مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2445|ئىنكاس: 17

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېگانە ئەخلاق ئۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 12:43:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     بۆلۈپ يوللاي دىسەم مەزمۇنى چېچىلىپ كىتىدىكەن ،شۇڭا تولۇق يوللىدىم زىرىكمەي تولۇق ئوقۇغايسىلەر


                                            پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېگانە ئەخلاق ئۈلگسىدۇر




پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە يۈكسەكلىكتە تەڭدىشى يوق بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇلارنى ئىنسانلار ئىچىدە ئاشۇنداق ماختاۋلارغا سازاۋەر بولۇشتا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەر دەپ ئېيتىش تامامەن مۇمكىن، چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىردەك ئۈلگە بولىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە، ئىنسانلار ئارىسىدىن ئەقىل جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل، روھ جەھەتتىن ئەڭ ساپ، قەلب جەھەتتىنمۇ ئەڭ پاك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىش جەھەتتىمۇ ئەڭ قابىل كىشىلەرنى پەيغەمبىرى قىلىپ تاللىغان ئىدى.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا نادانلىق قاراڭغۇلىقىدا يۈرگەن ئازغۇنلارنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى نۇر بولۇپ، ئۇزات ئەخلاق-پەزىلەتتە يۈكسەك چوققا ۋە مۇئامىلە ئەخلاقىدا بولسا ساپ بۇلاق ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئىنچىكە تەپەككۈر قىلغان ھەر بىركىشى ئۇزاتنىڭ، ئىنسانىي بۈيۈكلۈكلىكلەرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن مول مەنبە ۋە تۈگىمەس خەزىنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، - ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى ئادەم بالىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان ۋە ئۇزات ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرىنى خاتىملىگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! - شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ نەمۇنىلىك ھايات بولۇپلا قالماي يەنە، ئاللاھتائالانىڭ مۇنۇ سۆزى ئارقىلىق تەرىپلىشىگە نائىل بولغان ھايات بولغان ئىدى: « (ئې مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن »[1].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ مۇكەممەللىكى يەنە، ئۇزاتنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ پاكىتى بولۇپ، ئاشۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇزاتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەياكى ۋاپاتىدىن كىيىن بۇ ھەقتە خەۋەردار بولغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزاتقا ئېمان كەلتۈرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇشبۇ ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز بابىدا ئەڭ كۆرۈنەرلىك شەكىلدە نامايان بولغان ئەمەلىيەتچىل ئەخلاق- پەزىلەتلەر بولۇپ ھېسابلاندى.

پەيغەمبەر ئەخلاقىنىڭ يۈكسەكلىگى

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئىشتا ئەگىشىلدىغان ياخشى ئۈلگە بولۇپ ئۇ زاتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى شەخىس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆرنەك ۋە پەيغەمبەرلىكىگە بولسا كۈچلۈك پاكىت بولغان ئىدى، ھەمدە شۇنىڭدەك ئۇ زات ئۆزىگە ۋەھىي ئارقىلىق يىتىپ كەلگەن ئىلاھى يولنىڭ تۈرتكىسىدە، مىسلىسىز بىر ئۈممەت ۋە تەڭداشسىز بىر مەدەنىيەت قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇشبۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرغان ئىدى، بۇ ھەقتە ئۇزات مۇنداق دەيدۇ: « مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم.» [2]

ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز كىتابىدا پەيغەمبىرىنى:« سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن » دېيىشى ئارقىلىق پەيغەمبىرىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ئۆزىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن شەرەپ بولىشىغا يېتەرلىك ئىدى ۋە ئاللاھتائالا تەرەپتىن ئۆز پەيغەمبىرى ھەققىدە بېرىلگەن بۇ كاتتا گۇۋاھلىق ئۆز نۆۋىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىدىن تارتىپلا بۇيۈك ئەخلاققا ئېگە ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايتتى، ھەمدە ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن قەۋم-قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن: « ئىشەنچىلىك، راستچىل » دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر ئىدى، شۇنداقلا ئارىلىرىدىن ھېچبىرى ئۇ زاتنى يالغانچى ۋە ياكى خىيانەتكار قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان بولۇپ، بەلكى ئۇلار كىشىلەرنى ئۇنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن ئۇزاتنى : «ساراڭ، سېھرىگەر قاتارلىق» باشقا بەتناملار بىلەن تۆھمەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى دەپ تەرىپلىشىدىكى سەۋەپ ئۇزاتنىڭ پەقەت شەخسىيتىگىلا باھا بېرىش بولمىغان، بەلكى بۇ بىرىنچىدىن يۇقارقى ئايەت ئارقىلىق، پەيغەمبەرگە بۆھتان قىلىنىپ ئېيتىلغان <ساراڭ، سېھرىگەر> قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ گۈزەل خۇلق بىلەن ئەسلا بىرلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولسا، ئىككىنچىدىن كىشىدە گۈزەل ئەخلاق ئۇلغايغانسېرى ساراڭلىقتىن ئۇنىڭدا ئەسلا ئەسەر بولمايدىغانلىقىغا ئىشارە قىلغىنى ئىدى.

پەيغەمبەر ئەخلاقىغا بېرىلگەن گۈۋاھلار

  پەيغەمبەر ئەخلاقىنىڭ يۈكسەكلىكىگە بېرىلگەن گۇۋاھلارغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەخلاقنىڭ كاتتىلىقىغا ساھابىلىردىن ئەۋۋەل دۈشمەنلىرى كۆپرەك ھەيرەتتە قالغان بولۇپ، ھەتتا بۇ ئىش ئۇلار ئېچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى، مەسىلەن ئەينى دەۋىردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زامانداش بولغان پادىشاھلاردىن ئوممان پادىشاھى < جۇلەندا > نىڭ مۇسۇلمان بولۇش تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە ھەيران قالغانلىقىدىن مۇنداق دېگەن: « ئۇنىڭ ئۆزى بۇيرىغانلىكى ئىشتا تۇنجى بولۇپ ئەمەل قىلغۇچى، توسقانلىكى ئىشنى بولسا تۇنجى بولۇپ تەرك قىلغۇچى بولىشى، قىلغان غەلىبىسىدىن كۆرەڭلىمەسلىكى ۋە مەغلۇبىيتىدىن ئۆكۈنمەسلىكى ھەمدە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشى ۋە بەرگەنلىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ماڭا ئۇنىڭ، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇممي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى، مانا مەن ئۇنىڭ بەرھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىمەن.» [3]

