مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3497|ئىنكاس: 26

ۋېنجۇدىكى خوجايىنلار نېمە ئۈچۈن كەينى-كەي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۈبھى ئادۋوكاتل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59026
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7987
تۆھپە نۇمۇرى: 1638
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 12:21:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                         ۋېنجۇدىكى خوجايىنلار نېمە ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن قېچىپ كەتتى؟

     2مىليارد يۈەنلىك قەرزگە بوغۇلغان كۆزەينەك پادىشاھى خۇ فۇلىن قېچىپ كەتتى. لەنتيەن دورىخانىسىنىڭ خوجايىنى قېچىپ كەتتى. يىللىق مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليارد يۈەنلىك ۋېنجۇ دۇڭتې داتلاشماس پولات ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى جياڭ گويۈەن قېچىپ كەتتى. يەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 22-سېنتەبىردىلا ۋېنجۇدىكى 9 خوجايىن قېچىپ كەتكەن. خوجايىنلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ قېچىپ كېتىشى ۋېنجۇدىكى ئەل ئىچى قەرز پۇلى كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. شۇنداقلا ۋېنجۇ ئەندىزىسىدىكى كارخانا تەرەققىياتىغا تەھتىد ئېلىپ كەلدى.

  ۋېنجۇدىن ئىبارەت بۇ كاپىتال شەھىرى-خەلق ئىگىلىكى بىلەن دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق. ۋېنجۇ ئەندىزىسى-بىر مەزگىل جۇڭگو خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن. بىراق بۇ قېتىم ۋېنجۇدىكى خوجايىنلارنىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسى-ۋېنجۇدىكى خەلق كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئىگىلىكنى چوڭ مۇستەھكەم قىلىش-كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئامېرىكا ۋول كوچىسىنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆگىنىش، ئۆي مۈلۈك سودىسى، كۆمۈر كان، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى ماددىلىرىگە تايىنىش-كارخانىغىلا ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كارخانا تەرەققىياتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى ھەتتا ۋەيران بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا گەرچە سىرتقى ئىقتىساد مۇھىتىنىڭ تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەسىلىنى ھەل قىلماي تاشلاپ قويۇپ، قېچىپ كېتىش-مەسئۇلىيەتچان خوجايىننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. خوجايىنلارنىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسىدىكى قىزىقارلىق ئىش شۇكى-ۋېنجۇ ئومى سۇيۇق جىسىم ئەسۋابلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، شىركەتتىكى 300 گە يېقىن خىزمەتچىگە كوللىكتىپ دەم ئېلىش بېرىپ، ئىككى كۈندە شىركىتىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتكەن، خىزمەتچىلار قايتىپ كېلىپ شىركەتنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى، خوجايىننىڭ يوقاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بۇ بىمەنىلىك، نومۇسسىزلىقتىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن. كارخانا تەرەققىياتىدا چوقۇم كارخانا ئەخلاقى بولۇشى كېرەك. خىزمەتچىلەر ۋە نەچچە مىليارد يۈەنلىك قەرز بىلەن كارى بولماي يوقاپ كېتىدىغان بۇنداق خوجايىنلار-جۇڭگونىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى باش سەركەردىلەردىن بولالمايدۇ. ئەلۋەتتە خوجايىننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇقۇمىمۇ كارخانىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى بىر سەۋەب. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تاماقلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئويلىشىشى كېرەك. ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى يېقىندىلا باشلانغان ئەمەس. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىپ، خوجايىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن. بۇ يىل 4-ئايدا ۋېنجۇدىكى جياڭنەن خۇرۇمچىلىقى، بورتمان يېمەكلىكلىرى ۋە سەنچى گورۇھى قاتارلىق ئۈچ كارخانىنىڭ خوجايىنلىرى قېچىپ كەتكەن. بىراق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تاقىلىپ قېلىش پەقەت يەككە دىلو دېگەن. ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى بۇرۇنلا باشلانغان، بىراق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بۇ قىيىنچىلىقتا قالغان ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بەرمىگەچكە خوجايىنلار قېچىپ كەتكەن.

