مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1457|ئىنكاس: 10

ئىجادىي كۇچ توغرىسىدائويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 03:44:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىي كۇچ توغرىسىدائويلىغانلىرىم
ئىجادىي كۇچ جەھەتتە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلغان بۇلۇپ، ئىنساننىڭ ئىجادىي كۇچىنى ئىچىش قىززىق تىما بۇلۇشتىن سىرىت، بىر مىللەت تەرەققىياتىنىڭ كۇچلۇك ئاجىزلىقىنى بەلگۇلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بۇلۇپ كەلمەكتە.ئالايلۇق، ئامرىكا، پەن-تىخنىكا تەرەققىياتىدا ياپۇندىن 50يىل،دۆلىتىمىزدىن 100يىل ئەتراپىدا ئىلگىرى تۇرىدۇ.بۇدىگەنلىك ئامرىكا تەرەققى قىلماي جىم تۇرسا، جۇڭگۇ ئۇزلۇكسىز يۇز يىل تەرەققى قىلسا ئاندىن ئامرىكا سەۋىيىسىگە يىتىدۇدىگەنلىك.ئامرىكا بىر چوڭ ئىختىسادىي گەۋدەبۇلۇشتىن سىرىت، پەن تىخنىكا تەرەققىياتىدائالاھىدە يۇقرى سەۋىيدە.ئەمدى مۇشۇ يۇز يىللىق پەرىقنىڭ سەۋەبى نىمە؟دىگەن ئۇقۇمغا كەلسەك، بەزى مۇپەسسىللەرنىڭ قارىشىچە؛ئامرىكا ئىجادىي كۇچنى ئىچىش تەرەققى قىلدۇرۇشتا، 100يىل بۇرۇن ئىش باشلىغان بۇلۇپ،مەخسۇس پەن سۇپىتىدە تەتىقىق قىلىنىپلا قالماستىن،يەنە ئىجادىي كۇچىتىن ئىبارەت بۇ بايلىقنى زوركۇچ بىلەن  كەڭ كۆلەمدە ئاچقان.ياپون ئامرىكىدىن ئۇگۇنۇپ 50يىل كىيىن ئىتىۋار بىرىشكە باشلىغان بۇلۇپ،ھازىرغىچەياپۇندا ئۇقۇغۇچىلارئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ بولغىچە بىرەر ئىجادىيتى بولمىسا، بەزىلىرى سامروي روھىي بۇيىچە ئۆزىنى بىنادىن تاشلايدۇ.دۆلىتىمىزدە بولسا‹‹ پەن تىخنىكا بىرىنجى ئىشلەپ چىقىرىش كۇچى›› دىگەن قاراش ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن بىرى، ئىجادىي كۇچ ئىتىبارغا ئىرىشىپ تەرەققىياتتا  مەلۇم دەرجىدە ئۆزرولىنى جارى قىلدۇرماقتا.شۇنداقتىمۇ دۆلىتىمىزدە ئىجادىي كۇچنى قىزىش كىيىنرەك تۇرىدۇ. بىزدە ئىجادىي كۇچ توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلغان بولسىمۇ،سەۋەپلەرنىڭ نۇرغۇنلىقىدا، ئىختىسادىي تەرەققىياتىمىزدىكى كەشىپ دىگەن سۆز تىخى سۇت ئۇيقىسىدا دىيىشكە بۇلىدۇ.دىمەك بىر رايۇن ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىختىسادىي تەرەققىياتى، كىشىلىرنىڭ ئىجادىي كۇچكە ئەھمىيەت بىرشى ياكى ئىجادىي كۇچنىڭ كۇچلۇك ئاجىزلىقى سالمىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولماقتا.   
ئۇنداقتا ئىجادىي كۇچ دىگەن نىمە؟
مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىمى ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۆلنى ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ،ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى سىناش نىيىتىدە،قىياسەن كۆلگە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان كىمە ياساشقا بۇيرىيدۇ.1-ئوقۇغىچى مەن تۆت بۇرجەكلىك كىمە ياسايمەن،بۇنداقتا تۆت قىرغاققا ئوخشاش ئۇزەلەيمەن دەيدۇ.2-ئوقۇغىچى مەن ئۇچ بۇرجەك كىمە ياسايمەن،تىز ئۇزەلەيدۇدەيدۇ.3-ئوقۇغۇچى مەن يۇملاق كىمە ياسايمەن،تۆت تەرەپكە ھەم تىز ئۇزەلەيدۇدەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىسى ئىلھاملىنىپ،كۆل باشقۇرغۇچىلىرىغا يۇملاق كىمە ياساش تەكلىپىنى بىرىدۇ.بىرنەچچە يۇمىلاق كىمىنىڭ كۆلگە چۇشۇشى بىلەن ساياھەتچىلەرگە يىتىشمەي قالىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي باشقا ساياھەت نوختىلىرىمۇ يۇملاق كىمىگە ئىھتىياجلىق بۇلۇپ ياساپ بىرىشنى ئۇتىنىدۇ. نەتىجىدەكۆلنىڭ ساياھەت كىرىمى ئىشىپلا قالماي، شۇنداق يۇملاق كىمە ياسايدىغان تىجارىتى ساياھەتكە قارغاندا غايەت زور بايلىق ئىلىپ كىلىدۇ. بۇيەردىكى غايەت زور بايلىقنىڭ ئاچقۇچى دەل ،ئاددىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىكى يۇملاق كىمە ياساش تەسەۋۋۇرى بۇلۇپ ،مۇشۇ تەسەۋۋۇر غايەت زور بايلىقنى ئاپرىدە قىلغان.
ئادەم بالىسىنىڭ قىممىتى ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم دىسەك.ھۇش سەزگۇرلۇك، بايقاشنى يىڭى تەم يىڭى يول تىپىشنى بىلدۇردۇ. بىر ئادەمدە ھۇش سەزگۇرلۇك بولمىسا ، ئامەتنى ياكى ئاپەتنى سىزەلمىسە، ياكى ۋاختىدا تۇتۇپ ئەقىل بىلەن تەدبىر قىلالمىسا ، ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ مەخسىدىگە يىتەلمەيدۇ.ئەقىل تەدبىر بەلگۇلەشنى كۆرسىتىدۇ.پەزىلەت تۇغما ياكى تەربىيە بىلەن بۇلىدۇ.بىلىمدە تەجىربە ساۋاق يەكۇنلىنىدۇ.مۇشۇ بۇيچەتاتىلىساق، ئەۋەل بىرنەچچە ئوقۇغۇچى قىياسەن بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان كىمە ياساش جەريانىدا، يۇملاق كىمە ياساشتىن ئىبارەت يىڭى بىر ئىشنى تىپىپ چىققان‹ھۇش›. بۇنى ئەقىللىق ئوقۇتقۇچىسى ‹ئەقىل › .پەزىلەت بىلەن ئۇچۇر بەرگەندىن كىيىن، تىخنىكا بىلىم بىلەن ياسالغان. خۇلاسىلىغاندا، بۇيەردىكى ھۇش سەزگۇرلۇكنى، يىڭىنى بايقاشنى ئىجادىي كۇچ دىيىشكە بولىدۇ.
ئىجادىي كۇچ نەدىن كىلىدۇ؟
ھەرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىنى مىسالغا ئالساق،بىرياغاچچى تاققا يامىشىۋىتىپ،قۇلىنىڭ كىسىۋالىدۇ.قارسا ئوت يۇپۇرمىقى قۇلىنى كىسىۋەتكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياغاچچىدا يۇمشاق يۇپۇرماق قانداق قىلىپ قاتتىق قۇلۇمنى كىسىۋەتكەندۇ؟ دىگەن خىيال  تۇغۇلغان . ئىنچىكىلەپ كۇزىتىش ئارقىلىق ،يۇپۇرماقنىڭ ھەرە چىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تۇمۇردە ھەرە چىشلىق تىغ ياسىسا، تىخىمۇ ياخشى بۇلۇپ، ياغاچنى كەسكىلى بۇلدىغانلىقىنى بىلگەن، ھەرىنى كەشىپ قىلىغان.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۇپۇنچە ئىجادىيەتلەر تەبىئەت دۇنياسىنى كۇزتۇش ئارقىلىق بايقىلىدۇ.يەنە بىرگە يۇقىردىكى يۇملاق كىمە  مىسالى ئارقىلىق ئوخشىمىغان پىكىر يۇرگۇزۇشمۇ ئىجادىيەتنىڭ بۇلىقى بۇلالايدۇ.ئۇندىن باشقا ئىپتىدايىغا قايتىشمۇ ئىجادىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. مەسلەن؛ كومبايىننىڭ بوغداي ئورۇش قىسمىمۇ،ئوغاق بىلەن قولنىڭ ھەركەت شەكلىگە تىخنىكا قۇشۇلۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.كۇپۇنچە بىرەر ئەسۋاپ ياكى ماشىنىلار ئىپتىدايى ئىش ھەركەتنى ئاساس قىلىپ، ئىھتىياجلىق ماشىنا بۇلۇپ چىقىدۇ.
ئىجادىيەت قانداق رۇياپقا چىقىدۇ؟
ئەلئىھرامنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجادىيتى دىيىشكە بۇلىدۇ. تۇپراق خۇسيەتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىجادىي كۇچى ھازىرغىچىلىك ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرماقتا.نۇرغۇن كەشپىيات ئىختىرالار شۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ كەلمەكتە. يەھۇدىيلارنىڭ مەدىنىيەت شەكلىگە قارساق بەئەينى خىش قۇيۇشقا ئوخشايدۇ.مۇسا ئەلەيھىسالام تۇغۇلۇپ،ساندۇق بىلەن سۇغا تاشلىنىدۇ.يەنى تۇپراق سۇبىلەن ئارلاشتۇرىلىدۇ. پىرئەۋىن بىقىپ تازا قىرانىغا يىتىدۇ، لاي قىلغانغا ئوخشاش.ئاندىن بىر قىبتىنى ئۆلتۇرۇپ قۇيۇپ،قانۇن  ئادىللىق بىلەن قىلىپقا سىلىنىپ چاسىلىنىدۇ.ھەمدە چۆل باياۋاندا مال بىقىپ ئاپتاپتا قۇرۇپ خام خىش ھالىتىگە كىلىدۇ. خۇمدانغا سىلىنىپ پىششىق خىش بولغانغا ئوخشاش ۋەھىي كىلىپ پەيغەمبەر بۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىجادىي كۇچمۇ بايقالغاندا ئالدى بىلەن سۇ سۇپەتتىكى ياخشىلىق بىلەن ئارلىشى ، رىغبەتلەندۇرلىشى، ياكى مەبلەغ بىلەن ئارلىشىپ لاي بۇلىشى، مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ياخشىسى لازىملىقى قالدۇرۇلۇپ، ناچار پايدىسىز قىسمى قىلىپقا سىلىنىپ چاسىلىنىشى ،ئاندىن ئەمىلىيەت سىناش ئارقىلىق ھاۋادا قۇرتىلىشى ۋە ھۇنەر بىلىم بىلەن تىخىمۇ مۇكەملەشتۇرۇلۇپ،سۇس ئوتتا پىشۇرلىشى كىرەك. دىمەك ئىجادىيەتنى بايقالغان ھامان چىڭ تۇتۇش،رۇياپقا چىقىرىش ئۇچۇن كۇچەش، بىلىم ھۇنەر بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇش،سىناش،ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۇزۇش قاتارلىق قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق ئاندىن رۇياپقا چىقىدۇ.خۇددى تۇپراق ھۇنەر ئىجتىھات بىلەن ئاندىن ئالتۇنغا ئايلانغاندەك.
بىزدە ئىجادىي كۇچ بارمۇ يوق؟
تەتقىقاتلارنىڭ قارشىچە،يامغۇر ياققاندا،كىچىلەردە، قىش پەسلىدە،ۋەلىسىپىت مىنگەن ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ ئىجادىي كۇچى يۇقرى بولمىش، تۇپراق قۇرۇق سۇغۇق،شۇڭا سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ ئىجادىي كۇچى يۇقرى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.كۇپۇنچە بۇخىلدىكى كىشلەردە روھىي كەمتۇكلۇك،ئائىلىدىكى بەخىتسىزلىك ياندىشىپ كىلىدۇ .ئۇزىنىڭكىنى راس دەيدۇ،مەسىلىنى ئىنچىكە ئويلايدۇ، ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ. مەڭگۇلۇك دىۋگاتىل ياسايمەن دەپ پەرسۇدە بۇلۇپ كەتكەنلەردىن بىر قانچىنى ئۇچۇرتىمىز.بەلكىم شۇلاردىن پايدىلىنىلسا كارامەت كەشپىياتلار چىقىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئادەم بولغاندىكىن ھەممىسىدە ھۇش بۇلىدۇ،تىخى كۇپۇنچە ھۇنەر كەسىپكارلاردىن كەشپىياتچىلار كۆپ چىقىدۇ.بىلىمدانلاردىن ئازراق چىقىدۇ.خۇلاسلىغاندا ئىجاد قىلىمەن دەپ، مەيلى قانچىلىك سەۋىيدىكى كىشى بولسۇن بەل باغلىيالىسا كەشپىيات بەرپا قىلالايدۇ.

مەنبە؛ ئۆزۇم  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25938
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4959
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 6335 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 05:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئەلئىھرامنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجادىيتى دىيىشكە بۇلىدۇ. ›دەپسىز  ،بۇنىڭغا بىرەر نەزىريىۋى ئاساسنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بوپتىكەن ،يەھۇدىلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىمۇ ھەم يەھۇدىلار بىلەن ئەرەپلەرنىڭ مىللەت نام شەككىلنىش  تارىخى توغرىسىدىمۇ بىرەر ماتريال بىەن تەمىنلىسىڭىز.....

لـــەيـــلى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14209
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 6036 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 05:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تادۇ ؟
ئىسمىڭىز ئەجەپ تۇنۇش ؟؟؟

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 06:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئەلئىھرامنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجادىيتى دىيىشكە بۇلىدۇ. ›دەپسىز  ،بۇنىڭغا بىرەر نەزىريىۋى ئاساسنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بوپتىكەن ،يەھۇدىلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىمۇ ھەم يەھۇدىلار بىلەن ئەرەپلەرنىڭ مىللەت نام شەككىلنىش  تارىخى توغرىسىدىمۇ بىرەر ماتريال بىەن تەمىنلىسىڭىز.....
سارومانغا  قارتىلغان.
نەزىرىمدە يەھۇدىيلار تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۇپراق شۇنداق  خىش   ياسايدىغان ماتىريال. شۇڭا ئۇلارنى خىش ياساشقا ئەڭ ئۇستا دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇ نەزىريە ئاساسىم.
ئەلئىھرام 5000يىللىق تارىخقا ئىگە. بەش مىڭ يىلدىن بىرى تارىخ نۇرغۇن مۇساپىلەرنى بىسىپ  ئۆتتى.ھازىر بىزگە كەلگىنىدە شۇۋاقىتلاردىكى مىسىر پىر ئەۋىنلەرنىڭ  ياسىغانلىقى  توغرىسىدىكى خەۋەر، مۇشۇ ئىنقراق. تىخى بەزىلەر  تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگىمۇ باغلايدىكەن.‹بۇ نەزرىمدە ئازغۇنلۇق›
قىسقىسى ھازىرقى پەن تىخنىكا ئەلئىھرامنىڭ كىملەرنىڭ ئىجادىيتى ئىكەنلىگىنى تۇلۇپ تاشقان پاكىت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.
ئەمدى دىنىي قاراشلارغا كەلسەك. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ئىبراھىم ئەلەيھى سالامغا تۇتىشىدۇ.ياقۇپ ئوغۇللىرى يەھۇدىيلارنى كۆرسەتسە، ئىسھاق ئوغۇللىرى ئەرەبلەر بىلەن چىتىشلىق.
ئەلئىھرام ئىبرايىم ئەليھىسالامدىن كىيىن تۇرىدۇ. ئىبرايىمدىن كىيىن نۇرغۇن مەدىنىيەت شۇلارنىڭ ئۇغۇللىرىنىڭ باشلىشى بۇيچە بولغان. جۇملىدىن ئەلئىھراممۇ شۇنىڭغا كەتكەن تىخنىكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5544
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 841 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 06:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتقىقاتلارنىڭ قارشىچە،يامغۇر ياققاندا،كىچىلەردە، قىش پەسلىدە،ۋەلىسىپىت مىنگەن ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ ئىجادىي كۇچى يۇقرى بولمىش، تۇپراق قۇرۇق سۇغۇق،شۇڭا سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ ئىجادىي كۇچى يۇقرى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.كۇپۇنچە بۇخىلدىكى كىشلەردە روھىي كەمتۇكلۇك،ئائىلىدىكى بەخىتسىزلىك ياندىشىپ كىلىدۇ .ئۇزىنىڭكىنى راس دەيدۇ،مەسىلىنى ئىنچىكە ئويلايدۇ، ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ.
_______________________________
مۇشۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن راسكەن ، مەنمۇ شۇنى بايقىدىم ... مېنىڭمۇ ئانچە مۇنچە ھەۋەسلىرىم بار ، لېكىن بۇ قىزغىنلىق بولۇپمۇ 11 - ئايلارنىڭ كىرىشى بىلەن كۈچۈيۈشكە باشلايدۇ ، مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يۇقۇرى قىزغىنلىق ئىچىدە ئولتۇرماقتىمەن ، يامغۇر ياغسا تولۇمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىمەن ، ئاسماندىن ئۈزۈلمەي چۈشۈۋاقتان مىليونلىغان دانا دانا زۈمرەت كەبى يامغۇر دانىچىلىرىغا قاراپ ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كېتىمەن ، دېرىزىدىن سېيرىلىپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرلار ........
ھوي ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالاي ئەمدى .......
تېمىغا كەلسەك ، ئىجادىي كۈچ مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ئىنتايىن كېرەك بولغان يادرولۇق كۈچ مەنبەسى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن . شۇڭا تەرەقىي قىلغان ئەللەر ئادەمنىڭ زېھنى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بەكمۇ ئېتىبار بېرىدىكەن ، ياپونىيە ، كورئېا قاتارلىق ئەللەر بۇنۇڭ مىسالى بولالايدۇ .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11063
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 07:19:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادى كۈچ  بەزىدە سىياسىنىڭ  تەسىرىگە ئۇچراپمۇ  قالىدۇ

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9414
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6995 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 07:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كاللىدا ھەر خيال ، نۇرغۇنلىغان شەمشادتەك ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۈچىنى نامايەن قىلالمايۋاتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25938
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4959
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 6335 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 07:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  تادۇ كە 2011-11-15 06:19 PMئەۋەتىلدى  :
‹ئەلئىھرامنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجادىيتى دىيىشكە بۇلىدۇ. ›دەپسىز  ،بۇنىڭغا بىرەر نەزىريىۋى ئاساسنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بوپتىكەن ،يەھۇدىلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىمۇ ھەم يەھۇدىلار بىلەن ئەرەپلەرنىڭ مىللەت نام شەككىلنىش  تارىخى توغرىسىدىمۇ بىرەر ماتريال بىەن تەمىنلىسىڭىز.....
سارومانغا  قارتىلغان.
نەزىرىمدە يەھۇدىيلار تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۇپراق شۇنداق  خىش   ياسايدىغان ماتىريال. شۇڭا ئۇلارنى خىش ياساشقا ئەڭ ئۇستا دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇ نەزىريە ئاساسىم.
ئەلئىھرام 5000يىللىق تارىخقا ئىگە. بەش مىڭ يىلدىن بىرى تارىخ نۇرغۇن مۇساپىلەرنى بىسىپ  ئۆتتى.ھازىر بىزگە كەلگىنىدە شۇۋاقىتلاردىكى مىسىر پىر ئەۋىنلەرنىڭ  ياسىغانلىقى  توغرىسىدىكى خەۋەر، مۇشۇ ئىنقراق. تىخى بەزىلەر  تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگىمۇ باغلايدىكەن.‹بۇ نەزرىمدە ئازغۇنلۇق›
قىسقىسى ھازىرقى پەن تىخنىكا ئەلئىھرامنىڭ كىملەرنىڭ ئىجادىيتى ئىكەنلىگىنى تۇلۇپ تاشقان پاكىت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.
.......
لېكىن شۇنداقتىمۇ ئەلئېھرام يەھۇدىلارغا تەۋە دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك ،  پەيغەمبىر دەۋرىدىمۇ يەھۇدى دېگەن بۇ مىللەت نامى تېخى شەكىللەنمىگەن،  ،شۇڭا مۇتلەقلەشتۈرۋىتىشكە بولمايدۇ

ھەرىكەتتىن بەرىكەت كېلىدۇ .

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 1882
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15454
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 911 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 10:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تېمىدا  يەنە  يەھۇدىنىڭ  گىپى  چىققىلى  تۇرۇپتۇ...

ئاناتومىيە  بىلەن  شوغۇللانغان  ئادەم  دەھرى  بولالمايدۇ  ،  دەپ  ئوقۇغان  ئىدىم  . 
 دەھرى  دېگەن  نىمە  مەنىدە  ئېيتىلغان  سۆز ؟
ئىنسان  ئۆزى  ئويلىغاندىنمۇ  ئەقىللىق  كىلىدۇ  ،  ھەربىرىمىز  خۇدانىڭ مۆجىزسى  .

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-16 02:28:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن شۇنداقتىمۇ ئەلئېھرام يەھۇدىلارغا تەۋە دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك ،  پەيغەمبىر دەۋرىدىمۇ يەھۇدى دېگەن بۇ مىللەت نامى تېخى شەكىللەنمىگەن،  ،شۇڭا مۇتلەقلەشتۈرۋىتىشكە بولمايدۇ
سارومانغا قارتىلغان


قىساسۇل ئەنبىيادىكى  مۇسا ئەلەيىسالام قىسسىىدە ، يەھۇدىيلارنى پىرئەۋىننىڭ ئىزىشىدىن قۇتقازغانلىق تەپسىلاتى بار. بۇ ئىبرايىمدىن مۇساغىچە يەھۇدىيلارنىڭ مىسىر ئەتراپىدا ياشىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. يەھۇدىيلار تۇپراققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۇپراقنى چىڭ قاماللاپ تۇتسا ياكى سىقسا دانگال بۇلىدۇ. <سۇنى سىقسا ساقىيدۇ>دىمەك خۇددى پىرئەۋىندەك چىڭ تۇتسا شۇنداق ئىھرام ياسىيالايدۇ. ئۇندىن باشقا گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارنى ئىزىشىنىڭ ياكى سىقىشىنىڭ ھازىرقى پەن تىخنىكا تەرەققىياتىغا زور ئىلگىرلەش ئىلىپ كەلگەنلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.شۇتۇردىكى كىنولارمۇ بار.بۇدەل يەھۇدىيلارنى سىققانلىقتىن كىلىپ چىققان ئامەت دىيىشكە بۇلىدۇ. ھازىرغا كەلسەك يەھۇدىيلارنى پۇدەپ ئۇچۇرۇپ جاھان تىزگىنىنى شۇلارغا تۇتقىزىۋاتىدۇ.نەتىجىسى ئاۋالقىدەك بۇلىشى ناتايىن.بەلكىم ئۆزلىرى خاپىلىقتا بىنا ئەتكەن خىشنى . ئاسايىشتا بۇزىشى مۇمكىن.
ئورتاقلىشامىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش