|
|
|
|
مەن "مىسرانىم"مۇنبىرىنىڭ مەستانىسى
(م ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى)
مەرھابا "مىسرانىم"مۇنبىرىگە ماكانلاشقان مۇھتىرەم مۇنبەرداشلار!مەنمۇ مۇشۇ "مىسرانىم" مۇنبىرىنىڭ مەستانىسى.مىسرانىمدىكى مەزمونلار،مۇنەۋۋەر ماقالىلەر،مۇھەببەتلىك مىسرالار،مۇشائىرىلەر مېنىڭ مەيلىمنى مايىللاشتۇرۇپ، مەستخۇشلىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مۇنبەرداشلارغا مۇڭلىرىمنى ماڭغۇزماقچىمەن. مېنىڭچە مەندىكى مەسىلىلەر، مەقسەت-مۇددا مۇنبەرداشلارغا مەلۇم .مەقسەت. مۇنداق:
مەن مەلۇم مەھەللىدىكى مەكتەپتە مۇقىم مۇئاشلىق مۇئەللىم، مۇئەللىمىچىلىكنىڭ مۇشەققەتلىكىنى مۇنبەرداشلار مۆلچەرلىيەلەيدۇ.مائارىپتىكى موھىم مەسئولىيەت، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر مېنىڭ مىسرالىرىمنى مۇڭلاندۇرسا،مەكتىپىمىزدىكى مېھرىم مېنىڭ مەيلىمنى ماگنىتلاپ، مۇھەببەتلىك مىسرالىرىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،موللاشتۇرۇپ ،مۇستەھكەملەيدۇ.مېھرىمگە مېنىڭ مۇھەببىتىم مەڭگۈلۈك."مىسرانىم"دا مېھرىمگە مەنسۇپ مۇھەببەتىمنى مۇكۇندۇرەلمەيمەن. مۇھەببەت مەنزىلىدە مۇرات-مەقسەتسىز مەشۇق مەۋجۇتمۇ؟! مۇنبەرداشلار مېنى مەسخىرىدە مۇھاسىرىلەپ،مۇشائىرىلىرىدە مەنسىتمىسىمۇ مەيلى،مەن مەيۇسلەنمەيمەن.
مۇھەببەتلىك مىسرالىرىمنى "مىسرانىم"غا ماكانلاشتۇرۇش مېنىڭ مەقسىدىم.مۇنبەرداشلار مېنىڭ مۇئەللىمىم.مەن "مىسرانىم"غا مول مەزمونلۇق ،مۇھەببەتلىك مىسرالارنى ماكانلاشتۇرساممۇ ماسلاشمىغانلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مۇنبەرداشلارنىڭ،مۇنبەر مەسئوللىرىنىڭ مەسئوليىتى. مۇنەۋۋەر ماقالىلىرىمنى ،مۇشائىرىلەرنى ،مەشۇقسىز مۇڭلىرىمنى ،مۇھەببەتلىك مۇھۈرلەرنى،مەنىلىك مۇنازىرىلەرنى مىسرانىمغا ماڭغۇزۇش مېنىڭ مەسئوليىتىم.
مەندە مەقسەت مۇشۇنداق،
ماڭا ماياك" مىسرانىم ".
مۇھەببىتىم مۇستەھكەم،
مۇنبەرداشلار مۇلايىم.
مىسرانىمدا موللاشسۇن،
مۇھەببەتلىك مىسرايىم.
مەنبە:مەن
|
|
|
|
|
|