەنىيەت دەۋرىدىكى مەدەنىي بولمىغان غەيرى پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىپ تۇرغان بولساممۇ لىكىن ئۆز ئىچىمىزدىن بىر بۆلۈك قىز ئاياللىرىمىزنىڭمۇ ياغلىق چېگىۋالغان قىزلارنى كۆرگەندە بېئارام بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغان قىسمەن ئەھۋالىدىن ھەيران بولماي تۇرالمىدىم.بەلكى ئۆز قۇلقىم بىلەن ئىشتكەن شۇنداق سۆزلەرگە ۋاقتىدا رەددىيە بەرگەنمۇ بولدۇم . شەيتانچە كىبرگە ئىگە بۇنداق قىزلارنىڭ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق قانداق ئاساسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ خاتا چۈشەنچسىگە رەددىيە بېرشكە تېگىشلىكمىز. بېشىغا ياغلىق ئارتقان ئاشۇ قىزلىرىمىز باش ياغلىقىنى مەيلى مودا   ئۈچۈن   ئارتسۇن  ياكى ئۇلار بۇرۇن نېملەرنى قىلغان بولسۇن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ياغلىق چېگىپ ھاياسىزلىققا لىق تولغان كوچىلىرىمىزدا مەغرۇر قەدەم تاشلاپ ماڭالغانلىقنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ يۈرۈش تۇرشىغا لايىقلاشقانلىقى ھېسابلىندۇ. بۇ  ھەقىقەتەن ماختاشقا تېگشىلىك كاتتا ئىشتۇر.
نېملا بولمىسۇن بىزنىڭ  كۆرگىنمىز ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى ئەمەس.سىز ۋە بىز باشقىلارنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى،ئۇنىڭ نېمىگە ئېتقاد قىلدىغانلىقىنى،كىمنى ھەقىقى سۆيىدىغانلىقنى،پاك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيمىز.بۇنداق ئىقتىدار ئىنسانلاردا يوق.ھەمىمىزنىڭ بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرىمىزنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ،خالىسا بىزدىن ھېساب ئالىدۇ. بۇنىڭ ھۆكۈمىنى بەندە  بىلمەيدۇ. لىكىن ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندسىگە  ۋەدىسى شۇكى ھەقىقى تۆۋبە قىلغانلارنى ئۇ ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىپ يۆگىنىپ يۈرۈشىنى بىرەر تەشكىلات ياكى مەشھۇر شەخس ئوتتۇرغا قويغان ئەمەس.پەيلاسوپلار ئويلاپ تاپقانمۇ ئەمەس ۋە ياكى بىرەر پەيغەمبەر ئۆز ئالدىغا ۋەز تەبلىق قىلغان ئىشمۇ ئەمەس.بەلكى ئۇ/allaنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا  پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۇلگەن پەرىز   ھۆكۈمى دۇر。
ئۆزىنىڭ ئۈسىتى بېشىغا بىر قۇر نەزەر تاشلاپ مۇسۇلمانچە يۈرۈيدىغان قىزلار  بىلەن سېلشىتۇرما قىلىپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە خىرستىيانلارنىڭ كېيىم كېچەكلىىرنى كېيىپ يۈرۈشتىن خىجىل بولمايدىغان ئاشۇنداق قىزلار يەنە  ئەخلاق،ۋىجدان ۋە ئىمان ھەققىدە سۆز ئېچىپ  باشقىلارنى ئەيىپلەشكە ئالدىرايدۇ.
ياغلىق چەگمەسىلىككە سەۋەبلەر نۇرغۇن. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بىر مىسال ياغلىق ياراشمايدۇ.دەپ ئويلاش ئىكەن. ئەسلىدە بۇ ئائىلە تەربىيەرىمىزدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئورۇن ئالالمىغانلىقى ھەتتا يۈرۈش –تۇرۇش،كىينشكە ئوخشاش ئەڭ مۇھىم تەربىيەتلەرنىڭمۇ قىزلىرىمىزغا يەتكۈزۈلمىگەنلىكى سەۋەب بولغان. شۇڭا  ئۇلارمۇ كىچىكىدىن مۇشۇنداق بەدىۋى ھالەتكە ئادەتلەنگەن ئەلۋەتتە' (ئانىلارنىڭ تەربىيسىنىڭ قانچلىك مۇھىملىقىنىمۇ ھېس قىلىش مۇمكىن) بەزى قىزلار ياغلىقنى چەگمەي تۇرۇپلا كاللىسدا ماڭا ياراشمايدۇ دەپ ئويىلۋالغان بولسا كېرەك.ئەمەلىيەتتە ياغلىق ھەرگىزمۇ مودا ئۈچۈن چېگىلمەسلىكى بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن چىن ئىخلاس بولىشى كېرەك.
  بەلكىم ئۇلار ئۆيدە  بىرەر قېتىم بولسىمۇ ياغلىق چېگىپ باققان  بولۇشى مۇمكىن.ئېھتىمال ئۇلار ئەينەك ئالدىدا تۇرغاندا ئۆزلىرىنى بىر خىل  ئورالمىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغاندەك، بارلىق گۈزەللىكلىرى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدە يېىپلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋىسى. بۇ دەل ئىماننىڭ سۇسلىقىدىن بولىۋاتقان ئىنساندىكى بىر خىل ياتىسراش ھالىتىدۇر. ناۋادا  ئىمان ئۇلارنىڭ   قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولسا، ئۇلار ئۆزلىرنىڭ بىر مۇسۇلمان ئايال  ئىكەنلىكنى ھەقىقى ھېس قىلسا ناۋادا ئۇلار ئەرلەرنىڭ كۆزىچلا ئوچۇق يۈردىغان قىزلارغا قارىغاندا ياغلىق چېگىپ بەدەنلىرنى يېپىپ تۇردىغان كېيملەرنى كېىيىۋالغان قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا ھەقىقى گۈزەل كۆرۇندىغانلىقنى بىلسە   ،ناۋادا ئۇلار ئۆزلىرنىڭ پەقەت شۇنداق قىلغاندا  ئاندىن ئۆزلىرنىڭ ھەقىقى ئاياللىق ،قىزلىق سۈپىتىنى ئىپادە قىلالايدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى ھەرگىزمۇ "ماڭا ياغلىق ياراشمايدۇ."دەپ يۈرمىگەن بولاتتى.
ياغلىق ھەرقانداق بىر ئايال زاتىغا چوقۇم  يارىشىدۇ. قېرىندىشم سىز مۇنبەرلەرگە يوللانغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ بېقىڭ!.ئۇلارنىڭ  تۇرقىدىكى ئاياللارغا خاس جەزبىدارلىق ھەرقانداق ئەرنىڭ قەلبىدە ھۆرمەت ،ھەقىقى قىزىقىش،قايىللىق قوزغايدۇ.ئەمدى سىز نەزىرىڭىزنى قايسى بىر شىتاتقا يېقىن دېڭىز بويىغا ياكى بولمىسا ساياھەت كۆلچىكى ئەتراپىدا  ئۇيان بۇيانغا مېڭىپ   يۈرگەن،سىرتقى قىياپىتى ياۋايى ئادەملەردىن بەدەر  يالىڭاچ ئاياللارغا ئاغدۇرۇپ بېقىڭ، قاراڭ ئۇلارنىڭ ئارىىىسدا ئەرلەرمۇ ھېيقماستىن تۇرماقتا.ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغان ئەر -ئاياللار ئارىسدا نە بىر-بىرىدىن ھايا قىلىش، نە نۇمۇس دېگەنلەر بولسۇن؟ ناۋادا سىزدە ھەقىقى ئىمان بولسا ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراشتىن چوقۇم خېجىل بولسىز ھەم قەلبىڭىزدە نەپرەتلىنىپ   يېرگىنسىز.يىغىپ ئېيتقاندا ئىسلامدا بولمىغان  ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىىسىدا ھېچىبىر پەرقىلىق سالاپەت مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ ئەخلاقسىزلىق يامىرىغان،كىشلەرنىڭ ئېڭىدا نۇمۇس تۇيغۇسى يوقالغان جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ھالىتى.بۇ بىر  تۈپ يىلتىىزىدىن مەدەنىيەتسىز جەمئىيەت. بۇ ئادەملەرنىڭ ئەقىلى تەرەققى قىلغان بىلەن مەنىۋىيتى ئىپىتىدائىي سۈپەتكە چۈشۈپ قالغان جاھىليەت كىشلىرىدۇر.
  ئەمدى سىز ئۆزىڭىزگە نېمنىڭ ھەقىقى يارىشىدىغانلىقنى بىلدىڭىزمۇ قەدىرلىك قېرىندشىم؟ ھەر قېتىم  ماڭا ياغلىق ياراشمايدۇ  دەپ ئويلىغنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇمى ئەمەسلىكىڭىزنى،ئۆزىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ بەدەنلىرىڭىزنىڭ   سىزگە ۋە سىز ئۈچۈن بولغان بولغۇسى  ھالال ئېرىڭىزگىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى،شۇڭلاشقا ئۇنى چوقۇم نامەھرام ھېسابلىندىغان يات كىشلەردىن يۇشۇرۇش زۆرۇر ئىكەنلىكىنى بىلىڭ.  ماڭا ياغلىق ياراشمايدۇ دەپ ئويلىغان چېغىڭىزدا يارىشدىغان نەرسىنىڭ دەل ياغلىق ئىكەنلىكنى  ئۇنىڭدىكى سېھرلىك كۈچنىڭ نەقەدەر جەزبىدار ئىكەنلىكىنى بىلىشڭىز،ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قانچلىك مېھرى ئىللىق ھەم لاتاپەتلىك ئايالغا ،قىزغا ئايلىندىغانلىقىڭىزنى بىلىڭ. پەقەت سىز ئۇنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن چېگىپ ئاياللىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلغان چاغدا ئاياللار ئىچىدە سىزدىن گۈزەل يەنە بىرىى بولمايدۇ .دەل شۇ چاغدا  پۈتۈن دۇنيا سىز ئۈچۈن دۇئا قىلغۇسى!


2011.11.19

مەنبە: ئۆزۈم

ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ansar1013 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
@yasman@ + 50 ئاللاھ قولڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
zakeya + 3 توغرا دەيسىز ھەدە....
atirgul100 + 20 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سۆيگۈم
basretim + 1
سابا + 100 ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
oychan + 333 قوللايمەن
ay-turk + 99 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 606  مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

توققۇز تارا مۇنبىرى سىزنى قىزغىن ئالىدۇ. تەڭرى تاغ باغرىدىكى ئەڭ  گۈزەل ماكانغا بارغۇىڭىز بارمۇ ئەمسە توقققۇزتارا تورنى زىيارەت قىلىڭ بىزنىڭ ئادرسىمىز:www.tokuztara.com

ھايات بىر شام ئۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 02:48:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق راس دەيسىز. ئەگەر قىزلار ئۇياتلىق يەرلىرنى يۆگىۋالسا ئىدى ئۇلارغا ياتلارنىڭ يامان كۆزى چۈشمىگەن بۇلاتتى، ھازىر بەزى بىر قىزلار دا يالغۇز ياغلىقلا ئەمەس يەنە بەزى نەرسىلەر كەم، ئۇ بولسىمۇ شەرمى ھايا .ئەگەر ئۇلاردا ھايا بولسا ئىدى 15 سانتا يوپكا كىيمىگەن ھەمدە كىشىنىڭ شەھۋەت ئوتىنى قوزغايدىغان نازۇك يەرلىرنى پەقەت توي كىچىسى ھالال جۈپتىگە كۆرسەتكەن بۇلاتتى، بىراق بەزى قىزلاردا نازۇك يەرلىرنى باشقىلارنىڭ تاماششا قىلغىننى كۆرۈش راھەت ھېس قىلدۇرامدىكىن تاڭ ئېچىۋىتىپ يۈرىيدىغان بۇلىۋالدى.كەچۈرۈڭ تېمىڭىزدىن ئىنكاسىم چەتنەپ كەتكەن بولسا ئەيىپكە بۇيرىماڭ

ھايات بىر شام ئۇ تۇيۇقسىز ئۈچۈپ قېلىشى ياكى كۈيۈپ تۈگىشى مۇمكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40730
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3514
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 03:16:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز ، مەن ياغلىق چەگكەنلەردىن گۇمانلىنىدىغان ، ئۇلارغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارايدىغان قىز-ئاياللارنى كۈزىتىپ باقتىم  ، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5%تى ياغلىق چىگىشنى ئەخمىقانىلىق دەپ قارايدىكەن ۋە ئاللاھنىڭ ئاياللارنىڭ چېچىنى ئەۋرەت قىلغانلىقى بىلەن كارى يوقكەن . 95%چاچنى يۆگىمەي يۈرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە ئېتراپ قىلىدىكەن ، لېكىن ئۆز نەزىرىدىكى ئاتالمىش ‹‹ ھەقىقىي گۈزەللىك››كە ئېنتىلىش ، ئۆزىلىرىنىڭ دۇنيالىق ئارزۇ ھەۋەسلىرىدىن كېچەلمەسلىك...... قاتارلىق يەنە كۆپلىگەن ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىنى ھەقىقىي تۈردە ئاللاھ كۆرسەتكەن يولغا سالمايدىكەن ، ھەم كۆڭۈللىرىدە پېنسىيەگە چىققاندا ، قېرىغاندا شۇنداق قىلىشنى باشلاپ يىغىپ قويغان پۇللىرى بىلەن گوممىدە ھەرەمگە بېرىپ ھاجىم بولۇپ كېلىپ قۇتۇلماقچى بولىشىدىكەن ، شۇڭا ياغلىق چەگكەن قىز-ئاياللارغا ئەمەلىيەتتە ھەسەت قىلىشىپ ياغلىق چىگىپ يامان ئىش قىلغاندىن بىرنى بايقاپ قالسا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ، ياغلىق چەگكەنلەردىن ئەيىپ نۇقسان ئىزدەپ ، ئۇنداق قىلىپ ياغلىق چەگكەندىن چەگمىگەن ياخشى  دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشىدىكەن ، مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ئىلگىرى كىمدۇر بىرلىرى ئابايى كىيىپ پۇراپ يۈرەگەندىن بىرقانداق قىلغان ياخشى دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ، خۇددى ئايال كىشىنىڭ ھەم پۈتۈن ئەۋرەتلىرىنى يۆگەپ ھەم پۇراپ قالماي يۈرىشىگە ئامال يوقتەك ، بولسا ئەتراپىدىكى پۈتۈن ئاياللار ئۆزىگە ئوخشاش ياغلىق چەگمىسە ھېساپ بېرىدىغان چاغدا جىقراق ئاياللار بىرگە تۇرسا كۆڭۈللىرى ئارام تاپامدىكىن - تاڭ ، خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدىكى ياشقا چوڭ ئاياللار بىلەن پاراڭلىشىپ ھېس قىلغانلىرىم ، ھەم ئۇلارنىڭ دىيىشكەنلىرى يۇقارقىدەك گەپلەر .
ئەمدى بۇنى ھەل قىلىش چارىسى توغرىسىدا ئازراق گەپ قېلىپ باقاي  . ھەممىمىز بىلىدىغان گەپ يەنىلا ئۆزلىمىزگە ۋە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش ، ئۇرۇق-تۇغقانللىرىمىزغا ئىگە بولۇشتىن باشلىساق ، ئائىلىرىمىزدە ئىسلام مۇھىتى بەرپا قىلساق ، قىزلىرىمىزنىڭ باشلىرىغا كىچىكىدىنلا ياغلىق چىگىپ قويساق ئۇلار ياغلىقنى ئۆچ كۆرمەيدىغان بەلكى ياقتۇرىدىغان بولسا ، بىزگە كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئىشلاردىكى ھەرخىل چەكلىمىلەرگە نىسبەتەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىسلامدىن ئىزدەپ باقساق ،  دۇنياۋى مەنپەئەت ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى قۇربان قىلىۋەتمىسەك ، چۈنكى ئاللاھ ئىسلام دىنىنى بىزگە ئاسان قىلىپ بەرگەن .  ياغلىق چەگكىسى بولسىمۇ تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن كۆڭلى غەشلىكتە ئۆتىۋاتقان قىز-ئاياللار نۇرغۇن بۇنىڭغا ھېچكىم بۇنداق ئەھۋالدا چەگمە دەپ كېسىپ پەتىۋا چىقىرالمايدۇ ، قانداق قىلىشنى شۇ ئىنسان ئۆزى قارار قىلىۋالسا دەپ قارايمەن .

ياشىسۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇر

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2089
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23244
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2314 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 04:00:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار دا  ھازىر  ‹‹شىڭگەن›› 性感  (شەھۋانى) دېگەن  مودىنى  قوغلىشىش  بەك  ئېغىر.  بىې  قىسىم ئۆزىنى  ئەر  چاغلاپ  نوچى  ھىساپلايدىغان ئۇيغۇر  ياشلىرىمىز  بۇنى توسۇش ئۇياقتا  تۇرسۇن،  تېخى  شۆلگەيلىرىنى  ئېقىتىپ  شەيتانغا  ئەل  بولۇپ  كېتىشىنى  ئويلىسام  مىلللىتىمىزنىڭ  تەقدىرى ،قىزلىرىمىزنىڭ  ئىپپىتى  ئۈستىدە  ئويلىنىپ  قالىمەن.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11181
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 05:28:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ........

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12146
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7663 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 08:03:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4646
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3578 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 09:12:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن . اللە ھىجابلىنىشنى ئاياللارغا پەرىز قىلىپ بىكىتىۋەتكەن .قۇرئانغا قارىساق سۈرە نۇرنىڭ 30-31-ئايەتلىرىدىكى ‹‹ لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن......›› دېگەن ئايەتلەر ، سۈرە ئەھزاب 59-ئايەتتىكى ‹‹ پۈركەنجە بىلەن بەدەنلىرىنى ئورۇۋالسۇن ...›› دېگەن ئايەتلەر ھىجابنىڭ پەرىزلىكىنىڭ دەلىلى . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭمۇ ھىجابنىڭ پەرىزلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەدىسلىرى نۇرغۇن .  بىز پەقەت اللە بۇيرىغانلىقى ئۈچۈنلا ، اللە رازىلىقى ئۈچۈن ، جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھىجابلىنىشىمىز كېرەك . ھىجابنى قالقان قىلىۋېلىپ ، يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ھەققىدە مۇنبەردە پاراڭ كۆپكەن . شۇنداقلارمۇ بولۇشى مۈمكىن . ئۇلار قىيامەتتە ئۆز قىلمىشىدىن ئۆزى ھىساب بېرىدۇ . ئۇلارنى تەربىيلەش ، يامان يولدىن قايتۇرۇشقا قادىر بولساق شۇنداق قىلساق ، بولمىسا ئۇنداقلارنى ئۆزىمىزنىڭ ھىجابلانماسلىقىمىزغا باھانە، ئۆزىمىزگە تەسەللى قىلىۋالماي ، اللە نىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلساق ، ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە ياشىساق ، ئۇنداق قىلالمىساق يالغاندىن مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلماي ، سۈكۈتتە تۇرساق دەيمەن . قۇرئان ئۇ قانۇن . ئۇنى ئۆز نەپىس-خائىشىمىزغا بويسۇندۇرالمايمىز . بەلكى ئۇنىڭغا بويسۇنىمىز. ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ چاغلىساق قۇرئاننى ئوبدان ئوقۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ نىمىگە بۇيرۇلغانلىقىنى چۈشۈنۈپ، بىلىپ بېقىپ ئاندىن بۇ ھەقتە سۆزلىسەك دەيمەن .  ياغلىق ھەر قانداق قىز-ئاياللارغايارىشىدۇ !

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17523
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5757 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 10:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئىشلار توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىشقا ئاجىزلىق قىلغىدەكمەن ،چۇنكى ئۆزەم  ئەمەل  قىلالماي تۇرۇپ ، باشقىلارنى ئۇنداق-بۇنداق دىيىشكە تىلىم كۇيىدۇ.

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4306
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 10:10:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60764
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3844
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 10:35:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەرگە مۇنداق بىر يىكاىنى سۆزلەپ بىرەي بەلكىم ئاڭلىغان بولوشۇڭلامۇ مۇمكىن..
      بىر ئايالنىڭ 3بالىسى بولوپ ئىككىسى ئوغول بىرسى قىزكەن  قىزى بىركۈنى ئاپىسىدىن سوراپتۇ‹‹-ئاپا مەن قانداق بولسام چىرايلىق بولىمەن .››دەپ شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ئانا ئۈستەل ئۇستىگە ئىچى قۇرۇق پىيالىنى دۈم قىلىپ قويوپ بۇنۇڭغا ھىشكىمنىڭ تەگمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ سىرىتقا چىقىپ كىتىپتۇ بالىلىرى بولسا ئۇنۇڭ ئىچىدىكىگە قىزىقىپ ئەتراپىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەپتۇ ئاپىسىنىڭ ئەسكەرتىشى بولغاشقا ئۇنى ئېچىپ قاراشقا جۇرئەت قىلالماپتۇ .ئەتىسى ئاپاسى يەنەبىر ئىچى قۇرۇق پىيالىنى ئۈستەل ئۈستىگە ئوڭ قىلىپ قويوپ ئۇنۇڭغا تەگمەسلىكنى ئەسكەرتىپ كىتىپ قاپتۇ ،لىكىن بالىرى ئۇنۇڭغا قاراپمۇ قويماپتۇ ،ئاپىسى كەچتە ئۆيگە كەلگەندە بالىلىرىنى ئەتراپىغا يغىپ  تۈنۈگۈنكى پىيالىنىڭمۇ ئىچىنىڭ قۇرۇقلقىنى  ئېيتىتۇ ،شۇنۇڭ بىلەن قىزىغا شۇنداق دەپتۇ‹‹قىز بالا چىرايلىق بولىمەن دەيدىكەن ئۆزىنى قانچىكى يوشۇرۇپ يۇرگەن سىرى باشقىلا ئۇنۇڭغا شۇنچە قىزىقىدۇ خۇددى ئىچى قۇرۇق دۈم قىلىپ قويولغان پىيالىگە ئوخشاش قانچىكى ئوچوق يۇرگەن سىرى  خۇددى ئىچى قۇرۇق ئوڭ قىلىپ قويولغان پىيالىگە ئوخشاش قاراپلا قويىدۇ خالاس ئۇنۇڭغا قىزىقىش بولمايدۇ شۇڭا ئۆزىنى قانچە يوشۇرۇپ يۇرسە ئۇنۇڭ گۇزەللىكى شۇنچە نامايەن بولىدۇ››..
    شۇڭا قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ  ئېسلام شىرىئېتى بويىچە يۈرىشىنى ئۆمۆت قىلىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش