قاچقۇن جىنايەتچى تۈرمە ساقچىسى بوپتۇ، ئۇنى ۋاقتلىق خادىم ئىدى، دەپتۇ
خېنەنلىك ۋاڭ جىجيا دېگەن ئەركەك بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن خوتۇنىنى دۇمبالاپ ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ قويۇپ قېچىپ كەتكەندە، ساقچى دائىرىلىرى توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىكەن. بۇ يىل 28-سېنتەبىر ئۇ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لىشىڭ ناھىيىسىدە تورغا چۈشۈپتۇ. ئۇ تۇتۇلغان چاغدا ساقچى فورمىسى كېيىپ، قاماقخانىدا جىنايەتچىلەرنى باشقۇرىۋاتقان ئىكەن. شۇ جايدىكى ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى ۋاقتلىق خادىم ئىدى، دەپتۇ. ئىشنىڭ تەپسىلاتى تەكشۈرىلىۋېتىپتۇ. («شىنجىڭ گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 29-سېنتەبىر خەۋەىرى)
ۋاڭ غوجام بىر قاچقۇن تۇرۇپ، تۈرمە ساقچىسى بولۇپ قاپتۇ. تېخىمۇ مەسىخىرىلىك بولغىنى، ئۇ تېخى جىنايەتچىلەرنى باشقۇرىدىكەن. دېمەك، بىر قاچقۇن جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى باشقۇرىدىكەن. قاچقۇن جىنايەتچى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش-تەربىيلەشكە مەسئۇل بولسا، بۇنداق كۈلكىلىك ئىش يەنە نەدە بار؟
ئورگانلار ئىخچاملىنىپ، خادىملار قىسقارتىلغاندىن كېيىن، چاتاق چىقسا ۋاقتلىق خادىمغا دۆڭگەپ قويىدىغان دەۋر كەپتۇ. بىرەر ئىدارىدە چاتاق چىقسا، ئىدارە باشلىقى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋاقتلىق خادىم شۇنداق قىلىپ قويۇپتۇ، دەيدىكەن. شاڭخەيدە مېترو سوقۇشۇپ كەتكەن ۋەقە چىققاندىن كېيىن، ياپونىيىلىك بىرسى «شاڭخەيدىكى ۋاقتلىق خادىملارنىڭ دەۋرى—مېترو ھادىسىسىدىن ئويلىغانلىرىم» سەرلەۋھىلىك ماقالە يېزىپ توردا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. جۇڭگودىكى ئادەت-قائىدىلەرنىڭ قۇدرىتىنى،
قالتىسلىقىنى ياپونلارمۇ بىلىۋاپتۇ.
ئورگانلارنى ئىخچاملاش، خادىملارنى قىسقارتىش شۇنچە زۆرۈر بولغان بولسا، ۋاقتلىق خادىم ئىشلىتىش نىمىشقا ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ؟ ئىدارىگە رەسمىي خادىم قوبۇل قىلسا، شتات بولمىسا بولمايدۇ، ۋاقتلىق خادىم قوبۇل قىلسا، شتات كەتمەيدۇ. بەزى ئورۇنلاردىكى رەسمىي خادىملارغا ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقىنى يۆتكەشمۇ ئېغىر كېلەرمىش. شۇڭا، كۆپلىگەن ئىدارە-ئورگانلار ۋاقتلىق خادىم ياللاپ ئىشلىتىدىكەن، ئىش ھەققى تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇش ئاسان بولىدىكەن، شتات چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن، قانچىنى ياللايمەن دېسە، شۇنچىنى ياللايدىكەن.
ۋاقتلىق خادىملار ئىدارە-ئورگاننىڭ خىزمىتىنى قىلغاندا شۇ ئورۇنغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق، چاتاق چىققاندا، ۋاقتلىق خادىم شۇنداق قىلىپ قويۇپتۇ دەپلا، بارلىق مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەپ قويغىلى بولامدۇ؟ ۋاقتلىق خادىمغا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىدارە-ئورگان بەرگەن تۇرسا، قانۇن ئىجرا قىلغان خادىمنىڭ سالاھىيىتى ئوخشىمىسا، شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتمۇ پەرقلىق بولسا بولمايدۇ. شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش قىيىنراق بولىۋاتقان ئورۇنلاردا ئىجرا سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا جەمئىيەتتىكى لۈكچەك-مۇتتەھەملەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئىشلارمۇ بارىكەن.
ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، بىرەر ئورۇندا چاتاق چىقسا، ۋاقتلىق خادىم شۇنداق قىپتۇ دەپ قويسا، جاۋابكارلىق ۋاقتلىق خادىمدىن سۈرۈشتۈرۈلۈپلا ئىش تامام-ۋەسسالام بولىدىكەن، باشلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش «بولسا بولار، بولمىسا قالار» دېگەندەك بولىدىكەن. ۋاقتلىق خادىم شۇ ئورۇننى مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرىدىغان شاپائەتچى، خېيىم-خەتەردىن ساقلايدىغان قالقان بولۇپ قالىدىكەن. ۋاقتلىق خادىم تۈگەپ كەتمىسىلا، گۇناھنى ۋاقتلىق خادىمغا دۆڭگەپ قويىدىغان ئىش تۈگىمەيدىكەن.
ۋاقتلىق خادىم ئىدارە-ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقىنى يوق قىلىۋېتىدىغان «خاسىيەتلىك ئادەم» بولۇپ قېلىۋاتقاندا، بوران-چاپقۇندا ئىدارە-ئورۇنلارغا دالدا بولىدىغان ۋاقتلىق خادىمدىن يەنە قانچىسى باردۇر، دەپ سورىغىمىز كېلىۋاتىدۇ.
جى جيەنمىن ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىدا 2011-يىلى 30-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان.
تەرجىمە قىلغۇچى: نوشىرۋان.
http://elbehre.com/forum.php?mod ... ;amp;extra=page%3D2