مىسرانىم ئونۋېرسال تورى قۇرۇلغان نەچچە يىلدىن بېرى ئابابەكرى ئەپەندى يۇقىرى تېخىنىكا بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ، مىسرانىم تورى رەڭدار سەھىپىللەر ،مول ئىقتىسادى ئۇچۇرلار ،ئەڭ يېڭى خەلىقئارا خەۋەرلەر ،مودا ناخشىلار ،مۇنبەردىكى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تورداشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تور دۇنياسىدىكى گىگانىت ئوبرازىنى تىكلەپ ،نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ تۇرمۇش ، مەدەنىيەت ،مائارىپ ،ئۆرىپ ئادەت ،مىللەت ، تارىخ ،قانۇن ،خەلىقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى توغرىلىق سۆھبەتلىشىدىغان ئاساسلىق سورۇنى بۇلۇپ كەلدى . تور تاقىلىپ قالغاندىن كىيىنكى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىسرانىم ئەزالىرى 90مىڭدىن يىتىپ ،مۇناسىۋەتلىك يازما 790مىڭدىن ئېشىپ ئىنتايىن زور بولغان ئونۋېرسال بىلىم مەركىزىگە ئايلاندى ،ھازىر ھەر قايسى ساھەدىكى ،ئوخشىمىغان ياشتىكى قانداقلا كىشى كىرسۇن ئۆزى ئىھتىياجلىق يازمىلارنى تاپالايدىغان بولدى ،بۇ ھەقىقەتەن تىلغا ئالغۇدەك نەتىجە .شۇ سەۋەب ھەر كۈنى مۇنبەرنى زىيارەت قىلىدىغانلار سانى 20مىڭدىن تۈۋەن ئەمەس .شۇڭا مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىمەن ،بىراق يۇقىرىقى سۆزلىرىم مۇنبەرگە تەكلىپ پىكىرىم يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ .
مۇنازىرە مۇنبىرى ئېچىلغاندىن بۇيان مىسرانىم مۇنبىرى پىكىر ساندۇقى نۇرغۇنلىغان تەكلىپ ـ پىكىرلەرنى تاپشۇرىۋالدى . شۇنچە كۆپ تەكلىپ پىكىرلەرنى كۆرۈپ پىكىر يوللاپ باشلىقلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتقۇچە ئىشىمنى قىلاي دەپ ئويلىغانىدىم بىراق مىسرانىم ئەپەندىنىڭ پىكىر بىرىش چاقىرىقىنى كۈرۈپ يازماي دىسەممۇ يېزىلىپ كىتىۋاتىدۇ ...شۇڭا قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئالغىنىمدىن ئۆزۈممۇ كۆپ خىجىل .
1. ئەزالار دەرىجە نامى .
ئەزالار دەرىجە نامى ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتىكى كىچىككىنە ۋاستە . شۇڭا ئۇ ئىجابى رول ئوينىشى كىرەك . قارىشىمچە بەزى ئەزا دەرىجە نامى سەلبى رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا بىر بىر نەچچە ئەزا نامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كىرەك دەپ ئويلىدىم .
(1)ـ ‹‹ئادەتتىكى ئەزا›› . مۇنبەرگە يېڭى كىرىپ بىر يازما يوللىغاندىن باشلاپ 60 يازما يوللىغىچە ‹‹ئادەتتىكى ئەزا›› سالاھىيتىدە تۇرىدۇ . مۇنبەردىكى ''سۈيۈملىك '' ئىنكاسلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇشۇ بۇلىشى مۇمكىن ، ئىشىنىمەنكى ھېچقانداق يازما ئاپتورى يېڭى ئەزالارنىڭ ‹‹ياخشى يېزىپسىز ›› دىگەندەك ئىنكاسلىرىنى ياقتۇرمايدۇ .
(2)ـ ‹‹ئاكتىپ ئەزا ››،‹‹مەستانە ئەزا ››،بۇ ئىككى دەرىجە ناملىرىنىڭ سەلبى تەسىرى بەك كۆپ بولمىسىمۇ قاراشتىلا ئادەمگە كىنايە قىلغاندەك تۇيۇلىدىكەن ،مەستانە ئەزالىق دەرىجىسى بولسا مۇنبەر بىلەن خېلى تۇنۇشقاندىن كىيىن پۇچەك ئىنكاس يازمايدىغان ، مۇنبەر قائىدىلىرىنى ئاساسى جەھەتتى ئۈگىنىپ بولغاندا ئاندىن ئىرىشىدۇ .بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ئۇنچە يامان بولمىسىمۇ بىر قاراشتىلا غەلىتە تەسىر بىرىپ قۇيىدىكەن .(مەن مەستانە ئەزا دەرىجىسىنى ياقتۇرمىدىم .ھى ھى )
2.يازما باھالاش ئىقتىدارى ۋە مۇنبەر پۇلى .
يازما باھالاش ئىقتىدارى بولسا مۇنبەر پۇلىنى ئىشلىتىشتىكى بىردىنبىر پۇرسەت . يازما باھالاش ئىقتىدارى ئارقىلىق يازما يوللىغۇچىنى رىغبەتلەبدۈرۈش مەقسىدىگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ .بۇنىڭغا سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى قۇشۇلغىندىن مەن ناھايتى خۇشال ،بىراق دائىم يازماقچى بولغاندا بىرىلگەن بوشلۇق تۈگەپ كىتىدۇ ،بەزىدە تۈزىتىشكە ياكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىمۇ يېزىپ قۇيۇشقا توغرا كىلىدۇ ، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۇختۇرسا بۇنى باشقىلار كۆرەلمەيدۇ ، يازمىنى نەقىل ئارقىلىق ئۇختۇرغاندا ئارقا بەتكە ئۈتۈپ كىتىدۇ.ئەڭ قۇلايلىق ئۇسۇل يەنىلا نەخ مەيداندا سۆز قالدۇرۇش . شۇڭا بۇ چەكلىمىگەئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە .(ئەسلى بەلگىلىمە 100بايت ئىكەن ،بۇ ئورۇنغا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا 100ھەرىپ ،ئۇيغۇر كونايېزىقىدا 35 ھەرىپ ، خەنزۇتىلىدا 32 خەت يازغىلى بۇلىدۇ )پەقەت بولمىغاندا 150بايتدىن 200بايتقىچە كىڭەيتىپ بىرىلسە .
مۇنبەر پۇلى پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرقىسىم ھەقلىق پائالىيەتلەر يولغا قۇيۇلسا ، بۇرۇنقىدەك مۇنبەر ماگىزىندىن نەرسە سېتىۋېلىش ...
3.سەھىپە
مىسرانىم تورى قۇرۇلغاندىن بېرى تور دۇنياسىدىكى يېڭىلىقلارنى ئۆزىگەقۇبۇل قىلىپ سەھىپىسى كېڭىيىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە باشلامچى بولدى . يېڭىدىن قۇشۇلغان دىھقانچىلىق مەيدانى ،مۇھەببەت لىرىكىسى ،مىكرو بىلوگ ئىقتىدارى بۇنىڭ ئۈلگىسى . مەن بۇ سەھىپىلەرگە يەنە بىرنى قۇشۇشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم . بەزى كۆپلىگەن ئونۋېرسال تور بىكەتلەرگە (خەن )ياردەم سەھىپىسى قۇشۇلغان (بىلەرمەن )بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق تورداشلار بىلمىگەننى سۇراپ ،بىلگەنلەر دەپ بىرىپ تورداشلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئىرىشمەكتە . مەنمۇ كومپىيۇتېر جەھەتتە قانداقلا مەسىلىگە يۇلۇقسام سەۋىيەمنىڭ يىتىشىچە ئىزدەپ باقىمەن ، سۇرىماي ئۇچرىغان ئەھۋالنى قسىقىچە يازساممۇ چىقىپ قالىدۇ . ھەتتا بىر ۋاقىتتا ئازغۇن دىگەن بىر فىلىمدىكى مەلۇم بىر نۇمۇرنى تۇلۇق تاپالماي ئازغۇندىكى سىرلىق نۇمۇر دەپ يازسام بەيدۇ بىلەرمەن ئامبىرىدا (百度知道)چىقىپ قالدى . توۋا دەپ قاپتىمەن . ئىلگىرى بەزىلەر مەخسۇس تور بەتمۇ ئاچقاندى ، بىراق قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نامەلۇم سەۋەبلەردىن تاقىلىپ قاپتۇ .مىسرانىم تورى ئۈچۈن ئېيىتقاندا بۇ بىر بوشلۇق .مۇنبەردىكى كۆپلىگەن تورداشلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا توردىن سۇراي دىسە مەخسۇس تور بەتلەرنى تاپالماي ، مۇنبەرگە يوللاي دىسە ئىككى تۆت قۇر خەت بىلەن مۇنبەرنى پاخال قىلغۇسى، باشقۇرغۇچىلارنى ئاۋارە قىلغۇسى كەلمەي دەردىنى ئىچىگە يۇتسا ، يەنە بەزىلىرى ئامالسىزلىقتىن يوللاۋاتىدۇ .شۇڭا ياردەم تىمىلرى كۆپىيىپ مۇنبەردىكى باشقا پايدىلىنىش خاراكتىرىدىكى تىمىلارنىڭ ئارقا بەتكە ئۈتۈپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ ئىككى كۈن مۇنبەرگە كىرمىگەن تورداشلار ئۇ تىمىنى كۈرۈشتن مەھرۇم قالىدۇ . باشقۇرغۇچىلار يارەدم تىمىلىرىگە تەدبىر ئىشلىتىپ بىر نەچچە تىمىنى يىغىپ بىرلا ئىلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇ دائىم قوللانغىلى بۇلىدىغان ياخشى چارە ئەمەس .
(دىھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بەزى خەتلىرى نۇرمال چىقمايدۇ ، بەتنىڭ سول تەرىپىدىكى خەتلەر نۇرمال ، ئۈستىدىكى خەتلەر غەلىتە چىقىۋالىدۇ ؟ بولمىسا كومپىيۇتىرىمدا ئەلپىدا ،ئەلكاتىپ ،ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمى جەميىتى تارقاتقان فوند قاتارلىقلار قاچىلانغان )
4.ئىقتىدار
ئالدىراشچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بىكار بولغاندا ئەزا قىسقىچە ئارخىبىغا شۇ ئەزانىڭ بارلىق تىمىلىرى كۆرۈنىدىغان قىلىپ لاھىيەلەنسە باشتىكى تىمىلىرىنى كۈرۈش تېخىمۇ ئاسان بۇلاتتى . ئاندىن ئارخىبىغا كىكىيۇ نۇمىرىنى قالدۇرغان تورداشلارنىڭ قسىقىچە ئارخىبىدىكى كىكىيۇ سۈرىتىنى چەكسە سۆزلىشىش رامكىسى چىقىدىغان قىلىپ لاھىيلىگىلى بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى ،رەسىم ئەۋەتىش ، ۋە تىز سۈرئەتتە ئالاقىلىششتا ئىنتايىن قۇلايلىق بۇلىدۇ
يەنە سىياسى تىمىلارنىڭ قۇلۇبلىنىشى ئاقىلانىلىق ئەمەس ،دۆلەت پۇخرالىرىنىڭ پىكىر قىلىش ھۇقۇقى بار ، (جىنايەتچىلەرنىڭمۇ بەزىللىرىنىڭ سىياسى ھۇقۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ )،نۇرمال پىكىرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇنداق تىمىلارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن چىقىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ ؟[[
بۇ سەھىپە تەستىقلاش ئىقتىدارىنى يولغا قويغان ،تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرىنىدۇ ]]
5.تەشۋىقات .
1.مۇزىكىلىق قوڭغۇراق .مىسرانىم تور بىكىتىدە مىللى كارخانىلارنىڭ ئىلانلىرى بار بۇلۇپ تىلىۋېزور كۆرمەيدىغان بىزدەك تور ئىشتىراكچىللىرىغا مىللى كارخانا مەھسۇلاتلرىىنى تۇنۇشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىز ئۇيغۇلاردا تور ئىلانىغا بولغان چۈشەنچە تۇلۇق بولماسلىقى سەۋەبىدىن تور ئىلانى بەك ئەرزان .بۇنداق بولغانىكەن ،ئەلۋەتت كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى ھەم باشقىلارغا ئازراقمۇ ياردەم بەرگىلى بولمايدۇ . ئابابەكرى ئەپەندى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغۇسى بار بولسىمۇ كىرىم تۈۋەن ھەم مۇقىم بولماسلىق سەۋەبلىك تور بەت تەرەققىياتى ، ۋە كۆپلەپ ئادەم كۈچى ئىشلىتىشكە ئاجىزلىق قىلۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن .شۇنداق تۇرۇقلۇق ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ يۇقىرى كىرىملىق، خەنزۇچە ئىلان قويمىغىنىدىن كۆپ خۇشالمىز .مەن قايسى بىر كىنو كۆرىۋېتىپ مىسرانىم ئىلانىنى كۈرۈپ قالدىم . ئەلۋەتتە ئۇلار ئىلاننى بىكارغا قۇيۇپ بەرمەيدۇ ، ھازىرقى مۇقىم بولمىغان كىرىم بىلەن ئارتۇقچە تەشۋىقاتقا ئىقتىساد سەرىپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . مەن مىسرانىم تورىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتىنى كۆزلەپ بىر نەچچە پىلان ئويلاپ چىقتىم .ئابابەكرى ئەپەندى ئۆزى قىلالايدىغاننى تاللاپ ئىشلەتسە ئىقتىسادى كىرىم ۋە تەشۋىقاتقا تەڭ ئىرىشكىلى بۇلىدۇ ، مىسرانىمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۈلىدىغان شەخىسلەر چۇقۇم قوللايدۇ .ھەممە تورداشلار ئۇيغۇرلارنىڭمۇ فەيسبوك، بەيدۇ ،گوگىلدەك چوڭ، نەچچە مىلىيۇن مەبلىغى بار تور بىكىتىمىزنىڭ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .
بۇ پىلاننى ئىلگىرى ئىقتىسادى ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان بىر تىمىغا قالدۇرۇپ قويغاندىم ، لىكىن ئىنكاسىم كىيىنكى بەتكە ئۈتۈپ كتىپ مۇناسىۋەتلكىك خادىملار كۆرمىگەن ئوخشايدۇ . ھازىر يانفۇن تەرەققى قىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايتى تىز سىڭىپ كىرىپ تۇرمۇشىمىزغا زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، شۇڭا تىلفۇن ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر ئابونىت بېل ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايدۇ.تىلفۇننىڭ ئەسلى ئىقتىدارى ئاۋاز يەتكۈزۈش بولسىمۇ ھازىر تەرەققى قىلىپ بۇ پەقەت بىر قۇشۇمچە ئىقتىدارىغا ئايلىنىپ قالدى .دىمەكچىمەنكى يانفۇن ياشلار ، ئوتتۇرا ياشلار ۋە بەزى ياشانغانلار ئارىسىدىمۇ ئومۇملىشىپ تۇرمۇش بىلەن باغلىنىپ كەتتى . بۇ بىر ياخشى تەشۋىقات سۇپىسى بۇلالايدۇ . ئابابەكرى ئەپەندى ۋاقىت ئاجرىتىپ 40سىكۇنىتلىق مۇزىكىلىق قوڭغىراقتىن بىر نەچچىنى لاھىيلەپ چىقسا ، ۋە ئۇنى كۆچمە خەۋەرلىششى ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ،تىلىگراف خەۋەرلىشىش شىركەتلرىنىڭ (شۇ شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ )مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىگە چىقىرىپ قويسا مىسرانىم تورىغا كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىشنى خالايدىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار يانفۇنىغا چۈشۈرىۋالىدۇ .(قارشى تەرەپنى چاقىرماقچى بولغان ھەر بىر ئابونىت ھەر قېتىم چارقىرغاندا مىسرانىم ئىلانىنى ئاڭلىيالايدۇ )بۇنىڭدىن يىغىلغان كىرىملەرنى مىسرانىم تور بىكەت ئىشلرىغا سەرىپ قىلىشقا ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان،ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارغا ياردەم قىلغىلى بۇلىدۇ . بۇنداق تەشۋىقات خاراكتىرىدىكى ئىلانلارنى چىقارماق قىيىن ئەمەس .
2.مىسرانىم ئاڭلىتىش لىنىيەسى .
مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرسە بىر ئاڭلىتىش لىنىيەسى ئىلتىماس قىلىپ مىسرانىم تورىدىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەر (قىسقىراق )يېڭى خەۋەرلەر ،قىزىقارلىق يۇمۇرلار ،مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى شۇنىڭغا چىقىرىپ قويسا ، بىز مۇنبەرگەكىرەلمىگەندە شۇ لىنىيەگە تىلفۇن قىلىپ ئاڭلىساق ئىشىنىمەنكى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئىرىشكىلى بۇلىدۇ . (بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە ئۇنداق لىنىيەنى ئېچىش بەك ئاۋارىچىلىق ئەمەسكەن )، ھەر بىر ئابونىت تىلفۇن قىلسا مىنۇتىغا 0.20 يۈەن تۇتۇپ قېىنىدىكەن ئۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى شىركەت تۇتۇپ قالدىىكەن يەنە بىر قىسمىنى باجغا تۇتۇپ قېلىپ قالغىنىنى لىنىيە مەسئۇلىغا بىرىدىكەن ، يىغىلغان ھەقنى ئاۋازلىق ژورنال نامىدا تۇتۇپ قالىدىكەن ‹‹语音杂志››بۇنداق بولغاندا سوۋغا قىلغان سۆزلىشىش ھەققى ، ۋە ئىتبارلىق كۆتۈرە ،ئايلىق كۆتۈرە تىپىدىكى پائالىيەتلەر ھىساباتىغا كىرمەيدىكەن . دىمەكچىمەنكى ئايرىم پۇل تۆلەيدىكەنمىز .بەزىدە توردىكى ئىقتىسادى ياردەم تەلەپ قىلىپ يوللىغان تىمىلارنى كۆرگەندە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ياردەم قىلغۇسى بار ، بىراق ئىقتىسادى كىرزىس سەۋەبلىك 100يۈەندىن يۇقىرى ياردەم قىلالمايۋاتقانلار 10 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە پۇلنى كۈتۈرۈپ بانكىدا ئۆچرەت ساقلاپ بانكا خادىمىغا تەڭلىيەلمەيدۇ . تور ئارقىلىق ھىساب يۆتكەش ئىقتىدارىنى نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئىشلىتەلمەيدۇ . بۇ ئارقىلىق يىغىلغان ئىقتىسادنى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ئىئانە قىلساق .
3. تىلفۇن ئارقىلىق بىلەت تاشلاش .
مۇنبەردە مەلۇم پائالىيەتنى يولغا قۇيۇپ ئۇنىڭغا تىلفۇن ئارقىلىق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرىم ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ . ھەر بىر بىلەت تاشلىغانغا تۈۋەن بولغاندا 1 يۈەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ ،يۇقىرى بولغاندا 10 يۈەندىن ئاشمايدۇ . بۇ نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىئانە تاپشۇرۇش ئۇسۇلى .ناۋادا بۇ ئشنى يولغا قويغىلى بۇلۇپ قالسا مۇنبەردىكى ئەزالار ماسلىشىپ ھەرخىل پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق قوللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىمىز . ئەتراپىمىزدىكى دوستلرىىمىزغا تەۋسىيە قىلىمىز . يەنە تورغا چىقمايدىغان ئاممىنىمۇ بۇ پائالىيەتكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە بىلەت تاشلىغۇچىلار ئىچىدىن بىر ئىككىنى شۇ قېتىمقى كىرىمغا ئاساسەن مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرسەك ...
6. ئىملا
يېزىق توردىكى ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ، مۇنبەردىكى پىكرىلىشىشنىڭ بىردىنبىر ۋاستىسى . ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى MS-DOS قا كىرگۈزۈش ۋە ھەرخىل يۇمشاق دىتاللارنى ياساش ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز . (ئالىم ئەھەد ،تۇرسۇنجان سۇلتان ،ئادىلجان ئابلىز ،ئەخمەت رەجەپ ،ۋارىس ئا. جانباز ،غەيرەت ت. كەنجى .مەمتىمىن ئابدۇرىشىت ...مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن ،باشقىللىرىنى بىلىدىغانلار تۇلۇقلاپ قۇيارسلە )
بىزنىڭ ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىز نۇرغۇنلىغان ئەجىرلەر بىلەن قولغا كەلگەن ،ئىلگىرى كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سىستىمىلارنىڭ باھاسى ناھايتى قىممەت بۇلۇپ(UTDOS) تىيەنخۇي ئۇيغۇرچە مەشخۇلات سىستىمسىى 2500يۈەن ،بېيدا فاڭجىڭ لازىر نۇرلۇق مەتبەئە سىستىمىسى 6500 يۈەن بىر يۈرۈش سېتىۋالغاندا (كومپىيۇتېر ،پىرىنتىر بىلەن )20مىڭ يۈەن ئىدى .ئەمما ھازىر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ (ھەتتا بەزىللىرى ھەقسىز )ئۆز ۋاقتىدىكى نەچچە مىڭ يۈەنلىك دىتاللار قىلالمىغان ئىشنى قىلىۋاتىدۇ . ناۋادا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئەجىر قىلۋاتقان تۆھپىكارلار بولمىغىنىدا ھازىرقى 100 يۈەنگە بارمايدىغان ئۇيغۇرچە دىتاللارنى سېتىۋېلىشنى خالىماي ئوغرىلاپ ئىشلىتىدىغان ،ھەقسىزلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالماي تىرىكىپ تۇرغان يۈزى نىپىز تورداشلار قانداق قىلار بولغىيتى دەيمەن .
ئىملانى خاتا يازىدىغان مىللەتپەرۋەر توردىشىم ، سىز تۇنجى قېتىم كومپىيۇتېر ئىكرانىدىن ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرگەندە قانداق تەسىراتقا كەلگەن بولغىيتىڭىز ؟ بەلكىم چىرايىڭىزدا تەبەسسۇم كۈرۈنگەن بولغىيتى ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك ئەجىرلەر بىلەن قولغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانسىز .....
(رەسىملەر ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمى جەميىتى تور بىكىتىدىن ئېلىندى )
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=896تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ....
نىمىشقا شۇنچە ئاددى بولغان كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەيسىز ؟نىمشىقا ئۆزىڭىزنىڭ يېزىقىنى ھۆرمەت قىلمايسىز ؟پۈتۈنلەي ھەقسىز ،بىمالال ھالدا يېزىۋاتقان خەتلىرىڭىزنىڭ ئۆلچەمسىز ئىكەنلىكىنى بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىڭىز كۆرمىدىمۇ ياكى ، ئەقىللىق مېڭىڭىز تەپەككۈر قىلالمىدىمۇ ؟قانداقمۇ تورغا يوللىغىڭىز كىلىدىغاندۇ دەيمەن .
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندىنىڭ دىيىشىچە يېڭىدىن بازارغا سېلىنماقچى بولغان windows8 سىستىمىسىغا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلىندىىكەن ، بۇ ھەممە ئۇيغۇر خۇشال بۇلۇشقا تىگىشلىك خوشخەۋەر،شۇنداق بولغانىكەن سىز بۇنىڭدىن خۇشال بۇلىشىڭىز ،ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كىرەك ، ئۇيغۇرچە خەتلەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىملا خاتالىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك . مەن تورداشلارغا ئۇيغۇرچە نەشىرقىلىنغان دىتاللارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىنى ،ئوغرى نەشىرىنى ئىشلەتمەي قانۇنلىق سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىنى ، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىنى ئازراق قوللاپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مىسرانىم ئەپەندى سىزنىڭ ئەزالار ئىچىدىن ئىملاسى توغرا ، مەسئۇلىيەتچان ،توردا تۇرۇش ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ بولغان تورداشلاردىن بەش ئون نەپەر قۇبۇل قىلىپ ئۇلارغا تەھرىرلىك ھۇقۇقىنى بەرسىڭىز ،ئۇيغۇر يېزىقىنى قوغداش ئۈچۈن يەنە ئازراق كۈچ چىقارسىڭىز دەيمەن. مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىما تەستىقلاشقىمۇ ۋاقتى يىتىشمەيۋاتىدۇ ، ئۇلارغىمۇ جاپا ... ئالدىنقى كۈنى قالايمىقان مەزمۇندىكى بىر نەچچە ئىنكاسلارنى پاش قىلسام تا ھازىرغىچە تۇرىدۇ ، مۇنبەرنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ ...
بۇ تىمىنى ئىلان قىلماي مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىچكى قىسىمدا مۇنازىرە قىلساڭلار مۇ بۇلىدۇ ، بىراق تەكلىپىم جاۋاپسىز قالمىسا دەيمەن .
( تەستىقلانمىسا سەۋەبىنى قسىقا ئۇچۇردا ئەسكەرتىپ قۇيارسىلەر ..... )