دۆلىتىمىز ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدىكى 6نەپەر ھەركەتلىك كىنو چولپىنىنىڭ قىسقىچە ئارخىبىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يوللىدىم، ياخـتۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار ...
4- قېتىمدا تۇنۇشىدىغىنىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ھەركەتلىك فېلىم باش يانداش چولپىنى « زۇجاۋلۇڭ »
ئىسمى - زۇجاۋلۇڭ « 邹兆龙 »
ئىنگىلىسچە ئىسمى - Collin Chou
تۇغۇلغان ۋاقتى - 1967 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى - جۇڭگو
ھازېرقى ئولتۇرۇقى - ئامېرىكا ۋوللىۋود
بوي ئىگىزلىكى - 1 مىتىر 80 سانتېر
كەسپى : ئارتىس . گۇمپا يىتەكچىسى . خەتەرلىك ھەركەت لاھىيەلىگۈچى . كارخانىچى
زۇجاۋلۇڭ دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ھەركەتلىك فېلىم چولپانى ئۇ 5 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ گۇمپا مەشىق قىلغان 12 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ھەركەتلىك كىنولارنىڭ ئالاھىدە خەتەرلىك ھەركەتلەرنى ئۇرۇنلاش ئارتىسى بۇلغان 18 ياشقا كىرگەندە دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ئارتىسى ھەركەتلىك كىنولارنىڭ گۇمپا يىتەكچىسى « خۇڭجىنباۋ » تەرپىدىن بايقىلىپ شىياڭگاڭغا ئېلىپ بېرىلىپ شۇ يەردە تەرەققى قىلىپ كىنوچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.
ئىلگىركى بىز كۆرگەن ھەرقانداق بىر ھەركەتلىك كىنولاردىكى رولچىلارنىڭ ئىشلىگەن خەتەرلىك ھەركەتلىرىنى. ئاساسى جەھەتتىن زۇجاۋلۇڭ شۇلارغا ۋاكالىتەن ئىشلەپ بىرىپ . ھەركەتلىك كىنولارنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ. كۈرۈرمەنلەرنى جەلىپ قىلىشتا ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىەتكەن . شۇ سەۋەپلىك ئۇ نۇرغۇن قېتىم يارلانغان ھەتتا يارىسى ئېغىر بۇلۇش سەۋەپلىك بىر قانچە قېتىم ئۈلۈپ كىتىشكىمۇ ئاز قالغان . ..
زۇ شاۋلۇڭ دۆلىتىمىز ھەركەتلىك كىنولاردىكى ئەڭ ئاساسلىق باش سەلبى پېرسۇناژ رۇلىنى ئوينايدۇ، ئۇداۋاملىق ھەركەتلىك كىنولاردىكى . لىلەنجى . جىنزىدەن . چىڭلۇڭ قاتارلىق ئارتسىلارنىڭ ئەڭ ئەشددى رەقىبى ئورنىدا بۇلۇپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ سەلبى رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىشى سەۋەپلىك كىنو مەستانىللىرى تەرپىدىن « سەلبى ئوبراز شاھى » دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە . ئۇ بۇ ئاتولغۇ ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ- كىنولاردىكى مەن ياراتقان ئەشۇ سەلبى روللار سەۋەپلىك كۈرۈرمەنلەر مىنى قانچە كۆپ تىللىسا مەن شۇنچە خۇشال بۇلىمەن . چۈنكى بۇ مىنىڭ ئەشۇ كىنولاردىكى سەلبى ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇندىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ دەيدۇ .
ئەمەلىيەتتە زۇ جاۋلۇڭنى ھەقىقى گۇمپا جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن چولپان دىيىشكە بۇلىدۇ . ئۇ ئۈزىگە تەخسىم بولغان ھەرقانداق بىر رولنى ئۈزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئوينايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازېرقى دەۋىر ھەركەتلىك كىنولارنىڭ ھەممىسىدە زۇ جاۋلۇڭ ياراتقان ئاساسلىق ئوبرازلارنى كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇ .
بۇندىن 12 يىل بۇرۇن زۇجاۋلۇڭ تاساددىبىي پۇرسەتتە ۋوللىۋودنىڭ چوڭ تىپتىكى فانتازىيەلىك فېلىمى « خاككېر ئىمپىرىيەسى » فېلىمىدا يانداش رول ئېلىشقا شۇنداقلا فېلىمنىڭ ئېلىشىش ھەرىكەتلىرىنى لاھىيەلەشكە تەكلىپ قىلنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن زۇجاۋلۇڭ خاككېر ئىمپىرىيەسى 2 - ۋە 3 - بۈلۈم فېلىمىدە ھۆكىمانىڭ قوغدىغۇجىسى رۇلىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىدۇ . زۇجاۋلۇڭ خاككېر ئىمپىرىيەسى فېلىمىدىكى باش رولچى Keanu Charles بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشىش كۈرنىشىدىكى ئاجايىپ قالتىس ھەركەتلىرى ئارقىلىق فېلىمنىڭ ئېلىشىش كۈرنۈشلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىغا ئەڭ چوڭ تۈھپە قۇشىدۇ . زۇجاۋلۇڭ مەزكۇر فېلىم ئارقىلىق ئاجايىپ كۆپ كىرىمگە ئىرىشكەندىن سىرت ۋوللىۋود شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە بىردىنلا قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ ...
ھازېرقى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ھەرقانداق بىر ھەركەتلىك فېلىملەردە زۇجاۋلۇڭ ياراتقان ئوبرازلارنى كۈرۈشكە بۇلىدۇ .....
زۇجاۋلۇڭ باش يانداش رول ئالغان ئاساسلىق فېلىملەىردىن .
دادىغا يېزىلغان خەت
جۇڭنەنخەي قوغدۇغۇچىسى
پىجاق
گۇمپا شاھى
خاككېر ئىمپىرىيەسى 1 - بۈلۈم
خاككېر ئىمپىرىيەسى 2 - بۈلۈم
خويۈۋەنجا
导火线
全城戒备
قاتارلىق يۇقرى كىرىملىك كىنولاردا باش ئىجابى ۋە سەلبى ئوبرازلارنى يارتىپ كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ...
تۈۋەندە زۇجاۋلۇڭ قۇشۇمچە رول ئېلىپ چىققان ۋوللىۋودنىڭ چوڭ تىپتىكى فانتازىيەلىك فېلىمى « خاككېر ئىمپىرىيەسى 2 - بۈلۈمدىكى » دىكى باش رولچى Keanu Charles بىلەن ئېلىشقان كۈرۈشلىرىنى قايتىدىن كۈرۈپ باقايلى ...
بۇ قېتىملىق تۇنۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگەچە بۇلىدۇ. 5 - قېتىم تۇنىشىدىغىنىمىز دۈلىتىمىز ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدىكى ئىستىقباللىق چولپان « ۋۇجىن »
مەنبە : بەيدۇ ۋە مەن