پەيغەمبەر ئەخلاقىنىڭ باراۋەر ۋە مۇكەممەللىكى

پەيغەمبەر ئەخلاقى باراۋەر ۋە مۇكەممەللىك بابىدا، بىر پەزىلىتى يەنە بىر پەزىلىتىنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغان دەرىجىدە يۈكسەك بولۇپ مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋرچانلىق ئەخلاقى شىجائەت ئەخلاقى بىلەن، ئامانەتدارلىق ئەخلاقى سېخىلىق ئەخلاقى بىلەن، راستچىللىق ئەخلاقى بولسا ئەپۇچانلىق پەزىلىتى بىلەن ئوخشاش ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بويۇنچە بىرەر جايدا كۆرسەت ئەخلاقىنىڭ ئىككىنچى بىر جايدا كۆرسەتكەن ئەخلاقىنى بېسىپ چۈشكەنلىكى ۋە ياكى كىيىن قالغانلىقىنى ئۇچرىتالمايمىز، ھەمدە بۇ خىل ئەخلاقى تەڭپۇڭلۇق رېئال تۇرمۇشتا ئىككىنچى بىر ئىنساندا تېپىلغان ئەمەس. بۇھەقتە گېرمانىيىلىك شائىر «گاتا» مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئالى تەمسىلچىسىنى تارىختىن كۆپ ئىزدىدىم، نەتىجىدە مەن بۇ يۈكسەك ئۈلگىنى ئەرەب پەيغەمبىرى مۇھەممەتتە كۆردۈم.» [4]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەخلاقىنى مۇكەممەللىككە ئېگە قىلىشتا پايدىلانغان ئاساسي مەنبە ئۇ قۇرئان كەرىم بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئۇزاتنىڭ ئەخلاقى مۈكەممەللىكىگە مۇكەممەللىك ۋە ئەدەپ جەھەتتىكى گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قاتقان ئىدى، بۇنداق بولىشىمۇ ھەم قۇرئان كەرىمنىڭ ياخشىلىققا ئۈندىشى ۋە توغرا يېتەكلىشى ئاساسىدا بولغان بولۇپ، نەتىجىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-ھەركەت ۋە سۆزلىرىدە، زىمىن ئۈستىدە يۈرۈۋاتقان تېرىك قۇرئانغا ئايلانغان ئىدى. ئاشۇ جەھەتتىن بىر ھەدىستە سەئد ئىبن ئامىر ئىبن ھىشام، مۆئمىنلەر ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە سورىغاندا، ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى. »[5]

يەنە باشقا بىر رىۋايەتتە بولسا ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا): « ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى» دەپ بولۇپ سەئدگە: «سەن <مۇئمىنۇن> سۈرىسىنى بىلسەڭ ئوقۇ!» دېگەن بولۇپ، سەئد <مۇئمىنۇن>سۈرىسىدىن ئون ئايەتلەرچە ئوقۇپ بولىشىغا ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا): « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى مانا مۇشۇ ئايەتتە كەلگىنىدەك ئىدى.» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام تەبىئيتىگە بولغان قارىشىمۇ ئەخلاقنى مەركەز قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردىلا ئەرەبلەر بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن، مەسىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى شەيبان ئەلچىلىرىگە ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىۋېتىپ ئۇلارغا ئاللاھ تائالا نىڭ: «ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، اﷲ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ» [7] دېگەن ئايىتىنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئەلچىلەر ئارىسىدىن مەفرۇق دېگەن كىشى مۇنداق دېگەن: « بۇ سۆزلەر ھەرگىزمۇ زىمىن ئەھلىنىڭ سۆزىدىن ئەمەس، ئاللاھقا قەسەمكى ئەگەردە يۇقارقىلار زىمىن ئەھلىنىڭ سۆزىدىن بولغىنىدا ئىدى بىز ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىۋالالايتتۇق.»

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلچىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ: « اﷲ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، اﷲ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ » [8] دېگەن ئايىتىنى ئوقۇپ بېرىشىگە <مەفرۇق> يەنە: « ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى سەن ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە چاقىردىكەنسەن، سىنى يالغانغا چىقارغان ۋە ساڭا قارشى قوپقانلار چوقۇم ھالاك بولغۇسى.» دېگەن.

ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل-ئەخلاقلارنى ئۇلۇغلايدىغانلىقى قىلغان ھەر بىر سۆزلىرى ۋە ھەدىسلىرىدە مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى، مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مۆئمىنلەر ئىچىدە ئەڭ ئەخلاقلىق ۋە ئائىلىسىگە ئەڭ كۆيۈنگەنلەر ئىمانى ئەڭ كامىل كىشىلەردۇر.» [9]

  شۇنداقلا پەيغەمبەرنىڭ مانا بۇ گۈزەل ئەخلاقى مەلۇم قەۋم ياكى مەلۇم تائىپىگىلا چەكلىنىپ قالغان بولماستىن بەلكى ئۇزاتنىڭ ئۆزگىلەر بىلەن بولغان بارلىق مۇئامىلىلىرىدە روشەن ھالەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى، مىسالغا ئالساق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن كۆپ ئاراش قىلاتتى، ساھابىلىردىن بىردەممۇ ئايرىلىپ قالمايتتى، كەمبەغەللەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇش قىلاتتى، مېسكىنلەرگە سىلە-رەھىم قىلاتتى، ھەتتا دېدەك ئاياللار جېنىدا خوجايىنلىرى ئارىسىدىكى بەزى قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدىنە كوچىلىرىدا قولىدىن تۇتۇپ، خالىغان يېرىگە قەدەر سۆرەپ تارتىپ ئېلىپ ماڭالايتتى، ئۇ زات دائىم تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان، خۇشخۇي، ئوچۇق-يورۇق، غايەت كۆيۈمچان بولۇپ ئەگەر ئۆزىگە ئىككى ئىش ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارلىق بېرىلسە مادامىكى ئۇ ئىش گۇناھقا سەۋەپ بولمىسىلا ئاسانراقىنى شەرىئەت قىلىپ تاللايتتى، ناۋادا تاللىغىنى گۇناھقا سەۋەپ بولىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، كىشلەر ئىچىدە گۇناھدىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنى يەنىلا ئۆزى ئىدى، ئۇ زات ئەپۇچانلىقتا شۇ قەدەر ئىدىكى ھەتتا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشقانلارنىمۇ قېتىملاپ ئەپۇ قىلىۋەتكەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئائىلىسىدە گۈزەل ئەخلاق ساھىلى بولغىنى كەبى ئۆز جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەنمۇ ئۆز ئارا مۇئامىلىلەردە بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى ئىدى، بەلكى دۈشمەنلىرى ۋە رەقىبلىرى ئارىسىدىكى مۇئامىلىلەردىمۇ سېلىقلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن باشقىلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇراتتى، ئەبۇسۇفيان ئىبن ھەرب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ جەھەتتىكى گۈزەل ئەخلاقىغا گۇۋاھ بولغانلاردىن بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مۇشرىكلارنىڭ رەھبىرى ئىدى، مۇسۇلمان بولغىنىدىن كىيىن ئۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا قەسەمكى، سەن ھەقىقەتەنمۇ بىر مەرد ئىنسانسەن، سەن مېنىڭ ئەڭ ياخشى رەقىبىم ئىدىڭ، ئارقىدىن مەن ساڭا تەسلىم بولدۇم، سەن تەسلىم قىلغاندىمۇ ياخشى تەسلىم قىلغۇچى بولدۇڭ، ئاللاھ ساڭا ياخشى مۇكاپاتلار بەرسۇن![10]

ۋىلىيا موئىرنىڭ گۇۋاھلىقى

يېغىپ ئېيتقاندا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى بۇ قىسقىغىنە بىر قانچە بەتكە يېزىش بىلەن ساناپ تۈگىتىپ بولالمايمىز، چۈنكى ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئەخلاقى يالغۇز بىز مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس بەلكى مۇسۇلمان ئەمەسلەردىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر نىڭ ھەيرانلىق ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ. بۇلار ئىچىدە بىرتانىيلىك شەرقشۇناس ئالىم ۋىليام موئىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: « تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددىلىق بولسا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر تەرزى ئىدى، ئىنسانىي زوق ۋە ئادىمىيلىك ئەخلاق-پەزىلەتلەر ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر ئەگەشكۈچىسىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مەسىلەن: كەمتەرلىك، كۆيۈمچانلىق، سەۋرچانلىق، باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش، مەرتلىك قاتارلىق پەزىلەتلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سۆيگۈسىنى قازىناتتى، ئۇنىڭ ھاياتى بويۇنچە بىرەر ئەرزىمەس ئادەمنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلغان ياكى بىرەرسىنىڭ قىلغان ھەدىيسىنى كېچىك كۆرۈپ قايتۇرۋەتكىنىنى بىلىگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئۆزى قۇرغان بىرەر سورۇنىدا كۆرەڭلىگەن ۋە ياكى چوڭچىلىق قىلغان ئەمەس، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تۆۋەن ساناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتىن تارتىنىش تۇيغۇسىدا بولغان ئەمەس، ئۇ ناۋادا بىرەرسىنىڭ ئۆز مۇۋاپپىقىيتىدىن خۇشال بولغىنىنى كۆرسە، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ خۇشاللىقىغا تەڭ شېرىك بولاتتى، مۇسىبەتكە يولۇققان ياكى غەم بېسىۋالغانلارنى ئۇچراتقىنىدا بولسا ھېسداشلىق قىلىش ۋە چىرايلىقچە تەسەللى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگىمۇ تەڭ شېرىك بولاتتى، ئەڭ قىيىن كۈنگە قالغان چېغىدىمۇ ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى باشقىلار ئۈچۈن سەرپ قىلاتتى، ھەمدە دائىم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ راھەت كۆرۈشى ۋە بەختىيار بولۇشى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىش ئىچىدە يۈرەتتى.»[11]

مانا بۇ دەل بىز ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە بىزلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەت پەخىرلىنىدىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم بولغان ئىدى.
........................................

[1] قەلەم سۈرىسى 4-ئايەت.

[2] ھاكىم رىۋايەت قىلغان ۋە ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا « سەھىھ » دەپ بېكىتكەن.

[3] قازى ئىيازنىڭ «شىپا» ناملىق كىتابى 1-توم 248-بەت.

[4] سىگرىد ھونك نىڭ «ئەرەب قۇياشى غەربتە پارلىماقتا» ناملىق كىتابى 465-بەت

[5] مۇسلىم رىۋايەت قىلغان

[6] بۇ ھەدىسنى ھاكىم رىۋايەت قىلغان ۋە سەھىھ دەپ بېكىتكەن.

[7] ئەنئام سۈرىسى 151-ئايەت

[8] نەھل سۈرىسى 90- ئايەت

[9]  تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ۋە تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن.

[10] ئەبۇ نۇئەيم ئەل ئىسباھانىينىڭ «ساھابىلەر مەرىپىتى» ناملىق كىتابى3-توم-1509-بەت.

[11] ۋىليام موئىرنىڭ <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى> ناملىق كىتابىدىن.



                                                                   مۇئەللىپ: دوكتۇر راغىب سىرجانى

                                                                         رىدا تەرجىمىسى

                                   مەنبە:http://www.sajiye.net/viewarticle.php?id=90

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44755
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4829
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 4035 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 05:19:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم!

خەيرى-خوش باللىقىم.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24464
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7313
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5060 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 08:31:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرە ئاللا بىزنى  ئاشۇنداق بۈيۈك ئەخلاق ئۈلگىسىنىڭ ئۈممىتى قىلىپ ياراتقىنىڭغا

ئالاھىم ھارامغا قارشى مىنى ھاللالغا قانائەتكار قىل، سەندىن باشقىسىغا مىنى مۇھتاج قىلما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64925
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 09:03:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.....ئامىن.

ئادەمنىڭ ئەڭ ئىسىل پەزىلىتى كەم سوزلۈكتۇر.
ivirghol بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:42:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇلۇ غ ئاللاھ دۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44953
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1328 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:58:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرە ئاللا بىزنى  ئاشۇنداق بۈيۈك ئەخلاق ئۈلگىسىنىڭ ئۈممىتى قىلىپ ياراتقىنىڭغا
رەخمەت قرىندىشىم

baxlih بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 10:59:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
pazilatlikbol بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 11:41:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64959
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 11:42:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئې ئۇلۇق ئاللا بەندىلىرىڭنىڭ قەلىب ۋۇجۇدىنى  پەيگەمبىرىمىزنىڭ ئاشۇ گۇزەل يېڭىلمەس ئەخلاق نۇرى بىلەن يورۇتقايسەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 12:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ،
ئاللا ھەممىمىزنىڭ دىلىنى يۇرۇق قىلسۇن ````

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش