مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3731|ئىنكاس: 21

ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8263
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 11:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،
  يىقىندا دوسىتلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ مەجبۇرلۇق كىسىلى ھەققىدە پاراڭ چىقىپ قالدى. جەمىيەت، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۈگىنىش بىسىمىنىڭ زىيادە ئىشىپ كىتىشىدىن بۇ خىل كىسەللىكنىڭ كۆپىيىپ كىتىپتۇ. بۈگۈن تۇيۇقسىز بەيدۇ قامۇسىدىن بۇنى تەكشۈرۈپ باقتىم، شۇنداقلا سەۋىيەمنىڭ يىتىشىچە قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئەگەر بۇ خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنگەنلەر بولسا ۋاقتىدا پىسخىك دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىڭلار(ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن) . خاتا ياكى جايىدا تەرجىمە قىلىنغان يەرلەردىن ساقلىنالمىدىم، بايقىغانلار ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويارسىلەر.
  ھەممىمىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن!


ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە


قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى


ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە(مەجبۇرلۇق كىسىلى، 强迫症، Obsessive compulsive disorder,OCD) يەنى نېرۋا فۇنكىسىيەلىك كىسەللىكنىڭ، تەشۋىشلىنىش كىسىلىنىڭ بىر خىلى. بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار دائىم مەلۇم بىر خىل ئىدىيىۋى زورلۇق (مەجبۇرلىق) ئازابىدا قىينىلىدۇ. بىمار تۇرمۇشتا قايتا- قايتا مەلۇم بىر مەجبۇرىي ئىدىيە ياكى قىلمىشنى تەكرارلايدۇ. بىمارنىڭ ئۆزىنى بىلىش ئىقتىدارى جايىدا، بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوقلىقىنى بىلىدۇ، ھەتتا بۇنىڭدىن ئازاپلىنىدۇ لىكىن يەنىلا قۇتۇلالمايدۇ.
كىلىنكىلىق تۈرلىرى
مەجبۇرلۇق كىسىلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، قىسمەن بىمارلاردا پەقەت بىر خىللا كىسەللەك ئىپادىسى، يەنە بىر قىسىم بىمارلاردا كۆپ خىل كىسەللىك ئىپادىسى تەڭلا ۋاقىتتا كۆرىلىدۇ. مەلۇم بىر مەزگىلدىكى كىسەللەك ئىپادىسى تۇراقلىق بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كىسەللىك ئىپادىسىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ.
1-    مەجبۇرىي ئىددىيە
(1)    مەجبۇرىي خىيال سۈرۈش: قايتا- قايتا بىر قاتار بەخىتسىز ئىشلارنى خىيال قىلىش، ئۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، بۇ خىل ئوي- خىياللاردىن قۇتۇلالماسلىق، كەيپىياتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ھەمدە قورقۇش ھىس قىلىش.
(2)    مەجبۇرىي ئەسلەش: بۇرۇن يۈز بەرگەن كىچىككىنە ئىشلارنى توختىماستىن خىيال قىلىش، ئەھمىيتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي، توختاۋسىز شۇ ئىشلارنى ئويلاش. مىسال: كاللىسىدا بىر ناخشىنى تەكرار خىيال قىلىش، ھەتتا ناخشىنىڭ ئاۋازىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، سىرىتتىكى ناخشا- مۇزىكىلارغا بىقىپ ناخشىمۇ ئۆزگىرىدۇ، دىققىتىگە، نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(3)    مەجبۇرىي گۇمانلىنىش: ئۆز ھەركىتنىڭ توغرا- خاتالىقىغا قارىتا توختىماستىن زۆرۈر بولمىغان گۇمان قىلىش، قايتا- قايتا تەكشۈرۈش. مەسىلەن ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىشك- دەرىزىلەرنىڭ ئىتىلگەن- ئىتىلمىگەنلىكىنى قايتا- قايتا تەكشۈرىدۇ، قاراپ باقمىغىچە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ.
(4)    مەجبۇرىي باش قاتۇرۇش: تەبىئەت ھادىسىلىرى ياكى تۇرمۇشتىكى نۇرمال ئىشلار ھەققىدە ئۇزاق كاللا قاتۇرۇش، قىلچە پايدىسى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ خىل باش قاتۇرۇشتىن قۇتۇلالماسلىق، مەسىلەن، ئۆي نىمىشقا شىمال تەرەپكە قاراپ سىلىنماي، جەنۇپقا قاراپ سىلىنىدۇ دىگەندەك ئىشلاردا باش قاتۇرۇش.
(5)    مەجبۇرىي قارشىلىشىش: ئىككى خىل قارىمۇ قارشى سۆزلەر ياكى ئۇقۇم كاللىسىدا تەكرار-تەكرار پەيدا بولۇپ، بىئارامسىزلىنىش ۋە جىددىيلىشىش، مەسىلەن، «ھىمايە قىلىش» دىگەندە دەرھال «قارشى تۇرۇش» كاللىسىغا كىلىدۇ؛ «ياخشى ئادەم» دىگەندە ئىتتىكلا «يامان ئادەم» دىگەن ئۇقۇم كاللىسغا كىلىدۇ.
(6)    مەجبۇرىي تەپەككۇر: كىسەللەك جەريانىدا مەلۇم بىر تەپەككۇر، ھاياجانلىق ئوي، ياكى تەسەۋۇر تەكرار ھالدا ياكى ئۇزاققىچە كاللىسىدىن كەتمەسلىك، بۇ سەۋەپتىن بىئارمسىزلىنىپ جىددىيلىشىش.

2-    مەجبۇرىي ھەرىكەت
(1)    مەجبۇرىي يۇيۇش: توختىماستىن قول ياكى باشقا بويۇملارنى يۇيۇش، كۆڭلىدە «مەينەتتەك تۇرىدۇ» دىگەن ئويدىن قۇتۇلالماسلىق، پاكىز يۇيۇپ بولۇپمۇ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي قايتا- قايتا يۇيۇش.
(2)    مەجبۇرىي تەكشۈرۈش: ئادەتتە مەجبۇرىي گۇمانلىنىش بىلەن تەڭ ھاسىل بولىدۇ. بىمار ئۆزى ياخشى قىلىپ بولغان ئىشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ، قايتا قايتا تكشۈرىدۇ. مەسىلەن، تاقاپ بولغان ئىشىك- دەرىزىلەرنى، قىلىپ بولغان ھىسابات، خەت- چەك ۋە يازمىلىرىنى تەكرار تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.
(3)    مەجبۇرىي ھىسابلاش: پەشتاق، ئېلىكتىر ئىستولبىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا ساناش، مەلۇم بىر ھەرىكەتنى توختاۋسىز قىلىش، ئەگەر ساناش جەريانىدا ئاتلاپ كىتىش ياكى ئىزىپ كىتىش بولسا، ئارامسىزلىنىپ قايتىدىن ساناپ چىقىش.
(4)    مەجبۇرىي رەسمىيەتلەر: كۈندىلىك تۇرمۇشتا رەسمىيەت شەكلىدە بىر قاتار ئىشلارنى قىلىش. مەسىلەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاياق- كىيىملىرىنى تەرتىپلىك تىزىش، ئەگەر رەتسىز بولسا، كىيىم- كىچەكلىرىنى قايتىدىن كىيىپ، يەنە تەرتىپ بويىچە سىلىش قاتارلىقلار.
3-    مەجبۇرلۇق ئىڭى
مەلۇم بىر خىل ئەھۋالدا بىماردا شۇ سورۇنغا قارشى بىر ئىدىيە، ئاڭ ھاسىل بولىدۇ، لىكىن بۇ ئاڭنىڭ پەيدا بولىشىنى كونتىرول قىلالماي ئازاپلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر ئانا بالىسىنى كۆتۈرۈپ دەريا بويىدا تۇرغاندا، بىمارنىڭ بالىنى دەرياغا تاشلىۋەتكىسى كىلىدۇ، ئويىغا ماس ھەرىكەت قىلمىسىمۇ بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ، قورقىدۇ.

4-    مەجبۇرىي كەيپىيات
  كونكىرت ئىپادىسى ئاساسلىقى مەجبۇرىي قورقۇش پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل قورقۇنۇش تۇيغۇسى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەشنى پەيدا قىلىدۇ، بەزىدە بۇ خىل كەيپىيات ساراڭ بولۇپ قالارمەنمۇ، قانۇنغا خىلاپ ياكى جەمىيەتكە زىيانلىق، ھەتتا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قەبىھ ئىشلارنى قىلىپ قويارمەنمۇ دىگەندەك ئويلارنى پەيدا قىلىپ، ئورۇنسىز قورقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لىكىن قورقۇش كىسىلى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئالاھىدە نەرسىلەردىن قورقىدىغان بولمايدۇ.
كىسەللەك ئالامەتلىرى
تۇرمۇشتا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا داۋالىنىش كىرەك
دائىم بىر قىسىم باكتىرىيە ياكى كىسەللىككە قارىتا سەزگۈرلىشىپ، زۆرۈرىيەتسىز ئەندىشىگە چۈمۈش؛ داۋاملىق بىر نەرسىلەرنى يۇيۇش، يۇيۇشقا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقت سەرىپ قىلىش، نۇرمال ۋاقىتتىن ئاشۇرىۋىتىش؛ بەزىدە ئوخشاش بىر گەپنى ياكى ھەرىكەتنى قايتا- قايتا قىلىۋىرىش؛ ئۆزىنىڭ كىيم كىيىش، تاماق يىيىش، يول مىڭىش ئادەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ببىر تەرتىپكە بويسۇنۇپ قالغانلىقىنى سىزىش؛ ئۇنۇتقاق بولۇپ قىلىش، قىلىپ بولغان ئىشلارنى قايتا- قايتا تەكشۈرۈش؛ تولا گۇمانلىنىش؛ ئارتۇقچە ئوي- خىياللاردىن قۇتۇلالماسلىق، كىچىككىنە خاتالىقلىرىدىن رەنجىپ، ئۆزىنى كەچۈرەلمەسلىك، ئازاپلىنىش؛ بەزىدە ئاغرىق تۇرۇپمۇ قورسىقى يىرىلىپ كەتكۈدەك تاماق يىيىشنى ئويلاش؛ ئىختىيارسىزلا بىر نەرسىلەرنى بۇزۇۋەتكۈسى كىلىش ياكى باشقلارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ئويلاش؛ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلقلارنى ئاڭلىغاندا قورقۇش، ئويلىماي دىسىمۇ قۇتۇلالماسلىق؛ مۇھىم بولمىغان ئىشلارنى ئەستە مەھكەم ساقلىۋالمىغۇچە ئارام تاپماسلىق قاتارلىقلار....

مەجبۇرلۇق كىسىلى، ئەسەبىيلىك كىسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى
1. ئويىنى كونتىرول قىلىش
  ئويىنى كونتىرول قىلغاندا ئۆزىنى چۆچۈتۈپ، مەجبۇرىي ئويىنى ئويلىماسلىققا تىرىشىش، يەنى قوڭغۇراقلىق سائەتنى 3 مىنۇتتا بىر سايرايدىغان تەڭشەپ، ھەر سايرىغاندا ئۆزىگە «توختا» دەپ كۆڭلىدىكى ئويدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىش، بارا- بارا نۇرمال ئاۋازدىن، پەس ئاۋازدىن، كىيىنچە كۆڭلىدىلا «توختا» دىيىش ئارقىلىق كاللىسىدىكى ئۆزىنى قىيناۋاتقان خىياللارنى توختۇتىۋىلىپ مەجبۇرىي ئوينى يوق قىلىدۇ.
2. ھەركىتىنى توختۇتىۋىلىش
  مەجبۇرىي ھەرىكەتنى قىلغۇسى كەلگەندە زورمۇ زور قىلماي تۇرىۋىلىش، كۆڭلىدە «مىنىڭ ئىرادەم كۈچلۈك، بۇ ئىش مۇھىم ئەمەس، ھەرگىز قىلمايمەن» دەپ ئۆزىنى ئۆزى كونتىرول قىلىپ، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي مەجبۇرىي ھەركىتىنى تاشلايدۇ.
3. ئورنىغا دەسسىتىش
  ئورنىغا دەسسىتىشتە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ھەركىتىگە. ئويىغا قارىمۇ- قارشى بولغان ئوي- خىيال، ياكى ھەركەتلەرنى قىلىش بىلەن كۆڭلىدىكى مەجبۇرلۇقنى ئۇنۇتۇش، مەجبۇرلۇق ئالامەتلىرى كۆڭلىگە كەلگەن ھامان قىزىقارلىق ئىشلارنى ئويلاش، ئەسلەش، قىلىش ئاقىلىق دىققىتىنى باشقا ئىشقا بۇرىۋەتكەندىمۇ مەجبۇرلۇق كىسىلىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.



تەرجىمە مەنبەسى

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 1960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 02:01:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەجبۇرىلىق كېسىلى- ئاڭلاپ باقماپتىمەن

ئەڭ قىممەتلىك ئا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27841
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5344
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 2073 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 02:29:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم ،، رەھمەت

ياخشلىك   قىل  ھەر دايىم*

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5731
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1236 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 03:33:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ كىسەل باركەن ھە.بۇنى تەرجىمە قىلغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ.ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە پايدىلىقكەن.
مەجبۇرى تەكشۈرۈش دىگەن مەندە بارمۇ نىمە؟دائېم ھەممە يەرنى پۇختا تەكشۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىمەن،ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالىمەن.ئاندىن پۇل خەجلەپ ئىشىكنى ئاچقۇزىمەن.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7532
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1850 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 09:07:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ كىسەل باركەن ھە!   

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18090
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 09:36:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ haciھەم 2011-11-17 11:28 PMئەۋەتىلدى  ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە :
  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،
  




بۇ تېمىنىڭ چۇشەندۇرىلىشىدىن قارىغاندا ،مەندە مەجبۇرى كەيپىيات كىسىلى باردەك قىلىدۇ.


شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8263
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 10:07:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(1670154432) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

بىر قىسىم ئالامەتلەر نۇرمال ئادەملەردىمۇ ئاندا- مۇندا كۆرۈلۈپ قالىدىكەن. لىكىن ئۇزاققىچە داۋاملاشسا ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ بىقىش كىرەك.

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8263
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 10:09:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(wisalay) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا قەلەم، قەغەز ئىلىپ كۆرگەن چۈشىڭىزنى يىزىپ بىرىڭ. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز دەپ بەرگەن چارە ئىدى، ئۇنۇتقاقلىقنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار.

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8263
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 10:15:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  kahrizat كە 2011-11-18 02:01 AMئەۋەتىلدى  :
مەجبۇرىلىق كېسىلى- ئاڭلاپ باقماپتىمەن  
强迫症 چىنچە مۇشۇنداق دەيدۇ، ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىدا ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە  دەپ ئاپتۇ. لىكىن بۇ ئادەمنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىكەن، شۇڭا مەجبۇرلۇق كىسىلى دەپ ئالدىم.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18090
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5919 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 10:51:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:5قەۋەتتىكى(1670154432) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

رەخمەت سىزگە ،مەنمۇ نەچچە رەت دوختۇرغا  كۇرۇنۇشنى ئويلىغان بولساممۇ جۇرئەت قىلالمىدىم ،ناۋادا راستىنلا شۇنداق دەپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ قوقتۇم .
مەن خىيال قىلاي دەپ قىلمايمەن بىراق شۇ كۆڭۇلسىز ئىشلار ئىسىمدىن چىقماي ئۇنىڭ سەۋەپچىسى مەندەك ھىس قىلىپ ئۆز-ئۆزەمنى ئەيپىلەپ ئاخىردا يەنىلا شۇ ئۇلۇپلا قۇتۇلايچۇ دىگەن خۇلاسە چىقىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش