ئەلداۋا ئەسكەرتمىسى: يېقىندىن بېرى، شىنجاڭلىق ئەيدىز بىمارلىرى قېنىنى يېمەكلىكلەرگە تېمىتىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دېگەندەك پىتنە-ئېغۋا بەزى كىشىلەرتەرىپىدىن تور ۋە يانفون قىسقا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا سەھىيە نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىردەك بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئېغۋا ، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.
ئاسىيا كىندىكى تورى (مۇخبىر 胡大敏)، يېقىندىن بۇيان، بەزى كىشىلەر تور ۋە يانفوندا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تارقىتىۋاتىدۇ: شىنجاڭلىق بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغان قېنىنى يېمەكلىكلەرگە تېمىتىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇردى. بۇنىڭغا قارىتا سەھىيە نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىردەك بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئېغۋا دەپ جاۋاب بەردى.
ئېنىقلا پىتنە-پاسات بولغان بۇ ئۇچۇر نېمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە تارقىتىلىدۇ؟
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇشۇنداق ئېغۋالارنى تارقىتىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئادەتتىكى ساۋاتلىرىدىن خەۋەرسىزلىكى، ھەتتا ئەيدىزدىن بىھۇدە قورقۇشتەك تەشۋىشلىنىش پسىخىكىسى بۇ خىل يالغان –ياۋىداق گەپلەرنىڭ توختىماستىن تارقىلىشىغا، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە، تارقىتىلىش ۋاستىسىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ۋە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. يەنە بىر تورداش بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ : ھۆكۈمەت دەل ۋاقتىدا قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلسا، بۇ خىل ئىغۋالارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ دەيدۇ.
سەھىيە تارماقلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى ئىغۋاغا رەددىيە بەردى
يېقىنقى كۈنلەردە، بەزى تورداشلار مىكرو بلوگ، QQ توپى، قىسقا ئۇچۇر، مۇنبەر قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، «يېقىنقى كۈنلەردە ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقىپ غىزالانماڭ، بولۇپمۇ چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى، زىخلىق كاۋاب ۋە سوغۇق سەي قاتارلىقلارنى يېمەڭ، چۈنكى شىنجاڭلىق بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغان قېنىنى تېمىتقان يېمەكلىكلەرنى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرگە تارقىتىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇ ئىش جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى» دېگەندەك مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتتى.
سەھىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىشخانىسى مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ ئۇچۇرلارغا رەددىيە بېرىپ ، بۇ پۈتۈنلەي ئېغۋا دەپ ئېلان قىلدى، ھەم تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا : ئىلمىي پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئەيدىز كېسىلى پەقەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىق، يەنى قان ئارقىلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى چېنە-قاچا، ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەكلىك قاتارلىقلاردىن يۇقمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا تېخى بىرەرىنىڭ يېمەكلىكتىن ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغان مىسالى يوق دەپ چۈشەندۈردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگى «平安天山» دە مۇنۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى: «يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگى، QQ ۋە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئېغۋا تارقىتىپ، بىر قىسىم شىنجاڭلىق ئەيدىز بىمارلىرى مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەردە ئۆزىنىڭ قېنى تېمىتىلغان يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ تارقىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا بىز بىر قانچە تارماقلار بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. ھازىرغا قەدەر، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يېمەكلىككە زەھەر سېلىش ئەنزىسى بايقالمىدى.» جامائەت خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئېغۋالارغا ئىشەنمەسلىكىنى ۋە تارقاتماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
شىنلاڭ تورى مىكرو بلوگىمۇ تۈنۈگۈن تۇنجى بولۇپ ئىغۋاغا رەددىيە بەردى، شىنلاڭ تور تېخنىكا (جۇڭگو) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشخانا بۆلۈمى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى نۇرغۇن يالغان-ياۋىداق خەۋەر-ئۇچۇرلار مىكرو بلوگدا تارقالماقتا، بىز بۇنداق ئابونتلارغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز ياكى ئابونتنى توختىتىپ قويۇش چارىسىنى قوللىنىۋاتىمىز. بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى. بىراق بۇ قېتىم زادى قايسى شەخسنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ خەۋەرنى شىنلاڭ تورى مىكرو بلوگىدا تارقاتقانلىقى، قانچىلىك تارقالغانلىقى، قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا، بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنلۈك ئۇچۇر مىقدارى بەك زور بولغاچقا، ھازىر تېخى ئېنىق كونكىرېت سانلىق مەلۇمات يوقكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، 2008-يىلىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «زىخلىق كاۋاب يەپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپتۇ»، «تاۋۇزغا ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇرۇۋېتىپتۇ» دېگەندەك گەپ-سۆزلەر تارقىتىلغان بولۇپ، ھەممىسى ئېغۋا دەپ ئىنكار قىلىنغانىكەن.
ئېغۋا تارقاتقۇچىلار ئۆزىمۇ گۇمانلىنىپ تۇرۇپ يەنە تارقىتىدۇ
تۈنۈگۈن مۇخبىر شىنلاڭ تورىدا، ئېغۋا دەپ قارالغان ئەشۇ ئۇچۇرنىڭ تازىلىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇڭا تارقاتقۇچىلارنىڭ ئىسمى ۋە تارقاتقان ۋاقتىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تارقاتقانلارنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ ئۇچۇر 13-14-15-چېسلا ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلغانىكەن. بۇ ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلاردىن توردىكى ئىسمى立_休止符 بولغان تورداش :«مۇشۇنداق ئېھتىماللىق بار، كۆپچىلىك دىققەت قىلايلى!» دەپ يازغان، باشقا تورداشلار چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇ يەنە :«راست يالغانلىقىنى ئۇقمايمەن،...شۇنداق بولسىمۇ ئازراق قورقىمەن» دەپ يازغان.
مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىش جەريانىدا، بىر قىسىم تورداشلار مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلغاندىن باشقا، يەنە باشقا تورداشلارنىمۇ ئامال بار سىرتنىڭ تامىقىنى يېمەسلىكنى ئەسكەرتكەن، ھەتتا :« ھازىر دېمىسىمۇ ھېچنىمىنى خاتىرجەم يېگىلى بولمايدۇ، كىم بىلىدۇ بۇ راستمۇ يالغانمۇ؟» دەپ يازغان.
شىنلاڭ مىكرو بلوگىدىن باشقا، QQ توپى ۋە يانفون قىسقا ئۇچۇرلىرىدىمۇ بۇ يالغان ياۋىداق ئۇچۇرلار تارقىتىلغان. بىر تورداش كىيۇ كىيۇ توپىدا :«ھازىر ھۆكۈمەت دائىم بەزى ئىشلارنى قەستەن ياپىدۇ، پۇقرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى زادى بىلمەيمىز، بىزنىڭ پەقەتلا قىلالايدىغىنىمىز شۇ باشقا تورداشلارنى سىرتتا تاماقنى ئازراق يېيىشكە ئاگاھلاندۇرۇش» دەپ يازغان.
زىيارەت جەريانىدا مۇخبىر بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ بۇ خەۋەرنىڭ راست يالغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، بىراق يەنىلا توختىماي تارقىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. تۈنۈگۈن كېچە سائەت 2 دە، بىر تورداش بۇ ئۇچۇرنى شىنجاڭدىكى بىر QQ توپىغا ئەۋەتىپ :« مېنىڭچىمۇ بۇ يالغان، بىراق پەقەتلا كۆپچىلىكنى ئادەتتە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىمەن.» دەپ يازغان. تەشۋىشلىنىشكە ئۇقماسلىق قوشۇلۇپ بۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بىر ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلە، نېمىشقا شۇنچە كۆپ كىشى بۇ خەۋەرگە ئىشىنىپ قالىدۇ؟
ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابېتى دوختۇرخانىسى ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلچېھرە مۇخبىرغا :« بۇ يالغان خەۋەرنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ئەيدىز ئاساسى ساۋات بىلىملىرى كەمچىل، ئەيدىز كېسىلىدىن ئازراق ساۋاتى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ» دېدى.
گۈلچېھرە يەنە :«
ئەيدىزنىڭ پەقەتلا ئۈچ خىل يۇقۇش يولى بار، ئۇلار جىنسى مۇناسىۋەتتىن، قاندىن، ۋە يۇقۇملانغان ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ، ھەزىم قىلىش يولىدىن ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدا يارا بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكنى يەۋالغان تەقدىردىمۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل يالغان خەۋەرگە ئىشىنىپ كېتىش كىشىلەرنىڭ بىھۇدە تەشۋىشلىنىش پسىخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇچۇر تارقىتىلىش ۋاستىسىنىڭ كۆپ خىللىشىشمۇ بۇ يالغان-ياۋىداق خەۋەرنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان.
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2011 يىلى 8-ئايغا قەدەر، جۇڭگونىڭ شىنلاڭ، سوخۇ، تېڭشۈن قاتارلىق بلوگ سۇپىلىرىدا ئابونتلارنىڭ سانى 195 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە ئاممىۋىي باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى ئىجتىمائىي پسىخىكا پروفېسسورى سەي خاۋ «ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور ئابونتلىرىنىڭ سانى كۈنسېرى زورايماقتا، تارقىتىش يوللىرى، تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ تېزلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇددى ياخشى ئىش ئۆيدىن چىقماس، يامان ئىش مىڭ چاقىرىمغىچە يېتەر دېگەندەك، پاسسىپ روھىي ھالەتنى يۇقتۇرۇۋالغان تور ئاممىسى بىر قىسىم ئىسپاتلانمىغان كىچىككىنە خەۋەرلەرنى كۆرسىمۇ، ئۇنى تارقىتىپ تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدۇ.» دېدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئىغۋالارنىڭ تارقىلىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بىر قسىم قىزىق نۇقتا خەۋەرلەرگە بولغان ئىنكاسىنىڭ كېچىكىشى ۋە ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقى ئۆ-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. « ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر فونكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيىلىك تارماقلىرى بىر قسىم ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى كېچىكىپ ئېلان قىلىنغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىھۇدە قورقۇش پىسىخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.» مانا بۇ تۈنۈگۈن بىر تورداشنىڭ ئاسىيا كىندىكى تورىدىكى ئىنكاسى.
سەي خاۋ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى مەلۇم دىققەت ئېتىبارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى جاكارلايدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئاممىغا بولغان ئادەتتىكى ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، ئاممىنىڭ پسىخىكىسىنى توغرا يېتەكلەشكە چېتىلىدۇ» دېدى.
يالغان –ياۋىداق سۆزلەرگە ئىشەنمەيلى! ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتەيلى!
50 مىللىلېتىر شۆلگەي سۇيۇقلۇقىلا ئاندىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۆلگەي سۇيۇقلىقىدا ھەقىقەتەن ئاز مىقتاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ساقلانغان بولىدۇ. بىراق باشقىلارغا يۇقۇش دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن، قارشى تەرەپ چوقۇم 50 مىللىلېتىر شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنى يۈتۈۋەتكەندىلا ئاندىن يۇقۇملىنىدۇ. بىراق بۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋال.
«يىڭنە سانجىش» ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن
«ئەيدىز كېسىلى بارلار يىڭنە سانجىۋەتسە» كېسەل يۇقامدۇ؟
جاۋاب، ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىل ئۇسۇلدا كېسەل يۇقتۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋاغا چىقسا ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ، قۇياش نۇرىدا بىر سائەتكە قالمايلا ئۆلىدۇ. ئادەم تېرىسىنىڭمۇ بەلگىلىك ئىممۇنېت ئىقتىدارى بولىدۇ.
پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ
ئادەمنى پاشا چېقىۋالسا ئەيدىز كېسىلى يۇقۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى چاشا ساغلام بىر ئادەمنى چاققان ۋاقىتتا، ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇنىڭدىن ئاۋۋال چېقىۋالغان ئادەمنىڭ ياكى ھايۋانلارنىڭ قېنىنى بۇ ئادەمگە كىرگۈزىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ھاشارەتلەرنىڭ تېنىدا پەقەت قىسقا ۋاقىتلا ياشىيالايدۇ.
-------------------------------------------------
مۇناسىۋەتلىك باشقا خەۋەرلەر:
ئەيدىز ئېغۋاسى تاراتقانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭلىق 4 كىشى بىرتەرەپ قىلىندى