مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3126|ئىنكاس: 32

‹‹ئايپاتەم›› ھەرگىزمۇ سەلبىي نام ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 02:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ‹‹ئايپاتەم››لەر توغرۇلۇق مۇنبەردە بەس- مۇنازىرە ئۇزۇلمەيۋاتىدۇ. دىققەت بىلەن قارىساق، كۆپلىگەن مۇنبەرداشلىرىمىز رېئاللىقتىكى ئادەم بىلەن ئەدەبىي ئوبرازنى توغرا پەرقلەندۇرمەي نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى خاتا يېتەكلەۋاتىدۇ.  
      ئەمەلىيەتتەئەدەبىي ئوبراز بىلەن رېئاللىقتىكى ئادەم ئوخشىمايدۇ. بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان ئوبرازدا شۇ مىللەتنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ- ئادەت، كۆز قاراش- ئىدىيەلىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.  ئۇ ئېتوتلاردائۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. ئۇ ئېتوتتىكى ئوبرازلارغا ھەرگىزمۇ ۋاڭ پالانچى، ئەيلىس، ئىزورا... دېگەندەك ئىسىملارنى ئىشلەتكىلى ياكى ئورۇندۇق خانىم، ماشىنا خېنىم ...دېگەندەك ئىسىملارنى تېخىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. ئەدەبىياتىمىزدا نۇرغۇن‹‹ غۇنچەم، ئاينۇر، مۇھەببەت، مايسىخان ، سۈپۈرگە خېنىم... دېگەندەك ئىجابىي، سەلبىي ئوبرازلار بار. ئۇلارنىڭ مەۋجۇد بولۇشى ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق ئەكس تەسىر كۆرسەتمىدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.  ‹‹ئايپاتەم›› نامىنى قوللىنىش ھەرگىزمۇ خاتا بولمىغان. بۇ ئېتوت مەيدانغا كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ پېرسۇناژلىرىغا ھامان بىر ئىسىم كېرەك. بۇ ئىسىم ‹‹ئايپاتەم›› بولمىسا ‹‹ئالانۇرخان ›› ياكى ‹‹سەنەمجان›› بولۇشى مۇقەررەر ئىدى. شۇڭا بۇنىڭغا توغرا چۈشەنچىدە بولساق.
     يەنە بىر مەسىلە،  28- 30 ياشلارغىچە توي قىلالماسلىق ئەخلاق ھادىسىسى بولماستىن بەلكى بىر جەمئىيەت مەسىلىسى. ئۇلارنىڭ توي قىلالماسلىقى ئەخلاقسىزلىقى تۈپەيلىدىن بولماستىن بەلكى خىزمەت، ئوقۇش، سالامەتلىك، مۇۋاپپىق ئەلچى(لايىق) كەلمەسلىك، ئىقتىساد قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك. ئەخلاقسىزلىقى تۇپەيلىدىن ياش چوڭ بولۇپ كېتىپ توي قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى بەكمۇ ئاز بولسا كېرەك. دەپ ئويلايمەن، ئەتراپىمغا قاراپ. ‹‹ئايپاتەم›› تېمىسىدىكى مۇنازىرىلەر ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ تېمىغا جىددى مۇئامىلە قىلىپ جەمئىيەتتىكى توي قىلالماي يېشى چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقان قىز- ئوغوللىرىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسدا قايغۇرۇپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ، مۇلاھىزىلەردە بولدى. ئەپسۇسكى بىر قىسىم تورداشلار‹‹ چاشقانغا قىيىن، مۇشۇككە ئويۇن›› دېگەندەك ئۆز تۇرمۇش يولىنى تەرتىپكە سالالماي ئاران تۇرغان قىز- يىگىتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ ئۇلارنى بۇزۇقتىن- بۇزۇققا چىقىرىپ، كۆڭۈللەرنى غەش قىلدى. گاھى تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزلىرىمىز مۇشۇنداق ئەخمىقانە قاراش تۈپەيلىدىن تويلىشىۋاتقان يېگىتلەر تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىش  خەۋپىگىمۇ دۇچ كەلدى. شۇڭا بۇنداق نازۇك تېمىلاردا مۇنازىرە قىلغاندا ئىلمىي بولساق. ئۆزىمىزنىڭ مەسخىرە تۇسىنى ئالغان ئىسپاتسىز، يالغان- ياۋداق ئىنكاسلىرىمىزنى باشقىلارغا تاڭمىساق.
   خۇلاسە قىلغاندا ‹‹ئايپاتەم›› ھەرگىزمۇ سەلبىي ئاتالغۇ ئەمەس. ‹‹ئېشىدى ›› قىزلار بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئۇقۇممۇ ئەمەس. بۇ نام جەمىيەتتىكى ئەخلاقسىز قىزلارنىڭ ئورتاق نامىمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن،  بۇ خۇددى زۇنۇن قادىر ياراتقان ‹‹غۇنچەم›› ئوبرازىغا ئوخشاش نەچچە ئون يىللاپ خەلق قەلبىدىن چىقمايدىغان ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان ئەدەبىي ئوبراز خالاس. ‹‹ئايپاتەم›› ئوبرازىنىڭ جەمئىيەتتە بۇنچە غۇلغۇلا پەيدا قىلىشىمۇ بۇ ئوبرازنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

قەلىمىم

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9985
تۆھپە نۇمۇرى: 543
توردا: 8297 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 05:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5 يىلنىڭ ئالدىدا تورغا چىقسام مۇشۇ گەپلەر بارئىدى ھازىرمۇ تۈگىمىدى بۇ گەپلەر .
ئەمدى ئىشىندى قىز دەپ ئىسىم قويدى . ماۋۇ گەپ ماڭا خەخدىن ئىشىپ قالغان دىگەندەك ئاڭلىدىكەن . ئەمدى بىز ئۇيغۇر قىزلىرى خەخدىن ئىشىپ قالدىمۇ .

ئاللاھ ئاشىق مەن مەشۇق ، ئۆلۆكدىن ئاۋاز چىقماس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10958
تۆھپە نۇمۇرى: 1153
توردا: 2457 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 05:45:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئېشىدى ›› قىزلار بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئۇقۇممۇ ئەمەس.
   بۇ يەردىكى ‹ئېشىدى› ئىبارىڭىز ‹ئېشىندى›مۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ھەقتە ئېنىقراق ئىزاھەت بەرسىڭىز ؛بىزنىڭ قانداق قىزلىرىمىز ئەشۇ كاتوگىرىيەگە كىردۇ؟
   يازمىڭىز  ياخشى چېقىپتۇ ،لىكىن ئەدىبى ئوبزور يازغاندا مىسال كەلتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت

ئالىي ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24290
تۆھپە نۇمۇرى: 5509
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 05:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق مەسلىگە قانداق قاراشنى چۇشەنگەندە ،ھەممە تۇگۇن يىشىلىدۇ

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

●مۇۋەپپەقىيەتكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13166
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5744
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 06:08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇنداق تىمىلاردىن يىراقراق تۇراي جۇمۇ.

ئۆزىڭىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئازابتىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلىۋېلىڭ.

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5197
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2304 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 06:27:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

 ئاتائوغلى  

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24989
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8376
تۆھپە نۇمۇرى: 1645
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 06:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق  تالىشىپ نەگە بارا سىلەر  ئايشارىغىمۇ ياكى مارىسقىمۇ  بۇرۇن قىرى قىز دەيىتتى ئەمدى ئايپاتەم ئۇندىن كىيىن  ئىشىندى قىز   كەلگۇسىدە  ئارتۇق قىز ئىرى يوق قىز  ،   ، ئەرگە تەگمىگەن قىز ،ئەر ئالمىغان قىز، ئەر ياراتمىغان قىز  ............................   قىز قىزلا دىگەن ئاتالغۇلا چىقامدىىكىن   .
  بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بالدۇرراق توي قىلىش ئەر چىقمىسا ئىرى بارغىمۇ  تىگىش  .   شۇندىلا بۇ قالپاق نىڭ بازىرى كاساتلىشىپ  يۇقامىكى  دەيمەن .  يەنە باشقا پىلان بولسا ئوتتۇرغا قۇيايلى .

كىم بۇلىشىمدىن قەتئى نەزەر  مەنبىر ئاللاھنىڭ بەندىسى

واْلفَجر وليالٍ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64280
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 659
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2011-11-9
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 06:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تول خوتۇنلانىڭ مۇنازىرە سورىنى بۇلاي دەپتۇ
مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئىھتىياجى يوق نەرسىلەرنى مۇنازىرلەشكەن ئادەمنڭ ئوزى جىڭ ئەخمەق

ئادەم قېرىپ ئۆلسىمۇ .ئاغرىق ئازابىدا ئولسىمۇ مىلىيونېر بۇلۇپ راھەتتە ئولسىمۇ يەنە شۇ ئۈلۈۇمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى.ئەڭ راھەت ئۈلۈم جەڭ مەيدانىدىكى ئۈلۈمدۇر.كەمىنە؛u-m

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1899
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 07:05:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يېڭىدىن كەشىپ قىلغان سۆزلەرنى مەجبورلاپ تاڭمىساڭلاركەن دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1899
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-19 07:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتا يىزىپ قويۇپتىمەن؛
بەزى يېڭىدىن كەشىپ قىلغان سۆزلىرىڭلەرنى مەجبورلاپ تاڭمىساڭلاركەن دەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش