مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2643|ئىنكاس: 14

تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29587
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8458
تۆھپە نۇمۇرى: 2066
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 07:55:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىشىدىكى سىر



دۇنيا بويىچە 2 – چوڭ قۇملۇق – تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ دۇنيادا تېخى يېشىلمىگەن نۇرغۇن سىرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ ياتماقتا ، شۇڭا ئامىرىكىلىق ئالىم مورگان ‹‹ دۇنيا سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈكلۈكتۇر ، قاچانىكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن نۇرغۇن سىرلار يېشىلگۈسى ›› دىگەن ئىكەن . ئەنە شۇ ئاجايىپ سىرلارنىڭ بىرى، بۇ مەشھۇر قۇملۇققا تىلسىم بولغان شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىشىدۇر .
1.    تەكلىماكان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، تەڭرىتېغى 1 مىليۇن 660 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتۇن تۇپرىغىمىزنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ . تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى 530 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، تارىختا ئالتە شەھەر ئاتالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆلىمى 337 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ، دۇنيادا سەھرايى كەبىر قۇملىقىدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ سانىلىدىغان تەكلىماكان قۇملىقى جايلاشقان . بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان كۆپلىگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەكلىماكاننى ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈپ ، بىزنى مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلدى .
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، تارىم ئويمانلىقى مۇندىن 230 مىليون يىللار ئىلگىرى چوڭ بىر دېڭىز ئىكەن . مۇندىن 67 مىليون يىللار ئىلگىرى ، يەنى يېڭى ھاياتلىق ئىراسىنىڭ 3 – دەۋرىدە ھىمالايا تېغى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھەم دەريا ئېقىنلىرى پەيدا بولغان . مۇندىن تەخمىينەن 100 مىڭ يىللار ئىلگىرى قۇملۇق شەكىللەنگەن. تارىم ئويمانلىقىنىڭ كېلىماتى كەم دىگەندىمۇ يېڭى ھاياتلىق ئىراسىنىڭ 4 – دەۋرىدىلا قۇرغاق كېلىمات بولۇپ شەكىللەنگەن . قۇملۇقنىڭ ھۆل – يېغىن مىقدارى يىلدا 20 – 80 مىللىمېتىر بولغان . ھازىر قۇملۇققا ئېقىپ كىرىدىغان دەريا 24، ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 39 مىليارت 200 مىليون كۇب مېتىر ، يەر ئاستى سۇ زاپىسى 8 تىرلىيون 157 مىليارت 800 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ . قۇملۇق 3 – 5 مېتىر كولانسىلا سۇ چىقىدۇ ، ئۇ سۇنى خېمىيىلىك تازىلاشتىن كېيىن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ . بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قەدىمدە تەكلىماكان دەريالار تورى شەكىللەنگەن جاي ئىكەن ، 90 – يىللاردىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا تەكلىماكاندا يىلىغا 650 مىليۇن كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىپ  تۇرىدىكەن .
تەكلىماكان قۇملىقىدا ھاياتلىق مەۋجۇت ، قۇملۇق ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئۆسۈملۈك تۈرىدىن 80 خىل ، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن 277 خىل ، بېلىق تۈرىدىن 38 خىل ، قۇشلار تۈرىدىن 189 خىل بارلىقى بايقالغان .1①
تەكلىماكان قۇملۇقى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىي قىسمى بولغان تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ دېڭىز ئوكيانلار بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولۇپ تەخمىنەن 2 – 3 مىڭ كېلومېتىر كېلىدۇ ، تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىدۇر . ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، دېڭىز ئوكيانلاردىن كۆپ يىراق (تېنچ ئوكيانغا 3800 كىلومېتىر، ھىندى ئوكيانغا 1900 كىلومېتىر، شىمالىي مۇز ئوكيانغا 3900 كىلومېتىر، ئاتلانتىك ئوكيانغا 6500 كىلومېتىر )  ، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا تارىم ئويمانلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىگى، تەڭرىتاغلىرى، قارا قورۇم تاغلىرى، ئالتۇنتاغ قاتارلىق دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاغلار ئوراپ تۇرغانلىقتىن ( ھىمالايا تېغى بىلەن قارا قۇرۇم تاغلىرى 5000 مېتىردىن ئىگىز، چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىگىمۇ 4000 مېتىر ئىگىز) نەم ھاۋا ئېقىمى تارىم ئويمانلىقىغا كىرىپ ھۆل – يېغىن پەيدا قىلالمايدۇ. شۇڭا تارىم ئويمانلىقىنىڭ كېلىماتى تىپىك قۇرغاق كېلىمات بولۇپ شەكىللەنگەن.ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا ئاتلانتىك ئوكيان ، شىمالىي مۇز ئوكياندىن كەلگەن نەم ھاۋا تەڭرىتاغلىرى ۋە پامىر ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ، ناھايىتى ئاز مىقداردا تارىم ئويمانلىقىغا كېلىدىكەن . تېنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندىن كەلگەن سۇ پارىمۇ ناھايىتى ئاز مىقداردا چىڭخەي – شىزاڭ ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ تەكلىماكانغا يېتىپ كېلىدىكەن ، شۇڭىمۇ پامىر ئىگىزلىگىنىڭ غەربىي ، تەڭرىتاغنىڭ غەربىي قىسىم جايلىرىدا دېڭىز ئوكيانلاردىن كەلگەن نەم ھاۋانىڭ تەسىرىدە ھۆل يېغىن مىقدارى 300 ~ 800 مىللىمېتىرغا يېتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارىنىڭ 6 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ . تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشلار تارىم ئويمانلىقىنىڭ دېڭىز – ئوكيانلاردىن يىراق ، ئىگىز تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرغانلىقتىن، نەم ھاۋانىڭ بۇ بالاياتقۇغا ئوخشايدىغان ئويمانلىققا كىرەلمەسلىگى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىكەن . يىراق دېڭىز ئوكياندىن كەلگەن ئاز مىقداردىكى نەم ھاۋا تاغ تىزمىلىرىدا قار مۇز بولۇپ ئويۇپ، ئويمانلىقنىڭ سۇ مەنبەئىگە ئايلانغان .
تارىم ئويمانلىقىنىڭ جۇغراپىيىلىك ھالىتىدىن قارىغاندا شەرق تەرىپى بىر ئاز ئوچۇق بولغانلىقتىن دائىم شەرقى شىمال بورىنى چىقىدۇ ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ %85 كۆچمەن قۇملۇق بولغانلىقتىن، ‹‹ قۇملۇقتا شامال كۈچى بەش بالغا يەتسىلا ، قۇمنىڭ كۆچۈشىنى شەكىللەندۈرىدۇ ›› ①1 ، قۇملۇق ھازىر يىلىغا 10 نەچچە مېتىر تېزلىك  بىلەن كېڭەيمەكتە . ئىگىزلىگى 1 – 2 مېتىرغىچە بولغان  قۇم دۆۋىسى يىلىغا 1 – 5 .1 مېتىر  يۆتكىلىدۇ ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدە قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ھەرىكىتى 10 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ ، ھەتتا 100 مېتىرغىمۇ يېتىدۇ ، قۇم دۆۋىسى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ھەرىكەتچان بولىدۇ .
تارىم ئويمانلىقىنىڭ ‹‹ ئىچكى قىسمىدىكى يەر تۈزۈلۈش شارائىتى غەرب ئىگىز ، شەرق پەس ، جەنۇب ئىگىز ، شىمالى پەس ، غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان . ئويمانلىقنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى دېڭىز يۈزىدىن 1200 ~ 1400 مېتىر ئىگىزلىكتە . شەرقىي ، شەرقىي شىمال تەرىپىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى 815 ~ 875 مېتىر ئىگىزلىكتە ، ئەڭ تۆۋەن بولغان لوپ كۆلى 760 مېتىر ئىگىزلىكتە … ›› ② . دىمەك ئىگىز تاغ تىزمىلىرىدىكى قار مۇزلارنى مەنبە قىلغان دەريالار كۆپ ھاللاردا شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ ئېقىپ بوستانلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن .
تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكىلوگىيە تارىخى خېلى كۆپ تەتقىق قىلىنغان ، بەزى ئالىملار ‹‹ تارىم ئويمانلىقى ئىزچىل تۈردە قۇرغاقلىشىۋاتىدۇ ›› دېسە ، كۆپ سانلىق ئالىملار : ‹‹ 20 مىڭ يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقى قۇرغاق چۆل مۇھىت بولۇپ ئۆزگەرگىنى يوق . ئەلۋەتتە بەزى دەۋرلەردە تېمپىراتۇرىدا ئۆزگىرىش بولۇپ كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، لېكىن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن ›› دەپ قارايدۇ .
تارىم ئويمانلىقىنىڭ قۇرغاق ئىچكى ئويمانلىق بولىشى ، ھۆل – يېغىن مىقدارىنىڭ ئاز بولىشى ، تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرىلىقىدىن، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنىڭ يۇقۇرىلىقى سەۋەبلىك تۇپراق نەملىگىنى ناھايىتى تېز يوقىتىدۇ ، نەتىجىدە قۇملىشىش كۈچۈيىدۇ . دۆلەت 218 – تاشيولىنى بويلاپ ماڭغاندا، لوپ لەنگەر ئەتراپىدا شۇنچىكىلا شامال چىقسا ، قۇمنىڭ خۇددى سۇدەك ئاققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
2. تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى
”تەكلىماكان“دىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك ماكاننىڭ نامى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار پەيدا بولدى.  ”تەكلىك ماكان“ ( ئۈزۈملۈك ماكان)،  ”تەركى تۈركان“  (تۈركلەر تاشلاپ كەتكەن ماكان)،  ”تەكە ماكان“  ( تەكە شاپتۇللۇق ماكان)،  ”تەكتى ماكان“  ( تېگى ماكان)،  ”چېھىل ماكان“ ،  ”تاكلا ماكان“  (تۇخار قەبىلىسىنىڭ نامى تاكلا ئىدى، شۇنىڭدىن تاكلانىڭ ماكانى مەنىسىدە ياسالغان دىگەن قاراش) … دىگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا چۈشتى. بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا شەرھىيسى بار، بۇرۇن كۆپى ئىنكار قىلىنغان. مەن تۆۋەندە پەقەت ئىككىلا قاراش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمەن. بىرىنچىسى يېقىندىن بۇيان كۆپۈيىۋاتقان  ”تاكلا ماكان“  بولۇپ  ( ئېنگىلىزچە ۋە ياكى بەزى يازما مەتبەئەلەردە خۇددى روبېرت شاۋ 1860 – يىللىرىدىكى  ‹‹ تاتار ئىگىزلىگى ، ياركانت ، كاشغەرلەرگە ساياھەت ›› ناملىق كىتابىدا Takla Makan  دەپ ترانسىكفىكسىيە قىلغىنىدەك ترانسىكفىكسىيە قىلىنغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ ، لېكىن Taklaنى تۇخار بىلەن تەڭلەشتۈرىدىغان قانداق ئاساس بار ؟ ) بۇ قىلچە ئاساسى يوق  پەرەز بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان، «شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى›› 2000- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئاپتورلار ئۆز پەرەزلىرىنى پاكىت كۆرسىتىپ ئىسپاتلاشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلار ئىشەنچىسىز بولۇپ قالغان. بۇ يەردە گەپ تەكلىماكان نامى قاچان بارلىققا كەلگەن ؟ تاكلا بۇ زېمىندا قاچان ياشىغان؟ ئۇلار قانداق ئاتالغان؟ ئاپتورلار تۇخرىلارنى تاكلا دەپ ئاتالغان دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ( بۇ قاراش ئەمەلىيەتتە بۇ ئاپتورلارنىڭ تەتقىقاتى بولماستىن مەشھۇر تۈركشۇناس سېن جوڭمىيەن نەچچە ئون يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى) . مەشھۇر دراما ئەسىرى «مائىترى سىمىت›› ئەنە شۇ تۇخرى تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ، ئاپتورلار  ” تاكلا “ دەپ ئاتىغان بۇ خەلقنى، خەلقىمىز تارىختا  ”تۇخرى“ (بەزى ماتېرىياللاردا تۇخار، تۇخارىستان دەپ ئېلىنىدۇ ) دەپ يازغان بولۇپ ھەرگىزمۇ ”تاكلا“ دېمىگەن، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى››نى تەرجىمە قىلغاندا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى پرتانراكشىت « مائىترى سىمىت ››نى تەرجىمە قىلغاندا ، ئاپتورلار  ”تاكلا“ دەپ قارىغان نامنى ئېنىق قىلىپ «تۇخرى›› دەپ يازغان.  ئۇلارنى  ”تاكلا“  دېيىش تەكلىماكان نامىنى تۇخرىلارنىڭ نامىدىن كەلگەن ،  ”بۇ زېمىن ئەسلىدە تۇخرىلارنىڭ زېمىنى ئىدى“  دىگەن مۇددىئانى چىقىش قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقىلغان. گېرمانىيىلىك ۋورنا ۋېتنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا  تۇخرىلار بىلەن تۈرك – ئۇيغۇرلار تىبەتنىڭ شىمالىدا ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن .  « تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ›› قاتارلىق ئابىدىلەردە تۇخارلار تۈرك رونىك يېزىقىدا  toqar  دەپ يېزىلىدۇ . ئەلۋەتتە بۈيۈك راھىپ شۇەنزاڭ بۇ جايلاردىن ئۆتكەندە ”تۇخرى“ (睹货逻故国) دىيىلىدىغان بىر ئەلنىڭ (ئاللا بۇرۇن ۋەيران بولغان) بولغانلىقىنى يازغان، باشقا خەنزۇچە كىلاسسىك يازمىلاردا 吐火罗  دەپمۇ خاتىرىلىنىدۇ. گېرك مەنبەلىرىدە Tókharoi دەپ ، لاتىنچە مەنبەلەردە Tochari دەپ ، ئەنەتكەك تىلىداTukhära دەپ خاتىرىلىنىدۇ، يۇقارقى مەنبەلەرنىڭ ھېچ بىرىدە تۇخرىلارنى  ”تاكلا“  دىگەنلىگى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، تاكلا دىگەن نامنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغىنىنى چۈشۈنۈپ بولمايدۇ . بۇ ئەل گەرچە تۇخرى ئېلى نامىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ھېچ بىر مەنبەدە بۇ نامنىڭ بۇ دۇنياۋىي قۇملۇققا نام بولغىنى خاتىرىلەنمىگەن، شۇڭىمۇ ئۇ چاغلاردا قۇملۇق «ئاقار قۇم›› ( 流沙) ، «قۇم ئېقىنى›› (沙河) دىگەندەك ناملاردا خاتىرىلەنگەن. بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يەنە تۇران قۇملۇقى 突伦碛 دەپمۇ خاتىرىلەنگەن. ناۋادا بۇ قۇملۇق تۇخرىلارنىڭ نامىدىن ئېلىنىپ تۇخرى قۇملۇقى (بەزى ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە ئالساق تاكلا قۇملۇقى) دەپ ئاتالغان بولسا، سەيياھلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق خاتىرلىمەيدۇ؟ مەھمۇد كاشغەرى نىمىشقا شۇنچە چوڭ قۇملۇقنىڭ نامىنى خاتىرلىمەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغلاردا بۇ قۇملۇققا ئىسىم قويۇلماستىن  ”قۇملۇق“  دەپلا ئاتالغان بولىشى مۈمكىن  ( دوكتۇر سىۋېن ھېدىن « مېنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ھاياتىم ›› دىگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەكلىماكاننى  ” ئاۋۇ قۇملۇق“ دەپ ئاتايدىغىنىنى يازغان ). ھازىرقى نامى تەكلىماكان ئۇنداق قەدىمىي نام بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قويۇلغان ۋە تەدرىجىي ئومۇملاشقان. روسىيىلىك تاتار تىلشۇناسى تېنىشېۋ ئەپەندى تىل نۇقتىسىدىن بۇ نامنى تەتقىق قىلىپ « تەرك- لع- ماكان›› دىن كەلگەن دىگەن يەكۈنگە ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى كروران ئەپەندى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇيغۇرچە قوليازما «تەۋارىخى مۇسقىييۇن››دا «تەرك مەكان›› دەپ خاتىرىلىگىنىنى پاكىت قىلىپ ئوخشاش يەكۈنگە يەنى «تەرك››كە «لع›› قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ ھەمدە ماكان بىلەن قوشۇلۇپ پۈتۈن بىر نامغا يەنى تەكلىماكانغا ئۆزگەرگەن دىگەن يەكۈنگە ئېرىشكەن. تەكلىماكان نامىنىڭ تەرك ماكاندىن ئۆزگىرىپ كېلىشى يازما ئىسپاتى ھەم تىلشۇناسلىق تەھلىلى ، ئىجتىمائى دەۋر تەھلىلى بولغان پاكىتلىق قاراشتۇر. تارىختا  ئەجدادلىرىمىز قۇم تېگىدە قالغان يۇرت ماكانلىرىنى ئەسلەپ ھىكايە رىۋايەت قىلىشقانلىرىدا، تەرك ئەتكەن ماكانلىرىنى ئەسلەپ بۇ قۇملۇققا  ”تەرك ماكان“  دەپ ئىسىم بەرگەن، بۇ ئىسىم تەدرىجىي سىلىقلىنىپ تەكلىماكانغا ئۆزگەرگەن. خۇددى ئەجدادلىرىمىز تەرك ماكان دېگىنىدەك ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە دەريا ئېقىنلارنىڭ يۆتكىلىشى،  قىسقىرىشى  سەۋەبلىك يۇرت ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان، ئانا دەريا تارىم ئەنە شۇنداق ماكانلارنىڭ تەرك ئېتىلىپ خەلقنىڭ سەرسان سەرگەردان بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئىھاتىلەپ، كۈچ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە بوستانلىق بەرپا قىلىپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە ئانا دەريانى قۇتقۇزغانلىق ئۆز ئۆزىمىزنى قۇتقۇزغانلىق بولۇپ، ھازىر سۇ باشلىنىۋاتقان «يېشىل كارىدور›› دىگەن نامىلا قالغان ئاياغ ئېقىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇقلار  تەكلىماكان  بىلەن قۇمتاغ قۇملۇقلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىپ، چەرچەن ، چاقىلىق ۋە ئاياغ ئېقىندىكى 36-، 35-، 34-، 33-، 32-،31- ئىشلەپچىقىرىش پولكلىرىنىڭ قۇم ئاستىدا قېلىپ تەرك ئېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1995 – يىلى 20 – مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، تەكلىماكان قۇملىقىدا ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرنىڭ تاش قوراللىرى ھەم ئىپتىدائىي كەنتلەرنىڭ خارابىلىرى بايقالغان . تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ  3/2 قىسمى خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان ، ئۇزۇنلۇقى 2200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ . مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تارتىپلا خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 30 دىن ئوشۇق شەھەر قۇم تېگىدە قالغان ، قۇملۇق جەنۇبقا 200 كېلومېتىردىن ئوشۇق سۈرۈلگەن . ①1
2000 يىلدىن بۇيان تەكلىماكان ئەتراپلىرىدىكى قۇملىشىپ كەتكەن زېمىن 28266 كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ ، پەقەت 20 – ئەسىرنى مىسالغا ئالساق تەكلىماكان ئەتراپلىرىدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەر 8564 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ . يۇقارقىلاردىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قەدىمدە ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن گۈللەندۈرۈلگەنلىكىنى ، كېيىنكى چاغلاردا مەلۇم تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئەنگىلىيىلىك پېتىر خوپكىرىك ‹‹ يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار ›› ناملىق كىتابىدا ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا قۇم يۇتۇپ كەتكەن شەھەرلەرنىڭ سانى 300دىن ئاشىدىكەن دەپ يازغان ، بىز گەرچە بۇ ساننى ئەمەلىي سان دەپ قارىمىساقمۇ، مەسىلىنىڭ مەلۇم تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارايمىز .
تەكلىماكان يۇتۇپ كەتكەن بىر قىسىم قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ جايلاشقان ئورنى ، گۈللەنگەن ۋە ۋەيران بولغان دەۋرلىرى ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلار ، ‹‹ شىنجاڭ يىلنامىسى 1992 ›› نىڭ تىتۇلىدا ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت خەرىتىسى ››دە بېرىلگەن . بىز شۇ خەرىتىگە ئاساسلىنىپ تەكلىماكاننىڭ شەرق ، شەرقىي جەنۇب ، جەنۇب تەرەپلىرىدىكى قۇم يۇتقان بوستانلىقلارنى مۇلازىمىزنىڭ مەركىزىدە قويىمىز .
1.    كروران : خەنزۇچە مەنبەلەردە 楼兰، قارۇشتى پۈتۈكلىرىدە kroraina دەپ يېزىلغان،  مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنقى زامانلاردا گۈللەنگەن، تەخمىنەن 6 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسى ياكى ئاخىرلىرى ۋەيران بولغان . گۈللەنگەن چاغلاردىكى ئاھالىسى يۈز مىڭغا يېقىن كېلىدۇ ، بۇ شەھەر خارابىسى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىغا جايلاشقان، دەريانىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىىسى لوپ(نۇر) كۆلىدۇر . كروران شەھىرىنىڭ كۆلۈمى 100 كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ ، كۈچلۈك شەرقىي شىمال بورىنى شەھەرنىڭ نۇرغۇن خارابىلىرىنى يىمىرىپ، ئۇچۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، ھازىرقى ساقلىنىپ قالغان خارابە ئىزلىرىنىڭ ئىگىزلىكلەردە بولىشى ۋە يارداڭلىقلار بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ھېسابلىنىدۇ . كروران شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھازىرقى چاقىلىق ، چەرچەن ، نىيا ، لوپنۇر ناھىيىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كروران – چەرچەن دۆلىتى قۇرۇلغان. يازما ماتىرىياللارغا قارىغاندا ‹‹ ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى ›› ، ‹‹ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى ››غا ئوخشاش قانۇنلارنى تۈزۈپ قاتتىق ئىجرا قىلغان ، خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۆۋەتچىلىك بىلەن سۇ تۇتۇلغان ھەم سۇ تۇتۇش پۈتۈگى بولغان . شۇ دەۋرلەردىكى بەزى پۈتۈكلەردە سۇنىڭ ۋە ئاشلىقنىڭ قىسلاشقانلىقى خاتىرىلەنگەن .
2.    LK شەھىرى : ئەنگىلىيىلىك ئارخىئولوگ ئاۋرال سىتەيىن تەرىپىدىن LK شەرتلىك بەلگىسى بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ شەھەر خارابىسى لوپ كۆلىدىن 50 كىلومېتىردەك يىراقلىقتا ، كۆنچى دەرياسىدىن كېلىدىغان سۇنى ھاياتلىق مەنبەئى قىلغان . كروراندىن بۇرۇنراق گۈللىنىپ كېيىنرەك خاراپ بولغان ، ئەمەلىيەتتە كروران شەھىرىنىڭ بىر رايونىدىن ئىبارەت .
3.    مۈرەن كونا شەھىرى خارابىسى ( قۇتۇم شەھىرى ) : تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئۇلغايغان ۋاقىتلاردا بۇ شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ۋە ئېكىلوگىيىسىگە مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن . بۇ شەھەر خارابىسى مۈرەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ھاياتلىق مەنبەئىي قىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇن گۈللىنىپ ، مىلادىيە 11 – ئەسىردىن بۇرۇن ۋەيران بولغان . كروران – چەرچەن خاندانلىقىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرش ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا مۇھىم بۇددا دىنى مەركىزى ھېسابلىنىدۇ . خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە  屯城 ،七屯 ،古屯  دەپ ، ئۇدۇن ساك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا قېتىم ~ ھۈتىم دەپ ، پارسچە ئەسەردە KHATUM دەپ يېزىلغان . بۇ شەھەر خارابىسىدە ناھايىتى زور سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلىشى بارلىقى ئىسپاتلاندى ، ئالىملار تېرىلغۇ كۆلۈمىنى 17 مىڭ مو ، سۇغۇرۇش كۆلۈمى 45 مىڭ مو دەپ ھۆكۈم قىلدى . كروران ئېلى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈبۈتلەر ئىشغالىيىتىدىمۇ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى بولغان ، ھازىر خارابىنىڭ غەربىدە دېھقانچىلىق 2 – دېۋىزىيىسى 36 – پولك ( ئەسلىدىكى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن يېزىسى ) بار. مىرەن بوستانلىقى ئەسلىدە لوپلۇقلارنىڭ مال چارۋا باقىدىغان رايونلىرىدىن بولۇپ 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تېرىقچىلىق مەيدانىغا ئايلانغان ، 1921 – يىلى تارىم دەرياسى ئېقىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، لوپلۇقلار مىرەن بوستانلىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .
4.    قاغان بالىق ( ئاتاغوجىخان شەھىرى ~ ئوتۇغۇچخان شەھىرى ) : ئالتۇنتاغ سۇ سېستىمىسىدا بولۇپ مىلادىيىدىن بۇرۇنلا گۈللەنگەن ، مىلادىيە 11 – ئەسىردىن بۇرۇن تەخمىنەن 10 – ئەسىرلەردە ۋەيران بولغان . ئورنى چاقىلىق دەرياسى بويىدا ، ھازىرقى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ئەتراپىدا 2 – 3 شەھەر خارابىسى بولغان ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىلا 11 – ئەسىردىن بۇرۇن ۋەيران بولغان . بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا بىر مەزگىل ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە 2 – ئەسىرگىچە ) چەرچەن خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان . خەنزۇچە مەنبەلەردە  扞泥، 扜泥 ،欢泥 دەپ خاتىرىلەنگەن ، قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە khvani ياكى kuhani دەپ خاتىرىلەنگەن . شەھەرنىڭ نامى تەتقىقاتچى مېڭ فەنرېننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ‹‹ خان تۇرىدىغان شەھەر ›› دىگەن مەنىدە ئىكەن ، بۇ ئاتالغۇ  تۈرك ئۇيغۇر تىلىدىكى قاغان نامى بىلەن يېقىن كېلىدۇ . تەلەپپۇز جەھەتتىنلا ئەمەس يەنە مەنە جەھەتتىنمۇ يېقىن كەلگەنلىكتىن بۇ نامنى قاغان شەھىرى دەپ ئالدۇق ، بەزى خەنزۇچە ماتىرىياللاردا بۇ ئاتالغۇ ‹‹ چارقۇدۇق شەھىرى››  دەپ ئېلىنغان . ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ۋە ئىككى يېزا 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، خوتەن تەرەپتىن كەلگەنلەر بىلەن كېيىنچە تۇرپان تەرەپتىن كەلگەنلەر تەرىپىدىن قايتا گۈللەندۈرۈلگەن ، لوپلۇقلارمۇ تەدرىجىي كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان .
5.    لوپ شەھىرى ( ۋاششەھىرى كونا شەھىرى خارابىسى ): بۇ شەھەر مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا گۈللەنگەن ، مىلادىيە 15 – ئەسىرلەردە ۋەيران بولغان . شەھەر خارابىسى ۋاششەھىرى دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنى بويىدا ، ھازىرقى ۋاششەھىرى يېزىسى بوستانلىقنىڭ 7 كېلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا . مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا نوپچۇق (弩支城) دەپ ، 7 – ئەسىردە بىر قېتىم قايتا گۈللەندۈرۈلگىنى ئۈچۈن ‹‹ يېڭى شەھەر ›› (新城)  دەپ ئاتالغان . ئوتتۇرا ئەسىرلەردە لوپ شەھىرى دەپ ئاتالغان بولۇپ خەنزۇچە مەنبەلەردە 罗卜 دەپ ، 13 – ئەسىردىكى ماركوپولونىڭ ساياھەتنامىسىدە LOP دەپ خاتىرىلەنگەن، چاغاتايچە كىلاسسىك يازمىلاردا شەھىرى لوف ~ لوپ دەپ يېزىلغان . بۇ خارابىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بوستانلىق 19 – ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ گۈللەندۈرۈلگەن ۋە ۋاششەھىرى دەپ ئاتالغان . شەھەر خارابىسىنىڭ دائىرىسى 2 كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ ، شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، كەلكۈننىڭ ئىزلىرى ساقلانغان بولۇپ بەزىلەر شەھەر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە ۋەيران بولغان دەپ قارىلىدۇ .
6.    شەھىرى كىتىك : بۇ شەھەر خارابىسى تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا بولۇپ چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىن 218 دۆلەت تاشيولىنى بويلاپ 100 كېلومېتىردەك يۈرسە، توقۇم دىگەن جايغا بارىدۇ ، شۇ يەردىن غەربكە ئىشەكلىك يېرىم كۈن يۈرسە ئېتەك تېرىم دىگەن يەرگە بارىدۇ ، شەھىرى كىتىك مانا مۇشۇ ئېتەك تېرىم دىگەن يەردە . بۇ شەھەرنىڭ قاچاندىن باشلاپ بەرپا بولغانلىقى نامەلۇم ، ئەمما مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا گۈللىنىپ تۇرغانلىقى ئىلمىي پەرەز قىلىنماقتا . شەھىرى كىتىك تىبەتچە يادىكارلىقلاردا kadak، خوتەن ساك يېزىقىدا  kadaka ، پارسچە ‹‹ ھۇدۇدۇل ئالەم ››دە KHADHAK ، خەنزۇچە يادىكارلىقلاردا 怯台 دەپ يېزىلغان . چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا كاتاك ، كاناك ، كىتىك ، كېتەك دىگەندەك بىر قانچە خىل خاتىرىلەنگەن . ئەينى تارىخىي دەۋرلەردە تەكلىماكاندىكى شەھەرلەرنىڭ مەركىزى بولغان بولۇپ ‹‹ تارىخى خەمىسەئى شەرقىي ›› ، ‹‹ زەفەرنامە ›› قاتارلىق ئەسەرلەردە ئېنىق ئۇچۇرلار ساقلانغان . شۇڭىمۇ نۇرغۇن رىۋايەتلەردە شەھىرى كىتىكنىڭ ئورنى تەكلىماكان بويىدىكى چەرچەن ، چەرچەن بىلەن خوتەن ئارىسىدا ، لوپنۇر ناھىيىسىدە ، بۈگۈردە ، مارالبېشىدا دىگەندەك ھەر خىل قاراشلار بارلىققا كەلگەن ، ئەمما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ شەھەرنىڭ ئورنىنىڭ ئېتەك تېرىمدا بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى ھاياتلىق مەنبەئىي قىلغان شەھىرى كىتىك مىلادىيە 1340 – يىللار ئەتراپىدا ۋەيران بولغان .
7.    شەھىرى مەردەك : كونكىرىت ئورنى تۇقۇم دىگەن جاينىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدۇ ، بۇ شەھەر خارابىسىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تارامىنى ھاياتلىق مەنبەئى قىلغان ، مىلادىيىنىڭ بېشىدىن مىلادىيە 14 – ئەسىرلەرگىچە گۈللىنىپ تۇرغان ، موڭغۇللار ئىستىلاسى دەۋرىدە گۈللىنىپ تۇرغانلىقى ۋە بۇ شەھەرنىڭ شەھىرى كىتىك بىلەن بىر دەۋردە ۋەيران بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۈمكىن . بەزى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇ شەھەر خوتەن ساك يېزىقىدىكى يازمىدا خاتىرىلەنگەن Padakä  دەپ يېزىلغان شەھەر مۇشۇ خارابە ئىكەن .
8.    شەھىرى تەركەن : ئاتاغلىق تارىخچى موللا مۇسا سايرامىي ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ›› ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، قۇم تېگىدە قالغان شەھەرلەردىن بىرىدۇر . مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ‹‹ تارىخى رەشىدىي ››دە شەھىرى تەركەن ھەققىدە  مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ ، قولىمىزدىكى نەشىرلىرىدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار يوق ، ھازىرچە شەھەرنىڭ نامىدىن باشقا ھىچقانداق ئۇچۇر يوق .
9.    شەھىرى چەمەن : موللا مۇسا سايرامىي ‹‹ تارىخى ھەمىدىي ››دە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ، قۇم تېگىدە قالغان 17 شەھەرنىڭ بىرى ، چەرچەننىڭ خەنزۇچە نامى 且末 بىلەن يېقىن كېلىدۇ ، ئېھتىمال چەرچەننىڭ قەدىمىي نامى بولىشى مۈمكىن.. چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ 5 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر خارابىسى ، چەرچەن دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنى يېقىن جايدا كۆرۈلىدۇ . شەھەر خارابىسىنىڭ كۆلۈمى 5 كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ . مىلادىيىنىڭ باشلىرىدىلا گۈللەنگەن بولۇپ 13 – ئەسىرلەردىمۇ گۈللىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلار بار.
10.    سارمادان قەدىمكىي شەھىرى: چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ 95 كىلومېتىر شىمالىدا ، كۆلۈمى 2.5 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ . مىلادىيە 645 – يىلى شۇەنزاڭ بۇ يەردىن ئۆتكەندە شەھەردە ئادەم بولمىسىمۇ شەھەرنىڭ مۇكەممەل تۇرغانلىقى يېزىلغان .  قەدىمكى چەرچەننىڭ قارۇشتى يېزىقىدىكى خاتىرىسى چالمادانا ، خەنزۇچە خاتىرىسى 折摩驮 那 ، ئۇيغۇرچە ‹‹ شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى ››دا سارمادان دەپ يېزىلغان .
11.     قەتران: چەرچەن خەلق ئېغىز  ئەدەبىياتىدا ساقلانغان شەھەر نامى . بەزىلەر : تاتراڭ يېزىسىنىڭ نامى ‹‹ قەتران ›› دىگەن نامدىن كەلگەن، قارايدۇ . تاتراڭ بوستانلىقىنىڭ شىمالىدا يەنە ئىككى شەھەر خارابىسى بار ، بۇ خارابىلەر تېخى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلمىگىنى ئۈچۈن ، كونكىرىت ئورنى ۋە گۈللەنگەن دەۋرى توغرىسىدا پاكىتلىق ماتىرىيال يوق .
12.    تۆگە سۇلاغ كونا شەھىرى : چەرچەن ناھىيە قوشساتما يېزا  تۆگە سۇلاغ كەنتىنىڭ 2.5 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا . بۇ خارابە شەرقتىكى چەرچەن دەرياسىغا 6 كىلومېتىردەك كېلىدۇ ، چەرچەن دەياسىنىڭ كونا ئېقىنى ئۇنىڭ غەربىدە بولۇپ بىر كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ .
13.    ھولولوگىيە : ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى پېتىر خوپكىرىك ‹‹ يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار ›› ناملىق كىتابىدا، راھىب فاشەننىڭ بۇ شەھەرنىڭ قۇم تېگىدە قالغان دەپ يازغان دىگەن ئۇچۇرىدىن باشقا مەلۇمات يوق .
14.    تۇخرى ئېلى : ئەندىر دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىغا جايلاشقان ، مىلادىيىدىن بۇرۇن گۈللەنگەن ، لېكىن مىلادىيە 640 – يىلىدىن بۇرۇن ۋەيران بولغان . خەنزۇچە كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئۇچرايدىغان 都货逻故国 ئېلىنىڭ نامىدۇر. قەدىمكىي ئۇيغۇرچە ماتىرىيالدا ئەسكى تۇخرى بالىق دەپ يېزىلغان .
15.    ئەندىر خارابىسى : بۇ خارابە نىيا ناھىيسىى تەۋەسىدە بولۇپ ئەندىر دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنى بويىغا جايلاشقان . كروران ئېلى دەۋرىدە گۈللەنگەن شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ شانلىق مەدەنىيەت يارىتىلغان. بۇ يەردە 3 خارابە ئىزى بولۇپ ئاقچېكە كۆۋرۈك  خارابىسى ( ئەندىر چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ 15 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا ) ۋە داۋزىلىق ( يۇقارقى فېرمىنىڭ 27 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدا ) ، تىم  قاتارلىقلار  7 – ئەسىردە تاشلىنىپ قالغان بولىشى مۈمكىن . بەزى تېپىلمىلارنىڭ يىل دەۋرى 15 – ئەسىردىن كېيىنكى دەۋرگىمۇ توغرا كېلىدۇ ، مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا 7 – ئەسىردىكى ۋەيران بولۇشتىن كېيىن 15 – ئەسىرلەرگىچە بولغان دەۋرلەردە قايتا گۈللىنىپ يەنە ۋەيران بولغان بولىشى مۈمكىن .
16.    نىيا : نىيا ناھىيە بازىرىنىڭ 150 كېلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ نىيا دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا . مىلادىيە 4 – ئەسىرلەردە ۋەيران بولۇپ كېيىن يەنە قايتا گۈللەندۈرۈلگەن . خەنزۇچە تارىخىي ماتىرىياللاردىكى 精绝国 ۋە  尼壤  دەپ خاتىرىلەنگەن . قارۇشتىچە پۈتۈكتە Nina  ۋە Cadota دەپ يېزىلغان ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئوغاي بالىق دەپ تەرجىمە قىلغان .
17.    قارلۇق : بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ كونكىرىت ئورنى تېخى نامەلۇم ، ‹‹ بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى ›› دة، بۇ شەھەر ئاھالسى بۇددىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنى ئۈچۈن بۇددىنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ ، قاتتىق بوران چىقىپ شەھەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن دىيىلگەن . بۇددا ئەھكاملىرىغا ھۆرمەت قىلغان بىر قىسىم ئاھالە ھايات قالغان ۋە باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەن .
ھازىرقى ئېغىز رىۋايەتلىرىگە ۋە يازما خاتىرىلەرگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ خارابىلەر يەنىلا قۇم تېگىدە تىلسىم بولۇپ ياتماقتا . بۇ خارابىلەردىن بەزىلىرىنىڭ نامى ۋە ئورنى بىزگە مەلۇم بولسىمۇ ، كۆپ قىسمىنىڭ تېخى نامەلۇم .
مۇلاھىزە
بىز يۇقۇرىدا كۆرگەن قىسمەن ئۇچۇرلاردىن بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ :
1.    ھەر بىر خارابە دەريانىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان . شەھەر خارابلىشىپ قايتا گۈللەندۈرۈلگەندە يېڭى بەرپا قىلىنغان يۇرت دەريانىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا سۈرۈلگەن .
2.    كونا شەھەر خارابىلىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ھازىرقى زامان بوستانلىقى بار.
3.    شەھەر خارابىلىرىنىڭ ئەتراپىدا دەريالارنىڭ بىر قانچە كونا ۋە ھازىرقى ئېقىنى بار. شەھەر خارابىلىرى دەريانىڭ كونا ئېقىنى بويىغا جايلاشقان .
4.    شەھەرلەر قايتا بەرپا قىلىنغاندا، شەھەر بوستانلىقلىرى تەدرىجىي دەريالارنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا ، جەنۇبقا ياكى شەرققە سۈرۈلگەن.
  بىز شەھىرى كىتىك ۋە قارلۇق شەھىرى ھەققىدىكى يازما ھەم ئېغىز رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغىنىمىزدا بەزى ئورتاقلىقلارنىڭ  مەۋجۇتلىقىنى بىلەلەيمىز . شەھىرى كىتىكنىڭ ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ، قارلۇق شەھىرى ئاھالىسى بۇددا دىنىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنى ئۈچۈن، غەزەبكە ئۇچراپ شەھەرلەر ۋەيران بولىدۇ . شەھىرى كىتىكنى قۇم بېسىپ كەتكەندىن كېيىن بىر قىسىم ئاھالە جالالىددىن كىتىكى باشچىلىقىدا تارىم دەرياسىنى بويلاپ كۆچۈدۇ ، ئاقسۇ ئايكۆل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ماكانلىشىدۇ . قارلۇق شەھىرى ئاھالىسىدىنمۇ بۇددىغا ھۆرمەت قىلغانلىرى قۇم باسقان بۇ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىدۇ . كروران شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قۇمۇل تەرەپلەرگە كۆچۈپ لاپچۇق شەھەرچىسىنى بەرپا قىلغانلىقى ماتىرىياللاردا خاتىرىلەنگەن . بىز مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن شەھەرلەرنىڭ قانداقتۇر رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك تەساددىبىي ئاپەت بىلەن ۋەيران بولۇپ، قۇم تېگىدە قالغان بولماستىن تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلى يۇرتىنى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان .
شەھىرى كىتىك ، قارلۇق شەھىرى قاتارلىقلار قۇم تېگىدە قالغان ، قۇم ئەلۋەتتە قۇرغاق مۇھىت ، قاتتىق بوران ، بۇزۇلغان ئېكىلوگىيە تۈپەيلى قۇم كۆچۈپ، ئىنسانلارنى يۇرت ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىشى مۈمكىن .
كروران شەھىرىدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردىن مەلۇم بولىشىچە ‹‹ ئورمان مۇھاپىزەت قانۇنى ›› ، ‹‹ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى ›› … قاتارلىق قانۇنلار ئارقىلىق ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن . قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە سۇنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىگى ، سۇنىڭ نۆۋەت بويىچە تىزىملىنىپ تۇتۇلىدىغانلىقى خاتىرىلىنىش بىلەن بىرگە ئاشلىق ئىستىمالىنى ئازايىتىش توغرىلىق خاتىرىلەر بار.
چاقىلىق ، چەرچەن ناھىيسىدىن گەنسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ بارغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى يۇغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ ئوخشاش بىر مەسىلە يەنى قاتتىق بوران چىقىپ يۇرت ماكانىدا ئاپەت بولغانلىقى ، مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ياۋنىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقى ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن كۆچۈپ چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ .
قۇملىشىش ۋە شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشى
ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، قۇرغاق ، يېرىم قۇرغاق رايونلاردا قۇملىشىشنى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ھەم ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . مانا بۇلار ئالىملارنىڭ قۇرغاق ، يېرىم قۇرغاق رايوندىكى قۇملۇقلارنى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئاساسىدا چىقارغان يەكۈنى ، قۇرغاق رايون بولغان تارىم ۋادىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس . ئۇنداقتا ، تارىم ۋادىسىدىكى قۇملىشىشنىڭ ، شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كېتىشنىڭ ئاساسىي ئامىلى نىمە ؟ تارىم ۋادىسىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ قۇملىشىشنى ، شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس ، چۈنكى تارىختا تارىم ۋادىسىنىڭ نوپۇسى 3 مىليونغا يەتمىگەن ، يەنە كېلىپ ئاھالىلەرنىڭ بىر قىسمى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسا ، يەنە بىر قىسمى دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان . شۇڭا پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى سەۋەبىدىن بۇزۇلىشى مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر تارىم ۋادىسىدا قۇملىشىش ۋە شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كېتىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىشكە توغرا كەلسە ،  ئۇرۇش ۋە باشقا ئامىللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى مىسال كەلتۈرۈش مۈمكىن . 19 – ئەسىردىن كېيىنكى ئەھۋال ئايرىم تۇنۇشتۇرۇلغانلىقتىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى .
ھاۋا رايى – كېلىماتنىڭ تارىم ۋادىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ، بۇ ھەقتە تەتقىقاتلار ناھايىتى كۆپ بولدى .  بۇ تەتقىقاتلاردا ئاساسەن ئىككى خىل قاراش مۇھىم ئۇرۇن تۇتماقتا . بىرى ، تارىم ۋادىسى 20 مىڭ يىلدىن بۇيان ئىزچىل قۇرغاقلاشماقتا – دىگەن قاراش . يەنە بىرى تارىم ۋادىسىدا 20 مىڭ يىلدىن بۇيان قۇرغاق مۇھىت ئىزچىل ھۆكۈم سۈرگەن ، بەزى ۋاقىتلاردا قۇرغاقلىشىش كۈچلۈك بولغان ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن – دىگەن قاراشتۇر . بۇ قاراشلارنىڭ كېيىىنكىسى ئىلمىي ئىسپاتلار بىلەن قوللاشقا ئېرىشمەكتە. دىمەك، قۇرغاق رايون بولغان تارىم ۋادىسىدا، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى كېلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشى ۋە بەزىدە قۇرغاقلىشىپ يەنە ئەسلىگە كېلىشى سەۋەبلىك خاراپلىشىش ، گۈللىنىش بارلىققا كېلىپ تۇرغان . ئۇنداقتا ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ كېلىمات ئۆزگۈرۈشى قانداق بولغان ؟ شىنجاڭ ھاۋا رايى تەتقىقات ئورنىدىن لى جىئاڭفېڭ ‹‹ شىنجاڭنىڭ 3000 يىللىق كېلىمات ئۆزگۈرۈشى ›› ناملىق ئەسىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا ئاساسلانساق : ‹‹ ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شىنجاڭنىڭ كېلىماتى ياۋروپانىڭكىگىمۇ ، ئاسىيانىڭكىگىمۇ ئوخشىمايدۇ . لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ … مىلادىيە 4 – ، 5 – ئەسىرلەردە كېلىمات ئىسسىشقا باشلاپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ھازىرقىدىن 1 – 2 سېلسىيە گىرادۇس  يۇقۇرى بولغان …. 581~ 907 – يىللىرىدا  2/3 قىسىم ۋاقىت سوغۇق دەۋر بولغان ، 10 – ئەسىرگە يېقىنلاشقانسېرى تېمپىراتۇرا ئۆرلەشكە باشلىغان … 10 – ئەسىردە تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەشكە باشلاپ تاكى 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان ، ئاخىرلىرىغا بارغاندا تېمپىراتۇرا يۇقۇرىلاپ ، ئوتتۇرىچە يىللىق تېمپىراتۇرا ھازىرقىدىن 1 سېلسىيە گرادۇس يۇقۇرى بولغان … 1285 ~ 1290 – يىللىرى تېمپىراتۇرا يۇقۇرىلاپ ، ھاۋا ئىللىپ قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولغان ، تۇرپان – قۇمۇللاردا جۈملىدىن غەربىي شىمالدا تېرىقچىلىق قىلىشمۇ مۈمكىن بولمىغان … ›› ① 1. روشەنكى ، شىنجاڭدا قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى بىلەن تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىگەن ، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كەتكەن ۋاقتى ماس كېلىدۇ . ئۇنداقتا ، كېلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ ؟
سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەئىي ، سۇنىڭ بولۇش بولماسلىقى ، مىقدارى شۇ ۋادىنىڭ گۈللۈنىشى ۋە ياكى خارابلىشىشىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ . تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەئىمۇ سۇ ، تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ۋەيران بولىشى ياكى گۈللىنىشىنى تارىم ۋادىسىنى قورشاپ تۇرغان ئىگىز تاغلاردىكى قار مۇزلارنى مەنبە قىلغان دەريالارنىڭ ئېقىن ئەھۋالى بەلگىلىگەن . تارىم ۋادىسى دېڭىز ئوكياندىن 2 – 3 مىڭ كىلومېتىر يىراقتا بولغانلىقتىن ، دېڭىز ئوكيانلاردىن كەلگەن نەم ھاۋانىڭ ئاز بىر قىسمىلا تارىم ۋادىسىغا يېتىپ كېلىدۇ ، ئەمما نەم ھاۋا تارىم ئويمانلىقىنى قورشاپ تۇرغان ئىگىز تاغلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن نەم ھاۋانىڭ بىر قىسمى ئارقىسىغا قايتىدۇ ، بىر قىسمى قار – مۇزغا ئايلىنىدۇ ، ئاز بىر قىسمىلا ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىغا كىرىپ ھۆل يېغىنغا ئايلىنىدۇ . كېلىمات ئىسسىپ ، تېمپىراتۇرا يۇقۇرىلىغاندا ئىگىز تاغلاردىكى قار مۇزلار ئېرىپ، ھۆل – يېغىن مەزگىلىدە كەلكۈن پەيدا قىلىدۇ ، تېمپىراتۇرا داۋاملىق يۇقۇرى بولسا ، مۇزلۇقلارنىڭ ئورنى يۇقۇرىلاپ ، دەريالارنىڭ سۈيى تەدرىجىي تارتىلىدۇ . ئېقىن مىقدارى يۇقۇرى چوڭ  دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدا سۇ ئازلاپ كېتىدۇ ياكى يۇقۇرى ئېقىندىلا قالىدۇ . پەسىللىك دەريالاردا كەلكۈن مەزگىلىدىن كېيىن سۇ ئۈزۈلۈپ قالىدۇ ، نەتىجىدە نۇرغۇن شەھەر بوستانلىقلار ھاياتلىقنىڭ مەنبەئىي سۇدىن ئايرىلىپ قېلىپ خارابلىشىدۇ ، بۇنى كۆچمەن كۆل نەزەرىيىسىمۇ ئەمىلى پاكىت بىلەن ئىسپاتلايدۇ .
تارىم دەرياسى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا ، لوپ كۆلى تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قۇيۇلۇش ئورنى . كۆنچى دەرياسىمۇ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ . ‹‹ كۆچمەن كۆل ›› نەزەرىيىسى بىر ئەسىردىن بۇيان مۇنازىرە كۆپ بولغان جەلپكار مەسىلە ، بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ قۇيۇلۇش ئورنى مەسىلىسىدۇر .
جۇغراپىيە ئىلمى ئالىمى شى گوجېن ئەمىلىي تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىگە ئاساسلانغاندا ، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ قۇيۇلۇش ئورنى مىلادىيىنىڭ بېشىدا كروران – لوپ كۆلى ، 600 ~ 900 – يىللاردا قۇتۇم ( مىرەن ) – لوپ كۆلى ( كېيىنكى مەزگىللەردىكى قارا قۇشۇن كۆلى )، 900 – يىللاردىن 18 – ئەسىرگىچە يېڭىسۇ – ئارغان ئەتراپلىرىنى ئاياغ قۇيۇلۇش ئورنى قىلغان . 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە قاراقۇشۇن كۆلى ( قۇتۇم – مىرەن ) ، 1921 – يىلىدىن باشلاپ كروران لوپ كۆلى ، 1952 – يىلىدىن باشلاپ قارا بوران كۆلى – تارتما كۆلىگە قۇيۇلغان . 1958 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە كروران لوپ كۆلىگە ، 1962 – يىلىدىن باشلاپ داشكۆل سۇ ئامبىرىنى ئاياغ قۇيۇلۇش ئورنى قىلغان ①1 . يېقىنقى يىللاردا ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا ، قارا قۇشۇن كۆلىدىن كروران لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغان ئېقىن بارلىقى بايقالغان ، بۇنداق بولغاندا سۇ تازا ئۇلغايغان يىللىرىدا قارا قوشۇن كۆلىدىن ئېقىپ چىققان سۇ كروران لوپ كۆلىگىمۇ قۇيۇلغان دىيىشكە بولىدۇ .
تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا لوپ كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 768 مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ 1931 – يىلىدىكى كۆلۈمى 1900 كۇۋادىرات كىلومېتىر ، سەل كېيىنرەك 3006 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يەتكەن ، 1962 – يىلىغا كەلگەندە 660 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان ۋە 1972 – يىلى كۆلنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەنلىگى ئىسپاتلانغان . تارتما كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 807 مېتىر ئىگىز بولۇپ 1959 – يىلىدىكى كۆلۈمى 88 كۇۋادىرات كىلومېتىر ، بۇ كۆلمۇ 60 – يىللاردىلا قۇرۇپ كەتكەن . يۇقۇرىدا ئېيتىلغان لى جىئاڭفىڭ ۋە شى گوجېنلارنىڭ تەتقىقاتىنى ، لوپ كۆلى ۋە تارتما كۆللىرىنىڭ كۆلەم ئۆزگىرىشىنى ھەمدە دەريالارنىڭ قۇيۇلۇش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا ، شۇ نەرسە ئېنىق بولىدۇكى ، تارىختا كېلىمات ئۆزگىرىش ، قۇرغاقلىشىش ، ئەسلىگە كېلىش ، ئۆزگىرىشتەك ھالەتتە تۇرغان . نەتىجىدە كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۇزىرىشىنى ، قىسقىرىشىنى ، يۆتكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . سۇنىڭ قۇرغاق رايوننىڭ ھايات – مامات ئۆلچىمى ئىكەنلىگى چاقىلىق خەلقى تەرىپىدىن ‹‹ جەننەت ماكان›› دەپ ئاتالغان ‹‹ يېشىل كارىدور ››نىڭ قۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ، داشكۆل سۇ ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارىم دەرياسى ئېقىنىنىڭ 300 كېلومېتىر قىسقىرىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى  ، چۆللىشىش ، قۇملىشىپ كېتىش ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى .
تارىم ۋادىسىنىڭ قۇملىشىشىنى تەبىئىي ئاپەت بىلەنلا يەكۈنلەشكە بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئازاتلىقتىن بۇيانقى دەۋرنى ئالساق 1949 – يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نوپۇسى 4 مىليون بولغان ، 1990 – يىللارغا كەلگەندە 16 مىليونغا، 2003 – يىلى 19 مىليون 339مىڭدىن ئاشتى . شىددەت بىلەن كۆپەيگەن ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، زور كۆلەمدە يەر ئېچىش يەنى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ، توغراق ، يۇلغۇن ، چاتقال بىلەن قاپلانغان يەرلەر بوز يەر سۈپۈتىدە ئۆزلەشتۈرۈلدى ، نەتىجىدە ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلدى . ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى نەتىجىسىدە  كونا بوستانلىقلارنىڭ سۈيى يېڭى بوستانلىقلارغا باشلاندى . 1949 – يىلى تارىم ئويمانلىقىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆلۈمى 1060 تۈمەن مو بولغان بولسا ، 1980 – يىلى 1930 تۈمەن موغا يەتكەن . 1980 – يىلىغىچە تارىم ئويمانلىغىدا ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى سۇ  ئامبىرىدىن 206 سى قۇرۇلغان . ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ۋە ئېكىلوگىيىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبلىك ، تارىم ۋادىسىدىكى قۇملۇق  1889 – يىلىدىن 1990 – يىلىغىچە 8564 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېڭەيگەن . بۇنىڭ سەۋەبلىرىگە ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنغان مۇنۇ خەۋەرمۇ جاۋاپ بېرىدۇ: ‹‹ پۈتۈن يەر مەيدانىغا نىسبەتەن ھېسابلىغاندا ، شىنجاڭدا ھەر كۇۋادىرات كېلومېتىر يەرگە 6 ئادەم توغرا كېلىدۇ ، خەلقارا ئۆلچەمدىن ئىككى ئادەم ئارتۇق . ئەگەر يېشىللىق كۆلۈمى بويىچە ھېسابلىسا ئاھالە زىچلىقى ھەر كۇۋادىرات كىلومېتىر يەرگە 173 كىشىدىن توغرا كېلىپ، خەلقارا ئۆلچەمدىن 30 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ كەتكەن ›› . 1999 – يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ئومىي نوپۇسى 17 مىليون 750 مىڭغا يەتكەن ۋە ئومۇمىي كۆلىمىگە نىسبەتەن 9 دىن ئادەم توغرا كەلگەن . ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %95 تىدىن كۆپرەگى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي كۆلۈمىنىڭ %5. 3 تىنى ئىگەللەيدىغان بوستانلىققا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . بۇ بوستانلىقلارنىڭ ھەر كۇۋادىرات كىلومېتىر يەرگە توغرا كېلىدىغان زىچلىقى 207 ئادەمگە يەتكەن . شۇڭا ئېيتىشقا بولىدۇكى ، تارىم ۋادىسىنىڭ قۇملىشىشىدا كېلىماتنىڭمۇ ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىنىڭمۇ تەسىرى بولغان ، بۇ ھەقتە ئەلۋەتتە ئوبېكتىپ باھا بېرىش لازىم ، شۇڭا ھەرگىزمۇ قۇملىشىشنى كېلىمات كەلتۈرۈپ چىقارغان دىگەن يەكۈن بىلەن ئۆز سەۋەنلىگىمىزدىن قاچماسلىقىمىز لازىم .
تۆۋەندە بىز بىر قىسىم كېلىمات ئىستاتىسكىسىنى كۆرۈپ باقايلى :
جاي نامى     ھۆل يېغىن
mm    پارلىنىش
mm     يۇقۇرى تېم-
پىراتۇرا    تۆۋەن تېم-
پىراتۇرا    بورانلىق
كۈن    يۇقۇرى شامال
سۈرئىتى    ئوتتۇرىچە شامال
سۈرئىتى
چاقىلىق    17. 4    2902    43. 6    -27. 2    36 .9    43m/s    17m/s
نىيا    30. 5    2756    41. 5    -28 .3        8 بالدىن يۇقۇرى
   
خوتەن    32. 6    2642    43. 2    -28 .3    54    19m/s    14m/s
خۇلاسە
يۇقۇرىدا بىز تارىم ۋادىسىنىڭ قىسقىچە جۇغراپىيىسى ، قۇم يۇتۇپ كەتكەن شەھەرلەرنىڭ ئورنى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ، تارىم ۋادىسىنىڭ كېلىمات تارىخى ، دەريالارنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق . ئەمدى ئومۇملاشتۇرۇپ قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ كۆرەيلى :
تەكلىماكان قۇملىقى ئىچكىي قۇرۇقلۇق يېپىق ئويمانلىقى تارىمنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان . بۇ قۇملۇقنىڭ %85 تىنى كۆچمەن قۇملار تەشكىل قىلغان ، بەش بال شامال چىقسىلا قۇمنىڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ رايوننىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى ئوچۇقراق بولغاچقا ، شەرقى شىمال بورىنى كۆپ چىقىدۇ . تارىم ۋادىسىدىكى جۈملىدىن تەكلىماكان قۇملىقى يۇتۇپ كەتكەن شەھەرلەر تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋەكلىرىگە جايلاشقان ، ئىگىز تاغ تىزمىلىرىدىن باشلانغان دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدا . قۇرغاق رايوننىڭ ھاياتلىق مەنبەئىي سۇ ، ئىگىز تاغلارنىڭ قار – مۇزلىرىنى سۇ مەنبەئىي قىلغان دەريالارنىڭ سۇ ئۆزگۈرۈشى كېلىمات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . يۇقۇرىدا بىز كۆرگەندەك مىلادىيە 3 ~ 4 – ئەسىرلەردە ، مىلادىيە 14 – ئەسىرلەردە ھاۋا تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ ، دەسلەپ كەلكۈن پەيدا قىلغان.  كېيىن مۇزلۇقلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقۇرىلىشىغا ئەگىشىپ سۇ ئازلاپ ، دەريالارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدا سۇ تەدرىجىي تۈگەپ قۇرۇپ كەتكەن ، بۇنى ئەينى دەۋردىكى سۇنىڭ قىسلاشقانلىقى ۋە ئاشلىق ئىستىمالىنى ئازايتىش ھەققىدىكى يازما پاكىتلار ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ھاياتلىق مەنبەئىي سۇدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى ‹‹ تەرك ›› ئېتىپ باشقا جايلارغا كۆچۈپ ھاياتلىق ئىزلىشى مۇقەررەر. مەسىلەن : كرورانلىقلارنىڭ قۇمۇلغا ، كىتىك شەھىرىدىكىلەرنىڭ ئاقسۇ – كۇچارلارغا كۆچۈشى ، بۈگۈنكى كۈندە پىچان ناھىيىسىدە ( لوپ كارىز) ، قۇمۇلدا ( لاپچۇق)، كورلا شەھىرىدە ( لوپئېرىق) ۋە ئاۋات ناھىيىلىرىدە لوپلۇقلارنىڭ بولۇشلىرى، كورلا (چەچى يزىسىدىكى كىتىكلىكلەر) ۋە ئاقسۇدا كىتىك ناملانغان مەھەللىلەرنىڭ بولىشى، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى يۇغۇر مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى بولغان سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ چاقىلىق ۋە چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىدىن كۆچۈپ بارغانلاردۇر. بىز يۇقۇرىدا كۆرگەن رىۋايەتلەردىكىگە ئوخشايدىغان كىتىك ۋە قارلۇق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆچۈشىمۇ ھاياتلىق ئىزلەپ كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ . بەزى شەھەر خارابىلىرىدە كەلكۈن ئىزنالىرى بايقالغان بولغاچقا، بەزى ئالىملار شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ ، مېنىڭچە بۇ خىل ئېھتىماللىق ئانچە چوڭ ئەمەس . چۈنكى شەھەر – بوستانلىقلار ھاياتلىق مەنبەئىي سۇدىن ئايرىلمىسا، ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئەجداتلىرىمىزمۇ خۇددى ھازىرقىدەك يۇرت ماكانىدىن ئاسانلىقچە ئايرىلمىغان بولاتتى ، يەنە بىر مەسىلە كەلكۈننىڭ ۋەيران قىلىشىغا كەلسەك، كەلكۈن زادى شەھەرلەر ۋەيران بولغاندىن كېيىن بولغانمۇ ياكى ئىلگىرىمۇ بۇنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ . ناۋادا كەلكۈن كېلىپ بۇ شەھەر بوستانلىقلارنى ۋەيران قىلدى دېسەك، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ناتۇنۇش يۇرتلارغا كۆچۈپ ھاياتلىق ئىزدىگىنىدىن كۆرە، كەلكۈن پەيدا قىلغان ئېقىن بويلىرىدا يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇش كۆپ ئاسان بولاتتى . بىز رىۋايەتلەردە شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ ئۇندىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ كۆچكەنلىگىنى كۆردۇق ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ كەلكۈننىڭ ئاپىتىدىن كۆرە قۇرغاقچىلىق پەيدا قىلغان ئاپەتنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . دەريا ئېقىنلارنىڭ قۇرىشى تۈپەيلى سۇسىز قالغان زېمىندا، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە ئورمانلار قۇرۇپ كەتكەن ، نەتىجىدە قۇم توسالغۇسىز كېڭەيگەن . بىر مەزگىلدىن كېيىن كېلىمات ئەسلىگە كېلىپ دەريا ئېقىنلار تەدرىجى نورماللاشقاندا، قۇم بېسىپ كەتكەن ئەسلىي ئېقىندا سۇ ئاقالماي باشقىدىن ئېقىن تارتىشقا مەجبۇر بولغان . ئەسلىدىكى شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يۇرتلارغا كېيىنچە كۆچۈپ كەلگەنلەر تەرىپىدىن يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان يۇرت دەريانىڭ يېڭى ئېقىنى بويىدا ۋە دەريانىڭ ئېقىنىنىڭ باش تەرىپىدە يېڭى بوستانلىقلارنى بەرپا قىلغان . بۇ بوستانلىقلار – ھازىرقى بوستانلىقلار بىلەن قەدىمكى خارابىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ‹‹ شىنجاڭ يىلنامىسى 1992 ›› ساياھەت خەرىتىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۈمكىن . ئالىملار مۇشۇ خارابىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى بوستانلىىقلار بىلەن بولغان ئارىلىقلىرىنى ئۆلچەپ ، قۇملۇقنىڭ 200 كىلومېتىردەك سۈرۈلگەنلىگىنى بايقىغان . تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنى ‹‹ يېشىل كارىدور ›› دەپ ئاتالغان ، مانا ئەمدىلىكتە بولسا پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا . بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە تەبىئىي ئاپەت بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىدۇر . ئازادلىقتىن كېيىن تارىم دەرياسىنىڭ باش ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا زور كۆچ بىلەن مىسلىسىز دەرىجىدە بوز يەر ئېچىلدى ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇلدى . يېڭى ئېچىلغان يەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 1980 – يىلىغىچە تارىم ۋادىسىدا چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 206سى قۇرۇلدى ، نەتىجىدە تارىم دەرياسىنىڭ 300 كىلومېتىردەك ئاياغ ئېقىنى سۇسىز قېلىپ ‹‹ يېشىل كارىدور ›› قۇم كارىدورىغا ئايلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ‹‹ ئازادلىقتىن بۇيان شىنجاڭدا كېڭەيگەن قۇملۇق كۆلۈمى 50 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئوشۇق ، بۇنىڭ ئىچىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدە كېڭەيگەن قۇملۇق كۆلۈمىلا 30 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ . ئەسلىدە (يېشىل كارىدور ) نامى بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ھازىر %70گە يېقىن يەر قۇملىشىپ كەتكەن ، شۇ ئورۇندىكى بوستانلىقلارنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۈمكىنچىلىگى بارا – بارا يوققا چىقماقتا ›› . تارىم دەرياسى ئېقىنىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەسلىدىكىدىن 300 كېلومېتىر قىسقىرىشىنى داشكۆل سۇ ئامبىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دىيىش مۈمكىن .
قەدىمكى زامان تارىخىمىزدا شەھەرلەرنىڭ كېلىمات ئۆزگۈرۈشى تۈپەيلىدىن چۆللىشىشى بىلەن ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى سۇنى بوغۇپ ، بوز ئېچىش پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان چۆللىشىش ئوخشاش بولغان ، ئوخشىمايدىغان يېرى ئالدىنقىسى كېلىماتنىڭ تەسىرىدە تەبىئى ئاپەت بولغان، كېيىنكىسى ئىنسانلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان . دىمەك ئانا تەبىئەت ئىنتايىن مۇھىم ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىدا ھاياتلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۇ بولۇپ قەدىمكى دەۋردىكى شەھەرلەر ھاياتلىق مەنبەئى سۇدىن ئايرىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان .


MGNBG:http://www.korkam.biz/tapsilat.asp?id=778

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 501
توردا: 6173 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:23:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇھەقىقەتەن سىرلىق ماكاندە.تەكىماكانغا مىھرىم چوڭقۇر.

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9916
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكان دىگەن سۈزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ تەكلىك ماكان دىيلىشى تۇغر بۇلىشى مۇمكىن، چۇنكى تەكلىماكانىڭ شەرقى شىمالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتلىنىڭ بىر تۇرپان بار، ھازىرمۇ تۇرپاندا ئۈزۈم تىلىنى تەك دەيدۇ ھەرگىزمۇ ئۈزۈم تىلى دىمەيدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۈزۈم ئۈستۈرۈلگەن بۇلىشى مۇمكىن شۇڭا تەكلىك ماكان تەلەپۇزغا ماسلىشىپ تەكلىماكان بۇلغان بۇلشى مۇمكىن، ھازىرقى ئۈزبىك تىلىدىمۇ   لىق   قۇشۇمچىسى   لى    شەكلىدە كىلىدۇ     كۈچلى سىرلى...

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 11:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرتىمىز بايلىق ماكانى

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65457
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3410
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 299 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 11:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكان سۈيۈملۈك يۇرتۇم،
سانسىز يىللار باش ئەگدى ساڭا.
كارۋانلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭ،
سىڭىپ كەتتى باغرىڭغا يوللار.
(ئابلەت ئابلىكىمنىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىدىن ئېلىندى)

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:28:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكان - تەكتىماكان - بايلىق ماكانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11638
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 700 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 12:35:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tARIH Mang gu tarih bop kiliwiridu, uning siriga yiqkim yitalmaidu, hammisi pakat paraz arkilikla bolidu/

بايراقدار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21382
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7134
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 2163 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 01:53:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ...ئاۋال ساقلىۋالاي

سەۋىر ~~ئەڭ ياخشى تاللاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65423
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 02:48:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزمىزنڭ مۇشۇنداق ئەزىز ماكاندا  ياشاۋاتقىنمز دىن پەخىر لەنسەك  بولدۇ                 رەخمەت سىز گە !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60680
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5314
تۆھپە نۇمۇرى: 737
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 03:32:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ سۈرئەتتە كېڭەيسە خوتەن شەھىرىمۇ دۇنيادىن غايىپ بولىدۇ،ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا بەك-بەكدېققەت قىلايلى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش