مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10293|ئىنكاس: 133

جىن ھەققىدە ھىكايە(مەلىكە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 2033
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 23264
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7715 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 05:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ جىن-ئەرۋاھنىڭ گىپى چىقسا پۈتۈن بەدىنىمنى سۈر بىسىپ ،قورقۇپ كىتىمەن، ھەتتا كۈندۈزى بىرەر قورقۇنۇچلۇق،ۋەھىمىلىك ھىكايە دىگەندەك نەرسىلەرنى، ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالساممۇ ئۆيگە قايتقۇچە كاللامدىن چىقمايدۇ، بىر ھەپتىگىچە ئىسىمگە كىلەلمەيمەن.
لىكىنى نىمىشقىكى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مۇشۇ تۈردىكى گەپ-سۆز پاراڭلارغا بۆلەكچىلا قىزىقىمەن. تىخى ئىزدەپ-سوراپ تىپىپ ئوقۇيمەن ياكى ئاڭلايمەن، ھەقىچان ماڭا ئوخشاش قورقۇنچاق باتۇرلارمۇ مۇنبەردە ئاز ئەمەس.  ھەممىمىز كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىزنى بۈگۈن مۇنبەردە بىر ئولتۇرۇپ دىيىشىپ باقمامدۇق؟كىم بىلىدۇ تىخى، ھەممىسى بىر توپلام بولۇپ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان تىما بولۇپ قالامدۇ-تىخى.

ئاۋال ئۆزۈمنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن بىر قانچە ئىشنى سۆزلەپ بىرەي:


باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئۆزۈم10ياشلار ئەتراپىدا ئىدىم، بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئاپام تاماقنى تەييارلىغۇچە بىردەم تىلۋۇزۇر كۆردۈم، ئۆيىمىز كارىدورلۇق ئۆي ئىدى، ئاشخانا ئۆيمىز بولسا ھويلىنىڭ نىرى تەرىپىدە ئىدى. بىر چاغدا ئاپام: تاماق يەۋال، دەپ چاقىردى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كارىدور ئىشىكىدىن چىقىشىمغا ئاپام ئاشخانا ئۆينىڭ دىرىزىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئوبۇرنى تەرەپكە قاراپ مىڭىپ كەتتى، ھەيران بولۇپ قالدىم،  ھەرقانچە ئوبۇرنىغا ئالدىرسىمۇ دىرىزىدىن سەكرەپ چۈشكىچە ئىشىكتىن چىقىسا بولمامدۇ؟....شۇلارنى ئويلىغىنىمچە ئاشخانا ئۆيگە كىرسەم بايا ئۆز كۆزۈم بىلەن دىرىزىدىن چۈشۈپ ئوبۇرنىغا كىتىۋاتقان ئاپام خىيالىدا يوق ئۆيدە لەغمەنگە سەي ئۇسسىۋاتىپتۇ، تىخى ماڭا قاراپ: چاقىرمىغان بولسام قاچانغىچە چىقمايتتىڭ، دەيدۇ.

توۋا خۇدايىم، ئاپام تىخى بايا دىرىزىدىن چىقىپ كىتىۋاتمامتى؟
__ئاپا ،بايا سەن دىرىزىدىن چۈشۈپ ئوبۇرنىغا كىتىۋاتاتتىڭ، مەن ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە سەن مەندىن بالدۇر ئۆيگە كىرىپ بولۇپسەنغۇ؟

ئاپامنىڭ چىرايى سەل ئۆزەەرگەندەك بولىدىيۇ-ئارتۇق گەپ قىلماي تىزلا ماڭا:
__ھەئە، يەنە سەن كىرگۈچە دىرىزىدىن كىرىۋالدىم، قانداق؟__دەپ كۈلۈپ قويدى ۋە ھويلىدىن مىنى بىر نەرسە ئەكىرىشكە بۇيرىدى. ھە دەپ ئەمدى بۇسۇغۇدىن چىقىشىمغا ئاپامنىڭ ئۆيدىكىلەرگە:

__سوفىيەنىڭ كۆزىگە بايا بىرنەرسە مىنىڭ سۈرۈتۈمدە كۆرۈنگەن ئوخشىمامدۇ؟،__دىۋىدى، بۇنىڭ ئاڭلاپ قىلىپ قورققىنىمدىن جان-پىنىم چىقىپلا كەتتى....ئۆيدىن قانداق چىققان بولسام ئاپام بۇيرىغان نەرسىگىمۇ قارىماي شۇنداق تىزلىك بىلەن ئۆيگە كىرىۋالدىم.

بۇ ئىشنى ھازىرمۇ ئويلىسام تىگىگە يىتەلمەيمەن.


بۇنىڭدىن 5-6 يىل بۇرۇن.
ئۈرۈمچىگە كىلىپ روسچىنى تاماملىغاندىن كىيىن ئۆزئالدىمغا بىر دوستۇم بىلەن ئايرىم ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇردۇم، ئۇ چاغدا ئەمدى تىخى 16 ياشلار چامىسىدا ئىدىم. روزا يىتىپ كەلدى، دوستۇمنى بۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەدىسى ئىپتارغا چاقىرىپ ئىلىپ كەتتى. مەن ھەدىسىنى تۇنىمىغاچقىمۇ بارغىلى ئۇنىمىدىم، قارىسام كەچ بولۇپ كىتىۋاتىدۇ، ئۇ يا كەلمەيدۇ يا بىر تىلفۇنى يوق، ئۆزۈم تىلفۇن ئۇرۇپ سورىسام كەچتە كىلەلمەيدىغانلىقىنى، زوھۇرلۇقنى ھەدىسى بىلەن بىللە قىلىپ ئوقۇيدىغان نۇرغۇن ئايەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئىيتىپ تۇرىۋالدى، كەتكەن ئادەمنى مەجبۇرىي چاقىرىپ ياندۇرۇپ ئەكىلىشنىڭ ئورنى يوق، ئامال يوق، بىسمىللا دەپ ياتتىم. كىچىكىمدىن قورقۇنچاق بولغانلىقىم سەۋەبىدىنمۇ خىلى بىر چاغلارغىچە ئۇخلىيالمىدىم. ئۆينىڭ پۈتۈن چىرىغىنى ياندۇرۋەتتىم. ئىچىمدە دەيتتىم: قورقماي جۇمۇ، نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ دىگەن روزا ۋاقتى، بۇنداق ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە نىمىدىن قورقىمەن؟ شۇنداق دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ ئۇخلاپ قالدىم.

بىر چاغدا تىلفۇنۇمنىڭ قوڭغۇرىقى سايراپ كەتتى، ئادەتتە تىلفۇننىڭ قوڭغۇرىقىنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر ئالتىگە توغۇرلاپ قۇياتتىم. تاڭ ئاتقان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ تىلفۇننى ئىرەنچەكلىك بىلەن قۇلۇمغا ئىلىپ قارىۋىدىم، ئاھ خۇدا...تىلفۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى بىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياندۇرۇپ قويغان چىراغلىرىممۇ ئۆچۈرۈلگەن!

توۋا...مەن  چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلىغان ئىدىمغۇ؟ ئەجىبا چىراغ بۇزۇلۇپ قالغان بولغۇيمىتى؟ تىلفۇننىڭ قوڭغۇرىقىنى ئالتىگە توغۇرلاپ قويغان تۇرسام قانداقسىگە سائەت بىردە سايرايدۇ؟ بەلكىم چىراغ بۇزۇلۇپ قالغان بولسا كىرەك، ئىچىمدە شۇنداق ئويلىدىم، شۇنداقتىمۇ سىناپ باقاي دەپ 开关نى باستىم، بىسىشىمغا ۋاللىدە قىلىپ چىراغ ياندى، ۋۇي....چىراغ ساق! ئۇنداقتا بۇ چىراغنى كىم ئۆچۈرۋەتكەندۇ؟

پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك بىسىپ كەتتى...بىرقانچە ئۆزۈم بىلىدىغان سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۇخلاپ قالغانمۇ بولدۇم. ھەقىقىي قورقۇنۇچنى تاڭ ئاتقاندا ئاندىن ھىس قىلدىم. كىچە بولغان ئىشلارنى ئويلاپ بۇ ئۆيدە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم كەلمىدى، ناشتا قىلمايلا ئىشقا ماڭماقچى بولدۇم، كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئىشىكنى ئىچىپ كىرىپلا ئاچقۇچنى پورتمالىمغا سالاتتىم-دە پورتمالىمنى سومكامغا جايلاشتۇرۋىتەتتىم(چۈنكى بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇن قىتىم ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قىلىپ ئىشىك ئاچقۇچىلارنى خىلى باي قىلىپ قويغان ئىدىم).  

بۈگۈن زادى نىمە ئىشتۇ؟ تۈنۈگۈن ئىنىق ئاچقۇچۇمنى ئىشىكنى ئىچىپ بولۇپلا پورتمالىمغا جايلاشتۇرۋەتكەن تۇرسام؟؟؟

ئىزدەۋاتىمەن، سومكامنى، پورتمالىمنى، كىيىملىرىمنىڭ يانچۇقلىرى ئوڭ-تەتۈر قىلىپ توختىماي ئىزدىدىم...يوق!

قاغىشتەككۈر...بۈگۈن زادى نىمە ئىش بولغان بولغۇيتتى ماڭا....

ئىشىكنى يىپىپ قۇيۇپ كىتىۋەرمەكچى بولدۇم(شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوقتى، بولمىسا ئىشقا كىچىكەتتىم)

ئۆيدىن چىقىپ ئىشىكنى ياپىدىغىنىمدا قارىسام ئاچقۇچ ئىشىكتىكى قۇلۇپتا تۇراتتى...كۆزلىرىمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈپ كەتتى...ئەجىبا مەن تۈنگۈن تۈن سەيلىسى قىلغان بولغۇيمىتىم؟؟؟ (مەندە ئەزەلدىن ئۇنداق كىسەل يوقتى بولمىسا....)يىغلىغۇدەك بولۇپ ئىشىكنى تاقاپ ئىشقا كەتتىم...

بۇ ئىشقا ھازىرمۇ ئەجەپلىنىمەن.



ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىش(ئىلاھىم ئەمدى بۇنداق ئىش بولمىغاي)

يەنە شۇ قەدىرلىك دوستۇم ھەدىسىنىڭكىدە قۇنۇپ قالغىلى ماڭدى، كەچتە مەن ئۆيدە ئوخشاشلا يالغۇز ئىدىم. چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاشقا باشلىدىم، يىرىم كىچىدە تۇيۇقسىز سەگەك بولۇپ قالدىم، ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى، كۆزۈم يۇمۇق ھالەتتە، لىكىن ئۆي ئىچىنى ئىنىق كۆرىۋاتاتتىم، ھەتتا ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان چاماداننىمۇ ئىنىق كۆرىۋاتاتتىم، كارۋىتىمنىڭ تۆۋەن يان تەرىپىدە سىرىق رەڭلىك مىس رەڭ دىسەممۇ بولىدۇ، خۇددى لايدىن پۈتكەندەك ئادەم دىسە ئادەم ئەمەس بىر نەرسە يوتقىنىمنى ئوڭ قىلىپ تەتۈر قىلىپ ئوڭ قىلىپ تەتۈر قىلىپ ئولتۇراتتى. يوتقىنىم قىزىل رەڭلىك بىلەن سىرتىدا 浪漫爱情دىگەن سىرىق رەڭلىك خىتى بار ئىدى، كۆزۈم يۇمۇلغان ھالەتتە بولسىمۇ ھەممىنى ئىنىق كۆرۈپ تۇراتتىم، ئۇ نەرسىنىڭ ھەركىتى داۋاملىشىۋاتاتتى...ئوڭ قىلاتتى تەتۈر قىلاتتى...ئوڭ قىلاتتى تەتۈر قىلاتتى...ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرىۋاتقان ياكى رىئاللىق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئايرىيالمىدىم. ئىچىمدە ئۆز-ئۆزۈمگە دەۋاتىمەن، ئەگەر دۈم قىلغان ۋاقتىدا كۆزۈمنى دەرھال ئاچاي، ئەگەر كۆزۈمنى ئاچقاندىمۇ  浪漫爱情دىگەن خىتى دۈم قىلىپ قويۇلسا  ئوڭۇم، شۇ پىتى تۇرسا چۈشۈم...دەپ كۆزۈمنى لاپپىدە ئاچتىم...يائاللا...ھىلىقى نەرسە شۇنچە تىزلىك بىلەن بىشىمغا ۋىژىىدە كىلىۋىدى، قورققىنىمدىن ئۆزۈم  بىلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ كەتتىم، ھەر بىر ئوقۇغان ئايىتىم، ھەر بىر سۆزلىرىم خۇددى ياڭراتقۇدىنن چىقىۋاتقاندەك ئەكىس سادا يىنىپ كىتىۋاتاتتى...مەسىلەن مىكېرافۇندا بىر قىتىم ۋەي....دىسەك ياڭراتقۇدىن خىلىغىچە ۋەي ۋەي ۋەي دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇغۇ...خۇددى شۇنىڭدەك....بىر چاغدا ئۇ نەرسىمۇ يوقالدى، ئۆزۈممۇ بىرقىتىم چۈش كۆرگەندەكلا بولۇپ ئويغاندىم.

يۈگۈرۈپ بىرىپ چىراغنى يىقىۋەتتىم، ئۇيقۇمنىڭ قاتتىقلىقى بولسا كىرەك يەنە داۋاملىق ئۇخلاۋەردىم،لىكىن ئەتىسى قاتتىق قورقۇپ كەتتىم....

بۇ ئىشلارنى ھازىر ئويلىساممۇ بىرخىل سۈر باسىدۇ.

سىلەرمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىغانمۇ؟ بۇ ئىشلار رىئاللىقمۇ ياكى مەندىكى خاتا سىزىممۇ؟؟؟  قىنى ھىكايە ئىيتىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى.

__مەنبە___مەلىكە قەلىمى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HENRY + 50 مەن بولغان بولسام ئاي.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5935
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4727 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:48:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايجان ! ئوقۇپ بولغۇچە سەت قورقۇپ كەتتىما! سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ئىكەنسىز! قورقۇپ تۇرىمەن، يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا ئامىراق دىگەندەك! مىنىڭ بېشىمغا كېلىپ باقماپتىكەن! پەقەت شۇ  باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ئانداق بوپتۇ، ياكى مۇنداق بوپتۇ دەپ!
يەنە بىرسى ئادەمنىڭ ئادەتتىكى كۆزى بىلەن ئۇلارنى كۆرۈش ۋە ھېس قىلىش مومكىن ئەمەس، مىنىڭچە!
ئادەمدە قان ئازلاپ كەتسە، تىنى ئاجىز بولسا، يۈرەك ياكى مىڭە قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتى بەك ياخشى بولمىسا، سىزدەك تۇيغۇلاردا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، 15 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچى بولغاچقا قان ئازلىق كېسىلى ياش قىزلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈت شۇڭا مۇشۇنداق تۇيغۇلاردا بولۇش تەبىئى. سىز دەل شۇنداق تۇيغۇدا بولغان.

چوڭ ئانام 80 ياشتىن ئاشتى، بۇ ۋاقىتتا نىرۋىسى يىگىلەشكە باشلىغان، ئاساسەن يىگىلەپ بولغان ۋاقىت، دائىم بىزگە ئۆينىڭ ئارقا دېرىزىسىدىن بىر نەرسە كىرىدۇ دەپ بىزنى قورقۇتاتتى، ھازىرمۇ شۇنداق دەيدۇ، ئاچام كۈندە ھەمرا بولمىسا.
ھازىر ئۇنداق تۇيغۇدا بولمايسىز، چۈنكى سىز ساغلام!
ھەي سىزمۇ زە، ئەمدى بۈگۈن كەچتە قانداق ئۇخلارمەن! ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەرىرىدىن پاناھ تىلەيمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39691
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2042 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى تولا قارا باسىدۇ لىكىن سىزدەك بۇنداق قورقۇپ باقماپتىكەنمەن. بەك قورقۇنۇشلۇقكەن

ھىچنىمە دىگۈم يوق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 991
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 6363 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:59:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى خىزمەتدىشىم بىلەن ئىشخانىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق يەنە بىر ياشقا چوڭراق خىزمەتدىشىم كىرىپ قالدى،تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ،پاراڭ تېمىمىز جىن شەيتان ،روھ-ئەرۋاھ توغرىسىدا بولۇپ قالدى.ئۇ خىزمەتدىشمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار تۇرىدىغان ئائىلىكلەر بىناسى ‹ تەكشى › ئەمەس بولۇپ ،ھەر كۈنى كەچتە تاراق-تۇرۇق ئاۋاز ئاڭلىنىدىكەن.بىر كۈنى چاشكا ۋاقتىدا خىزمەتدىشىمىز يالغۇز ئۇخلاپ كېتىپتۇ،بىر چاغدا چۆچۈپ ئويغانغەندەك بولۇپ قارىسا يېنىدا بىر ‹كۆلەڭگە › تۇرغىدەك.شۇنىڭ بىلەن خىزمەتدىشىمىز ئۆزىنى بېسىۋېلىپ  كۆلەڭگۈدىن سوراپتۇ:
-سەن كىم؟
-مەن ئەسلى شىخودىكى باينىڭ ئوغلى ئىدىم،دوپىگەي ۋاقتىدا بۇ يەرگە سولىنىپ سۇدا تۇنجۇقتۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
-ئەمىسە شۇلارنى ئىزلىمەي نىمىشكە بىزنى ئاۋارە قىلىسەن؟
-مەن بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمىدىم،سەن بىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە قەغەز كۆيدۈرۈپ قويساڭ ئاندىن يوقايمەن........
مېنىڭ بىلىشىمچىمۇ ئۇ بىنا ئىلگىرى ھەقىقەتەن ۋاقىتلىق تۈرمە قىلىنغان،كېيىن موزىيخانىغا ئۆزگەرتىلگەن.ئاخىرىدا ئولتۇراق بىناسى سېلىنغان ..گەرچە ئۇخىزمەتدىشىمىز شۇ مىللەتنڭ ئادىتىنى قىلغان بولسىمۇ كەچتە كەلسە ئىشىكنى تاراققىدە ئېچىپ بېرىش، زالدا مېڭىش قاتارلىق ئىشلار ھېلىغىچە بارمىش..بىز چاق-چاق قىلىپ دەپ قويىمىز‹ 50-يىللارنىڭ جىنلىرى سىزنى قويۇپ كېتىپتۇ › دەپ،شۇنداق بولسىمۇ شۇ بىنانىڭ ئالدىغا كەلسەم بىر خىل سۈر باسىدۇ..

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 883
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7636
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 6821 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت كۇندۇز  كۇندە ئۇخلىمايتىم .بىر كۇنى پىشىنغا  يىىقن بەك تاتلىق ئۇيقۇم كەلدى  .  بىشىمنى ياستۇقا قويۇپلام  ئۇخلاپ  قاپتىمەن   .كۆڭلۇم تۇيۇپ -تۇرىدۇ بىر چاغدا گىتلىرغا  ئوخشايدىغان  مۇشۇكتىن بىرسى ئىشىكتىن ياتاق ئۆيۇمگە كىردى  .يوتقاندىن  چىقىپ قالغان پۇتلىرىمنى يالاۋاتىدۇ .ئىتىرۋىتىمەن .مۇشۇك ئاستا مىڭىپ ئالدى ئىككى پۇتىنى  ئوڭ بىقىنمغا  ئالدى  شۇنداق  قورقۇپ ئويغۇنۇپ  كەتىتم .   بىقىنىم ئىككى كۇنگىچە  ئاغىرىپ بىئارام قىلدى

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7770 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  دەششەت كىنودىن بىرسى چىققۇدەك جۇما گىپىڭىزدىن...مەن جىن توغرۇلۇق  جىق ئاڭلىغان... ھەم جىق چاپلىشىۋاغان توغرىسىدىكى  ئاۋازلىق ئەسەرنىمۇ كۆپ ئاڭلىغان...ئاساسەن قورقۇپ كەتمەيمەن...جىن توغرىسىدا  جىق نەرسە بىلگەچكىمۇ ئانچە قورقۇپ كەتمەيمەن... \\بۇگۇن كەچ مەن كۆرگەن چۇشنى كۆرگەن بولسىڭىز  ساراڭ بوپ قالىدىكەنسىز...
جىننى كۆرگىلى بولمايدۇ...كۆرسىمۇ باشقا نەرسىنىڭ سۇرىتىدە كۆرىنىدۇ... خەتەرلىكى جىن چاپلىشىۋاسا  خەتەر دىگەن شۇ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2237
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2039 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي ، نىمانداق قورقۇتىدىغانسىز ئادەمنى.
مەن  مۇنداق بىر چۈش كۆرگەن.
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى يازلىق تەتىلنىڭ بىر كۈنى بىر چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن . چۈشۈمدە بىزنىڭ سىنىپتىكىلەر  سرتقا چىقىپ ئوينىماقچى بوپتۇق. ماڭىدىغاندا باھارگۈل ئىسىملىك بىر دوستۇم بىلەن   دۇكانغا كىرىپ بىر نەرسە ئېلىۋالىمىز دەپ باشقا بالىلارنىڭ كەينىدە قاپتۇق، ئۇلارغا يېتىشىمىز دەپ  مېڭىپ بىر قۇملۇققا كېلىپ قاپتۇق (ناھىيىمىزدە قۇم ئەسلىمۇ كۆپ) ، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ يالغۇز دەرەخ باركەن، دەرەخنىڭ ئۈستىدە ۋە ئەتراپىدا بىر مۇنچە ئادەملەر تۇرغۇدەك . مەن باھارگۈلنى توختىتپ ئۇنىڭغا ،ئاداش ، بۇلار جىن بولىشى مۇمكىن دېسەم ، ئۇ قورقۇپ قانداق قىلىمىز دېگۈدەك ، مەن دەرھال ،ئايىتەلكۇرسىنى ئوقۇپتىمەن ،ئوقۇپ پەقەت يېرىمغىچىلا ئوقۇيالاپتىمەن ، ھەيران قالارلىقى شۇ ۋاقىتلاردا مەن  ئۇ ئايەتنى پەقەت يېرىمغىچىلا ئۇقاتتىم  ،چۈشۈمدە شۇ ئۇققان يەرگىچىلا ئوقۇپتىمەن. قارىساق دەرەختىكى ئادەملەريوقاپ كېتىپتۇدەك.
بىز ئۇف دەپ يولىمىزنى داۋام قىلىپ بىريەرگە كەلسەك ھويلا سۈپۈرىۋاتقان بىر ئايال ئۇچراپتۇ، باھارگۈل جىددىيلىشىپ ئۇمۇ جىن بوپ قالمىسۇن يەنە بىر ئوقۇغۇنە ،دەپتىكەن مەن ئۇ ئايەتنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇسام ئۇ ئايال يېقىنلاپ كېلىپ بېشىمنى سىلىماقچى بوپ قول ئۇزىتىپتىكەن مەن قورقۇپ ئۆزەمنى قاچۇرۇپتىمەن.
ئەتىسى ئاپامغا سۆزلەپ بەرسەم تولۇق ئۆگىنىۋېلىڭ ، يىراققا ئوقۇشقا ماڭغىلىۋاتىسىز ،ئەسقاتىدۇ دېگەنتى ، ھازىرغىچە كەينىدە ئازراق يېرىدە
ئېلىشىپ كېتىمەن ئاشۇ ئايەتنىڭ

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48047
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3116
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 12:06:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ پاھ ئىشلىسە كىنو ، يازسا قورقۇنۇچلۇق رومان بولغۇدەك ئىشلاركەنغۇ بۇ....مەن جىننىڭ گېپى چىقسا روھلىنىپ كىتىمەن....لېكىن بۇنداق قورقىنىچلىق چۈشلەرنى كۆرۈپ باقمىغان...مەن بەك تاپانچىلاردا ئېتىشىپ، ئاسمانلاردا ئۇچۇپ چۈش كۆرىمەن....

بىراق مەن ئۈچ تۆت يىل ئاۋۋال مۇنداق بىر چۈش كۆرگەنتىم...
ئاسماننى شۇنداق بىر قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كىتىپتۇمىش، مەن سىرىتقا چىقىپ ئاسمانغا قارسام ئاسماندا نۇرغۇن خەتلەر يېزىقلىق تۇرغۇدەك ھەممىسى ئۇيغۇرچە خەتلەر...نېمە خەتلەر ئىكەنلىكى چۈشۈمدىن ئويغانغاندا ئىسىمدە قالماپتۇ. بىراق ئۇ خەتلەر شېئىرى شەكىلدە يېزىقلىقمىش...ئۆزۈم ئاسمانغا قاراپ اللاھ يازغان خەتلەر دىگۈدەكمەن....شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرىپ، ئولتۇرسام ئۆينىڭ بىر تېمى يۇرۇپ نۇر كۆرۈنۈپتۇ...مەن ئۇ نۇرغا قاراپ اللاھ دەۋاتقۇدەكمەن....شۇنداق سۈر بېسىپ كەتكەن ئىدى...بۇ چۈشۈم ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ...ھەم تەبىر بىرىپ باقمىغان ئىدىم...قانداق چۈش كۆردۈمكىن تاڭ...ياخشىلىقمۇ ...ئىشقىلىپ پەقەت بىلەلمىدىم...ھەم مەن يېقىنغىچە شۇنداق ئۇچۇپ چۈش كۆرەتتىم....

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15703
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5596 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 02:08:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[mp3=1]بەك تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى [/mp3]ھازىر سەھەر سائەت 2:4  (بېيجىڭ ۋاقتى ) ئۇيقۇم كەلمىدى ، ئازراقمۇ قورقمىدىم ھا ھا ھا
بەك تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى

بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى تور ئاددېرسىنى تېپىپ بولغىچە يۇقىرىقى ئاددېرستىن چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ .

مايماق بۇلۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
         يىغا  ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

life is dream, we are dreaming

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7900
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-17 02:59:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىن توغۇرلۇق گەپ بولۇپ چۈشكە ئۆتۈپ كىتىپتۇ . مەنمۇ چۈشۈمنى دەپ باقاي . مۇشۇ 4-5-ئاي ئوتتۇرسىدا بولغان ئىش .
چۈشۈمدە مەن ئەمدى ئارلىشىۋاتقان بىر بالا بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىتىپ بېرىپتىمەن . تۇيۇقسىز ئاسماندا  اللە دىگەن خەت كۆرىنىپ ئاندىن بۇلۇتلار يېرىلىپ خۇددى يانار تاققا ئوخشاش چوغلار ئىتلىپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ . كۆڭلۈمدە زامان ئاخىرى دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن .شۇنىڭ بىلەن قورقۇپ كىتىپ دەرھال يىنىمدىكى ئۇنىڭغا قاراپتىمەن ، بىراق ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي مىنىڭ ئالدىمدا قىچىپ كىتىپ بارغۇدەك . شۇ چۈشنى كۆرۈپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ بالا تەل تۈكۈس يوقاپلا كەتتى، سەۋەبىنىمۇ قىلچە بىلمىدىم ، تىخى شۇ چۈشنى كۆرۈشنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ شۇنداق چىرايلىق خوشلاشقان ، تىخى ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن يەنە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرگەن . ئۇ ماڭا سوغا قىلغان بىر مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئوتتۇردا قىزىل بىر تاللا ئىچىلىدىغان تەشتەكلىك گۈل بار ئىدى . ئۇنىڭغا چۈشۈمدە سىز بەرگەن شۇ گۈل قۇرۇپ قىلىپتۇ دىگەن ئىدىم . قىززىق يېرى شۇكى ئۇ يوقاپ كەتكەن كۈنىدىن باشلاپ ئۇ گۈل رەسمى سولىشىپ 10كۈننىڭ ئىچىدە تۈگىشىپ كەتتى ، 20 كۈن بولغاندا قۇرۇپ قاقشال بولغان گۈلنى ئېلىۋېتىپ تەشتىكىگە ئاپام باشقا نەرسە تىكىپ قويدى . ئەسلى بۇ گۈل ئۇ سوۋغا قىلغان 3ئايغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق چىرايلىق ئىچىلىپ تۇرغان ئىدى .
بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق بىشارەتلىك چۈشلەرنى كۆرەتتىم . بۇ مىنىڭ گۇمانخورلۇقۇمنىڭ ئەكىس تەسىرىمىدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش