ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيى پاھىشىۋازلىق سورۇنى بولۇپ قالسا، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى قانداق چىدايدۇ
9-نويابىر ساقچى دائىرىلىرى يىپ ئۇچى ۋە دەسلەپكى رازۋېتكىغا ئاساسەن، چاۋياڭ رايونى 7-نومۇرلۇق ئارشاڭ، سودا مېھمانسارىيى، ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيى، قۇياش نۇرى شاڭدوڭ سارىيى، شىلوڭ مېھمانسارىيى، ئەسىر خۇاڭشەن مېھمانسارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا پاھىشىۋازلىق شايكىسىدىن بەشنى كونترول قىلىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ئالتە ئورۇندىكى يوشۇرۇن ئۇۋىسىنى تەكشۈرۈپ تاپقان(خەلقئارا لېنىيىسى 14-نويابىر خەۋىرى).
ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى دۆلەت ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغان قۇرۇلۇش بولۇپ، مۇسابىقە مەزگىلىدە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنى كۈتىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەندە مۇھىم رولى جارى بولغان. لېكىن، «ئاسىيا خەلقى بىر ئائىلە» دېگەن مۇسابىقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيى پاھىشىۋازلىق سورۇنى بولۇپ قالسا، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بۇنىڭغا قانداقمۇ چىدايدۇ؟
ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىنى مۇسابىقە مەزگىلىدە مۇسابىقە ئىشلىرىغا، باشقا چاغلاردا سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتسە بولمايدىغان يېرى يوق. 7-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، جۇڭگو ھەر قېتىم بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامى ئېشىپ، ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىدا يېتىپ-قوپۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالسا، تەنھەرىكەتچىلەر
مېدال ئالغاندەك پەخىرلىنىدىغان بولدى. ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىنىڭ داڭقى ئاسىيا تەنھەرىكەتچىلەر كەنتى دېگەن نام بىلەن كەڭ تارقالدى. ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بۇنىڭ قەدرىنى بىلسە بولاتتى.
ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ روھى «ئاسىيا خەلقى بىر ئائىلە» دېيىلگەن بولسىمۇ، مېھرىبان بولۇش كېرەككەن دەپ، ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىدا ئىپپەت-نوپۇسىنى ساتسا، پاھىشىۋازلىق قىلسا بولماس. ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىدا ئىپپەت-نوپۇسىنى سېتىپ، پاھىشىۋازلىق قىلىپ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ماھارەتنى يوتقان ئىچىدىكى كارامەتكە ئايلاندۇرىۋالسا، بۇ ئاسىيا تەنھەركەت روھىغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىك بولمامدۇ؟ ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى دېگەن بۇ نامنىڭ ئىناۋىتى يەرگە ئۇرۇلۇپلا قالماي، پايتەخت ئۈچۈنمۇ نومۇس ئەمەسمۇ؟
ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىدا پاھىشىۋازلىقنىڭ ئۇزاققىچە بىر تەرەپ بولماسلىقىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ سۇسلۇق قىلىشىمۇ بىر سەۋەب. بۇ مېھمانسارايدا پاھىشىۋازلىقنىڭ بولۇشى باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنىڭ بولغانلىقىدىن، باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتىنىڭ مەدەنىيلىكىگە ئىشەنگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. مەدەنىيەتلىك ئورۇنلارنى نازارەت قىلىپ تۇرمىسا، ھەر داۋام قانۇن بويىچە ئىش قىلىدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن.
ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيىنىڭ ئىشىدىن قىزىل كرېست دوختۇرخانىسىنى ئويلاپ قالدىم. بۇ ئىككىسىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىقى ھەر ئىككىسى مەدەنىي ئىشلارنىڭ نامىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى، ھەتتا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلغان، باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ سۇسلىقىدىن، شۇنداق نام بىلەن ئاۋام-پۇقراغا زىيان سالغان. بۇنداق ساۋاقلار ئۈستىدە ئويلانمىساق بولماس.
جامائەت پاراۋانلىق ئشىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئاسىيا تەنھەركەتچىلەر كەنتى مېھمانسارىيى، قىزىل كرېست دوختۇرخانىسى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە شۇنداق ناملاردا نەپ ئېلىۋاتقانلار بار. باشقۇرۇش ياخشى بولمىسا، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئاھانەتكە قېلىپ، زىيانغا ئۇچرايدۇ. جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ نامىنى سېتىۋاتقانلار بۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىپ، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ نامىنى سېتىۋەرمىسە بولاتتى.
مەنبە: خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورى.
ئاپتور: جاڭ خوڭچۈەن
تەرجىمىدە: نوشىرۋان
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=428