 |
 |
 |
 |
تېلىفونۇڭغا تېلىفون قىلىپ بولۇپ، ئۇلىنىپ بولغۇچە يۈرىكم دۈپۈلدىگەن ھالدا ئىتتىكلا بېسىپ ئۈزىۋەتتىم،چۈنكى تېلىفونۇڭنىڭ ئۇلىنىپ قېلىشىدىن،تېلىفوندىن ‹‹ۋەي››دېگەن ئاۋازىڭنىڭ ئاڭلىنىپ قېلىشىدىن،مېنىڭ تېلىفون قىلغانلىقىمنى بىلىپ قېلىشىڭدىن قورقتۇم،شۇڭا تېلىفونۇڭ ئۇلىنىپ بولغۇچە ئۈزىۋەتتىم،نېمىشقا شۇنداق قىلىمەن ؟نېمىشقا ساڭا تېلىفون قىلغۇم، ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم كېلىدۇ-يۇ ،يەنە يۈرۈكۈم سالغان ھالدا تېلىفوننى ئۈزىۋېتىمەن؟
كاللام ئەنە شۇنداق ئايىقى چىقماس <<نېمىشقا>>لار بىلەن توشۇپ كەتتى،بۇ << نېمە ئۈچۈن>>لەرگە پەقەت تىنىمسىز ھالدا ئۈنسىز تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىملا پىچىرلاپ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.......نېمە دەپ جاۋاب بېرەتتى؟<<سەن ئۇنى سېغىندىڭ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىڭ،تېلىفوندا بىر قېتىم بولسىمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالماقچى ،شۇ ئارقىلىق ئۆزەڭگە تەسەللىي تاپماقچى، مىسكىن كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇرماقچى...!>>دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئاسىي كۆز ياشلىرىم...!
راست،سېنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم، خىيالىڭنىڭ دائىملىق ھەمراھىغا ئايلانغان،چىن يۈرىكىڭدىن سۆيىدىغان بىرسىنى <<ئۇنتۇپ كېتىمەن>>دەپلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىكەن!
<<بولدىلا ،ئۇنتۇپ كېتەي،يۈرىكمدىن چىقىرىۋېتەي،خىيالىمغا پەقەتلا كەلتۈرمەي....!>>دەپ ئويلايمەن ۋە ئۆزەمنى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ بېقىشقا مەجبۇرلايمەن،لېكىن شۇنچە خىيالىمدىن ھەيدىگەنسېرى تېخىمۇ بەكراق كاللامغا كىرىۋالىسەن، كاللامنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئورناپ كېتىپسەن، سېنى خىيالىمدىن چىقىرىۋېتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن قارىغاندا......!
نېمىشقىكىن يىغلۇغۇملا كېلىپ تۇرىدۇ، يۈرىكىم شۇنداق دەرتلىك،قولۇم پەقەتلا ئىشقا بارمايدۇ، كۆزلىرىم ئەتراپتىن سېنىڭ سىمايىڭنى ئىزدەيدۇ،خۇددى ئەتراپتا سەن باردەك،تۇيۇقسىزلا قېشىمغا كېلىپ قوللۇرۇمنى تۇتۇپ،كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ<<كەچۈر گۈلۈم، مېنى كەچۈر، ھەممە سەۋەنلىك مەندىن ئۆتتى،مەن ساڭا ۋىجدانسىزلىق قىلدىم،مەن خاتا قىلدىم،مېنى كەچۈرەلەسەنمۇ ....؟!>>دەپ ئەپۇ سورايدىغاندەكلا بىر خل تۇيغۇ قەلبىمنى چىرمىۋالغان، گەرچە ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ.....!
ئەگەر راستىنلا قېشىمغا قايتىپ كەلسەڭ جېنىم،سېنى كەچۈرۋېتەرمەنمۇ....؟ ھېجرانىڭدا پۇچىلانغان يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىققان كۆز ياشلىرىمنى ئاققۇزغۇنۇمچە،باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتالارمەنمۇ.....؟سېنى يەنە بۇرۇنقىدەكلا سۆيەلەرمەنمۇ...؟كاللام شۇنچىلىك گاراڭ....!خىياللىرىم شۇنچىلىك قالايمىقان.....!
ھەيرانمەن....!كۆڭلۈم سېنىڭ خىيالىڭدىن باشقا خىياللارنى قىىلشقا پەقەتلا يول قويمايدۇ،ئىككىمىز بىرگە ئۆتكۈزگەن شۇ شېرىن دەقىقىلەر خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر -بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتىدۇ.....گەرچە بۇ ئەسلىمىلەرنى كۈندە نەچچە -نەچچە رەت تەكرار-تەكرار خىيالىمدىن ئۆتكۈزسەممۇ ،يەنىلا شۇ سېنى خىيال قىلىشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا پەقەتلا رايىم يوق.....!
بىلەمسەن جېنىم...!سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قەلبىمنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خىل مىسكىنلىك چۇلغىۋالدى...!پەقەت ئۈنسىز تۆكۈلگەن كۆز يېشىلا ماڭا ھەمراھ...!ئەگەر راستىنلا يېنىمغا قايتىپ كەلسەڭ،ئاسىي يۈرىكمنى ئاختۇرۇپ،ئۆزۈمنى تىڭشاپ كۆرسەم،يەنىلا سېنى كەچۈرۋەتكىدەكمەن...!چۈنكى سېنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن ئىدىم، ئۆزى يۈرىكىدىن سۆيگەن كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق سەۋەنلىكلىرىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە ئانچە كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا.....!
قولۇم يەنە تېلىفون نومۇرۇڭنى بېسىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ....پەقەت...پەقەت ئاۋازىڭنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلىۋالسام،ئازابلىق كۆڭلۈمگە ئازىراق بولسىمۇ تەسەللى تېپىۋالساملا كۇپايە ئىدى......!
مەن بەك ئەخمەقمۇ ياكى سۆيگۈمگە بەكلا سادىقمۇ.....؟شۇ تاپتا ئۆزۈمگە قانداق باھا بېرىشنى بىلمەيلا قالدىم، پەقەت كاللامنىڭ بىلىدىغىنىم سېنى ئويلاۋاتقانلىقى،خىيالىمدا سېنىڭلا بارلىقىڭ، كۆڭۈل كۆزىلىرىمنىڭ ئەتراپتىن سېنى ئىزدەۋاتقانلىقى....!
ئامالسىزمەن....!قارىغاندا كۆڭلۈم سېنى كەچۈرۈپ بوپتۇ....بىلەمسەن جېنىم...! يۈرىكىمگە بەك چوڭقۇر ئورناپ كېتىپسەن.....!سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئاسان ئەمەسكەن.....!
سېنى ئۇنتۇش ئەمەسكەن ئاسان، قانداق ئۇنتاي شېرىن دەملەرنى. يۈرۈكۈمگە ئورناپسەن چوڭقۇر. قانداق ئۇنتاي شۇ ئەسلىمىلەرنى. 
ئۆتۈپ كەتكەننى يۈرمەيمەن تەگەپ، شېرىن ئەسلىمە قالسۇن چۈش بولۇپ. سۆيگۈمنى ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ كەتكىن، ئۆتۈنەي ،مېنى قالمىغىن ئۇنتۇپ . مەنبە : ئۆز قەلىمىم
|
 |
 |
 |
 |
|