  ئەڭ چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش يەنىلا ۋىنجۇ كارخانىلىرى شۇنداقلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە بېرىلگەن سىگنال بولدى. ۋىنجۇ چەتئەلگە نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سېلىۋاتقاچقا، مەبلەغ زور دەرىجىدە ئاشقان. باي بولغان ۋىنجۇ كارخانىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانىنى چوڭ ھەم مۇستەھكەم قىلماي، نېمىدە ئاسان پۇل تاپسا شۇنى قىلغان. ئۆي مۈلۈك، ئېنىرگىيە، ئاسارە ئەتىقە، پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى بۇيۇملاردىن تارتىپ، ئەلئارا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز بېرىش قاتارلىق سودىلارغىچە شۇغۇللانغان. جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋىنجۇ تارماق بانكىسى ئېلان قىلغان «ۋىنجۇ ئەل ئارا قەرز بېرىش ئەڭ يېڭى بازار دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنجۇنىڭ ئەلئارا قەرز بېرىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، %89 شەخس ۋە %59.67 كارخانا ئەلئارا قەرز ئالغان. قەرز بېرىش كۆلىمى 110 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. تەلۋىلەرچە قەرز بېرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب دەل «كۆپ مەبلەغ سالسا كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش»تەك پۇرسەتپەرەسلىكتە.

  مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنجۇدا تىجارەت قىلغاندا، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ساپ پايدىسى %3 تىن %5 كىچە بولغان، بىراق خەلق ئىچىدە قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ يىللىق پايدىسى %180 كە يەتكەن. يۇقىرى پايدىغا يۇقىرى خىيىم خەتەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يۇقىرى پايدىغا تايىنىپ تىجارەت قىلىشنىڭ خەتىرى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. كاپىتالنىڭ بۇنداق ئويۇنى ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى كىرىزىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا كارخانىلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىش-ۋېنجۇدىكى خوجايىنلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى كىرزىسى بەرگەن ساۋاق.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!
قانۇن سىزنىڭ مەنپەتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ھەقسىز قۇغدىمايدۇ ،سىز بەدەل تۆلەش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقىڭىزنى قۇغدىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-4-4
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:28:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردىن قېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 1025
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11788
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 10:45:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەت بۇنىڭغا قارتا چۇقۇم نازارەت قىلدىغان ئورگان تەسىس قىلسا بۇلۇدۇ ،كارخانىچىلار بانكىلاردىن ۋە شەخىسلەردىن، نۇرغۇن قەرىز ئېلىپ قايتۇرمايلا قېچىپ كەتسە ، دۆلەتنىڭ ۋە ھۈكۈمەتنىڭ ئابروھىغىمۇ تەسىرى ياخشى بولمايدۇ .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

مۇھەببەت ۋە ھېسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15942
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 746
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:27:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نازارەت بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. جاپاغا چۇشلۇق ھالاۋەت بولمىسا ئىشەكمۇ ھارۋىنى تاشلاپ قاچىدىغان گەپ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:29:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، تۇتۇپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلايلى!

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

مۇھەببەت ۋە ھېسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15942
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 746
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:39:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆكۈمەت ئۆزى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ.بىر خىزمەت ئورنىغا نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىمتىھان بەرگۈزۈپ ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ پۇلىنى چۆنتەككە سالىدۇ. لېكىن مىڭلاپ-تۈمەنلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالىغان كارخانىلارغا ئازىراق ئەمەلى ياردەم قىلىپ قويمايدۇ.شۇڭا ‹ مەن باققان شۇ خىزمەتچىلەرنى سەنمۇ بېقىپ باق! ›دەپ تاشلاپ بېرىپ قېچىپتۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3570
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8409
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1733 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:42:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خوجايىنالار كارخاننى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇپ قۇيۇپ قېچىپ كەتسە ، كارخانبدىكى خىزمەتچىىلەر قانداق قىلىدۇ ؟ كارخانا ۋايران بولسا ئىشسزلار يەنە ئاۋۇيدىغان گەپتە ، ھۆكۇمەت قۇرۇق سىياسەتنىلار تەشۋىق قىلپ ئولتۇرماي، كارخانلارغا بولغان نازارەتنى ، ياردەمنى  كۇچەيتسە بولىدۇ ، ھۆكۇمەتكە ياردەم سوراپ بارسا پارە بەرمىسە ئىش ئاقمايدۇ ، بۇ پارىخور دۆلەتتىن زېرىكىپ ۋاي بولدىلا دوپلا قېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ بۇ خوجايىنلار

ئاللاھ، ئاپامغا ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلغايسىز !!!

تامنى بۇزغان زەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41815
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6418 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 11:53:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  Uyghur-Korea كە 2011-11-16 11:27 AMئەۋەتىلدى  :
     نازارەت بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. جاپاغا چۇشلۇق ھالاۋەت بولمىسا ئىشەكمۇ ھارۋىنى تاشلاپ قاچىدىغان گەپ.  
ئاتتەك ئىنكاس!

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4891
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 12:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  nur414 كە 2011-11-16 11:53 AMئەۋەتىلدى  :

ئاتتەك ئىنكاس!
بۇلبۇلدەك كۈلكە !

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 02:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىۋاتتىم ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش