مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 8

شېئېرىي تېز  سىزمىلار  <  1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 38945
تۆھپە نۇمۇرى: 2297
توردا: 5997 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 08:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئېرىي تېز  سىزمىلار  <  1  >
   (  ......  غا  )
مەي-شارابسىز ئۆتمىگەچكە كۈنلىرىڭ،
مەيخورلارنى ئىتتەك پۇراپ تاپىسەن.
مەيدە ئەقلىڭ كەتكەچ بەكمۇ بۇلغىنىپ،
قەدەھ مەيگە ۋىجدانىڭنى ساتىسەن.

مەي ئۈچۈنلا  تۆرەلگەندەك ئالەمگە،
مەيخانىغا كۈندە مىڭ رەت چاپىسەن.
تىلەپ ئىچىپ نىجاسەتكە بۇلغىنىپ،
يۇندا تولغان ئازگاللاردا ياتىسەن.

ئىتلار بىلەن لەۋ يالاشساڭ ئويالماي،
زوق-شوق بىلەن قوشاقلارغا قاتىسەن.
شۇنداق «شېكەر»خۇيۇڭ بىلەن مىڭ توۋا،
«ھۆرمەتتە چوڭ ئۇلۇغ»لارغا ياقىسەن.

ياشىغاچ سەن  «ئۇلۇغ»لارغا يېلىنىپ،
ئۇلار ئۈچۈن كەڭ داستىخان ئاچىسەن.
پەزىلەتتىن سۆز ئېچىلسا، بەئەينى-
نۇردىن تەزگەن شەپەرەڭدەك قاچىسەن.

شەپەرەڭدەك  خىلۋەتلەردە تەمتىرەپ،
خۇنۈك كۆزدە ھەريانغا تەڭ باقىسەن.
روھىڭ زەئىپ، بولغاچ «قەھرىڭ بەك يامان»،
«خوشۇڭ يوق»نى چايان كەبى چاقىسەن.

«خوشۇڭ يوق»لار كېلىپ قالسا ھال ئېيتىپ،
بويۇن تولغاپ پەشلىرىڭنى قاقىسەن.
ھەميېنىنى تولدۇرۇپراق كەلگەننىڭ ،
قۇلى بولۇپ سۇلىرىدا ئاقىسەن.

قۇلدەك ساڭا كىم ئىتائەت قىلمىسا،
تىللاپ شۇنى،شۈلگىيىڭنى چاچىسەن.
سىغمىساڭمۇ ھازىرچە كەڭ ئالەمگە،
كۆز يۇمساڭلا تار  گۆرگىمۇ پاتىسەن!


  (   مەنبەسى :  ئەركزات نەزمىلىرىدىن   )


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kizzik99 + 20 ئېسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لوغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

شۈكرى ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4220
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 4255 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 09:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئېر دىگەننى كارامەت سىزىپ قويىپسىزغۇ..............ياخشى چىقىپتۇ
رەسساملار يازىدىغان شائىرلار سىزىدىغان بوپ كېتىپ بارامدۇ مۇشۇ كۈنلەردە

*  قىلىچ  تەڭلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40639
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 602
تۆھپە نۇمۇرى: 54
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 10:28:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بولۇپتىكەن مىسرانىمغا كىرمىگىلى، كىرىپلا ئىسىل شېئىردىن بىرنى ئوقۇپ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپلا قالدى، مىسرانىم ھەقىقەتەن ئىسىل مۇنبەر-دە

ئازغۇن ئۆزىنىڭ ئازغىنىنى بىلىدۇ،      بىراق توغرا يولغا قايتىشقا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1610
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1304 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 12:38:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقكەشلەرنى ئەجەپ  ئوخشىتىپسىزغۇ...

سىنىڭ شاتلىغىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزاق،
مىنىڭ قايغۇلىرىم چەكسىزدۇر بىراق.
ھەم ئۇنىڭغا ھەم بۇنىڭغا تايانما چۈنكى،         ھەممىنى بۇپەلەك قىلۇر ئويۇنچۇق.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 12:51:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىېر سىزغان قوللىرىڭىزغا ئاپىرىن

يىغلاپ تۇغۇلدۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62656
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2954
تۆھپە نۇمۇرى: 906
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 02:32:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غازى ئەخمەتمۇ سىزدەك شېئىر يازالماس

تەغدىر ماڭا كۆرسەتتى ئويۇن، ھايات يولۇم باشـلاندى يېڭى. شۇندىمۇ ھىچ ئەپسۇزلانمايمەن، يىگىرمە گۈل ئېچىـلىپتۇ تېـخى.

ئۇيغۇردەك ياشاي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10985
تۆھپە نۇمۇرى: 2057
توردا: 2852 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 12:56:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر شىئرنى سىزىپ ،رەسىمنى يازىدىغان دەۋىر ئاخىر كەپتۇدە

ئۇيغۇردەك ياشايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9636
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6865
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 1553 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 05:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەڭلىرىمۇ شۇنداق جانلىق چىققاندەك قىلامدۇ نىمە، بۇ  رەسىمنىڭ؟  باركاللا!

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە بىر ئايال بولغان بولىدۇ. لېكىن بۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى بولماستىن، بەلكى قېيىن ئانىسىدۇر.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 5001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53411
تۆھپە نۇمۇرى: 3673
توردا: 6430 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 04:35:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىت تېمىسىغا ئېسىلىۋىلىپ مەزمۇنىڭغا دىققەت قىلماسلىقتەك ئېغىر كېسەلدىن تېخى
قۇتۇلماق نېسىپ بولماپتۇ.

ئېسىل شېئىرىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈرلىرىمنى بىلدۈرىمەن، قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.
ھاراقكەشنى قانچىلىك قامچىلىساق ئاز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش