2011-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ--نۇمۇر سىزىقى 360بولىدۇ
تور بېكىتىمىزنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى. بۈگۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئىشخانىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2011-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى نەتىجىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمى ئېلان قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ نۇمۇر سىزىقى 360 نۇمۇر، ئېتىبار بېرىدىغان
رايونلار 4كە بۆلۈندى. ئۇلار شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 280نۇمۇر. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شۇنداقلا سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق بەش ئۆلكىدىكى ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ نۇمۇر سىزىقى 305 بولىدۇ، سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق بەش ئۆلكىگە بىۋاستە قاراشلىق ناھىيەلەرنىڭ 310 بولىدۇ. يۇقاردا بايان قىلىنغان رايونلاردىن باشقا ئېتىبار بېرىلىدىغان رايونلارنىڭ نۇمۇر سىزىقى بىر تۇتاش 315 بولىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ توربەت يۈزىدە ياكى تېلىفون ئارقىلىق نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. بېيجىڭ، خېبىي، تىيەنجىن، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، لىياۋنىڭ، خېيلۇڭجاڭ، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق رايونلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر16839800 غا تېلىفون قىلىش ئارقىلىق، قالغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار 16899800غا تېلىفون قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.
توربەت يۈزىدە سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن:
جۇڭگۇ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى:
http://www.legalinfo.gov.cn
ئادۋۇكات توربېكىتى (ئۇيغۇرچە):
http://www.adwukat.cn/portal.php?mod=topic&topicid=4
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئورگان توربېكىتى:
http://moj.gov.cn
دىن سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئىمتىھان نەتىجىڭىزگە قارىتا گۇمانلىرىڭىز بولسا 15كۈن ئىچىدە ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان رايونلۇق ئەدلىيە ئورگانلىرىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىندىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئورۇندىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئادۋۇكات توربېكىتى سۈرخان تەرجىمىسى.
ئالدىنقى كۈنلەردە مەكتىپىمىزگە ئەدلىيە نازارىتىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر تېلىفون قىلىپ بۇ يىللىق ئەدلىيە ئىتىھانى توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئېيتتى، مەسىلەن بۇ يىلقى شىنجاڭ بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىقلارنى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ‹سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى›نىڭ بۇ يىلقى ئىمتىھاندا تۇتقان ئورنىغا ئېتىبار بەرمەسلىك، ئەسلىدىنلا نەزىرىيە بىلىمىنىڭ كەمتۈك بولىشى قاتارلىقلاردا ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى ‹سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى›ناملىق دەرسلىك كىتاپنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تارقاتلىقىمىزنى، ۋە شۇ مەزمۇنلارغا قاتتىق ئېتىبار بېرىشنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلگەچكە شۇنداقلا نەچچە يىللىق ئەمىلىي نەتىجىلىرىمىزنى، ئەليۇلئەلالارنىڭ ھەر يېلى ئەزھەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە بۇ يىلقى يۇقىرى نەتىجىنىڭ يەنىلا بىزدىن چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئىمتىھاندىن بۇرۇن ۋە ئىمتىھاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار بىر قانچە قېتىم ئالدىن پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدا بۇ يىلدا يېڭى رېكورت يارىتىلىدىغانلىقى ئەمما يۇقىرى نەتىجىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەمەس بەلكى قازاق ئوقۇغۇچىلاردىن چىقىش ئىھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان. قالغىنى ئەتە ئايان بولىدۇ.
ھازىر ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىدە ھاياجان، ئوقۇغۇچىلار توختىماستىن تېلىفون قىلىپ ئەھۋاللىشىۋاتىدۇ، بۇ يىلقى تەقدىرلەش چوڭ يىغىنىنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتىدۇ. يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر-بىرلەپ قايتىپ كەلمەكتە. قېنى ئەتە قانداق خۇشاللىقلار بولار؟ بۇنى ياراتقۇچىنىڭ ئۆزىگە ئامانەت قويدۇق....
ئاستىدىكىسى يۇقاردا مەن تەرجىمە قىلغان خەۋەرنىڭ ئەسلى ئورگىنالى.
2011年国家司法考试成绩11月18日公布 合格分数线360分
本网北京11月16日讯 记者秦静 今天,司法部国家司法考试办公室发布公告(公告全文),2011年国家司法考试成绩于11月18日公布,全国合格分数线为360分。放宽报名学历条件地区合格分数线分为四档,其中:西藏自治区合格分数线为280分;内蒙古、广西、宁夏、新疆4个自治区,四川、贵州、云南、甘肃、青海5个省的少数民族自治州、自治县的合格分数线为305分;四川、贵州、云南、甘肃、青海5个省所辖的县(市、区)合格分数线为310分;除上述10省(区)外,全国放宽报名学历条件地方合格分数线为315分。使用少数民族语言文字试卷参加考试的,单独确定合格分数标准。
考生可于11月18日上午8时起,通过司法部网站——中国普法网(
http://www.legalinfo.gov.cn)和声讯电话查询本人成绩,北京、天津、河北、山西、内蒙古、辽宁、吉林、黑龙江、山东、河南等地区的应试人员请使用声讯电话16839800,其他地区请使用声讯电话16899800。 应试人员考试成绩以司法行政机关书面通知为准。
应试人员对考试成绩有异议的,可自考试成绩公布之日起15日内,向报名地司法行政机关提出分数核查的书面申请。香港、澳门考区应试人员对考试成绩有异议的,可向原报名机构提出分数核查的书面申请。