مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1396|ئىنكاس: 0

كېپىللىكتە داۋالىنىش قانۇن سىرتىدا يايراش  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9699
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6251 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 08:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېپىللىكتە داۋالىنىش قانۇن سىرتىدا يايراش بولۇپ قالغاندا


جياڭمىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لىن چوڭجوڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 10 يىل كېسىلگەن ئىكەن. ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ قاماقخانا باشلىقى، سىياسىي يېتەكچى، قانۇن دوختۇرى، داۋالاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، دوختۇر قاتارلىق بەش كىشىنى پارا بېرىپ سېتىۋېلىپ، باھالاش خۇلاسىسىنى ئۆزگەرتكۈزۈپ، داۋالىنىمەن دەپ كېپىلگە چىقىۋاپتۇ، تۈرمىدە بىرەر كۈنمۇ يېتىپ باقماپتۇ. («گۇاڭجۇ گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 30- سېنتەبىر خەۋىرى)

قاماقتىكى بىر جىنايەتچى قاماقخانا باشلىقى، قانۇن دوختۇرى ۋە دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپلا، داۋالىنىمەن دەپ كېپىلگە چىقىۋاپتۇ. داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش ئاسانلا بىر ئىشكەن. شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ داۋالىنىمەن دەپ كېپىلگە چىقىۋېلىشىمۇ بىكار ئەمەسكەن. بەزى ئەمەلدارلار، قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ياكى مۇشتۇمزور-مۇتتەھەملەرگە قاماق جازاسى بېرىلگەن تۇرۇپ، يەنىلا ئۆزىنى بازارغا سېلىپ، كۆرەڭلەپ-غادىيىپ يۈرگەنلىكىنى، شىركىتىنى ئېچىپ، قۇرۇلۇشىنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كارامەت، دەپ قالىمىز.

ھە دېگەندىلا داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بەرسە، ئۇ ھوقۇق
سودىسىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالسا، قانۇننىڭ نوپۇزى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. ئەنە شۇنداق ئەمەلدارلار ياكى ياۋۇزلارنىڭ غالچا-يالاقچىلىرى خوجايىننىڭ يولى بار، پۇلى بار، تۈرمىگە كىرىپ قالساقمۇ چىقىرىۋالىدۇ، دەپ ئىشىنىپ، قورقماي ئەسكىلىك قىلىدۇ، غالچىلىق قىلىدۇ. يولى، پۇلى بار خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئەسلىدىلا ئالاھىدە بولىۋېلىپ، ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولغان بولسا، قاماق جازاسى بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئالاھىدە «پۇقرا» بولىۋېلىپ، كېپىللىك بىلەن تۈرمىدىن چىقىۋالسا، تېخىمۇ نوچى بولۇپ كېتىدۇ.

بىر مۇخبىرىنىڭ موشۇ ھەقتىكى خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە، ئۇ مەلۇم بىر تۈرمىگە زىيارەتكە بېرىپ، قاماق جازاسى بېرىلگەن بىر قانچە ئەمەلدارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپتۇ. ئۇ ئادەملەر بۇ يەرگە كېلىپمۇ باقمىدى، دېگەن جاۋابتىن ھەيران قاپتۇ. يولى، پۇلى بار ئادەمنىڭ ئىشى باشقىچە بولىدىكەن. شاڭخەيلىك زەردار جۇ جېڭيى تۈرمىگە كىرگەندە قالتىس ئەركىن ياشاپتىكەن، كۆڭلى خالىغاننى يەپ-ئىچىپتىكەن، يېنىدا تېلېفۇنمۇ بارىكەن. بەزىلەر بۇ ئىشنى پاش قىلغاندا، قاماقخانا خادىملىرى ئۇنى باشقۇرۇش ئىشىنى قاماقخانا باشلىقىغىلا دوكلات قىلىمىز، باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھەققى يوق دېيىشىپتۇ. دېمەك، تۈرمىدىمۇ ئالاھىدە «پۇقرا» بارىكەن. پاش قىلىنمىغان بولسا، بۇ «ئالاھىدە پۇقرا» ئالاھىدە پېتى يۈرىۋەرگەن بولاتتى. ئاۋام جىنايەتچى بىلەن ئەمەلدار جىنايەتچىنىڭ تەمىناتىدىكى پەرق جەمئىيەتتىكى پەرقى بىلەن ئوخشاشتەك تۇرىدۇ.

نەق مەسىلە شۇكى، ھوقۇق سودىسى يوق يەر قالمىغان شارائىتتا، قاماقخانا، تۈرمىدىكى ئىشلاردىمۇ سودا قائىدىسى، دەرىجە-ئىمتىياز بولماي قالمايدىكەن. بۇنداق ئىشلار قانۇننىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىنايەتنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپ-باراۋەر دېگەن گەپ چېرىكلىك ئالدىدا بىكار گەپ بولۇپ قالىدىكەن. چېرىكلىكتىن ساقلىنىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولغان ئىكەن، جىنايەتچىنى داۋالىنىشقا كېپىلگە بېرىشتىكى چېرىكلىكنى يەككە پېتى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ تۈزۈمنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى ئويلاپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.


ما دىمىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە «ۋۇخەن كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 1-ئۆكتەبىر سانىغا بېسىلغان.

تەرجىمە قىلغۇچى:  نوشىرۋان.
http://elbehre.com/forum.php?mod ... ;amp;extra=page%3D2

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش