دۆلىتىمىز ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدىكى 6نەپەر ھەركەتلىك كىنو چولپىنىنىڭ قىسقىچە ئارخىبىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يوللىدىم، ياخـتۇردىغانلار كۈرۈپ بېقىڭلار ...
2- قېتىمدا تۇنىشىدىغىنىمىز دۆلىتىمىز ھەركەتلىك كىنو چولپانى شۇنداقلا داڭلىق گۇمپا ئۇستازى « جىنزىدەن » نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى .
ئىسمى : 甄子丹 « جىنزىدەن »
ئىنگىلىسچە ئىسمى : Donnie Yen
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1963 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
تۇغۇلغان يىرى : جۇڭگو گۇۋاڭدۇڭ
ھازېرقى ئولتۇرۇقى : ئامېرىكا
بوي ئىگىزلىكى : 1 مىتىر 75 سانتېر
قان تىپى : 0 تىپلىق
كەسپى : كىنو ئارتىسى . رىجىسور . گۇمپا ئۇستازى
قىززىقىشى : خەلىقارالىق ئۈنۋېرسال مۇشلىشىش ماھارىتىنى ئۈگۈنۈش ۋە پىيانىينو چېلىش
ئەڭ ھۈرمەت قىلىدىغان ئەرتىس : خۇڭجىنباۋ .
جىنزىدەن دۆلىتىمىزدىن چىققان خەلىقاراغا داڭلىق ھەركەتلىك فېلىم چولپىنى ، ئۇ 3 ياشقا كىرگەندە ئاتا - ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەن جىنزىدەن بولسا دادىسىغا ئەگىشىپ شىياڭگاڭغا كەتكەن ، جىنزىدەننىڭ ئانىسى چامباش سارىيى ئاچىدىغان چامباش ئۇستازى بۇلۇپ جىنزىدەن 8 ياشقا كىرگەندە ئانىسى تەرپىدىن شىياڭگادىن قايتۇرلۇپ كىلىىنگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئانىسىغا ئەگىشىپ چامباش مەشىقى قىلىشقا باشلىغان ۋە دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل چامباشچىلىق مۇسابىقىللىرىدە ياخىشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن ،
كىيىنكى كۈنلەردە جىنزىدەن چامباشچىلىق ئۇستازى لىشاۋلۇڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شۇندىن كىيىن بىرىلىپ گۇمپا مەشىقى قىلغان . 1994 - يىلى جىنزىدەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى « جىڭۋۇ سارىيى » فېلىمىدە چىنجىن ئوبرازىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياراتقاندىن باشقا مەزكۇر فېلىمنىڭ ئاساسلىق ناخىشىسىنى ئۇقۇپ كىنو تىلۋىزىيە ساھەسىدە زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن .
2000 - يىللىرىدىن كىيىن جىنزىدەن ئۆزگىچە بىر ماھارەتنى يىتىلدۈرگەن بۇلۇپ ئۇ جۇڭگو گۇمپىسىنى خەلىقارالىق بوكىس . ئەركىن چېلىش . تايلانىت گۇمپىسى قاتارلىق گۇمپىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۈرئىتى تىز زەربە بىرىش كۈچى ئېغىر بولغان يىڭىچە ئۇسلۇپتىكى مۇشلىشىش ھەركىتىنى ئىجاد قىلىپ بۇنى ئىكران يۈزىگە ئېلىپ چىققان . ئۇنىڭ مۇش ئېتىش سۈرئىتى دۆلەت ئىچىدىكى چامباشچىلار ئىچىدە ئەڭ تىز بۇلۇپ ئۇنىڭ سەكرەپ چىقىپ رەقىبىنى تىپىش « پەشۋا » ھەركىتى ھازېرغىچە گۇمپا مەستانىللىرىنىڭ ئەڭ بىرلىپ ئۈگىنىدىغان گۇمپا ھەركىتى بۇلۇپ كەلمەكتە ،
ئۇ ئۈزى رىجىسورلۇق قىلغان ۋە ئۈزى باش رول ئالغان فېلىملەردىن « 杀破狼 » ۋە « 导火线 » قاتارلىق فېلىملەردىكى يەككە ئېلىشىش كۈرۈنۈشلىرىدە ھەقىقى ئېلىشىش تەلەپ قىلىنغان بۇلۇپ جىنزىدەن بۇ يىڭىچە ئېلىشىش كۈرنۈشلىرىنى ئېكران يۈزىگە ئېلىپ چىقىپ زور مۇۋاپىقىيەت قازانغان .
جىزىدەن رول ئالغان فېلىملەر ئىچىدە ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققىنى « يېۋىن » ناملىق فېلىم بۇلۇپ مەزكۇر فېلىمدە جىنزىدەن يېۋىن ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇندىغان مەزكۇر فېلىم قۇيۇلغاندىن كىيىن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۈلەملىك « يۈنچۈن گۇمپىسى » ئۈگۈنۈش دولقىنى قوزغالغان . شۇندىن كىيىن جىنزىدەن جۇڭگو گۇمپا مەستانىللىرى تەرپىدىن گۇمپا پادىشاھى دەپ ئاتالغان ....
جىنزىدەن كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكى ئىچىدە مۇۋاپىقىيەت قازابغان چولپان بۇلۇپلا قالماستىن ئائىلىدە بولسا بىر مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى ، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئەر چولپانلار ئىچىدە جىنزىدەن ئەڭ مەسئۇلىيەتچان شۇنداقلا ئائىلىسىگە ئەڭ كۈيىنىدىغان ئائىلە باشلىقى دەپ تۇنۇشتۇرۇلغان ...
ھازېر 50 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان جىنزىدەن خەلىقارالىق ئۈنۋېرسال بوكىس ھەركىتى بولغان Mixed Martial Arts نى يەنى « MMA » ئېلشىش ماھارىتىنى بىرلىپ بەشىق قىلۋاتىدۇ . ئۇنىڭ كىينكى ئارزۇسى ھەركەتلىك كىنولاردىكى ئېلىشىش كۈرنۈشلىرىدە چىنلىق دەرىجىسى يۇقرى بولغان ئۆزگىچەئېلىشىش ماھارىتىنى ئېلىپ چىىقىش ...
جىنزىدەننىڭ ھازىرقى دۆلەت ئىچىدىكى فېلىم ئىشلەش ھەققى 60 مىلىيۇن خەلىق پۇلى بۇلۇپ 2008 - يىلى جىنزىدەن فېلىم ھەققى جەھەتتە 1 - ئۇرۇنغا ئۆتكەن ....
ئۇ باش رول ۋە يانداش رول ئالغان ۋەكىللىك كىنولاردىن .
بۇجايغا يىڭى كەلگەنلەر
لۇڭمىن ئۈتىڭى
تۈمۈر مايمۇن
خۇۋاڭپىيخۇڭ
جىڭۋۇ سارىيى
لۇڭخۇ سارىيى
شەمشەر ۋاز جەڭچى 2 - بۈلۈم
قەھرىمان
يېۋىن 1- بۈلۈم
يېۋىن 2- بۈلۈم
ۋەھشى بۆرە
导火线
گۈۋەنيۈ
جىڭۋۇ سارىيىغا قايتىش
قاتارلىق كىنولاردا باش رول ۋە يانداش باش روللارغا قاتناشقان .
تۈۋەندە جىنزىدەن باش رول ئالغان ھەركەتلىك فېلىم « 导火线 » نىڭ ئىشلىنىشكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى قالتىس مەشىق ھەركەتلەرنى كۈرۈپ باقايلى .
بۇ قېتىملىق تۇنۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن 3 - قېتمدا تۇنىشىدىغان ھەركەتلىك كىنو چولپانى بولسا خەلىقارالىق كىنو ئارتىسى « جىڭلۇڭ »
مەنبە : بەيدۇ ۋە مەن
[mp3=1]http://www.3gbb.com/Ring/UploadFile/2009-1/jwmzsdbj.wma[/mp3]